يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 16

دىھقانباي: كۈلىدىغان، كۈلمەيدىغان يومۇرلار(داۋاملىق يوللىنىپ تۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   كۈلىدىغان،كۈلمەيدىغان يومۇرلار

                                                           دىھقانباي
                                    (بىرىنچىسى كۈلىدىغان يۇمۇر)
                                 «تۇل خوتۇننىڭ يېرىدىن چىققان ماشىنا!!!...»

1999-يىللىرى بولسا كېرەك،ئابدۇرۇپ دەيدىغان بىر شوپۇر تونۇشۇم يېزىنىڭ كابىنكىلىرى بېرزىنتتىن تىكىلگەن يىپ-يىڭى ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ھەيدەپ بىزنىڭ مەھەللىگە بىر ئىش بىلەن كەپتۇ.ئۇ قايتاردا ماشىنىسىنى مەھەللىنىڭ تار يولىدىن ياندۇرالماي بىر قوناقلىققا كىرىپ كەتتى.نەتىيجىدە ماشىنا بىر پارچە كىگىزنىڭ ئورنىدەك يەردىكى قوناقنى دەسسەپ بۇزىۋەتتى.
-ھەي ئېسىت،يىپ-يىڭى ماشىنا لاي بوپكەتتىدە-دىدى بىر دىھقان.ئابدۇرۇپ شوپۇر گەپ قىلمىدى.
-ھەي ئېسىت،تۇل خوتۇننىڭ ئېتىزلىقى ئىدى دە بۇ!-دىدى يەنە بىر دىھقان. ئابدۇرۇپ شوپۇر شۇ ھامان ھېلىقى دىھقانغا قاراپ مۇنداق دىدى:
-دەل جايىنى تېپىپتۇ! بۇ ماشىنا ئەسلىدىن تۇل خوتۇننىڭ ئېتىزىدىن چىققان!!!...
                        
                                     (ئىككىنچىسى كۈلمەيدىغان يۇمۇر)
                «خوتۇن ئالغۇدەك چوپ-چوڭلا بولغاندىمۇ  يىغلايدىغان گۇي!!!»


مەلۇم ۋىلايەتنىڭ مەلۇم ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىىنىڭ مەلۇم كەنتىدە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان بىر بالا بار ئىكەن.بۇ بالا 9-ئاينىڭ 3-كۈنى مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا مەكتىۋى بىر جەدۋەل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.جەدىۋەلگە كەنت،يېزا،ناھىيە دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تامغىلارنى باستۇرۇپ ئاپىرىش شەرت ئىكەن. ھېلىقى بالا ئالدى بىلەن كەنت تامغىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەدىۋەلنى كەنتكە ئېلىپ كىرىپتۇ. كەنتتە مۇناسىۋەتلىك تامغىنى تۇتقان بىر مۇئاۋىن ئاغىنە ھېلىقى بالىغا،
-داداڭ 200 يۇەن بوشەن پۇلىنى تاپشۇرمىدى.شۇڭا تامغا بېسىپ بەرمەيمەن.-دەپ رەت قىپتىكەن. ھېلىقى بالا؛
-جېنىم ئاكا،بۇ تامغا بېسىش بىلەن دادام بەرمىگەن پۇلنىڭ باغلىنىشى يوققۇ.ئۇنداق قىلماي بېسىپ بەرسىلە.بولمىسا جەدىۋەل مەكتەپكە ئۈلگۈرمەيدۇ.دادامدىن ئۇ پۇلنى قائىدە بويىچە خىزمەت ئىشلەپ ئالغايلا...- دەپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ قەتئىي ئۈنۈمى بولمىغاندىن كىيىن بۇ ئىش قاتتىق ھار كەلگەن ھېلىقى بالا مۇئاۋىن ئاغىنەمنىڭ كۆز ئالدىدىلا قەغەزنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋىتىپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ قايتىپ كىتىپتۇ.
قاراڭ مانى!؟...ھۇ ! خوتۇن ئالغۇدەك چوپ-چوڭلا بولغاندىمۇ يىغلايدىغان گۇي!.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-21 09:13  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-1 23:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىلا يۇمۇرغا كۈلگۈم كەلدى.

ۋاقتى: 2014-6-18 11:02:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئازراقمۇ كۈلگۈم كەلمىدىغۇ،ئەكسىچە ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بۇلۇپ قالدى دىسە...
سۆزلەنگەن قىسمى قىزىقارلىقتەك قىلغىنى بىلەن ،سۆزلەنمىگەن ئاچچىق مەنىلەر يۇشۇرۇنغاندەك بۇ «يۇمۇر»لار ئىچىگە.

ۋاقتى: 2014-6-23 13:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARMAN يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 11:02
مىنىڭ ئازراقمۇ كۈلگۈم كەلمىدىغۇ،ئەكسىچە ئىچىم بىر خىل ...

ئوخشاش پىكىر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-4 14:20:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى ئېتىزدىن ھېرىپ-ئېچىپ ئاران كىرسەم ئايالىم مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ كۆزلىرى تىشىلەي دەپتۇ.ئىشىكتىن كىرىشىگىمگىلا ماڭا قاراپ ئېغىز ئاچتى.
-ئەجەپ پات كەلمىدىڭ؟
-ھە نىمە بولدى؟
-مەھەللىدىكى ئاياللار بىلەن بىر يەرگە جابدۇغان ئىدۇق.شۇڭا...
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئايىغىنى يۇتىۋىتىشىنى ئوبدان چۈشىنىمەندە.دائىملا خولۇم-خوشنىلار بىلەن ئولىشىپ توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراق،كىسەل يوقلاش دىگەندەك ئادىمىگەرچىلىككە ماڭسا مانا مۇشۇنداق،ئاندىن مەن دەرھال چۆنتىگىمنى كوچىلىشىم كېرەك.
-ھە،نەگە بارىدىكەنىسىلەر؟-سورىدىم مەن.(ئىشقىلىپ سوراپ باققاننىڭ زىيىنى يوقتە)
-كەنت باشلىقىنىڭ قوتان چېيىغا...
-نىما؟!!!...-كۆزلىرىم سېكونتىغا نەچچىنى چىمچىقلاپ كەتتى. (ئادەتتىغۇ ئۇنداق ئادىتىم يوقتى مېنىڭ)-قوتان چېيى؟...ئۆي چېيى،تۇغۇت چېيى،مەسلىھەت چېيى...دەپ ئاڭلايتتۈك،بۇ قانداق چاي ئەمدى؟؟؟
-شۇ...كەنت باشلىقىنىڭ يۇقىرىنىڭ تۈر مەبلىغى بىلەن سېلىۋاتقان چوڭ قوتىنى يېقىندا پۈتۈپتىكەن،ئايالى شۇنىڭغا چاي بەرمەكچىكەن،مەھەللىدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالسام بولماس؟
-ۋا...ي! شۇنىڭغىمۇ مېنى ساقلاپ ئولتۇرامسەن؟ قوتان چېيى بولغاندىكىن ئاۋۇ ئەنجە تاڭىدىغان ئارغامچىدىن ئىككى مېتىر كېسىۋېلىپ شۇنى ئېلىپلا كىتىۋەرمەمسەن؟!!!...

ۋاقتى: 2014-12-5 17:26:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 15:45:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى ناھيىمىزدە ئېچىلغان بىر سانلىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتاتتىم.(دىھقان ۋەكىل بولۇپ) يىغىن تۇنجى باشلانغاندا خىزمەتچى خادىم ھەممەيلەنگە يىغىن تەرجىمىسىنى ئاڭلاشقا قۇلاق تىڭشىغۇچ تارقىتىپ بەردى،مەنمۇ تىل بىلمىگەندىكىن بىر تال تىڭشىغۇچنى ئېلىپ ئاچسام، مېنىڭ قۇلاق تىڭشىغۇچۇم بۇرۇن يىغىنلاردا ئىشلىتىلگەن پېتى تاشلاپ قويۇلغان كونا ئۈسكىنە ئىكەن،شۇنداق بولغاچقا بۇ جاڭۋانىڭ باتەرىيىسىنىڭ توكى قالماپتۇ،ئاچساملا ئۆچىدۇ،ئاچساملا ئۆچىدۇ،ئاخىرى بولماي خىزمەتچى خادىمنى چاققردىم.
-ھەي سىڭلىم،ما تىڭشىغۇچنىڭ توكى يوقكەن،تىڭشىيالمايۋاتىمەن……
ئوماققىنە خىزمەتچى خادىم قىز قېشىمغا كىلىپ قۇلاق تىڭشىغۇچنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بېقىپ دولىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى.
-باتارىيىسى تۈگەپتۇ ئاكا!
-مەممۇ شۇنداغمىكىن دەپتىم،يا بايام بىژ تال ئاغاچ چىمەپتىمەن دەڭڭا بىلمىگەندىكىن…
-ئەمدى بىي ئامال قىلىپ ئاڭلاپ تۇسىلا ئاكا…
-ماقۇلە،تىڭشىيالمىسام چاۋاك چالىدىغان يېرى كەلگەندە باشقلارنى كۆرەپ ئەگىشەي ئەمسە!… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 17:08  


ۋاقتى: 2015-6-28 13:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 14:20
بىر كۈنى ئېتىزدىن ھېرىپ-ئېچىپ ئاران كىرسەم ئايالىم مېن ...

ھى ھى نىمانچە قىزىق ، ژۇرناللاردا ئلان قىلىنغا ئەسەرلىرىڭىزدىنمۇ يوللاپ تۇرۇڭ ئاكا، مۇنبەردە بولسىمۇ ئوقۇيلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-25 09:35:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ھەممىلا تېمىغا ئىنكاس يېزىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان بىرى بار ئىكەندە،ھەر قانداق بىر تېمىنى كۆرگەن زامات قىزغىنلىق بىلەن ئالدىراپ-تېنەپلا «مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئىنكاس يېزىش ئادەتكە ئايلانغان ئىكەن.ئىشقىلىپ،تېمىلا بولسۇن،ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن،«مۇبارەك بولسۇن» دەپ يازىدىكەن.
ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق ئىنكاس يېزىۋىرىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قولى كۇنۇپكا تاختىسىغا بارغان ھامان «مۇبارەك بولسۇن» دەپ يازىدىغان بوپقاپتۇ،ھەتتا كاللىسىغا،تەپەككۇرىغىمۇ كۆزى ھەر قانداق تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ بولغىچە «مۇبارەك بولسۇن» دىگەن ئىبارە كىلىۋالىدىكەن!
ئەلقىسسە،بىر كۈنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە بىر يېڭى تېما يوللىنىپتۇ.ماۋزۇسى «پالانى دىگەن يازغۇچىمىز كىسەل سەۋەبى بىلەن تۈنۈگۈن بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى……»
شۇنىڭ بىلەن تېمىنى كۆرگەن ھېلىقەيلەن دەررۇ كۇنۇپكىلارنى تاراقشىتىپ بېسىپ كىتىپتۇ دەيدۇ:«مۇبارەك بولسۇن!!!»

باھا سۆز

ھا،ھا،ھا...  ۋاقتى: 2015-12-25 07:16 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 21:15:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرنىڭ تاڭسۇق پاراڭلىرىدىن بىر شىڭگىل:

  سەھرادىن كەلگەن بىر چوكان يېڭى بازارنىڭ ياغلىق بازىرىنى ئايلىنىۋېتىپ بىر ياغلىق كۆزگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ سودىلاشماقچى بوپتۇ.
-ئۇستام،ما ياغلىق نەچچە پۇل؟
يېڭى بازارنىڭ سودىگەرلىرى  ئادەتتە 20 يۈەنلىك بويۇمغا 200 يۈەن باھا قويۇپ ئولتۇرىدىكەن.ئەسلى ھېلىقى ياغلىق 20 يۈەن بولۇپ،سودىگەر ئايالغا:
-ياغلىق 200 كوي!-دەپ باھا ئېيتىپتۇ.
ئايال بۇنى ئاڭلاپلا قورقۇپ كىتىپ گەپ قىلمايلا مېڭىپتىكەن،ھېلىقى سودىگەر:
-ئۇدۇل ماڭسىلا ئالدىلىرىدا باكالىق ياغلىق تارقىتىۋاتىمىش،چاققان باسىلا تۈگەپ كىتىدۇ!-دەپتۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 21:32:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىڭ بىلەن سودىگەرنىڭ ئالدىدىن ئون ماڭدامچە يىراقلاپ كەتكەن ئايالغا ھېلىقى گەپ قاتتىق تېگىپ كىتىپ جايىدا توختاپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ خىجىللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ،يىگىرمە كوي دىسە خاپا بولىشىدىن ئەنسىرەپ،
-50 كويلاغا بېرەمىكى دەپتىم ئەسلى.
دىسە ئا سودىگەر پالاق پۇلۇقلام
-ماقا ئاسىلا،بەدىم.-دەۋىتىپتۇ.
ئايال ئالدىنىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ دىلىغۇللۇقتا بىردەم تۇرۇپ قاپتىكەن سودىگەر:
-بېرەي دىدىمغۇ،پەتنۇسقا سېلىپ ئىشككى قوللاپ ئالدىلىرىغا ئاپىرامدىم يا؟!

ۋاقتى: 2016-1-19 22:18:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2016-1-19 23:20:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي يوللىغان ۋاقتى  2016-1-19 21:15
قەشقەرنىڭ تاڭسۇق پاراڭلىرىدىن بىر شىڭگىل:

  سەھرادىن ك ...

ھى ھى ھى نىمانچە قىزىق مەندەكلا ساددا ئوماق چوكانكەن

ۋاقتى: 2016-1-19 23:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانباي يوللىغان ۋاقتى  2016-1-19 21:32
شۇنىڭ بىلەن سودىگەرنىڭ ئالدىدىن ئون ماڭدامچە يىراقلاپ ...

نىمانچە قزىق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-21 08:57:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنا بازىرىدا


يېڭىدىن پىراۋا ئالغان بىرەيلەن،باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن «ھازىر ماشىنا دىگەن بەك ئەرزان،نىمكەش بازاردىن 20 مىڭ كويغا پەچەت ماشىنا ئاغىلى بولىدۇ.» دىگەننى ئاڭلاپ،يېنىدىكى بار يوقى 20 مىڭ يۈەن پۇلىغا ماشىنا ئالماقچى بوپتۇ.قەشقەرنىڭ قىزىل كۆۋرۈكتىكى ماشىنا بازىرىغا كىلىپ بازارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر نىمكەش ماشىنا دىتىغا يېقىپ،ئىگىسىدىن سوراپتۇ.
-ماشىنا نەچچە پۇل؟
50 مىڭ!-دەپتۇ خوجايىن.
ئەزەلدىن ماشىنا سودا قىپباقمىغان بۇ ئەدەم 50 مىڭ دىگەننى ئاڭلاپلا قاتتىق ئۈمىتسىزلىنىپ جىم بوپقاپتىكەن،خوجايىن،
-سىلىمۇ دىتلىرىنى دەپ باقماملا؟-دەپتۇ.
ھېلىقى خېرىدار،
-مەن تېخى 20 مىڭ كويغا بېرەمىكى دىگەنتىم-دىسە خوجايىننىڭ ئاچچىغى كىلىپ،
-ئۇكوووم،ماڭقايسا،ئې ئارقىدىكى كوچىدا سوپەك بازىرى بار،شۇيەدىن سوپەكتىن بىژنى ئېلىپلام ۋاتاقشىتىپ ھەيدەپ كەتمەملا؟ئاۋازىمۇ مانىڭكىدىن جانلىقراق چىقىدۇ!.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-21 09:10  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش