كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
بالىلار ئەدەبىياتى
›
مېنىڭ ئۆيۈم(نەسىر)-ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
439
|
ئىنكاس:
4
مېنىڭ ئۆيۈم(نەسىر)-ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قۇتيار
قۇتيار
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-9-2 23:21:51
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
مېنىڭ ئۆيۈم
(نەسىر)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
مەن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرىمەن. شۇتاپ، ئانامنىڭ ئىللىق كۆزلىرىدەك نۇرانە يۇلتۇزلار گويا پەرىشتىلەردەك باش ئۈستىمدىلا جىمىرلاپ مېنى سۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ باشقىلارنى يەكلىمەيدىغان مىجەزى سۇنغان قەلبىمگە بەئەينى باھار شامىلىدەك راھەت بېغىشلايدۇ. ئەمما مەن يەنىلا يىتم قوزىدەك تۇلىمۇ بىچارە ئىدىم.
ئەنە، ئاۋۇ مېنىڭ ئۆيۈم. ھويلىدا نە ئىت، نە بۆرە يوق. لېكىن بېرىشتىن قورقىمەن. چۈنكى، ئۇ يەردە مېنى قارشى ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. قاچانلا باراي مۇزدەك كۆز، نەشتەردەك تىل-ھاقارەت، خورلاشلاردىن قۇتۇلالمايمەن. شۇڭا يېڭىلا ئۇچۇرما بولغان كەپتەر باچكۇسىدەك ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرىمەنۇ، ئىسسىق ئۇۋامغا كىرەلمەيمەن.
مانا، توكمۇ ئۆچتى. ئۆي زۈلمەت تۈن قاراڭغۇلىقى ئىچىدە غەمسىز ئۇيقىغا كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئوي-خىيالىدا، چۈشىدە نە مەن بولاي؟
ئەنە، ئاۋۇ مېنىڭ ئۆيۈم. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مۇساپىرنىڭ كۈچۈكىدەك چۆرگۈلۈپ يۈرىمەن. ھەر قېتىم دەرۋازىنى قاقاي دەپ قولۇمنى ئىگىز كۆتىرىمەنۇ، نېمىشقىدۇر توك تېپىدىغاندەك قورقۇنىچ ئىچىدە توختاپ قالىمەن.
-ئاھ ئانا، دەيمەن ئۆزۇمگە،-شۇ تاپتا ئۆيدە سەن بولغان بولساڭ «بىچارە ئوغلۇم نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ، نېمىشقىمۇ كەلمەيدىغاندۇ؟» دەپ مەن ئۈچۈن سەكپارە بولار ئىدىڭ. يوللىرىمغا قاراپ ئانا تۆگىدەك بوزلار ئىدىڭ. مېنى دەپ كېچە باغرىنى شەپەرەڭدەك ئاختۇرار ئىدىڭ-ھە؟! مەنمۇ ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك تەمتىرەپ يۈرمەي، ئۆيگە باھار قالغىچىدەك ئەركىن كىرىپ چىقاتتىم ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئانا، دادام نېمىشقىمۇ ئالدىمغا چىقمايدىغاندۇ-ھە؟ يا ئۇ يېڭى بالىللىرىنى كۆرۈپ مېنى ئۇنتۇپ كەتتىمىكىن؟ ئېھتىمال ئۆگەي ئانامنىڭ ئالدىدا «تەلەيسىز بىچارە ئوغلۇم» دىيەلمىدى ھەقاچان.
ئەنە، ئاۋۇ مېنىڭ ئۆيۈم. مەن ئىزغىرىن كېچىنىڭ كۆز ياشلىرىغا چىلىنىپ يىگانە ھالدا كېتىپ بەرىمەن. قارىسام ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئائىلىلەر خاتىرجەملىكنىڭ تۆشەكلىرىدە تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتۇ. ئاتا-ئانىسى بار بالىلارنىڭ ئۆيىدە ئاي كۈلۈپ تۇرىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۆيۈمدىكى ئاينىڭ كۈزى يېرىم يۇمۇق. مەن ئويلاپ قالدىم:«ئۆگەي ئاننىڭ قولىغا قالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى مەندەك تەلەيسىزمىدۇ؟»
ئەنە، ئاۋۇ مېنىڭ ئۆيۈم...
قاراقاش ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-9-3 10:35:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرىمەن.
يۇقىرىقى يازمىڭىز ئىكەن، قۇتىيار ئەپەندى، ئۇنداق تىمىسقىلاپ يۈرگىچە ئۆيگە كىرسىڭىز بولمىدىمۇ، ئاچقا يوقمىتىيا؟
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەمەتجان سەمەت
ئەمەتجان سەمەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-9-3 14:17:01
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇئەللىم بالىلارغا ئائىت ئەسەرلرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ي.ت.توغراق
ي.ت.توغراق
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-9-4 07:37:50
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان تېمىلار ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ئېلىپ بارايلى!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
سەنۋەر
سەنۋەر
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-9-6 13:24:14
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى تۇرمۇشقا يىقىن سۆز-جۇملىلىرى ئاددى مەزمۇنلۇقكەن رەخمەت ياخشى يىزىپسىز
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش