زېمىن
زېمىن ئانا جاۋاپ بەر،
ئاپئاق تاغلار بېشىڭمۇ؟
گۈلدۈرلىرىڭ قەھرىڭكەن،
يامغۇر سېنىڭ يېشىڭمۇ؟
كۈلكەڭ دېدىم ئاپتاپنى،
بۇلۇت قايغۇ-ھەسرەتمۇ؟
دەريا-كۆللەر قان تۇمۇر،
بۇران غەزەپ نەپرەتمۇ؟
قۇياش نۇرى گۈل يۈزۈڭ،
چەكسىز ئورمان چېچىڭمۇ؟
كۆپ-كۆك ئاسمان يوتقىنىڭ،
ئوت-چۆپ، خەسلەر ئېشىڭمۇ؟
تۇمان سۇغۇق چىرايىڭ،
يىنىك شامال ناخشاڭمۇ؟
يۇلتۇز دېگەن ئەسلىدە،
بوينۇڭدىكى مارجانمۇ؟
|