13–ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك تاتار شائىرى قولغەلىينىڭ«يۈسۈف كىتابى»ناملىق ئەسىرىدىكى ‹‹زۇلەيخا›› قىسسىسى.
زۇلەيخا
ئوقۇرمەنگە ئايان بەلكىم ئۇزۇنلاردىن ،
ياش يۈسۈفنىڭ كۆرگەن ئاشۇ خەير چۈشى .
نادامەت– ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن شۇڭا ،
ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى جۇت-كەچمىشى .
*
تەڭرىدىن شەپقەت بىرلە ۋەھھى كىلىپ،
پەرىشتەلەر دەرھال ئاڭا يەتكۈزۈشتى.
‹ ھەي ، يۈسۈف بۇجاپالار رىيازىنى ،–
بىلگەيسەن ئەمدى قانداق كەتكۈزۈشنى .
*
كىشىگە شەپقەت قىلىشتىن تارتمىغىن باش ،
يىتىم-مىسكىن، مۇساپىرنى چەتكە قاقما .
مىھرىبان بول ئاتاڭ كەبى ئىنسانلارغا،
سەۋەنىچۈن مەھبۇسلارنى دارغا ئاسما .
*
تارتقان شۇ رىيازىتىڭ تۈگەر ئەمدى ،
ھۆرمەتنى ساڭا چەكسىز تەڭرىم بەردى .
چەكلەنگەن شۇ ئىشلاردىن پەخەس بولغىن!
قىلىسەن پادىشاھلىق› ،– دېدى ئەمدى
.
جاپالار تۈگەپ ئاخىر، بەخت كەلدى،
مىسىرغا شاھ يۈسۈپنىڭ ئىزى يەتتى.
تەڭرى بەرگەن بۇ دۆلەتتىن ساپ كۆڭلىگە ،
يۈسۈف ھەردەم شاپائەتنى مىزان ئەتتى .
***
زۇلەيخادىن ئەمدى قىسسە ئاڭلايسىزلەر،
ئۇ يۈسۈفنى كېچە-كۈندۈز ئەسلەپ ئۆتەر ،
قېرىدى ،لېكىن بۇنى يۈسۈف بىلمەس ،
زۇلەيخا ئۇ ئاش ئورنىغا زۇقۇم يۈتەر .
*
تۇراتتى ئۇ يۈسۈف ئۆتەر يولدا ھامان ،
ئۆمرۈم ئۇنى كۈتۈشكىلا ئاتالغان دەپ ،
شۇ يولدا كىچە–كۈندۈز يۈرەتتى ئۇ ،
تاماق-كىيىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ.
.
مۆرىتى ھەر يېڭى ئاي تۇغقان چاغدا ،
ئات كىشىنەپ ، ئەسكەرلەر ئۆتكەن چاغدا ،
زۇلەيخا يولدا پەرياد چېكەر شۇنداق،
سەيلىگە يۈسۈف ئاتلىق چىققان چاغدا ،
.
ھالىنى زۇلەيخانىڭ يۈسۈف بىلمەس ،
يېنىغا چۈنكى ئۇنىڭ يېقىن كەلمەس ،
ھەيۋەتلىك داقا – دۇمباق تاۋۇشىدا،
زۇلەيخانىڭ ئاھۇ-زارى ئاڭا يەتمەس.
.
زۇلەيخا ھەسرەتلىنىپ قايتىپ كېتەر ،
كۈيدۈرەر ئاشىق ئوتى ، ئۇنى ئۆرتەر ،
ھىچقاچان ئۈمىدىنى ئۈزمەس ئەمما،
ۋىسالنى شۇ ھالدىمۇ ئارمان ئېتەر ،
.
زۇلەيخا ئۇزۇن ۋاقىت شۇنداق يۈردى .
ئاجىزلاپ بىر مەھبۇسقا ئۆزگەردى ئۇ .
چوقۇنغان مەبۇدلەردىن ئۆرىدى يۈز :
" ھالىمغا يەتمىدىڭلار ! "– ھۈرپەيدى ئۇ.
.
مەن ئەزىز ، غېرىپ بولدۇم ھەم تۇل قالدىم ،
يۈسۈفنىڭ ئىشقى بىلەن خار –قۈل بولدۇم .
كەلمەسكەن سەندىن ياردەم ، بىلدىم ئەمدى،
دەردىمنى ساڭا ھامان ئېيتىپ تۇردۇم ،
.
مىسىردا كائىن خانىش بولغانىدىم ،
ھەممىگە ھۆكۇمرانلىق قىلغانىدىم ،
ھىچقاچان سەندىن بەھرە كۆرمىدىمغۇ؟،
تەڭرىم دەپ سېنى شۇندا بىلگەنىدىم ،
.
زۇلەيخا مانا شۇنداق گۇمانلاندى ،
يۈز ئۆرۈپ مەبۇدلەردىن مۆمىن بولدى .
مەبۇتلارنى چاقتى كۆكۈم-تالقان قىلىپ ،
بارار جايى-ئەخلەتلىككە سۈرگۈن بولدى. .
.
سەيلىگە يۈسۈف چىققان بىر كۈنلىرى،
يېڭىدىن چىرايلىق ئاي تۇققان ئىدى.
ئۇل زۇلەيخا يول بويىدا پەرياد ئۇرۇپ :
– ھەي يۈسۈف ،ماڭا بىرەرت كۆز سال ! –دېدى .
.
ئىلاھىم زۇلەيخاغا ياردەم بېرىپ ،
( ئاۋازىنى يۈسۈف تامان يەتكۈزدىلەر . )
شۇ چاغدا زۇلەيخانى يۈسۈف كۆردى ،
قارىغۇ بىر موماي ئۇ دەرت تۆكۈلەر .
.
ئېتىنىڭ يۈسۈف شۇ چاغ بېشىن تارتتى ،
ھال سوراپ، يېقىن كېلىپ ئاڭا ئېيتتى :
-سەن كىمسەن، مەندە قانداق ھاجىتىڭ بار؟
ئېيت قېنى، ساڭا قانداق ئازاپ يەتتى؟
.
زۇلەيخا دېدى : جاھان شاھى ، ئاڭلاڭ ،
مەن زەئىپ ، كۆزلىرىممۇ كۆرمەس ھامان ،
مەرھۇم مىسىر ئەزىزى خوتۇنىمەن
مانا ئەمدى ھالىم شۇ، ئوبدان قاراڭ .
.
شۇ ئايال مەن ،شۇ سېنى سېتىپ ئالغان ،
بىر سېنىڭ ئىشقىڭغا ھەيران قالغان ،
سەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان،
بۈگۈن سەن بۇ ھالىمنى بىلىپ قويغىن.
.
قولۇمدىن كەتتى جىمى بايلىق نېمەت ،
سورۇلۇپ كەتتى توزۇپ مال ھەم دۆلەت .
لېكىن ھىچ بېسىلمىدى ئىشقىي ھەسرەت ،
يالقۇنلۇق شۇ ئىشقى ئوتۇمنى بېسىپ قويغىن .
.
ئىشەندىم مەنمۇ ھەقنىڭ بىرلىكىگە ،
ئىشەندىم ھەم پەيغەمبەرلىكىڭگە ،
قالمىدى ھىچبىر شېكىم مۆمىنلەرگە ،
مۆمىن بولدۇم ،– قوللىرىڭنى بېرىپ قويغىن .
.
يۈسۈفنىڭ زۇلەيخاغا ئاغرىپ ئىچى ،
ئىشقىغا ئۇنىڭ ھەستە ھەيران قالدى ،
گېپىگە زۇلەيخانىڭ ئىشىنەلمەي ،
سىناش ئۈچۈن سۇئاللارنى سوراپ سالدى.
.
" زۇلەيخا نەدە ئەمدى داڭقىڭ ، مالىڭ ،
سۇمبۇل چاچ ، زىبا بويۇڭ ، خۇش جامالىڭ ،
بالقىپ بىر تۇلۇن ئاي بوپ تۇرغان چېغىڭ ؟
نىچۈك سەن مۇنداق ھالغا چۈشتۈڭ ئەمدى ؟
.
زۇلەيخا ئېيىتتى :جامالىم ،مۈلكۈم بەردىم ،
بارىمنى سېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلدىم ،
بەختىمدىن ، تەختىمدىن ھەم ۋاز كەچتىم ،
ۋەسلىڭنى بۇ ئۆمرۈمگە قىبلە قىلدىم. .
.
يۈسۈف ئېيىتتى:ئەگەر چىن ئاشىق بولساڭ ،
ۋەدىگە چىڭ ،مۇھەببەتكە سادىق بولساڭ ،
يىغلاپ يۈرۈپ ئىشقىڭچۈن دەۋا قىلساڭ ،
دەۋايىڭغا بىرەر ئىسپات بارمۇ ئەمدى .
.
زۇلەيخا ئېيتتى: ئەمىسە كەل يېنىمغا ،
قولۇڭدىكى قامچاڭنى بىررەت بەر قولۇمغا .
ئاشىقلىقىم تەپتىنى ھېچ ھىس قىلمىساڭ ،
يالغان بولسۇن ئېيتقانلىرىم، سال زولۇمغا.
.
قامچىسىن بېرىپ ، يۈسۈف ئاتتا تۇردى ،
زۇلەيخا" ئۇ قامچىنى قايتا بەردى .
قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، يۈسۈف كۆردى،
قامچا ئۇنىڭ قوللىرىنى زەپ كۆيدۈردى ، .
.
قامچىنى يۈسۈف دەرھال ئېتىۋەتتى ،
زۇلەيخا چىن ئاشىقكەن دەپ بىلىپ يەتتى،
سادىقكەن ، ھىچ قالمىدى شەك – شۈبھىىسى ،
تاڭ قېلىپ ، ئات تىزگىنىن تارتىۋەتتى .
.
زۇلەيخا ئېيتتى :دەردىم چۈشەندىڭمۇ ،
قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، بىلەلەمسەن؟
قولۇڭنى كۆيدۈرگەندەك قىرىق يىللار ،
شۇ ئوتتا مىنىڭدەك ھەم چىدالامسەن؟
.
يۈسۈف تاڭ قالدى ، ھەيرانۇ-ھەس،
زۇلەيخاغا تەسەللى – تەلىم بەردى :
" ئۈمىد ئۈزمە ، ۋىسالنىڭ پەيتى كەلدى ،
ئازاپ كەتتى ، راھەت يەتتى، كەلگىن" ،–دېدى .
.
پەرىشتىلەر كەلدى شۇئان سالام بېرىپ ،
ھەقتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشتى.
" نىكاھلاپ زۇلەيخانى ئالغىن " ئەمدى ،
پادىشاھ سەن، ئۇ خانىشىڭ بولسۇن "دىدى.
.
مانا بۇ "چوڭ خۇش خەۋەر "، دېدى يۈسۈف ،
تەبەسسۇمدا زۇلەيخاغا يېقىن كىلىپ.
ۋەھھىينى سۆزلەپ ئۇنى شادلاندۇرۇپ ،،
" زۇلەيخاغا راھەت يەتتى " – دىدى كۈلۈپ .
.
زۇلەيخا بۇنى ئاڭلاپ ھەسرەتلەندى ،
" ئىلاھىم ، ھالىم ساڭا مەلۇم " دېدى،
مۈلكىدىن، جامالىدىن مەھرۇم بولغاچ ،
تۇرقىدىن، كۆزلىرىدىن ۋايىم يىدى.
.
تەڭرىم ، ماڭا ياردەم قىلغىن بىر ئۆتۈنەي ،
كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرىنى بەرگىن زەررە ،
جامالىم يۈسۈفكە لايىق بولسۇن ،
ئەسلىدىكى ھالىتىمنى بەرگىن يەنە.
.
شۇ چاغدا بىر پەرىشتە يېتىپ كەلدى ،
قانىتىدىن زۇلەيخاغا نۇر تۈكۈلدى .
زۇلەيخا كۆزى يورۇپ ياپ – ياش بولدى ،
يۈزلىرىدە قىزلارغا خاس گۈل ئېچىلدى.
.
نىكاھ قىلىپ،ئۆز ئەمرىگە ئالدى ئۇنى ،
تويلار قىلىپ، ساھىپخانى بولدى يۈسۈف،
تويغا كەلدى ئۇلۇغ بەگلەر،بولۇپ داخىل ،
شاد– خۇراملىق ، سۆيۈنچلەر كەتتى تۇشۇپ .
.
ئىككىسىگە تويلار تۈگەپ خىلۋەت بولدى ،
زۇلەيخانىڭ ئىپپىتىنى يۈسۈف بىلدى.
شۇندا ھەيران بولۇپ يۈسۈف ھەم سورىدى:
كۆپ زامانلار قانداق قىز بوپ قالدىڭ ئەمدى ؟
.
زۇلەيخا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى :
سەن ئۈچۈن تەڭرىم مېنى قوغداپ كەلدى ،
شۇنچە يىل پەرى قىزى كېلىپ ھەركۈن،
ئېرىم بىلەن مەن سىياقتا ئۇخلاپ كەلدى .
.
تەڭرىمگە رەھمەت سېنى بەردى ماڭا، ،
ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىم بولدى ئادا.
دۆلىتىم ، گۈزەللىكىم قايتتى يەنا ،
ئېيتىمەن ھەر مەرتىدە ھەمدۇ-سانا .
.
تەڭرىنىڭ ھۆكمى بىلەن پۈتۈپ تەقدىر :
يۈسۈف بىلەن زۇلەيخا بىرگە ياشىدىلەر ،
ئون ئىككى ئوغۇل ھەم بولۇپ نىسىپ ،
چوڭ ئوغلىنى‹‹ مۈسەلىم›› دەپ ئاتىدىلەر.
***
تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچىلەر:-غىلاجىدىن ئوسمان ئىدىل، سائادەت ساتتار ئايتۇغ
2012-4-17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 19:25