كۆرۈش: 11339|ئىنكاس: 33

پروزىمىزدىكى ئۈمىدلىك ياش - مەمەتجان تۇراپ (36)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
qq.JPG
مەمەتجان تۇراپ 1983-يىلى 10-ئايدا قىزىلسۇ ئوبىلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. 2002-يلى 9-ئايدىن 2006-يلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت قاكۇلتىتى گۈزەل-سەنئەت كەسپىدە ئۇقۇغان، 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۈنۋىرسىتىدە خەنزۇتىلى كەسپى بۇيۇنچە تەربىلىنىپ، 2007-يىلى قىزىلسۇ ئوبىلاسىت ئاقتۇ ناھىيە كوسىراپ يىزىسغا تەقسىم قىلىنغان، 2006-يىلدىن 2011-يلغىچە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتى قانۇن كەسپىنىڭ  تولۇق كۇرۇس دىپلۇمىنى ئالغان، 2012-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە ئاقتۇ ناھىيلىك پارتىكۇم سىياسى-قانۇن كۇمىتىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
يولداش مەمەتجان تۇراپ2000-يىلى تۇنجى قىتىم «تارىم غۇنچىلىرى›› ژۇرلىنىدا «مەن كىچىك ئەمەس» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە قۇشۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى بىر قىسىم گىزىت-ژۇرناللاردا «ۋاقت پەرقى»، «ۋەتەن قەسىدىسى» قاتارلىق ھىكايە ۋە نەسىرلىرى، 2011-يىلى «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا «ئەزىزەم» نامىدىكى پۇۋسىتى ئىلان قىلىنغان.
بىز مەمەتجان تۇراپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ يېقىندا يازغان بىر پارچە پوۋېستى بىلەن بىر پارچە ھېكايىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

ـــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

       [ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى]

ئىقىتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋىيەتكە بولغان ئىھتىياجىمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بارىدۇ. گەرچە ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىمىز بارغانسىرى زورىيىۋاتقان، ئىجادىيەت مىۋىللىرىمىز بارغانسىرى مۇللىشۋاتقان بولسىمۇ، ئىھتىياجنى يەنىلا قاندى دىگىلى بولمايدۇ. خەلقىمىز يەنىلا مەزمۇنلۇق، رەڭدار، ئىجاتچانلىققا ئىگە بۇلغان ئەسەرلىرىمىزگە مۇھىتاج.نۆۋەتتىكى زامانىۋىلىق، بولۇپمۇ، ئىنتىرىت تورىنىڭ شىددەت بىلەن قاپلىنىشى مىللى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىپ، ئۇمۇمىيلىققا يۈزلىنىش›› بىزنىڭ مىللى ئەدەبىياتىمىزنىڭ يەنە بىر تەرەققىيات شەكىلى بۇلۇپمۇ قىلىۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر رايۇن ئالاھىيدىكى، تىل ئالاھىيدىلىكى، پىسخىك ئالاھىيدىلكىگە ئاساسەن ھەممىسى پەقەت ئۆزىگە خاس بۇلغان يېزىقچلىق شەكلىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىقتىساتنىڭ يۈرىشىشى، كۆز قاراشنىڭ يىڭىلىنىشى، ئۇچۇرلىشىشنىڭ تىزلىشىشى ۋە قىرىنداش مىللەتلەر ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى داۋامىدا، ئەدەبىياتمىز دەۋىر تەرەققىياتىغا ماس بولغان يۈزلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىش، يىڭىلىق يارىتىش تىپىكى ئۆزگىچە يىزىقچلىق تەرەققيات ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئۆى ۋەكىللىك قىلغان شۇ مىللەت ۋە شۇ قاتلام ۋە دائىرىسىدىن ھالقىپ، تىخىمۇ ئۇمۇمىيلىققا ۋە تىخىمۇ كەڭ دائىرلىققا قاراپ يۈزلەندى. شۇ سەۋەپتىن ئويغۇر ئەدەبىياتى، قىرغىز ئەدەبىياتى، تاجىك ئەدەبىياتى، قازاق ئەدەبىياتى...قاتارلىقلار يالغۇز شۇ مىللەتنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىسى بولۇپلا قالماي،ئۇنى يالغۇز شۇ مىللەت كىشىللىرىلا ياقتۇرۇپلا قالماي شۇ دائىرە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ياقتۇرشىغا ئىرىشىپ، ھەممە تەڭ بەھرلىنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئەدەبىياتمىز يارغۇچىغا قارىتا مەيلى ئىپادىلەش دائىرسىدىن بۇلسۇن، مەيلى ئۇسلۇپ جەھتتىن بۇلسۇن، ۋە ياكى مەزمۇن-شەكىل جەھەتتىن بۇلسۇن تىخىمۇ مۇل، تىخىمۇ ئەتراپلىق، تېخمۇ كەڭ دائىرلىك بىلم تۇپلاشنى تەلەپ قىلدى، ساپالىق، مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىللىرىمىغا تىخىمۇ مۇھتاج بولدى. نەتىجىدە، ئىجادىيەت سىپىدە ھارماي ئىزدەنگەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ زامانىۋىيلىققا، يىڭىلىققا، ئىجاتچانلىققا ئىگە ئەسەرلىرى كىشلەرنىڭ قولدىن چۈشۈرمەي ئۇقۇيدىغان ئەسەرلىرىگە ئايلاندى. لېكىن،ئەدەبىياتتا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، دوراش، قارا-قويۇق قۇبۇل قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئەدەبىياتنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەشتىكى ئاساسلىق ئامىل، ئۇسلۇپنىڭ قانداق بۇلىشى ئەسەرنىڭ خاسلىقىدۇر. يازغۇچىنىڭ ساپاسى ئىجادىيەتنىڭ ھاياتى كۈچى، دىمەك بىزنىڭ مىللى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئەدىپلىرىمىزنىڭ قۇلىدا، قەلىمىنىڭ ئۇچىدا، بىز پەقەت ئىزدىنش ۋە تىرىشچانلىققا تاينىپ، زامانۋىيلىشىش ۋە ئىجاتچانلىق يۇلغا قاراپ ماڭساق، يىڭىلىق يارتىش تىپىدىكى ئىجادىيەت ئەندىزىسىنى ياراتساق، ئىشىنىمزكى، بىزنىڭ مىللى ئەددبىياتمىز دەۋىر تەرەققىياتىدا شاللىنىپ قالمايدۇ، چۇقۇم كىشىنى قايىل قىلغىدەك ئۇتۇققلارغا ئېرشەلەيدۇ.

باشلىق، رەنجىمەڭ!

( ھىكايە)

  خاس شوپۇرىڭىزنىڭ تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قىلىپ، سىز مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن بۇيان، تۇنجى قىتىم بۇ يولدا پىيادە قالدىڭىز، ھەم ئەسكى ھەم ‹‹ئاۋارە›› يوللار ئاياقلىرىڭىز ۋە يىڭى ئالغان كاستۇمىڭىزنى توپىغا چۈمكىگەن ۋاقىتتا، قىلچە گۇناھى بولىمىغان شۇپۇرىڭىزنىمۇ يولغا قېتىپ مىڭنى تىللۋەتتىڭىز.
  راسىت دەيسىز، بۇ ھەقىقەتنمۇ مۇشۇنداق ‹‹ئەبگا››، ئەسكى توپىلۇق يول، ئانىڭىزدىن دەسلەپ تەۋەللۇت بولۇپ ئەمدىلەتتىن پەپىلەپ ماڭغان ۋاقتىڭىدىكى ئايىغىڭىز تەككەن تۇنجى تۇپراق، سىزنى چوڭ قىلغان، سىزنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقان، يېراقلارغا ئىۋەتكەن، ھەرقىتىم يۇرتىڭىزغا قايتقان ۋاقىتتا سىزنى تۇنجى بۇلۇپ قارشى ئالغان ‹‹ھەمرايىڭىز›› شۇ. ئەمما مەنسەپ شامىلى ئايغىڭىزنى بۇ يولدىن ئايرىدى.
     باشلىق، سىز ھەشەمەتلىك ئۆيىڭىز تەرەپكە قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى سىمۇنىت يولغا چىقىپ، ئۈستى-باشلىرىڭىزدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرۇپ، بىزارلىق ئىلكىدە ئارقىڭىزدا قالغان شۇ بىچچارە يولغا چەكچەيدىڭىز،  ھەرقىتىم ماشىنىڭىز ئايىغىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا-چاڭنىڭ ئارقىسىدىن، ھەم يامغۇر ياققان كۈنلەردا ماشىنىڭىزدىن چاچرىغان لاي-پاتقاقلاردىن قېچىشقا، ئىغىز-بۇرۇنلىرىنى يىپىشقىمۇ ئۈلگۈرلمەي قالغان بىچچارلەرنى، ماشىنىڭىزدىكى سىزنى ئاپتاپتىن ساقلايدىغان قىلىن ئەينەك توسۇپ قالغنىدا، بەلكىم ئۇلارغا ئانچە دىققەت قىلالماي قالغان ئۇخشايسىز. بۇ خىل ئەھۋال سىزگە بۈگۈن يىنىكرەك بىر قىتىم بولغان بىلەن ئۇلارغا كۈندە مىڭ قىتىم.
باشلىق، سىز بۇ يولنى ئوبدان بىلىسىز، چۈنكى بۇ ‹‹سىخى››، ‹‹مەرت›› يوللار سىزگە بىرىدىغان يارىدەمنى ھىلىمۇ ئازلاتقىنى يوق، نۇرغۇن قىتىم ئۆزىنى ئاسراشقا ئاجرىتلغان مەبلەقلەرنى قىلچە ئايانماستىن سىزنىڭ تىخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە سىخىيلىق قىلغان تۇرۇقلۇق، بۈگۈن بىر قىتىپ ئاياقلىرىڭىزنى توپا قىلىپ قۇيغانغا نىمە بوپتۇ! يۇل ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭمۇ ۋاقىتى يەتمىدى ئەمەس، بەلكى ‹‹باشقا›› ئىشلاربىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ‹‹مالىيە››نىڭ بۇ يولغا ھازىرچە نەزىرى چۈشمىدى، چۈنكى بۇ يولدا پىيادە مڭىپ باققان چوڭراق باشلىقتىن سىز تىخى تۇنجىسى.
باشلىق، بۇنداق توپىلىق يوللار بۇ بىرلا ئەمەس، بۇلسا بۇ يوللاردا پات-پات مىڭىپ تۇرۇڭ، بەلكىم شۇندىلا سىزنىڭكىدەك ‹‹خان تاجى››سى يوقلارنىڭ ئەلىمىنى بىلىپ قالىسىز، دەردىگە يىتىسز، بۇنداق يوللار سىزگە نىمىنىڭ ئەمەلىي ئىش، نىمىنىڭ ئاممىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈش، نىمىنىڭ خەلىق ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
رەنجىمەڭ باشلىق، كۈندىن-كۈنىگە كۈچەپ ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ‹‹پاكلىق قۇرلىشى››، سىزنى مەنسىپىڭىزدىن مەھرۇم قىلىپ، بۇ توپىللىق يۇللارغا بىراقلا ئەكىلىپ تاشلىغان ۋاقتتا، بۇ رەنجىشلىرىڭىزنىڭ تولىمۇ ئورۇنسىز ۋە بىھۇدە ئىكەنلىڭىنى ھىس قىلىپ قالىسىز.
باشلىق، رەنجىمەڭ!...

ئەزىزەم

(پۇۋىسىت)

مەمەتجان تۇراپ

مۇقەددىمە ئۇرنىدا

بۇ بىر راست بۇلغان ئىشلارغا قارىتا ئۆزگەرتىپ تاماملانغان چۇڭراق ھەجىمدىكى تۇنجى ئەسىرىم، شۇنداقلا بىر كۇنا تىما، بەلكىم مەن ئەسلىدە ياراتماقچى بۇلغان پىرسۇناژنىڭ ھەقىقى ئوبرازىنى، تۇلىمۇ جانسىز بۇ قەلەملىرىم ئۇنچە كۈچلۈك ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن، ئەمما قۇلۇمدىن كىلىشچە تىرىشىپ باقتىم، ئەلۋەتتە، ھىكايمىزدا تىلغا ئىلىنغان ئەخلاق بىلەن بىز داۋاملىق كەينىگە كىرىپ زىياندىن باشقا نەرسىنى كۆرمىگەن شۇ بىچچارە كۆڭلىمىز ئۇتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى دەماللىققا قۇبۇل قىلالماسلىقىمىزمۇ، كۆڭلىمىزدە ئىتىراپ قىلساقمۇ تىشىمىزدا «نەدە شۇنداق ئىش بۇلسۇن» دەپ ئۆزىمىزنى قاچۇرىشىمىزمۇ مۇمكىن،  بىشىمىزغا كەلگەندە يەنە بەلكىم شۇ خىل رىئاللىق ئالدىدىكى تاللاشتا بىر ئەخمىقانىلىق قىلىپ قۇيۇشىمىزمۇ يىراق ئەمەس، بىراق نىمىلا دىمەيلى، بۇ پىرسىناژ ئاخىرى ۋۇجۇدقا چىقتى، ناۋادا ھىكايىمزدىكى مۇشۇ قەھرىمان، رىئاللىقىتىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپسا، ياكى ئەخلاق بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرسىدىكى تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئوقورمەنلىرىمىزگە ئاز تولا يۇل كۆرسىتىپ بىرەلىسە، قەلەم تەۋرەتكەن مەنلا ئەمەس، مەرھۇمەنىڭ قىلغانلىرى بىكارغا كەتمىگەن، مەنمۇ مەقسىدىمگە يەتكەن بۇلار ئىدىم.

    ئىشتىن چۈشىشكە ئەمدىلەتتىن تەييارلىنىپ تۇرغان ئايشە، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆزىنى تۇيۇقسىزلا چاقىرىتقانلىقىدىن سەل تەججۈپلەندى. شۇندىمۇ بۇيرىقنى يەتكۈزگىلى كىرگەن ئگىز بوي، بۇرۇتلۇق كەلگەن تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى باراتتىن نىمە ئش ئىكەنلىگىنى ياندۇرۇپلا سۇرىدى .
-ۋاي تاڭ، -دىدى بارات، ئككى مۆرىسىنى بىلىنەر-بىلىنمەس قىسىپ قۇيۇپ، -بىر ئش بىلەن كىرىۋىدىم سىزنى چاقىرىپ قۇيۇشنى تاپىلىدى شۇ.
ئايشە يەنە ئارتۇق گەپ سۇرىماستىن شىرە ئۈستىدە تۇرغان ماتىرىياللارنى يىغشتۇرۇپ بۇلۇپ، تارىتمىللىرىغا قۇلۇپ سالىدى، ئاندىن دائىم كۆتىرىپ يۈرۈيىدىغان سۇمكىسىنى ئىلىپ ئشخانىدىن چىقىتىدە ئىشخانا بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىناغا قاراپ ماڭدى.
ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئشلارنى بىجىرىدىغان ھەم مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك  بەنزىسى ئۇرۇنلاشقان ئىككى قەۋەتلىك، ئەپچىل كەلگەن، سىرتىغا سىرىق چىنە خىش چاپلانغان بۇ بىنانى ئادەتتە باشقىلار مەمۇرى بىنا دەپ ئاتايدۇ، ئادەتتە، ئۇقۇغۇچىلار ھەم زۆرۈر ئىشى بۇلمىغانلار بۇ بىناغا كۆپ كىرىپ كەتمەيدۇ، شۇڭىمۇ بۇ بىنا مەكتەپتە ئۇزاقراق تۇرغان كىشىگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىرات بىرەتتى. ئايىشە بىناغا كىرىپ ئككىنجى قەۋەتكە ئالدىرىماي چىقتىدە ، ئشىك بىشىغا «مۇدىر ئشخانىسى»دەپ خەت يىزىلغان سىرىق تاختا ئسىقلىق ئشخانا ئشىكىنى يىنىك چەكتى.
-كىرىڭ!  - مۇدىرنىڭ قۇپال بوم ئاۋازى ئاڭلاندى. ئايىشەمۇ ئشىكنى يىنىك ئتتىرىپ ئشخانىغا كىردى.نىمىلەرنىدۇر يىزىپ ئۇلتۇرغان مۇدىر بىشىنى سەل كۆتۈرگەچ، كۆزىنى ئالدىدىكى قەغەزدىن ئالماستىن، بىشى بىلەن ياندىكى ئۇرۇننى ئىما قىلىپ ‹‹ئۇلتۇرۇڭ!›› دىدىدە يەنە  بىشىنى تۆۋەن قىلدى.
ئايشە بىر خىل قۇرۇنۇش ئلكىدە سافانىڭ لىۋىگىلا ئۇلتۇردى.خىلىدىن كىيىن مۇدىر بىشىنى كۆتۈرۈپ ئايشەگە قاراپ:
-مۇنداق ئشتى قاراڭ، يۇقىرىدىن مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەخسىتىدە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئىككى سان بىرىپتىكەن دىدى، ھەم ئالدىدىكى چاي ئستاكانىدىن بىر يۇتۇم ئۇتلىۋىلىپ، ئاندىن ئادەتتە يىغىنلاردا سۆزلەيدىغان ئادىتى بۇيۇنچە چايدىن كىيىن گىلىنى زۇرىغا قىرىپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-مەمۇرىيەت مۇزاكىرە قىلىپ مەكتىۋىمىزدىن سىزنى، قۇشتاغ ئۇقۇتۇش نۇقتىسىدىن  دىلبەرنى ئۇرۇنلاشتۇردۇق. سىز ياش، خىزىمەتكە قاتناشقىلىمۇ ئۇزۇن بۇلمىدى، يەنە كىلىپ ئۆتكەندە يازغان ئلتىماسىڭىزمۇ بار، قانداق بىرىشنى خالامسىز؟
مۇدىر سۆزىنى تۈگىتىپ سۇئال نەزىرىدە ئايىشەگە قارىدى.
-مەنغۇ شۇنداق بىرىشنى خالايتىم . - دىدى ئايىشە مۇدىرنىڭ تۇيۇقسىزلا ئىيىتقان بۇ قارادىن قاتتىق ھەيرانلىق ھىس قىلىپ، ھەم دەماللىقا نىمە دىيشنىمۇ بىلمەي قالدى. خىلىدىن كىيىن تەستە ئىغىز ئاشتى:
-ئۆزىڭىز بىلىسىز يۇلدۇشىم ئككى بالا بىلەن يالغۇز قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە...
-بۇلدى- بۇلدى، نىمە دەيدىغانسىز..؟ مۇدىر ئاچچىقلانغانغاندەك تەلەپپۇزدا، -مەن تىخى سىزنى خۇش بۇلىدۇ دەپ ئۇلتۇرسام دەۋاتقان گىپڭىزگە قاراڭ!
-ئۇنداق ئەمەس، - ئايىشە مۇدىرنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، -ماڭا قۇيۇپ بەرسە ھازىرلا ماڭغۇم بار، ئەمما مەن ئۆي تۇتقان ئادەم، يۇلدۇشۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىكىنىم تۇزۈكمىكىن، راسىت، سىزنىڭ دىلبەر دىگىنىڭىز...؟
- سىز بىلەن بىر قاراردا ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ قۇشتاققا تەخسىم قىلىنغان ھىلىقى دۇستىڭىز شۇغۇ دەيمەن.
-ئەمسە مەن....-ئايشە گەپ قىلالماي قالدى.
-بۇ مەن بىر ئادەمنىڭ گىپى ئەمەس، مەمۇرىيەت ئۇيلىشىپ چىقارغان قارار، سىز بارمايمەن دەپلا بارمايدىغان ئىشمىكەن، بۇپتۇ، بۇگۇن يۇلدىشىڭىز بىلەن ئۇبدان  ئۇيلىشىپ ئىددىيڭىزدىن ئۆتكەندە بۇ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇپ ماڭا ئەتىلەردىن بىر يۇلوقۇڭ!
مۇدىر قۇلىدىكى بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى شىرەنىڭ گىرۋىكىگە تاشلاپ قۇيۇپ، گىپىم تۈگىدى دىگەندەك يەنە پەسكە ئىڭىشتى .
يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئۇشۇقلىقىنى سەزگەن ئايشە ، ئۈندىمەستىن بايا ئۆزىگە تەڭلەنگەن قەغەزلەرنى ئالدىدە، ئشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ئايشە ئغىر بىسىق، تەمكىن،چىرايلىق26-27ياشلاردىكى جۇۋان. ئۇنى جۇۋان دىگەندىن كۆرە، قىز بالا دىگەنمۇ تۇزۈك. ساغرىسىغىچە سۇيلۇپ چۈشكەن تۇم قاپقارا چاچلىرىغا، ئۇزۇن-ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئاستىدا ئۇيناپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرىگە، بىرەر تال داغ ياكى سەپكۈن قونمىغان سىلىق يۈزلىرىگە، ئگىز قاملاشقان ئۇرۇق گەۋدىسىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان مۇدا كىيىملىرىگە قاراپ ئۇنى ئككى بالىنىڭ ئانىسى دىسە تۇنىمىغان ھەرقانداق ئادەم قەتئى ئشەنمەيدۇ. بەش يىل مۇقەددەم ئۇ مەركىزى شەھەردىكى مەلۇم ئۇتتۇرا تىخنىكۇمنى پۇتتۈرۈپ، ھەم ئۇقۇش جەريانىدا ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئالي تىخنىكۇم دىپلۇمىنى بىللە ئىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى ۋە شۇيىلى ۋىلايەت بۇيۇنچە ئىلىنغان ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئىمتاھانىغا  قاتنىشىپ  خىلى يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ۋىلايەت بۇيۇنچە نۇقتىلىق سانىلىدىغان بۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە تەخسىم قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقى، كەسىپچانلىقى، ئەڭ مۇھىمى گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن بىر تەرەپتىن ھەممىنى قايىل قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ قۇغلىشىش ئۇبىكتىگە ئايلىنىپ قالدى .تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ باش-ئاغرىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىرتىشى، ھەم ئۇلارنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاتا-ئانىسى ماقۇل كۆرگەن بىر يىگىتكە تۇنجى قىتىم كۆرىشىپلا ئۇزاق ئۇيلانماستىن ماقۇل بولىۋەتتى .
ئايىشە كىچىك تۇرۇپلا ئۆيدىن ئايرىلغان بۇلسىمۇ ئۆزىنى خىلى توخىتىۋالغان، ئۆز يىشىغا ماس كەلمەيدىغان بىر خىل ئىغىر بىسىق، تەمكىنلىككە ئىگە قىز بۇلۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەرنىمىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىگىنىمۇ چۈشەنمەيتى، ئەسيادى ئۇقۇشتا، غايىسى كىلەچەكتە ئىدى، ئۇقۇش جەريانىدىمۇ ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ، ياتاقداشلىرىنىڭ مۇھەببەت قايناملىرىدا پىقىراپ يۈرگەنلىكىگە قاراپ، بۇنى «ۋاقىت ئسراپچىلىق» دەپ ئۇيلاپ كۆڭلىنى قەتئى چاچمىدى، نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ تەسىرلىك سۆيگۈ خەتلىرىگىمۇ، يىلىىنپ يالۋۇرۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن كۈتۈپخانىدىن چىقماي ئۈچ يىلنى «دەرىسخانا، ياتاق، كۈتۈپخانا» دىن ئىبارەت ئۈچلا تۇرمۇش موھىتىدىلا تاماملىدى.
    ئاتا - ئانىسى تۇنۇشتۇرغان بۇيىگىتكە مۇنداق تىزلا ماقۇل بۇلغىنىغا ئۆزىمۇ ھەيران . بەلكىم دەسلەپ كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى يارىشىملىق ساقچى فۇرمىسىغا قىزىقىپ قالغانلىقىمۇ بىر سەۋەپ بۇلسا كىرەك. تۆت يىلدىن بىرى ئۇ تۇرمۇشىنى ئۆزى قىلچە چۈشەنمەيدىغان مۇشۇ ئنسان بىلەن ئۆتكىزىۋەتتى، ئۇ باشقىلاردىن مۇھەببەتنى تۇيدىن كىيىن يىتىلدۈرۋالغىلى بۇلىدۇ دەپ ئاڭلىغان، ئەمما ئايىشە تۇي قىلىپ تۆت يلغىچە مۇھەببەتنىڭ زادى قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھەقىقى بىلەلمىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە «ئائىلە، يۇلدىشى، بالا» مانا بۇنىڭ ئۆزىلا مۇھەببەت ئىدى. ئارىدا بىر ئۇغۇل بىر قىز پەرزەنىتلىكمۇ بۇلدىيۇ ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تۇرمىشىنىڭ قانداقتۇر بىر بۇشلۇقلىرى كەمدەك ھىس قىلىدىغان، بالدۇر توي قىلىپ قالغىنىغا، ئەسلىدە يەنىمۇ ئۆگىنىدىغان، بىلىم ئالىدىغان ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىنى ئائىلە، بالا، يۇلدىشىم دەپ ئۆتكىزىۋەتكىنىگە ئۆگىنىدىغان، ھىچ بولمىسا ئۆزى چۈشۈنۈپ، ئۆزى پۈتۈشۈپ توي قىلالمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالسىمۇ، ئەمما يەنىلا چاندۇرماي خۇددى ماشىنىغا ئۇخشاش قىلىپقا چۈشكەن تۇرمىشىنى ئۈنسىز داۋاملاشتۇردى. چۈنكى «ئەخلاق، ئىتىقات، ئائىلە» ئۇنىڭ جىنى ئىدى.
يۇلدىشىمۇ ئايشەنىڭ ئۆزىگە ئۇخشاشلا گىپى قىممەت، كەمسۆز، ئىغىر-بىسىق، ئادەم خالاپ كەتمەيدۇ. ئۇ شەھەردىكى بىر تارماق ساقچىخانىنىڭ نۇپۇس بۆلىمىدىكى ئاددى خىزمەتچى. ئۇنىڭ ئەسكى دەپ كەتكىدەك كەمچىللىكى بولمىسىمۇ، بىرلا مىجەزى ھاراققا ئۆلگىدەك ئامراق. لىكىن مەس بۇلۇپ قالغىنىدا ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا غەلۋىسىز ئۇخلاپ قالىدۇ. مائاشىنىڭ تەڭدىن تۇلىسى ھاراققا خەجلىنىپ تۈگىسىمۇ ساددا، ئاقكۆڭۈل، ئىرىنى خۇدا دەپ بىلىدىغان جەنۇپ ئاياللىرىنىڭ تىپى بولغان ئايشەنىڭ تىجەشلىكى،  ئۆي تۇتۇشقا ماھىرلىقى بىلەن بۇ ئۆي زىددىيەتلەر، جىدەل-ماجىرادىن خالى بولۇپ كەلگەن. تۆت يىلدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارلىقتا قىلىنغان گەپ-سۆزلەرنى يغىپ كەلسە تۆت سائەتلىكمۇ چىقمايدۇ دىسەك ھىچقانچە ئاشۇرىۋەتكەن بۇلمايمىز. جىمجىت، كۈلكىسىز، غەلۋىسىز تۇرمۇشتا تۆت باھار ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا شۇنداق ھەۋەس قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلىسىمۇ، ئايىشەنىڭ ئۆزىگە خاس ئاچچىقى، خۇشاللىقى،كۈلكىسى بۇلمىغان، ئىشتىن كىلىپ تاماق ئىتىۋاتقان، بالىسىنى يەسلىدىن ئەكىلىدىغان، رىتىمغا، مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالغان بۇنداق بۇرۇختۇم  تۇرمۇشتىن ئۆزىچىلا ئچى سىقىلغاندەك ھىس قىلىدۇ. قىسقىسى ئائىلدىكى ھەممە ئىشلار ئايشەنىڭ بۇرچى، جەزمەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى قىلىنىپ تەبئىيلا بەلگىلىنىپ قالغان. ھەرقانداق بىرئىش بىر ئىغىز سۆز بىلەنلا مەسلىھەتسىز بىكىتىلىدۇ.
ئۇلار خۇددى مەڭگۇلۇك دىۋگاتىلدەك بۇخىل ئۈن-تۇنسىز تۇرمۇشتا بۈگۇنگە ئۇلاشتى.
ئۆيگە قايىتقاچ ئايىشە نۇرغۇن ئشلارنى ،بۇ ئشلارنى سابىرغا قانداق دىيىشنى ، ناۋادا ئۇ قوشۇلماي قالسا مۇدىرغا قانداق جاۋاپ قىلىشنى ئۇيلايتى . ئادىلە قۇچاقتىن ئەمدىلا ئايرىلدى ، بۇنداق ۋاقىتتا......
-مەيلى بارسىڭىز بىرىڭ! – يولدىشى سابىر ئايشەنىڭ تەشۋىشلىرىنىڭ ئەكىسچە، خۇددى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئش ئۈستىدە قارار چىقىرىۋاتقاندەك پەرۋاسىز ھالدا ئىيىتتى: -باللارغا مەن قاراپ تۇرارمەن شۇ.
سابىر خۇددى ئەتىراپىدا باشقا ھىچ ئش بۇلمىغاندەك تىلىۋۇزۇر قاناللىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى. ئايىشە گەپ قىلمىدى ،گەپ قىلغاننىڭ پايدىسىمۇ يوق ئىدى ئۇ بۇنداق پەرۋاسىزلىقلارغا كۆنۈك، تۇز قۇيمىغان لاۋزا سۈيقئاشتەك بۇ تۇرمۇشقا ، غەزەپ-نەپرىتى ۋە خۇشاللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ ئنساننىڭ خۇي-پەيلىگە كۆنۈك. بۇ ئائىلىدە ھەرقانداق بىر ئىش مانا مۇشۇنداق بىر ئىغىز گەپ بىلەنلا قارار قىلىنىدۇ. ئايىشە ئۇنىڭ، يۇلدىشى سابىرنىڭ ھىچبۇلمىغاندا نەدە ئۇقۇيدىكەنسىلەر، قانچىلىك ئۇقۇيدىكەنسىلەر...دىگەندەك سۇئاللارنى سۇراپ باقمىغانلىقىغمۇ ھەيران قالمايدۇ .گەرچە شۇنى كۈتسىمۇ ،ئۇنداق دىمەيدىغانلىقىنى بىلىپ  تۇرسىمۇ ئارزۇ قىلىدىيۇ ئەمما سىرتىغا چىقارمايدۇ.....
..................................
‹‹ئەتە مەن بەش يىل بۇرۇن ئايرىلغان ئەشۇ شەھەرگە قاراپ يۇلغا چىقىمەن.››
ئايىشە ئۇزۇندىن بىرى يىزىپ كىلىۋاتقان كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىنى ئەنە شۇنداق داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى:
‹‹شۇتاپتا ئۇماق پەرزەنتتىم ئادىلە بىلەن ئادىلدىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى ئۇيلىسام كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بۇلىدۇ، سابىر يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا، ماڭىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك، بەزىدە شۇ مىنىڭ يۇلدىشىممۇ ئەمەسمۇ دەپ ئۇيلاپمۇ قالىمەن. مەنىسىز ئۆتىۋاتقان بۇ تۇرمۇشتىن بىر ئاز زىرىكىپ تۇرساممۇ، ئەمما ئۇ ھازىرغا قەدەر ماڭا ھىچقانداق ئازار بىرىپ باقمىدى. نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرىدۇ، شۇندىمۇ تۇرمۇشىمدىكى بىر خىل كەملىك تۇيغۇسى مىنى ئۇزۇندىن بىرى بىئارام قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. خىزىمەت ئۇرنۇم ، بەخىتلىك دەپ كىتەلمىسەممۇ ھەرھالدا بىر ئىللىق ئائىلەم بار ئەمما تۇرمىشۇمدىكى بۇ كەملىك زادى نىمە؟ بەزىدە دىلبەرگە شۇنداق ھەۋەس قىلىپ قالىمەن، يۇلدىشى ئۇنىڭغا تۇلمۇ ئامراق. تۇرۇپ-تۇرۇپ يۇلدىشىدىن قاقشاپ يىنىمغا كەلسىمۇ، ئۇنىڭ داۋالغۇپ تۇرىدىغان تۇرمىشى تۇرۇپلا مىنى قىزىقتۇرۇپ قۇيىدۇ، غەلۋىسىز تىنىچ مۇھىتتىكى زىرىكىشلىك خۇددى ھامان پارتىلاپ چىقىدىغان يانار تاغدەك يەلكەمنى بىسىپ تۇرۇۋاتقاندەكلا ھىس قىلىمەن، كىشىلىك تۇرمۇشتا بەندىنىڭ ھامان بىلىشى كىچىك ، ھىس قىلىدىغىنىمۇ سۇبىكىتىپ بۇلىدىكەن ، تالاي ئارزۇلىرىمىز ئۆزىمىز ئۇيلىغاندەك بۇلماي قالىدىكەن، بەلكىم مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باقىدىغان ۋاقتىممۇ بۇلغان چغى، ھەي دىلبەر، شۇنداق قىلىپ يەنە سىنىڭ بىلەن بىرىگە ئۆتىدىغان بۇلدۇق، بىر ھىسابتا ئۇنىڭ بىللە بارىدىغانلىقىمۇ ياخشى بۇلدى. ھىچ بۇلمىسا ئۇ ماڭا، مەن ئۇنىڭغا تەسەللىمىز، بۇلدىلا، ئەتە سەپەرگە چىقىمەن، ئچىمنى پۇشۇرۇپ ئۇلتۇرماي ئالدىمدىكى بۇ تۇرمۇش ماڭا زادى نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدىكىن شۇنى كۈتەي، خۇدا ئككى پەرزەنتتىمنى، يۇلدىشىمنى ئامان قىلغىن، سەپىرىمنى ئاق يۇللۇق قىلغىن!››
.........................................
ئايىشەنى ئۇزاتقىلى چىققان سابىرنىڭ تۇرىقىدىن ھەرگۈزمۇ ئۆزىنىڭ ئامىراق ئايالىنى ئۇزاتقان كىشىگە ئۇخشىمايتى، ئىدارىسىغا سىرىتتىن كەلگەن بىر كىشىنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن خىزىمەت ئىھتىياجى بىلەن بىكەتكە چىققان كىشىدەك چىرايىدا ھىچقانداق ئىپادە يۇق.
ئايىشە ئۇغلى ئادىلنى سۆيۈپ تۇرۇپ: -داداڭنىڭ گىپىنى ياخشى ئاڭلا،سىڭلىڭغا ئومدان قار، -دەپ تاپىلىدى ۋە سابىرغاقاراپ:
-ئادىلە سۈتتىن يىڭى ئايرىلدى، ئاپاملارنىڭكىگە پات-پات بىرىپ يۇقلاشنى ئونۇتماڭ، ئۆزىڭىزنىمۇ ئاسراڭ!
-ھىم، ئەلۋەتتە. - دىدى سابىر قىياپىتىنى ئۆزگەرىتمەي تۇرۇپ.
ئايىشە سابىردىن ئۆزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ « سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، قىيىنچىلىق بۇلسا تىلىفۇن قىلىڭ ،بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ ....››دىگەندەك سۆزلىىرىگە تەشنا  ئىدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھامان ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇنداق دىمەيدىغنلىقىنى بىلەتتى. شۇ ئارىدا سابىرنىڭ تىلىفۇنى سايرىدى، بىر ئش چىقتى بۇلغاي، سابىر ئادىلنى ئىلىپ، ئايىشە بىلەن يەنە ئاددىيلا خۇشلۇشۇپ بىكەتتىن چىقىپ كەتتى.
ئايشە دىلبەرلەرگە قارىدى ئۇلارنىڭ خۇددى يىڭى توي قىلغانلاردەك بىر-بىرىگە قىلغان يىقىنچىلىقلىرى، دىلبەرنىڭ يولدىشى شۆھرەتكە ئەركىلەشلىرى، شۆھرەتنىڭ خۇددى كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك دىلبەرنى بەزلەشلىرى....
دىلبەر ئايىشەنىڭ يىقىن دۇستى. ئەمما ئايشەنىڭ تۈپتىن ئەكىسى، ئاق-سىرىق كەلگەن، زىلۋا،چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ئۇ قىز ئايىشەنىڭ شەھەردىكى ئۈچ يىلىنى بىر سىنىپتا بىر ياتاقتا ئۆتكۈزگەن يۇرىتتدىشى، سىردىشى. گەرچە مىجەز-خۇلىقى باشقا-باشقا بۇلسىمۇ، يەنىلا شۇنداق چىقىشىپ كەلگەن. مۇھەببەت ئشىدا دىلبەر يامانراق، مەكتەپكە كىلىپ كىيىنكى يىلىلا بىرسى بىلەن ئارلىشىپ يۈردىيۇ، ئەمما، ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، ئايىشە ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ يەنە بىر ئۇقۇتۇش نۇقتىسىغا تەخسىم قىلىنىپ  ئايىشەدىن سەل كىيىن شەھەرلىك ھۆكىمەتتە ئشلەيدىغان بىريىگىت بىلەن نەچچە ئاي ئارلىشىپلا  تۇي قىلىۋالدى .ئەمما ئۈچ يىل ئۆتكەن بۇلسىمۇ تىخىچە پەرزەنتلىك بۇلغنى، ئۇيۇن-تاماششادىن ھىلىھەم قۇل ئۈزگەن يىرىمۇ يوق. شۇنداق بۇلسىمۇ ئايىشە بۇ دۇستىنى ياقتۇرىدۇ، ئىچكىرى سىرلىرىنى قۇيماي تۆكىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا تەسەللىگە ئىگە بۇلۇپ كۆڭلى كۆتىرىلىپ قالىدۇ. دىلبەرنىڭ ئايىشەگە ياقىدىغان يىرىمۇ ئۇنىڭ دەل دۇسلۇققا يارايدىغانلىقىدا، كىشىنىڭ ھالىغا يىتىدىغانلىقىدا. تەقدىر دىگەن بەزىدە ئاجايىپ قىزىق، ئىككى ساۋاقداش يەنە ئايرىلمىدى، بۇ قىتىممۇ ئايىشە يەنە يالغۇز قالمايدىغان بۇلدى.
ئايىشە يەنە نىمىلەردىندۇر ئۆمۈت كۈتكەندەك بىكەت دەرۋازىسىغا قاراپ قۇيدىدە، يەنە ئۆزىگە تەسەللى ئىزدىگەندەك، بىشىنى يىنىك چايقاپ قۇيۇپ، يەرگە قۇيغان ئىغىر سۇمكىسىنى ئىلىپ ماشىنىغا چىقتى. ئاپتۇبۇس ئىچىدىن قايسى بىر ناخشىچىنىڭ يۈرەكنى ئىزىدىغان موڭلۇق بىر ناخشىسى ياڭراپ تۇراتتى......
          بۇدۇنيانىڭ يىرىمى راسىت، يىرىمى يالغان ئەزىزەم،
          بۇدۇنيانىڭ يىرىمى قايغۇ، يىرىمى كۈلكە ئەزىزەم،
  ئاپتۇبۇس ئايىشەنى ۋە ئۇقاتارلىق يىگىرمە نەچچە يولۇچىنى ئىلىپ، ئايىشە بەش يىل مۇقەددەم نۇرغۇن قىتىم قاتنىغان تۇنۇش مەنزىلگە قاراپ ئۇزاپ كەتتى......
..........................................
ئايشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن:
«بۇشەھەرگە كەلگىنىمگىمۇ خىلى ۋاقىت بۇلۇپ قالدى، مەن تۇرغان  ۋاقىتتىن نەچچە ھەسسە ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ، تىخىمىۇ زامانىۋىيلىشىپ، تىخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ. ئەمما كۈنلىرىم بىر خىل زىرىكىشلىك، مەنىسىز ئۆتكەندەك تۇيۇلىدۇ .توۋا دەيمەن، تۇرمۇش دىگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن، ئەمدى بۇيەردىكى چەكسىز غىرىپلىقتا باللىرىمنى، ئائىلەمنى يەنە سابىرنىمۇ سىغنىپ قالمەن .ئۇغلۇم بىلەن ئەمدىلا قۇچاقتىن ئايرىلغان، قىزىم ئسىمگە يەتسىلا ئۆزىچىلا يىغا تۇتىدۇ. ھىلىمۇ دىلبەر بۇلۇپ قاپتىكەن ،بۇلمىسا قانداق قىلاتتىمكەن- تاڭ؟ گەرچە ئۇ ئويۇن-تاماششا دىگەندىن قالماي يۈگىرەۋاتقان بولسىمۇ، ماڭا تەسەللى بىرىشنى ياردەم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. تۇرۇپ ئۇيلاپ قالىمەن مەنمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش يەنە بىر خىل مۇھىتقا شۇنداق ئىتتىك ماسلىشىشنى ئازىراق بۇلسىمۇ ئۈگىنەلىسەم ئىدى كاشكى...
بىزنىڭ بۇ سىنىپمىزنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ تۇلىمۇ قىزىقارلىق، قىرىق ياشتىن ئاشقانلارمۇ، مەن بىلەن تەڭتۇشلارمۇ ، مەندىن كىچىكلەرمۇ بار. كۆپۈنچىللىرىمىىز ئاللاقاچان تۇي قىلىپ بۇلغانلار. دەرىسلەر خۇددى شەكىل يۈزسىدىن ئۆتۈپ قويىۋاتقاندەك قۇلاققا چۈشىدىغاندەك ئەمەس. ئاياللىرىمىزنىڭ پاراڭلىرىمىزنىڭ تىمىسى بۇرۇن مەن ئۇقۇۋاتقان چاغدىكىدەك غايە - ئتقات، خىزىمەت، كەلگۈسىمىز تۇغرىسىدا ئەمەس، بەلكى، قايسى يىگىتكە بۈگۈن كەيگەن كاستۇمنىڭ ياراشقانلىقى، شەھەردە بۇيىل قايسى رەڭنىڭ مودا بۇلغانلىقى، كىمنىڭ مەتۇراق كىيىنىپ چىققانلىقىدەك مەززىسىز پارارڭلار، غەيۋەتلەر...
ئۇغۇللارمۇ بۇلاردىن پەرىقسىز بۇيەرگە خۇددى ئۆگەنگىلى ئەمەس ئوينىغىلى كەلگەندەك، ھە دىسىلا قاۋاق-رىستۇرانلاردىن چۈشكەن. بۇ شەھەردە مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىلا ئۇلار تىخى كىرىپ باقمىغان ئەڭ يىڭى جاي، دەرس تەييارلاش ئۇلار تىخى قىلىپ باقمىغان ئەڭ يىڭى ئۇقۇم بولسا كىرەك، سىنىپنىڭ بۇ كەيپىياتىغا قاراپ ئچىم بەكلا سىقىلىپ كىتىدۇ. تۇرۇپلا دىلبەرنى توۋلاپ دەرت تۆككۈم، باللىرىمنى سىغىنىپ كەتكەچ قانغۇچە يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ ...ئەلۋەتتە ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەس، ھەممەيلەندىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغىنى يىنىمدا ئۇلتورغان ‹‹نەغمەت›› ئسىملىك شىماللىق يىگىت. قاچانلا كۆرسەم قانداقتۇر بىر كىتاپلارنى كۆرىۋاتقان، يىزىۋاتقان، دەرىس ۋاقتىدا مۇئەللىم بىلەن بىللە تەھلىلل يۈرگۈزۈپ كىتىۋاتقان....ئشقىلىپ پىكىرنىڭ جانلىقلىقى، بىلىم دائىرسىنىڭ موللىقى سۆزلىرىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ دەپ قويىدىغان چاقچاقلىرى سىنىپتا ئومۇمىي كۈلكە قوزغاپ، كىيىن ئويلاپ سالساقمۇ ئىچىمىزدە كۈلۈپ تاشلايمىز. بەزىدە ئۇنىڭدىن تەپ تارتىمىز، يتىرقايمىز.ئەمما ئۇشۇنداق ئوچوق-يورۇق، قىزغىن.بۇلۇپمۇ پارتىداش بولۇپ قالغانلىقىمىز سەۋەپ بولسا كىرەك، ماڭا خىلى يارىدەملەرنى قىلىپ تورىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تۇرۇپ-تۇرۇپ پاراڭلىشىپ قالساق، باشقا بىر ئادەم بۇلۇپ قالغاندەكلا ھىس قىلىپ قالىمەن، ، ھەتتا بەزىدە مەنمۇ تىخى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قانداق يىڭى گەپلەر چىقاركىن دەپ ئاغزىنى تاتلىغىم كىلىدۇ تىخى، تۇرۇپلا يەنە جاھاندىكى ئەرلەرنىڭ ھەممسى شۇنداق بولسا بولمامدىغاندۇ دەپ ئۇيلاپ كىتىمەن......»
................................
    «بۈگۈن شەنبە، ئادىتىم بۇيۇنچە كىرلەنى يويۇپ بۇلۇپ تۇرسام، بىركەمدە دىلبەر سىرىتتىن كىرىپ كەلدى.يۇرۇتتىن بىرسى چىقىپتىكىدەك، دىلبەرنىڭ يىقىن خىزمەتدىشى ئىكەن، بىللە تاماق يىيىشكە مىنىمۇ بىللە بارىسەن دەپ تۇرىۋالدى. يات كىشىلەر بىللە ئۇلتۇرىدىغان ئۇنداق سورۇنلاردىن بىزار بۇلغاچقا بىرىشنى قەتئى رەت قىلدىم. دىلبەر مىنى ئاپىرالماسلىققا كۆزى يەتتى بۇلغاي، باتنىغاندەك قىلىپ چىقىپ كەتتى، بىر ئائىلەم بار ئايال بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن تاماق يىيىشنى بانا قىلغان بەزەنبىر ئىشلاردا دىققەت قىلمىسام بولمايدۇ، چۈنكى ياخشى ئىشىنىڭ تارقالمىقى تەس بۇلغان بىلەن، ئازىراق دىققەتسىزلىكتىن كىلىپ چىققان بىپەرۋالىق باشقىلاردا ئۇڭاق خاتا چۈشەنجە پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ. ئاندىن يىزىۋاتقان بىر پارچە ئىلمىي ماقەلەمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۇن كۈتۈپخانىغا كىرىپ بۇيەردە نەغمەت بىلەن ئۇچۇرشىپ قالدىم
    -تۇۋا سىزمۇ بۇنداق يەرگە كىرىدىكەنسىز ھە؟ - دىدى نەغمەت ھەيران قالغاندەك.
    -كۈتۈپخانا كىرسە بۇلمايدىغان يەر ئەمەستۇ؟ - ياندۇرۇپلا سورىدىم.
    -ئەمدى دەيمىنا سىلەردەك قىزلار بۇنداق شىكەردەك شەنبىدە رىستۇرانلاردا يۈرمەي، كۈتۈپخانىدا نىمەبار؟
    -توۋا نەغمەتكا ،نىمە دەيدىغانسىز؟ - ئۇنىڭ مەندىن بىر ياش چوڭلىقىنى بانا قىلىپ ئۇنى ئاكا دەۋالغاندىم. نىمىشقىدۇر بۇنداق دىسەم ئۇ تىرىكىپ كىتىدۇ. مىنى قىرى كۆرسىتىپ قۇيىدىكەنسز دەپ قۇيىدۇ تىخى. -مەن شۇنداق قىزلارغا ئوخشامدىكەنمەن؟ - دىدىم مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ.
    -ياقەي دەيمىنا ئەمدى، قانداق ەەرىس تەييارلىغىلى كىرگەنمۇ؟
    -يائاللا نەغمەتكا ،يىنىڭىزغا كەلگەنگە تويغۇزامسىز نىمە؟ كىلىپ بۇلغىچە سۇئال - سوراققا تارتىپ كەتتىڭىزغۇ ئەمدى. بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يىزىۋاتقان، شۇنىڭغا ماتىرىيال ئىزلەپ كىرىشىم..
     -ھە؟ مۇنداقمۇ ھۆنىرىم بار دەڭ!- ئۇ خۇددى ياتلا بىر نەرسىگە ھەيران بولغاندەك، - يارىدەم قىلالىغىدەك بولسام دەڭ جۇمۇ قىز!
ئۇنىڭ يىنىدا تۇرسام ئۆزۈمگە پەقەت ئۇخشىماي قالىمەن. ئىغىر-بىسىقلىقىم، بۇلۇپمۇ يىڭى تۇنۇشقا كىشىلەرگە تۇتدىغان سالماق پۇزىستىيەمدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، ئۆزەمنى خۇددى سەبىيلىكىمگە، ئۆيدىكىللىرىمنىڭ يىنىغا كىلىپ قالغاندەكلا ھىس قىلىپ كىتىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ ھەيران بۇلمىسىا.
ئاندىن ئۇ مەندىن سوراپمۇ كۆرمەي ماقالەمنى ئىلىپ ئوقۇپ كەتتى .بۇ ھازىرقى مىللى مائارىپىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتىشىدىكى يىتەرسىزلىك ئۈستىدە يىزىۋاتقان تەتقىقات ماقالىسى بولۇپ،خىلى كۇچ تۇتاتتى. ئۇندىن كىيىن پاراڭلىرىمىز تەبىئلا مۇشۇ ماقالە ئۈستىدە بولۇپ كەتتى .
    ئۇيلىغىنىمدەك نەغمەت ھەقىقەتەن ئۆتكۈر پىكىرلىك ئىكەن.مەن يۇرۇتۇپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلغان نۇرغۇن يەرلەردە خىلى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ بەردى.بەزى يەرلىرىنى خاتىرلىۋالغان بۇلدۇم.ماقالە بىلەن بولۇپ كىتىپ يىرىم كۈن ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
    -قاراڭ ئايىشە، يولداش لىنىن ئىشلەشنى بىلىپ دەم ئىلىشنى بىلمىگەنلەر ياخشى كادىر ئەمەس دەپ ئىيىتقان، كەچمۇ كىرىپ كەتتى، قانداق قىز، تاماق يەۋىلامدۇق؟ ياكى سىزمۇ تاماق يىمەي ئورۇقلاۋايامسىز يە؟
    -ۋاي ۋۇي ، سىز پىخسىق ئۇنداق دىگەن يەردە تارتىنمىدىم ئەمسە.
    -چاشقاننىڭ بىر تال بۇرتىنى بۇلسىمۇ يۇلىۋالاي دەپسىزدە؟
    ئككىمىز تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق.
   ئۆزۈمگە-ئۆزۈم يەنىمۇ ھەيران قالدىم، نىمە ئۈچۈنكىن نىمە نەغمەتنىڭ يىنىغا كەلسەم ئۆزۈمنى شۇنداق يىنىك ھىس قىلىپ كىتىمەن،خۇددى دىلبەر بىلەن چاقچاقلاشقاندەك ئچىلىپلا كىتىمەن.ئەلۋەتتە، يۇلدۇشىمنى يات بىر كىشىگە سىلىشتۇرۇپ يۈرىشىم خاتا، شۇنداق بۇلسىمۇ يەنە، ھەي....
    كەچتە ياتاققا كىرسەم،دىلبەر ئاللاقاچان كىرىپ بولغان ئكەن.
    -ئاللا سەنەمجان قانداق، يۆخۈي(ئۇچىرشىش دىمەكچى) پەيزى بۇلدىمۇ؟ نىمىشكە بىللە بارمايدىكى دىسەم ئەسلى مەخسەت باشقا دەڭلا- دىلبەرنىڭ ئاغزىدىن ھاراقنىڭ سۇس ھىدى كەلگەندەك بولدى - كۆرۈپ قالدىم سابىرغا دەپ قويماي يەنە ؟
    -ناھايىتى بىللە تاماق يىگەن . باشقا گەپ يوق.-دىدىممەن خۇددى گۇناھكار ئش قىلىپ قويغاندەك كىكەچلەپ تۇرۇپ.
    -بۇلدى - بولدى، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئاتايىن كەلگەندىكىن قانغىچە ئۇينىۋالمامسەن ئەخمەق؟-ئاندىن ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلاپ ناھايىتى تىزلا ئۇيقۇغا كەتتى .
   مەنمۇ ئارتۇق گەپمۇ،خىيالمۇ قىلمىدىم، ئۇنىڭ دىگەن گىپىگە ئەمەس، قىلىپ يۈرگەن ئىشىگە سەل ئاچچىقىم كەلگەندەك بۇلسىمۇ مەن نىمە دىيەلەيتىم، ئاندىن خاتىرەمنى ئىچىپ بايا نەغمەت ماقالەم توغرىسىدا دىگەن پىكىرلەرنى يىغىنچاقلاپ،بىر قۇر تولۇقلىۋەتكەندىن كىيىن ئارام ئىلىشقا تۇتۇندۇم.
................................
- بۇكىتاپلارنى كۆرۈپ بىىقىڭ. - دىدى نەغمەت ئەتسى دەرستىن چۈشۈۋىتىپ كارىدۇردا ئايىشەگە ياندىشىپلا، -بەلكىم ماقالىڭىزغا پايدىسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
  -پاھ! قالتىسقۇ سىز!، - ئايشە ھەم ھەيران قالغان ھەم خۇرسەن بولغان ھالدا، -باشقىلار بۇكىتاپلارنى ماڭا تەۋىسيە قىلغان، لىكىن تاپالماي يۈرىۋىدىم، نەدىن ئالدىڭىز؟
   -ئەسلىدە بۇ تىما ئۈستىدە مەنمۇ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرگەن لىكىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى داۋاملاشتۇرالمىغاندىم، تۆنۈگۈن ماقالىڭىزنى كۆرۈپ قايىل بولۇپ قالدىم، دىمىسىمۇ باشلانغۇچ مائارىپىنى مىللەتنىڭ ئۇلى دىيىشكە بولىدۇ، بۇنداق موھىم تىىمىنى يەنىلا سىزدەك قەلىمى كۈچلىكرەك بىرى يازسا نۇرغۇن تەرەپلەرنى تىخىمۇ ياخىشى يۇرۇتۇپ بىرەلىشى مومكىن، سىزگە ئىشىنىمەن، مىنىڭدىن ياخشى يىزىپ چىقالايسىز، يەنە بۇلار... - دىدى نەغمەت سۆزلەۋىتىپ قۇلىدىكى ماتىرىياللار ئارسىدىن بىر قارا خاتىرىنى چىقىرىپ، - مەن توپلىغان بىر قىسىم ماتىرىياللار ئىدى، بۇنىمۇ سىزگە بىرەي، بەلكىم پايدىسى بولۇپ قالار.
   ئايشە تىخىمۇ ھەيران قالدى، بىر نەرسىلەرنى دىمەكچى ئىدىيۇ لىكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دەرستىن چۈشىۋاتقان بولۇپ كارىدۇردا سۆزلىشىش ئەپسىز ئىدى.
- مۇنداق قىلايلى نەغمەتكا، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ، بىرەر يەرگە كىرىپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشساق قانداق، مىنى خىجىل قىلىپلا قۇيدىڭىز.
- نىمىگە خىجىل بولىسىز، ھەممىزنىڭ مەخسىدى ئۇخشاشقۇ، باشقا ئىش يۇق سىزگە ئازراق ياردەم بىرەي دىدىم شۇ، بۈگۈنچە تاماقنىمۇ ئۆزىڭىز يەۋىرىڭ، باشقا بىر كۈنى بولسۇن، قاراڭ، دىلبەر سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ. - نەغمەت ئوقۇتۇش بىناسىدىن چىقىۋىتىپ  پەشتاقنىڭ تۈۋىدە ئۆزىلىرىگە قاراپ تۇرىۋاتقان دىلبەرنى ئما قىلىپ، - ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقتىكى باللار بىلەن بىر يەرگە تاماق يىيشكە دىيشىپ قۇيۇپتىكەنمىز.
  نەغمەت يالغان ئىيىتقان ئىيتقاندى، ياتاقداشلىرى بىلەن دىيىشپمۇ قۇيمىغان، پەقەت ئايشەنىڭ رەھمەت ئىيتىش ئۈچۈن ئۆزىنى مىھمان قىلمەن دەپ تۇرىۋىلىشىدىن، مۇھىمراقى دىلبەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قىلىشدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.
- ئونداقتا مەيلى ئەمسە، باشقا ۋاقىتتا بولسا بولسۇن، بۇجەھەتتە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى يەنىمۇ ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى، -دىدى ئايشە سەل مەيۈسلىنىپ، ئۇنڭغىچە دىلبەرمۇ كىلىپ بىر ئىغىز بولسىمۇ چاقچاق قىلىشقا ئۈلگۈدى.
     -بەللى قۇشماقلار، بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىغاندۇ ھە! - دىلبەر ئۆزىنىڭ چاقچىقىدىن ئۆزى كۈلۈپ كەتتى، ئايشە قىزىرىپ يەرگە قارىدى، نەغمەت ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك خۇشلىشىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ بۇرۇلدى.
...................................
  كەچ، ياتاقتا باشقىلار ئاللاقاچان ئۇيقۇغا كەتكەن، پەقەت ئايشە ئۆزى ئاددىيلا پەردە تارتىۋالغان ئۈستۈنكى كارۋىىتىدا ئۇخلاش كىيمى ئولتۇرۇپ، باتارىيە بىلەن يۇرۇتىلىدىغان كىچىكىنە ئۈستەل چىرىقىنىڭ سۇس يۇرىقىدا نەغمەت بەرگەن ھىلىقى قارا خاتىرىنى ئوقىماقتا ئىدى.....
«مائارىپ مىللەتنىڭ جىنى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى زادى نىمە ئۈچۈن تىلغا ئالغىدەك ئۇتۇققا ئىرىشەلمەيدۇ، مائارىپتا نۇرغۇن قىتىم ئىسلاھات ئىلىپ بارغان بولساقمۇ ئۈنىمى تازا دىگەندەك بولماي كەلدى، ھەممەيلەن ساپا مائارىپى ئۈستىدىلا سۆزىلىدۇق، ئەمما ساپا مائارىپىنى ھەقىقى چۈشەنگەنلەر زادى قانچىلىك؟ مائارىپقا تىگىدىن كۆڭۈل بۆلگەنلەر قانچىلىك؟ بىر ۋاقىتلاردا ئىمتاھان مائارىپىنى تىللاپ ساپا مائارىپىنى ماختاش مائارىپتىكى مۇدا سۆزگە ئايلاندى ، نۇرغۇن ئۇقۇتقۇچىلار ساپا مائارىپىنى كۆپ قىتىم تىلغا ئالسىمۇ، ساپا مائارىپى دىگەن قانداق مائارىپ ئكەنلىگنى چۈشىنەلمىدى، مائارپتىن ئىبارەت بۇ «تۆمۈر تاۋاق»تىن ئايرىلىپ قالماسلىق مەخسىتىدە بىر ئاماللارنى قىلىپ جان ساقلاپ كەلدى. چۈشەنگەن ئۇقۇتقۇچىلار بۇلسا مائارىپىمىزدىكى ساپا مائارىپىنى مۇكەممەل يۇلغا قۇيۇشتىكى بۇشلۇق  ۋە  بۇنىڭغا كىتەرلىك بۇلغان ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋە ئۇقۇتۇش مۇھىتىنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكى سەۋەپلىك رىئاللىق ئالدىدا ئامالسىز قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرمەزگىل خىلى داغدۇغىلىق بۇلغان ساپا مائارىپى دۇلقىنىمۇ ئاستا-ئاستا پەسكۇيغا چۈشۈپ قالدى، كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتقان رىقابەت ئالدىدا مائارىپتىكى بۇخىل ھالەتكە ئىچىنىشقا، بۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىلەش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئىنتىلىدۇ....
سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى كىچە نۆلنى كۆرسىتپ خىلىدىن كىيىن ئايشە خاتىرىنى ئاستا ياپتى. ماتىرىياللارنى ياستۇقىنىڭ يىنىغا قۇيۇپ، باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن يۇتقىنىنى ئاستىغىنە يىپىنىپ، چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاشقا تۇتۇندى ئەمما كاللىسىدا ئۇيقۇدىن ئەسەر يۇق، نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلاتتى، بىرخىل بۇرۇچ تۇيغۇسى ئۇنى ئۇيلاندۇراتتى، ئۆزى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىغىرلىقىنى ھىس قىلاتتى، شۇنداق ياخشى يىزىلىپ كىلىۋاتقان بۇنداق ئىسىل ئەسەرنىڭ نىمىشقا تۇختاپ قالغانلىقىنى بىلگۈسى كىلەتتى، خۇددى بۇنىڭ ئارقىسىدا قانداقتۇر بىر ئىيتىپ بۇلغۇسىز بىر سەۋەپنىڭ بارلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ ئۈلگۈردى، نەغمەت ئىيىتقان مەلۇم سەۋەپلەرنىڭ زادى نىمە سەۋەپ ئىكەنلىگىنى بىلگۈسى كىلەتتى... ئەنە شۇنداق تىگى يۇق خىياللار ئىلكىدە ئايشە تاڭ ئىتىشقا يىقىن ئۇخلاپ قالدى.
................................
- نىمە بولدى قىز؟ كىچىىچە ئۇخلىمىدىڭىزمۇ نىمە؟ - ئەتىسى تۇنجى سائەتلىك دەرىستە نەغمەت ئونىڭ ئۇيقىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ.
- ياقەي، -دىدى ئايشە ۋە قىزىرىپ كەتتى، بايا سىنىپقا چىققىچە بولغان ئارلىقتا دىلبەرنىڭ «سەنەمجان، غىرىپجاننىڭ دەردى ئىغىر كىلىۋاتقان ئۇخشىمامدۇ؟» دىگەن چاقچىقى ئىسىگە كىلىپ.
شۇئارلىقتا ئوقۇتقۇچى كىرگەچكە ئۇلارنىڭ ئەمدى باشلانغان پارىڭى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى.
..............................
   ئايشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن:
  «تۇرمۇش دىگەن ئاجايىپ، ئۇ سىنى تۇرۇپ سنى خۇش قىلسا، يەنە بەزىدە تۇلىمۇ قىينايدۇ، بەزىدە شۇنچە كۆپ نەرسىگە ئىرىشكەندەك قىلساڭمۇ، ئەمما مەھرۇم بولغىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن كام ئەمەس، گەرچە بۇيەرگە كىلىپ، شۇنداق ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن بولساممۇ، ئەمما بالامنى تۇلىمۇ سىغىندىم، سابىرنىڭ كۈنى زادى قانداقراق ئۆتىۋاتقاندۇ، ئادىلەنى يۇقلاپ تۇرۇۋاتقانمىدۇ، ئادىل يەنە كەپسىزلىك  قىلىۋاتقانمىدۇ دىەندەك خىياللار ماڭا بىر مىنۇتمۇ ئارام بەرمەيدۇ، ھىلمۇ ياخشى دىلبەردەك يىقىن دۇستۇم، نەغمەتتەك ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بولۇپ قاپتىكەن بولمىسا بۇنىڭغا چىدىماي قايتىپ كەتكەنمۇ بولار ئىدىم، سابىر نىمە قىلۋاتقاندۇ مەن تىلفۇن قىلمىسام تىلفۇن قىلىپ قۇيايمۇ دىمەيدۇ، يەنە كىلىېپ تىلفۇن قىلسام ئەھۋال سۇراشتىن باشقا ھىچ گەپ قىلمايدۇ، تۇۋا باشقىلار قانداق ئادەم، بۇ قانداق ئادەمكىنە؟ ئىيتىشلاردا تەڭرى ھەربىر بەندىسىنىڭ كۆرىدىغان كۈنىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىرىگە بۇلدىغان ئادىمىنى ئۇنىڭ پىشانىسىگە بالدۇرلا پۈتىۋىتەرمىش، بەلكىم مىنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تۇرمۇش دىگەن شۇ بولسا قاقشىغىنىمنىڭ ئۇرنىمۇ بۇلمىسا كىرەك. بۇ يەردىكى ئۇقۇش ئىشلىرىمغا كەلسەم، مەيىلى نىمىلا دىمەي يىزىۋاتقان ماقالەممۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى، ناۋادا ياخشى چىقىپ قالسا نەغمەتكامغا تازا بىر رەھمەت ئىيىتمىسام بولمايدۇ تىخى، خۇددى باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەۋاتقاندەك نىمىشقىدۇر ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قەرىزداردەك ھىس قىلىمەن، ئاڭلىسام يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن بايرامىلىق دەم ئىلىشقا قۇيىۋەتكىدەك، ئۆيگە بىرىپ كەلسەم بولارمۇ ياكى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماقالەمنى يىزىۋەتسەم بورلارمىكىن، يەنىلا سابىرنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىپ باقاي، بۇنداق پۇرسەت ماڭا يەنە كىلىۋەرمەيدۇ، ھىلىمۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئائىلىنىلا دەپ نۇرغۇن ۋاقىتىلىرىم بىھۇدا ئۆتۈپ كەتتى، ئۆينى ھەرقانچە سىغىنساممۇ قىيىنچىلىق دىگەن ھامان ۋاقىتىلىق ، بەزىدە نىمە دەپ بۇنچە بالدۇر تۇي قىلغان بۇلغىيدىم دەپ ېۇشايمان قىلىپمۇ سالىمەن، بولدىلا بۇكۈنلەرمۇ ھامان ئۆتىپ كىتىدۇ. راسىت بايرام كۈنىدە نەغمەت قانداق قىلىدىغاندۇ؟
..................................................
- ئايشە بايرامدا قانداق قىلاي دەۋاتىسىز؟ -دەپ سۇراپ قالدى  نەغمەت ئەتىسى خۇددى ئايىشە ئاخشام قىلغان خىيالىنى بىلىپ قالغاندەكلا.
  -بىلمەيمەن، يۇلدىشىم بىلەن تىخى ئالاقىلاشمىدىم، بۇ يەردىمۇ قىلىدىغان ئىشلار كۆپرەك تۇرىدۇ، يۇلدىشىم نىمە دەيدىكىن تىخى بىلمىدىم، سىزچۇ؟ سىز قانداق قىلىسىز؟ - دەپ ياندۇرۇپلا سۇرىدى ئايىشە.
- مەن كەتمەيمەن، بۇ بىر يىل ماڭا بىر پۇرسەت، يازىدىغان نەرسىلەر كۆپ، ئەتە-ئۆگۈن كەتسەك بۇنداق پۇرسەتنىڭ كىلىشى تەس، شۇڭا ئويلاپ يەنىلا قايىتماسلىقىنى قارار قىلىدىم .
    - ئايالىڭىزچۇ؟ ئۇنىڭ پىكىرى يوقمىكىن؟
   نەغمەت مۆرىسىنى بىلىنەر بىلىنمەس قىسىپ قۇيۇپ، باشقا گەپ قىلمىدى، نىمىشقىكىن ئۇ باشقىلارغا، جۈملىدىن ئايشەگىمۇ ئايالى تۇغرىسدا ئەزەلدىن گەپ قىلمىغان، ئۇنىڭ يىڭى تۇي قىلغانلىقىنى ئايشە نەغمەت بەرگەن ھىلىقى خاتىرىنىڭ بىر بۇلىڭىغا يىزىپ قۇيغان بىر نەچچە جۈملىدىن بىلىگەن، قاچان تۇي قىلغان دىگەن سۇئالىغا نەچچە ئاي بۇرۇن دىگەن ئاددىيلا جاۋاپ بىرىپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىغان ئىدى. تەپسىلى سۇراپ بىقىشنى ئويلىغان ئىدىيۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ شەخىسى تۇرمىشىنى سۇراپ يۈرۈشنى ئەپسىز ھىس قىلىدى. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ تۇي قىلغان قىلمىغان بۇلىشى بىلەن نىمە كارى، ئۇ نەغمەتىنى يىقىن ئاكىسى، ئۇستازى ئۇرنىدا تۇرۇپ ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا چۇقىنىدۇ، ئادەم دىگەننىڭ مىجەزى ھەرخىل بۇلىدۇ. بەلكىم تۇرمىشى تۇغرىسىدا سۆزلەشنى خالىمايدىغاندۇ ياكى باشقا سەۋەبى باردۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نەغمەتنىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ شەخسى تۇرمىشى ئايىشىگە نىسبەتەن يات ئۇقۇم.
    دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ئايىشە يۇلدىشىغا تىلفۇن قىلىدى دەرۋەقە ئۇيلىغىنىدەك، ئۆزىڭىز بىلىپ بىر ئىشى قىلىڭ دىگەندىن باشقا گەپ قىلمىدى، ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق ئايشە يەنىلا قايىتماسلىقىنى تاللىدى.
   - سەن راسىتلا قايىتمامسەن؟  - دەپ سۇرىدى دىلبەر ئەتىسى ماڭىمەن دىگەن كەچلىكى يۈك-تاقىلىللىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقاچ ھىچ ئىش قىلماي ئولتۇرغان ئايشەدىن. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى باللىرىنىڭ رەسىمىنى كۆتىرىۋىلىپ يۇشۇرۇن يىغلاپ يۈرگەنلىكىنى نەچچە قىتىم كۆرۈپ قالغان دىلبەر ئۇنى چوقۇم قايتىدۇ دەپ ئويلاپ بۇتۇغرىسىدا گەپ سوراپ باقمىغان ئىدى، ئەمدىلىكتە تۇلىمۇ ھەيران قالدى.
- يازىدىغان نەرسىلەر بار ئىدى شۇڭا بۇ پۇرسەتتە يىزىۋالاي دەيمەن، سەن قايتساڭ قايىتقىن، ئازراق بىرنەرسىلەرنى ئىلىپ قۇيغان ئىدىم، سابىرغا بىرىپ قۇيغىن، ئەتىلا ماڭەمسەن؟ مۇئەللىم تىخى مىڭىش ۋاقتىنى ئىنىق دىمىگەن، چۈشكىچە دەرس ئوقۇيدىغاننىڭ گىپىنى قىلىۋاتقان ئىدىغۇ؟.
    - مەنچە بولسا قايىتقۇم يوق ئۇ سەھراغا، ئەمما شۆھرەت جەزمەن كىلىسەن تۇرىۋالدى، بولمىسا ئاتايىن كەلگەن ئىكەنمەن تازا بىر ئوينىۋالغۇم بارئىدى، ئامال يۇق ئەتىلا مىڭىۋەرەي يىرىم كۈنگە نىمە بولاتتى، ئۆيدە ئۇزاقراق تۇرىۋالمامدىم، بۇپتۇ، سەنمۇ...
دىلبەر تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ دىمەكچى بۇلغان«نەغمەت بىلەن ئۇزاقراق ئوينىۋالاي دەپسەندە» دىگەن چاقچىقىنى يۈتىۋەتتى ، حۈنكى ئۇ دۇستىنىڭ نازۇكلىقىنى بىلەتتى، ئەخلاق مەسلىسىدە ئۇنىڭدا چىكىت ئورالمايتى، چاقچاق قىلدىم دەپ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىدى، ۋە گىپىنى تەستە ياپتى: -ھىلىقى نىمىتى، ھە، ماقەلەڭنى تىزراق يىزىۋالاسەن.
ئەتىسى ئايشە دىلبەرنىڭ يۈك-تاقىللىرىنى كۆتىرىشىپ بىكەتكىچە باردى، بىكەتكە كىلىپ كۆڭلى شۇنداق يىرىم بولدىكى ئادىل بىلەن ئادىلە ئىسىگە كىلىپ قايىتمىغىنىدىن يۇشايمان قىلىپ سالدى، بەلكىم سابىر قايتىپ كىلىڭ دەپ ئىيىتقان بۇلسا ئىدى، بەلكىم قايتىپ كىتەرمۇ ئىدى، ئىسىت، ئۆزىنىڭ ئايالىغا بىرى ئىغىز گىپىنى ئۆتكىزەلمىگەن شۇنىمۇ ئەر دەپ..... ئىچىدە سابىرنىمىۇ نەچچىنى تىللىۋەتتى.
ياتاققا قايتىپ كىلىپ دەرىسكىمۇ چىقماي خىلىغىچە ئىسەدەپ يىغلىدى، ھەتتا قارارىنى ئۆزگەرتىشكە تاس قالدى.
ئۇنىڭ دەرىسكە چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن نەغمەت بەلكىم قايتىپ كەتكەن ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلىدىيۇ، ئەمما ئەڭ ئاخرىقى سائەتتە كۆزلىرى قىزارغان ھالدا كىرىپ كەلگەن ئايشەنى كۆرۈپ يىنىك تىندى.
..............................
-مىنىڭچە يۇرىتىشقا تىگىشلىك بولغان بۇ بىر قانچە ئۇرۇن سەل خۈنۈك بولۇپ قالغاندەك، بۇلۇپمۇ، ئەنئەنىۋىي مائارىپنىڭ يەنە قۇللىنىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىمىۇ بار دەپ ئۇيلايمەن، بۇنداق بىراقلا چەتكە قاقساق قانداق بولار، مىللىتىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنى ئاشۇ ئەنئەنىۋىي مائارىپ تەربىلىگەنلىكىگە كۆز يۇمالمايمىز - دىدى نەغمەت بايرامنىڭ تۆتىنجى كۈنى بىر مۇنچە ماقالە ئورگىنالىنى ئايشەگە بىرىۋىتىپ.  ئايشە بايرامىدا مەكتەپتىن باشقا ھىچ يەرگە بارمىدى، نەغمەت بۇشەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككى تۇرۇپ تۆنۈگۈن قايتىپ كىلىپ ئايشەنىڭ ياتىقىغا تىلفۇن قىلدى ۋە يىزىپ بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ شۇ كۈنىلا ماقالىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ، تۈزىتىش كىرەك دەپ ئۇيلىغان بىر قانچە يەرلىرىگە بىر كىچە ئۇخلىماي ئايرىم چۈشەندۈرۈش يازغاندى.
- ئۇنداقتا؟... - ئايشە گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىۋىدى، نەغمەت ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
- ئەلۋىتتە بۇ مىنىڭ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم، ئۇيلىغانلىرىمىنى ئاخىرىغا يىزىپ قۇيدۇم بەلكىم پايدىسى بۇلۇپ قالار، بۇ ئۇنداق ئاددى تىما ئەمەس، ناۋادا ئىلان قىلىنسا خىلى غۇلغۇلا قۇزغىشى مۇمكىن.
ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
.................................
ئايشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
«قىلماقچى بۇلغان ئىشىم ئاخىرى پۈتتى، بۈگۈن تولىمۇ خۇشالمەن، ئەمما خىجىل بۇلىدىغىنىم، بۇ ماقالىنىنى نەغمەت يازغاندەكلا يىزىپ بەردى، بۇنى ئۇيلىسام تۇلىمىۇ خىجىل بولۇپ قالىمەن، مەن ئۇنىڭغا بەكمۇ قەرىز، دۇنيادا ئەنە شۇنىڭدەك ئاقكۆڭۈل ، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرمۇ باركەن، ھەممە كىشى شۇنىڭدەك بۇلسا بىز ياشاۋاتقان دۇنيا نىمىدىگەن گۈزەل بۇلۇپ كىتەر ئىدى، خاتا قىلغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپقىنە يەنە نەغمەتنى سابىرغا سىلىشتۇرۇپ كىتىمەن، سابىرمۇ شۇنداق بۇلسا بۇلمامدىغاندۇ دەپ قالدىم، بۇرۇن سابىر بىلەن بىللە ئۆتۈپ دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ھەمىسى سابىرغا ئۇخشىسا كىرەك دەپ ئۇيلايتىم، ئەلۋەتتە، سابىرنى ئەسكى دىيەلمەيمەن، گەرچە مىنىڭ كەسپىمگە ياردەم قىلالمىسىمۇ ماڭا يۇل قۇيۇپ كەلدى، ئۆزىنىڭ مۇستەققىل پىكىرى بولمىغان بۇلسىمۇ، باشتىن ئاخىرى يەنىلا ماڭا كۆيۈندى، بەلكىم ئونى ئۆزگەرتىشىم كىرەكتۇ، قىلالارمەنمۇ؟ ھىچ كۆزۈم يەتمەيدۇ، تۇرۇپلا نەغمەتنىڭ ئايالىغا شۇنداق ھەۋىسىم كەلدى ئۇ نىمىدىگەن تەلەيلىك؟ كەسىپچان، مەسئولىيەتچان بىرىسى بىلەن ياشاش ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئاددى تەلىۋى، بەلكىم ئۇ ئايالمۇ ئۆزىگە ئۇخشاش بىلىملىك، ئەخلاقلىق بولسا كىرەك، ئەمما نەغمەت نىمىشقا نىمىشقا ئونىڭ گىپىنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكىنە، ياكى ماڭا نىسبەتەن....... تۇۋا نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم، ناۋادا ئۇ ئۇنداق ئادەملەردىن بۇلسا باشقا كىشىلەردىن سۆز ئىچىش مۇمكىنمۇ؟ دەم ئلىش كۈنى تۇشۇشقا يەنە ئۈچ كۈن بار  بۇۋاقىتتا نىمە قىلارمەنمەن، بۇشەھەردىن ئايرىلغىنىمغىۇ يەتتە-سەككىز يىل بۇلۇپ قاپتۇ، كەلگەندى بىرى ھىچ يەرگىمۇ چىقىپ باقمىدىم، نەغمەت تاغىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەيدىغان بۇلسا بۇشەھەرنى بىر ئايلىنىپ كەلگەن بۇلساق ھە، تۇۋا، نىمىلەرنى ئۇيلاپ كەتتىم، يازغانلىرىم ھىچ قۇلىشاي دىمەيدىغۇ، قارىغاندا بەك چاچاپ كەتكەن ئوخشايمەن يەنىلا ئارام ئالاي».
................................
ئەتىسى ئايشە ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئىشلىرىنى بىر قۇر رەتكە سىلىۋالغاندىن كىيىن، نەغمەتكە بىر رەھمەت ئىيىتىش قەرزى باردەك ھىس قىلىپ قالدى، ۋە تىلىفۇن قىلىپ ئۇنى بىللە تاماق يىيىشكە تەكىلىپ قىلدى، بەلكىم شۇنداق قىلسام كۆڭلۈم ئارام تىپىپ قالار دەپ ئۇيلىدى ئىچىدە. بۇ ئايشەنىڭ ئاغزىغا چىشى چىقىپ تۇنجى رەت ئۇغۇللارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشى ئىدى، ھىلىمۇ ياخشى نەغمەت رەت قىلمىدى.
ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ، مەخسەتسىز بىردەم كۇچا ئايلاندى، بايرام بولغاچقىمىكىن كۇچىدا ئادەم ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلىپ-بىلمەي «سۇ ئۈستى باغچىسى»نىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى، بۈگۈن شەھەردىكى بارلىق باغچىلار بايراملىق قىلىپ ھەقسىز ئىچىۋىتىلگەن، شۇڭا باغچا ئالدىدا ئادەملەر مىغ-مىغ تۇپلىشىۋالغاندى. نىمە بولدىكىن بۇ قىتىم ئايىشەنىڭ بالىلىقى تۇتۇپ ئۆزىچىلا نەغمەتكە باغچىغا كىرىپ ئايلىنىپ چىقىشنى دەپ سالدى.
-بىر ئىشنى سۇرىسام خاپا بولامسىز؟  - ئۇلار باغچىغا كىرىپ بىردەم ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ يۈرۈپ تۇنۇش-بىلىشلەر ئۇچىراپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، سۇ بۇيىدىكى مەجنۇنتالنىڭ ئاستىدىكى خالى بىر قۇرام تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندا ئايىشە تۇيۇقسىزلا نەغمەتتىن سۇرىدى.
- ياقەي، بۈگۈن سىزنىڭ گىپىڭىىزنىلا ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەتنغۇ، جاۋاپ بىرەلىسەملا مەن تەييار! -دىدى نەغمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.
- كاللامدا سىزدىن سۇرايدىغان ئىشلار بەك كۆپ نەغمەتكا، ماڭا نىسبەتەن سىز بەك سىرلىق تۇيىلىدىغان بۇلۇپ قالدىڭىز - دىدى ئايىشە خىيالچان كۆزلىرىنى نەغمەتتىن قاچۇرۇپ.  
- ئادەمنى ئۇنداق قۇرقۇتمىڭە، خۇددى سۇراق قىلۋاتقاندەكلا قلىپ كەتىڭىزغۇ قىز، مەن نەدىمۇ سىرلىق بۇلاي سىز كۈندە كۆرۈپ تۇرغاندەك ئادەتتكىلىغۇ، مىنى تاشقى پىلانىت ئادىمى دەپ قالمىغانسىز ھە؟ - دەپ تىپىك شىمال تەلەپپۇزىدا چاقچاق بىلەن ئايىشەنىڭ گىپىنى بۆلدى نەغمەت.
- چاقچاق قىلماڭ، مەن ئەستايىدىللىق بىلەن سۇراۋاتىمەن. - دىدى ئايشە چىرايىغا جىددى تۈس بىرىشكە تىرىشىپ،
-ھە قىنى، - دىدى نەغمەت ئادەتتىكىدەكلا
-سىز ماڭا يىزىشىپ بەرگەن ماقالىنى يىزىشقا تامامەن قۇربىڭىز يىتىدۇ، ھەتتا مەندىن ياخىشى يىزىپ چىقىسىز، يازغان ئۇرگىنالىڭىزنى، بەرگەن پىكىرلىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقىپ بۇ نۇقتىنى چۈشەندىم، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى يازالمىدىم دىدىڭىز، ئەشۇ سەۋەپلەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشكە بولامدۇ؟ يىڭى تۇي قىپسىز، بالىڭىزمۇ يۇقكەن، ۋاقتىم چىقىمىدى دىگەن گەپكە ئىشەنمەيمەن، تىلىڭىز قىسىلىدىغان يەنە نىمە ئىش بولسۇن؟ سىنىپىمىزدا تۇلۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە كىشى سىزلا ، سىزدىن باشقا ھەممىز ئۇتتۇرا ۋە ئالى تىخنىكۇم مەلۇماتىدىكىلەر،  بىلىم سەۋىيىڭىز ھازىر دەرس ئۆتىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىدىن قىلىشمايدىكەن، شۇنداق تۇرۇقۇلۇق يەنە نىمىشقا بۇيەرگە كلىپ بىلدىغان نەرسىللىرىڭىزىنى تەكراللاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىسىز؟ يەنە كىلىپ دەرس ۋاقتىدا ئىلىپ كىرىدىغان بەزى كىتاپلىرىڭىزنى كۆرۈپ ھىچنىمىنى بىلگىلى بولمايدۇ. يەنە ، يەنە....» ئايشە سۇرىسام خاپا بولارمۇ دەپ ئۇيلاپ گەپ قىلالماي بىردەم دۇدۇقلاپ تۇرۇپ كىتىپ يەنىلا سۇرىدى: - شەخىسى تۇرمۇشۇمنى سۇرىدى دەپ خاپا بولماڭ، نىمىشكە ئايالىڭىزنىڭ گىپى چىقسىلا...
-بەس!، -نەغمەتنىڭ ئۆزىمۇ ھىس قىلمىغان ھالدا ئاۋازى چىڭراق چىقىپ كەتتى، ۋە ئۇرنىدىن تۇرۇپ سەل نىرىغا باردى. ئونىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئايشە نەغمەتنىڭ كۇنا يارىسىنى تاتلاپ قۇيغانلىقىنى، كىشلەرگە بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان ئىشىنى سۇراپ قالغانلىقى بىلىپ پۇشايماندا ئۇلتۇرلماي قالدى، ئاغزىغا گەپمۇ كەلمىدى، چۈنكى نەچچە ئايدىن بىرى ئۇ ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىقلانغانلىقىنى تۇنجى قىتىم كۆرگەندى.
نەغمەت يەنە گەپ قىلىمىدى باياتىندىن بىرى قولىدا مىجىقلاپ ئۇلتۇرغان يۇپۇرماقنى زەردە بىلەن تاشلىۋىتىپ يانجۇقىدىن تاماكا قىپىنى چىقاردى، ئاندىن يەنە جايىغا بىرىپ ئۇلتۇردى، ئۇ ئادەتتە تاماكىنى كۆپ چەكمەيتى ئايشەمۇ پەقەت بىرلا قىتىم، يەنە كىلىپ يىراقتىن كۆرگەن، ئۇ شۇندىلا بىلدىكى  ئىش ئۆزى ئۇيلىغاندەك ئونداق ئاددى ئەمەسكەن.
- ئەمىلىيەتتە مىجەزىڭىزدىن قاراپ بۇ ئىشىنى ھامان سۇرايدىغانلىقىڭىزىنى بالدۇرلا بىلەتتم، - دىدى نەغمەت تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ بۇلۇپ ئىغىر تارتىۋەتكەندىن كىيىن جايىغا كىلىپ ئۇلتۇردى، كۆكۈچ ئىس تۇماندەك ئاستا-ئاستا تاراشقا باشلىدى.
- بۇ ئىشلار بەك ئۇزۇن، بەك مۇرەككەپ، ئۇيلىغىنىڭىز تۇغرا، بۇلارنىڭ ھەممىسىىڭ ئارقىسىغا يەنە نۇرغۇن ئىشلار يۇشۇرۇنغان، مىنىڭ بۇقىتىمقى بىلىم ئاشۇرۇشقا كىلىشىم، ھەم بايرامدىمۇ ئۆيگە قايىتماسلىقىم ھەتتا تەتىلدە ئۆيگە قايتماسلىقىنى قارار قىلىشم ھەرگۈزمۇ تاساددىبى ئەمەس بەلكى نۇرغۇن ئىشلاردىن ئۆزۈمىنى قاچۇرۇش ھەم بىر مەزگىل دەم ئىلىپ كىلىش، -دىدى. تاماكىسنى يەنە بىر قىتىم قاتتىق تارتتى. كۆكۈچ ئىس ئايشەنىڭ بۇرنىنى ئىچىشتۇرۋاتقان بۇلسىمۇ ئەمما خۇددى چۈشكۈرۈپ سالسا نەغمەت گىپىنى دىمەيدىغاندەك چۇڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، نەغمەتكە قاراپ ئۇلتۇردى.
نەغمەت گەپ قىلىشقا ئالدىرىمىدى، غەمكىن كۆزلىرى قارشى قىرغاقتىكى مەجنۇنتاللارنىڭ ئۈستىگە تىكىلىپ، خىيال كەپتىرى  باغچىنىڭ ياڭراتقۇسۇدىن ياڭراۋاتقان ناخشا بىلەن يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى.....
بۇدۇنيانىڭ يىرىمى راسىت، يىرىمى يالغان ئەزىرەم،
بۇدۇنيانىڭ يىرىمى دۇست، يىرىمى دۈشمەن ئەزىزەم .
.............................
-ئەسلىدە مەنمۇ يۈكسەك ئارزۇ-ئۆمۈتكە ئىگە بولۇپ، كۆڭلۈمگە ئۇلۇغ غايىلەرنى پۈككەن ئىدىم، يۈرۈكۈمدە ۋەتەنگە مىللەتكە بۇلغان غايىللىرىم، بىرخىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مىنى ھەر ۋاقىت تىرىشىشقا، كۆرەش قىلىشقا ئۈندەيتى- دەپ سۆزنى داۋام  قىلدى نەغمەت. -ئەمما ئادەمنىڭ خىيالى ھامان رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ئازۇ قىلىدىكەنسىز يۇ نۇرغۇن خىياللىرىڭىز يەنىلا رىئاللىق ئالدىدا ئارزۇ سۈپىتىدە كىتىۋىرىدىكەن، ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۇرۈپ، ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان ئەشۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتتىم، ئۇ يەردىمۇ دىققىتىمنى باشقا ئىشلارغا سەرىپ قىلماي، زىھنىم بىلەن تىرىشتىم، بۇلۇپمۇ كەسپىمگە زور ئىشتىياق بىلەن كىرىشتىم، ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە ھىكايە، پۇۋىسىت، ماقالە دىگەندەكلەرنى ئىلان قىلىپ يۈردۈم، مەكتەپنىڭ گىزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدىم، ھەتتا مەكتەپ رادىئۇ ئۇزىلىدىمۇ ئەدەبىي پىرۇگىرامما سەھپىسنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆتىدىم، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماختاپ قۇيسا ئۆزۈمنى چەتئەللەردە ئۇقۇپ ۋەتەن ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن داڭلىق ئالىمىلىرىمىزدەك ھىس قىلىپ قالدىممۇ تاڭ، ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغاندا مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ئىلىپ قىلىش تەكلىۋىنى چىرايلىق رەت قىلىپ مەن يالاڭ ئاياق چۇڭ بولغان ئەشۇ يىراق سەھرايىمغا ھەممىنى ھەيران قالدۇرپ قايتىپ كەتتىم، باشقىلار مىنى ئەخمەق دىدى، ھەتتا ساراڭ دەپ تىللىغۇچىلارمۇ بولدى، ئەمما ئەشۇ سەھرادىكى ماڭا ئۇخشاش تالاي يالاڭ ئاياق يۈرۈپ دەرس ئاڭلايدىغان سەھرا باللىرىنىڭ ھىچقانچە بىلىم سەۋىيەسى ۋە ئۇقۇتۇش مىتۇدى يوق ناقابىل ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىدا ئۆلۈك نەرسىلەرنى يادىلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلىقى، ئۇقۇتقۇچى كاملىق سەۋەبىدىن بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتسىز يەنە باشقا بىر مۇنچە دەرىسلەرنى ئۆتۈپ يۈرىشى  ئىسىمگە يەتسىلا، ئۆزۈمنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىمنى ئويلايمەن، قانداقتۇر بىر غايىۋانە كۈچ مىنى قىلغىنىمغا يىنىۋىلىشىمدىن تۇسۇپ تۇراتتى، شۇنداق قىلىپ بەش يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىمىنىدا تۇپلىغان بىلىملىرىمگە يەنە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرىمىنى قىتىپ، يىزامغا قايتىپ كەلدىم، بىراق كىم بىلسۇن، بىز ئۇقىۋاتقاندا قىلغان تالاي ئارزۇلىرىمىز بىلەن رىئاللىق، جان بىقىش، تۇرمۇش ئۇ باشقا- باشقا گەپ ئىكەن. شۇنداق قىلىپ تەلىۋىم بۇيىنچە يىزىمىزدىكى تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپكە تەخسىم قىلىنىپ مۇرادىمغا يەتتىم، دەسلەپكى كۈنلىرىم دەرۋەقە ئويلىغىنىمدەك شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتتى، ئۇقۇغۇچىللىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدى كىم بىلسۇن، ۋاقىت ئۇزۇنغا بارمايلا مەن تۇغرىسدا پىتنە-پاسات كۆپىيىپ كەتتى بىرسى كىلىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىپتىكەن دىسە، يەنە بىرسى كاللىسى چاتاقكەن، بۇلمىسا شەھەردە ئىشلىمەي بۇ«قىيامەتتە» نىمە بار دەيدۇ، ئەمما باشقىلار نىمە دىسۇن مەن مۇشۇلار ئۈچۈن مۇشۇ مائارىپىمىز ئۈچۈن يۇرتۇمغا كەلگەنىكىم راسىت، بەلكىم ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇڭشىلىپ كىتەر دەپ ئۇيلىدىم، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ يىزا مائارىپى تۇغرىسىدا خەنزۇچە يازغان بىر پارچە ماقالەم، مەملىكىتىمىزدىكى بىر نۇقتىلىق ژۇرنالدا ئىلان قىلىنىپ چۇڭ تەسىر قۇزغىدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ رايۇنىمىزدىكى بىر گىزىتتە تەرجىمە قىلىنىپ، يىزىمىزغا يىتىپ كەلدى كىم بىلسۇن، ماقالىدە تىلغا ئالغان بىر قىسىم مىساللار ناھىيمىزدىكى مائارىپقا مەسئۇل بىر نۇپۇزلۇق ئەرباپنىڭ چىشىغا تىگىپ قاپتۇ، باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە مەن قەستەن ئۇنىڭ خىزمىتىدىن قۇسۇر ئىزدىگەنكەنمەن، ئەمدى ئىشىم چاتاق بۇلارمىش. باشقىلار مىنى ئەمدى تۈگىشىدۇ دىگەن ۋاقىتتا ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش مىنى ھەيران قالدۇردى. يەنى ناھىيدىكى ئەڭ نۇقتىلىق بۇلغان ئۇتتۇرا مەكتەپكە تەڭشەلگەنلىك ئۇقتۇرىشى قۇلۇمغا تەگدى، بۇ ئۇرۇنلاشتۇرشىقا ئاساسەن ناھىيگە بىرىپ ئىشقا چۈشۈشىمگە، ئاۋال قۇلۇمدىكى ئۇقتۇرۇشقا شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىلا ھىلىقى ئەرباپنىڭ ئىمزاسىنى قۇيدۇرۇشقا تۇغرا كەلدى، شۇكۈنى ئىسىمدىن قەتئى چىقمايدۇ، ئاشۇ كۈن دەل مىنىڭ تەقتىرىمنىڭ ئۆزگەرگەن كۈنى بۇلسا كىرەك، يىزىمىزدا شۇ كۈنى دىسە شۇ ۋاقىتتا يىتىپ بارىدىغان ئۇڭاي ئىش نەدە دەيسىز؟ بىزدەك نامىرات ئۇقۇتقۇچىنىڭ نەدىمۇ ھەشەمەتلىك كىچىك پىكاۋى، ئۇ «قىيامەت»نىڭ نەدىمۇ بۇ شەھەرلەردىكىدەك ئاسپالىت يۇللىرى بۇلسۇن، چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەتلىك دەرىسىمنى ئۆتۈپ بۇلۇپ، تاماقمۇ يىمەي، بىر ناننى سۇمكىغا سىلىپ، ۋىلىسىپىتىمنى مىنىپ ناھىيگە قاراپ يۇلغا چىقتىم، ناھىيە بىلەن يىزىنىڭ ئارلىقى خلى بار ئىدى، شۇڭا، پىلانىمدا ئۇلار ئىشتىن چۈشكىچە بىرىپ كەچ قالساممۇ ئۆيگە يىنىپ كىلىشنى ئويلايتىم. ئەمما مەن بارغاندا ھەممىسى ئاللاقاچان ئىشتىن چۈشۈپ بولغان بۇلۇپ، بىر كىچە ناھىيدە قۇنۇپ يۈرۈشنى ئەپسىز ھىس قىلىپ ئۇ ئەرباپنىڭ ئۆيىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، مىڭ تەسلىكتە ئۆيىىنى تاپتىم، بىر نەرسە ئىلىپ كىرىشنى ئويلىغان بۇلساممۇ يانجۇقۇمدا پۇلۇم ئانچە كۆپ ئەمەستى، شۇنىڭ بىلەن ئىشىكىنى ئاچقان ئايالى تۇنجى بولۇپ چىرايىمغا ئەمەس قۇلۇمغا قاراپ كىمنى ئىزلەيدىغانلىقىمنى سۇرىدى مەقسىدىمنى بىلگەندىن كىيىن تۇڭلۇق بىلەن ئۆيىگە باشلىدى، ھىلىمۇ ياخشى ئۇ كىشى ئۆيدە بار ئىكەن، مىنىڭ كىملىكىمنى بىلگەندىن كىيىن قىزغىنلىق بىلەن چاي دەملىدى ھەم يىزىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تۇغرىسىدا خىلى كۆپ سۇئاللارنى سۇرىدى، بىلگىنىمچە جاۋاپ بەردىم، گەپنى تىزراق تۈگىتتىپ ئۆيگە قايتىشىنى ئۇيلايتىم چۈنكى يانجۇقۇمدىكى پۇلۇمنىڭ مىھمانخانىنىڭ بىر كىچىلىكىگە يەتمەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. كىين پارىڭىمىز تەبئىلا مىنىڭ يازغان ماقالەم ئۈستىدە بۇلۇپ كەتتى:
-ماقالىنى ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز، پىكىرلىرىڭىزمۇ جايىدا، قۇلىڭىزدىن ئىش كىلىدىكەن، سىزدەك كىشلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش كىرەك.
    شۇ ئەسنادا ئىشىك يىنىڭ چىكىلىپ، ئۇنىڭ زامانغا لايىق كىيىنگەن قىزى ئۆيگە كىرىپ كەلدى، رەسمىيەت يۈزىسىدىن سالامشىقان بۇلدۇق، باشلىقمۇ گىپىنى داۋاملاشتۇردى، بىركەمدىن كىيىن قىزى ئالدىمدىكى پىيالىدىكى چاينى لىقلىغان بولۇپ دادىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ گىپىمىزگە قۇلاق سىلىپ ئۇلتۇرۇردى.
   - بۇ قىتىمقى تەڭشىلىشىڭىز رەھبەرلىكنىڭ سىزگە ئىشەنگىنى، سىزدەك قۇلىدىن ئىش كىلىدىغان كىشلەر ئۇ يەرلەرگە زايا كىتىسىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا شەخسەن ئۆزۈم قايىلمەن، سىزگە دەيدىغىنىم ۋاقتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا سەرىپ قىلماي، كاللىڭىزنى بالا تەربىلەشكە ئىشلىتىڭ، ئومدان ئىشلەڭ، بىر قىسىم ئىشلارنى ئۇنداق ئوڭاي ئۆزگەرتىش تەسرەك، بىر جەريان كىتىدۇ، ھەممىنى سۆزلەپ، ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزىمىز چىتقا يايغاننىڭ پايدىسى يوق، يىڭى خىزمەت ئۇرنىڭىزغا تىزراق ماسلىشىڭ، ئىش بولسا رەھبەرلىك بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلىڭ، يوليۇرۇق سۇراڭ، بولمىسا ھەممە تەرەپكە ياخشى بولمايدۇ.
    بۇ ماڭا بىرىلگەن بىر سىگىنال ئىدى، ئادەم دىگەن غەلىتە نەرسىدە، نىمىشقىمۇ شۇ چاغدا ئۇ ئىيىتقان ئۇشۇقچە ئىشلارنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، تەلىيىمگە باشلىق شۇ كەمنىڭ ئۆزىدە ئۇقتۇرشۇمغا تەستىق سىلىپ باردى، باشلىقنىڭ ئۆيىدىن ئۇزۇپ چىققاندا كۈن خىلىلا كەچ بولغاندى، شۇندىمىمۇ مىڭ بىر جاپادا، مىڭ بىر خىياللار بىلەن تۈن يىرىمدىن ئاشقاندا ئۆيگە ئاران قايتىپ كىلەلىدىم.
يىڭى خىزمەت ئۇرۇنۇمغا بىرىپ، مەكتەپنىڭ «بويتاقلار بىناسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى قەۋەتلىك، يالغۇز كىشىلىك ئۇقۇتقۇچىلار ياتىقىغا ئۇرۇنلاشتىم. كەچلىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار يىغىلىپ يىغىن ئىچىلدى، مۇدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۆزۇۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولدۇم.  ئۇقۇتقۇچىلار ئارسىدا بىر تۇنۇش چىراي بارئىدى، ئەمما دەماللىققا ئىسىمگە كەلمىدى، يىغىندىن يىنىپ ياتىقىمغا قايتىپ كىتىۋاتسام، بىرسى چاقىردى:
- نەغمەت!
كەينىمىگە قارىسام ھىلىقى تۇنۇش چىراي، ئەمما يەنىلا ئىسىمگە كەلمىدى، نىمىلا دىمەي خىزمەتتداش بۇلغاندىكىن دەپ ئۇيلاپ ئۇچۇق چىراي بىلەن سالاملىشىپ نىمە ئىش بارلىقىنى سۇرىدىم.
- مىنى راستلا تۇنىمىدىڭىزمۇ؟ - دىدى ئۇ قىز ھەيرانلىق بىلەن. شۇكەمدىلا ئىسىمگە كەلدى، بۇ ھىلىقى باشلىقنىڭ قىزى ئىدى.
-ھە تۇغرا...  دىمىدممەن كىكەچلەپ تۇرۇپ، -بىز ئۆيىڭىزدە كۆرۈشكەن...كەچۈرۈڭ!.... ئىسمىڭىزنى سۇرىماپتىكەنمەن شۇڭا ئىسىمگە كەلمەپتىكەنسىز دىگەن گىپىپىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىكى گەپنى ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم.
- نىمىگە كەچۈرۈم سۇرايسىز، چۈشىنىشكە بۇلىدىغۇ، -دىدى ئۇقىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئىسمىم سەلىمە، مەنمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئىشلەيمەن، خىزمەتداش بۇلۇپ قالدۇق، خالىسىڭىز يىقىن ئۆتەيلى.
- چاتاق يۇق، مىنىڭ ئىسمىم نەغمەت، بۇندىن كىيىن خىزمەتلەردە يىقىن يارىدەملىشىپ ئۆتەيلى،- دىدەممەن ئۇقىزنىڭ ئوچۇقلىقىدىن سەل تەمتىرەپ.
- بۇگەپنى بايا يىغىندا دەپ بولغان ئىدىڭىز، -دىدى ئۇ قىز شۇخلۇق بىلەن.
بۇنىڭ بىلەن تىخمۇ تەمتىرەپ دەيدىغان گىپىمىنىمۇ تاپالماي قالدىم.
- خۇش ئەمسە، ئەتە كۆرىشەيلى، - دەپ خۇشلاشتى ئۇ قىز مىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ.
شۇنىڭدىن كىين ئۇ ئىش بولسۇن- بولمىسۇن مىنى ئىزلەپ ئىشخانامغا كىرىپ-چىقىپ يۈردى. باشقىلارنىڭ كىلىپلا باشلىقنىڭ قىزى بىلەن تىپىشىۋالىدى دىيىشىسدىن ئەنسىرەپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم. بۇئىشلارنى قۇيۇپ خىزمىتىمگە كەلسەم، كۆنۈپ قالغان خۇي يەنىلا يول قۇيمايدىكەن، بىر قىسىم ئىشلارنى كۆرۈپ كۆزىنى يۇمىۋىلىشقا ۋىجدانى بارراق ھەرقانداق  بىر ئوقۇتقۇچى راستىلا چىدىماي قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپكە كىلىپ نەچچە ئايدىن كىيىن «بىزدىكى مائارىپ ۋە ئىھتىياج» دىگەن ماقالىنى يىزىپ رايۇنىمزدىكى بىر گىزىتتە ئىلان قىلدىم، كۆرگەنلەر ياخشى يىزىپسىز دەپ ماختىغان بولسىمۇ ئەمما مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دىتىغا ياقمىدىم.
- قانداق گەپ بۇ!- دەپ ۋاقىراپ كەتتى مۇدىر بىر كۈنى ئىشخانىغا چاقىرىپ ماقالەم ئىلان قىلىنغان گىزىتنى ئالدىمغا چۆرۈپ، - ئۇقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى دىگەن ئۇقۇتۇش، نەدىكى بىر نەرسىلەرنى يىزىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ يۈرۈيدىكەنسىز، نىمە بۇ؟ بىزدىكى ئىھتىياج بىلەن ھازىرقى تەربىلەش ئۇسۇلى ماسلىشىپ كەتمەيدۇ دىگەن قانداق گەپ؟ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ھەتتا ئىسمىڭىزغا قۇشۇلۇپ مەكتىۋىمىزنىڭ ئىسمىمۇ بىسىلىپتۇ، بۇنى باشقىلار كۆرسە بىزنىڭ مەكتەپنى نىمە دەپ ئۇيلايدۇ؟ بىزنىڭ مەكتەپنى جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشمايدىكەن، جەمىيەت كىرەك قىلمايدىغان نانقىپىلارنى تەربىلەيدىكەن دەپ قالمامدۇ؟ ئۆزىڭىزنى نىمە دەپ قالدىڭىز؟ يەنە دەپ قۇياي، قىنىڭزنى بىسىپ يۈرۈڭ، بۇ يەرگە قانداقتۇر قابىلىيتىم بىلەن كىلىپ قالدىم دەپ قالدىڭىزمۇ؟ يەنە بۇنداق نەرسىللىرىڭىزنى يەنە كۆرۈپ قالسام ماڭا يۈز قارىمىدى دەپ قالماڭ!
تۇرۇپ كۈلگۈم كەلدى، يەنە تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى، بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرىنىڭ ساپاسى شۇنچىلىك تۇرسا، يەنە باشقىلاردىن خاپا بۇلۇپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرۈيتى بارمۇ؟ شۇنداق بۇلسىمۇ ئۆزىمنى بىسىۋىلىپ بۇنىڭ ھەرگۈزمۇ مەكتىۋىمىزنى كۆزدە تۇتمىغانلىقىنى دىمەكچى بولدۇميۇ ئەمما گەپ قلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئويلاپ، مىجەزىم بۇيۇنچە بۇنىمۇ ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم.
ئىش بۇنىڭ بىلەنلا بىسىقمىدى، ئەتىسى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چاقىرىتتى. ئۇمۇ مۇدىرغا ئۇخشاشلا بىر ھازا كايىدى، ئوزاق ئۆتمەي سەلىمەنىڭ دادىسىدىنمۇ يەنە بۇرمۇنچە گەپ ئاڭلىدىم، يەنە قانداق ئىش بولسا بىشىمغا كەلگەننى كۆرمەمدىم، مەندىن تارتىۋالىدىغانغا ھۇقۇق بولمىغاندىكىن ناھايىتى كەلسە يەنە يىزامغا قايتىپ كىتەرمەن دەپ ئۇيلاپ دەپ قۇلىقىمىنى يۇپۇرۇپ يۈرۈۋەردىم. دەرۋەقە ئۇيلىغىنىمدەك يىزامغا ئەمەس، ناھىيگە يىقىن قۇشنا يېزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە «تايانىچ يارىدەمچى ئۇقۇتقۇچى» دىگەن چىرايلىق نام بىلەن چۈشۈدى. شۇنداق قىلىپ بىر يىل ئىچىدىلا ئۈچ يەرگە ئالمىشىپ بۇلدۇم. نىمىنى خاتا قىلغانغا شۇنداق قىلىدىغاندۇ دەپ ئۇيلاپ ئاچچىقىمدا تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىۋالدىم، ئەمما ئۇلار ھەرقانچە قىلىپمۇ مەندىكى ئۇقۇتقۇچى دىگەن قالپاقنى ئىلىۋىتەلمىگىنىگە مەن خۇش ئىدىم. بۇجەرياندا سەلىمە كۈندە دىگۈىدەك مەكتەپكە مىنى ئىزلەپ كىلەتتى، بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق نەرسىلەرنى يازمايدىغان بولساملا ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ بىرىپ يەنە بىللە ئىشلەشكە دادىسىنى كۆندۈرىدىغانلىقىنى ئىيتاتتى، ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلسەممۇ بىلمىگەنگە سىلىپ يۈرۈۋەردىم، چۈنكى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىچقانداق كۆڭلۈم يۇق، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى بىلەن يۈرۈپ باشلىقنىڭ چاپىنىدا تەرلىدى دەپ گەپ تىپىشىنى خالىمايتىم. ئەڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈردىغىنى مۇناسىۋىتىمىز تىخى بىكىتلمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقان كۈندەشلىكى ئىدى، بىللە ئىشلەۋاتقان ئايال خىزمەتداشلىرىمدىن تارتىپ تۇنۇشلىرىمغىچە ئانامدىن باشقا ئايال زاتىنىڭ ھەممىسىدىن كۈنلەيتى. ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئۇرنىغا قۇيۇپ ھەممىسى مىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دەپ ئۇيلاپ، ئۆزۈمنى شۇنچە ئۇرۇپ باقساممۇ  يىىنمغا كەلگەندىكى سۈنئى ئەركىلەشلىرى، كەسىپ ئارزۇ- دىگەندەكلەردە ئازراقمۇ ماسلاشماسلىقىمىز، ئۇچىسىدىكى كۈندە بىر ئالمىشىدىغان كىيىم-كىچەكلىرى، قىنىق گىرىملىرى، ئويۇن تاماششاسىنىڭ پاراڭلىرى تىخمۇ دىتىمغا ياقمايتى، ئەڭ يامان بولغىنى بۇ يەردىكى ھالىم تىخىمۇ بەتتەر بۇلدى، ئۆزۈمنىڭ كەسپى بۇياندا قىلىپ، «ماتىماتكا»، «ئەخلاق تەربىسى دەرسى» دىگەندەك دەرسلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدىم، ئۇلارنىڭ دىيىشچە ئەدەبىيات دەرسىنى كىملا ئۆتسە بۇلىۋىرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ قاتمۇ-قات بىسىم مىنى بەكمۇ ھالسىراتقان ئىدى.
بىر كۈنى جۈمە كۈنلىكى چۇڭ تازىلىقتىن كىيىن كەچ ئۆيگە قايتىپ تۇلىمۇ ھەيران قالدىم، سۇپىدا باراڭنىڭ ئاستىدە سەلىمە بىلەن ئاپام قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى، كىيىن ئۇقۇشۇمچە ئۇ ئۆزىنى ئاپامغا مىنىڭ قىز دۇستۇم دەپ تۇنۇشتۇرۇپتۇ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ناھىيدىكى خىلى چۇڭ باشلىقىنىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن ئاپامغا تىخمۇ بولۇپ بەردى، ئۇزاق ئۆتمەي مىنىڭ رۇخسىتىمسىزلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چاي ئاپىرىلدى، دەسلىۋىدە سەلىمەنىڭ ئانىسى مىنىڭ نامرات يىزا ئۇقۇتقۇچىسى ئىكەنلىگىمنى بىلگەندىن كىيىن قارشى تۇردى، ئەمما سەلىمەنىڭ قاتتىق چىڭ تۇرىۋىلىشى ئارقىسىدا يەنىلا قۇشۇلدى، دادىسى ئۇ ئارقىلىق مىنى ئىسكەنجىگە ئىلشنىمۇ ئۇيلىغان بۇلسا كىرەك، ئوشۇق قارشىلىشىپ يۈرمەي، يەنىلا قىزىنىڭ ئىختىيارىغا قۇيدى،
-شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرى مەن ئۆزۈم قىلچە ياخشى كۇرمىگەن، ياقتۇرمىغان كىشى بىلەن مانا شۇنداقلا تۇي قىلىپ قالدىم، - دىدى نەغمەت قۇلىدىكى تاماكىنى قاتتىق بىر شۇرىۋەتكەندىن كىيىن قالدۇقىنى يەرگە تاشلىدى. ئاندىن ئايشەگە قاراپ قۇيۇپ يەنە گىپىنىڭ داۋامىنى داۋاملاشتۇردى:
- بۇ يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆتكەندە سىزگە بەرگەن ھىلىقى خاتىرىدىكى نەرسىلەرنى تۇپلىغان ئىدىم، كىيىن سەلىمەنىڭ زورى بىلەن ئۇنىمۇ تاشلاپ قۇيدۇم، يەنە كىلىپ ئۆزۈممۇ بۇ خىل بىسىمدىن بەكمۇ زىرىككەن ئىدىم، بىر تىنىچ غەلۋىسىز تۇرمۇشتا ياشىغۇم بار ئىدى، دەرۋەقە خىزمىتىممۇ ئۇزاققا قالماي ئەسلىگە كەلدى، ھەتتا بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆيمۇ سىتىۋالدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىيىنئاتامنىڭ بىر قۇللۇق ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن بولدى، ئەمىلىيەتتە نىكاھىمغا مەن سەلىمەنى ئەمەس، سەلىمە مىنى ئالغاندى. بۇكۈنلەرمۇ تىنىچ ئۆتمىدى، ھەدىسىلا ئۇنىڭ بىلەن شەھەرگە بىرىپ مۇدا كىيىم-كىچەكلەرنى سىتىۋىلىشىم، ئۆزىلا ئەمەس مەنمۇ باشلىقىنىڭ كۈيئۇغلىدەك بولىشىم لازىم ئىدى، مەندەك يىزىدا ئۆسكەن ئاددى- ساددا سەھرالىق ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا زادى ماسلىشالمىدىم، يەنە كىلىپ ئۇھە دىسىلا ئۇ چاي، بۇ چاي دەپ رىستۇرانغا قاتنايتى، ئۆزىلا بارسىلا مەيلىدى، ئەمما خۇددى مىنى بىرىگە كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك، مىنى ياساپ تاراپ بىر سۇرۇنلارغا ئىلىپ بىرىشلىرىدىن، ئۇ يەردىكى مەززىسىز پاراڭ، تىتقىسىز قىلىقىلارغا، ئەرلەر ئۆزىگە، ئاياللار ئۆزىگە ئۇخشىمايدىغان شۇ سۇرۇنلارغا قۇشۇۋالاتتى، بارغانسىرى ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم، تۇرمۇشۇم شۇنچىلىك مەنىسىز، ئىدىكى غۇرۇرۇمنى تۇلۇق يۇقىتىشقا ئازلا قالغان ۋاقتىمنىڭ ئۆزىدە، مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر بىر ساۋاقدىشىم ھەم دۇستۇم بۇيەردىكى بىر يىللىق ئۇقۇشنىڭ گىپىنى  قىلىپ سالدى، شۇنىڭ بىلەن قانداقلا بۇلمىسۇن بىرىشنى قارار قىلىدىم، سەلىمە ئاڭلاپ قەتئى قارشى تۇردى، بۇ قىتىم مەنمۇ چىڭ تۇردۇم، يامىنى كەلسە ئاجىرىشىپ كىتەرمەن دەپ ئۇيلىغاندىم، سەلىمە پۇزىستىيەمنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن تۇسۇپ قىلىشقا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدى بۇلغاي ئاخىرى قۇشۇلدى مەن بۇ بۇرۇختۇم تۇرمۇشتىن بىر مەزگىل بولسىمۇ قۇتۇلغانغا خۇش ئاقۋەت بۇ شەھەرگە كەلدىم.
نەغمەت گىپىنى دەپ بۇلغاندى. ئارىغا خلى ۋاققىچە سۈكۈت چۈشتى. ئايىشە جىمىرلاپ تۇرغان سۇ يۈزىدىكى كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىغا ئارلىشىپ كەتكەن كۆل بۇيىدىكى مەجنۇنتاللار شۇلىسىغا قاراپ ئىڭىكىنى يۆلىگىنىگىچە چۇڭقۇر خىياللارقاينىمىغا چۆككەندى.
بۇ دۇنيانىڭ يىرىمى بەخت، يىرىمى قايغۇ ئەزىزەم،
بۇ دۇنيانىڭ يىرىمى دەرت، يىرىمى كۈلكە ئەزىزەم،
........................
ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
كىمدۇر بىرى ھاياتلىقنى پۇيىزغا ئۇخشىتىپتىكەن، پۇيىز بىكەتكە كىرىدۇ، بىكەتتىن چىقىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇيىزدىن چۈشۈپ قالىدۇ، يەنە يىرىم يۇلدا نۇرغۇن كىشلەر يىرىم يولدا بۇ پۇيىزغا چىقىپ ساڭا ھەمرا بولىدۇ، قانچىلىك ئادەملەرنىڭ چۈشۈپ-چىقىۋاتقانلىقىنى بەزىدە ئۆزەڭمۇ بىلمەي قالىسەن، پەقەت ھەقىقى دۇستۇڭ ۋە سىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلا ساڭا ھەمرا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە بىللە بارىدۇ. ئەمدى شۇنى بىلدىمكى، بۇ پۇيىزدا قىسمىتى ماڭا پۈتۈنلەي ئۇخشاپ كەتمىسىمۇ، كۆڭلى، دىلى ماڭا ئۇخشىشپ كىتىدىغان بىرى بىلەن سەپەرداش بولۇپ قاپتىمەن، بەلكىم بۇ سەپەردىشىممۇ يىرىم يۇلدا يۇلدىن چۈشۈپ قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، نەغمەت ماڭا دۇنيانى، مۇنداقچە ئىيىتقاندا ئۆزۈمىنى ئۆزۈمگە تۇنۇتتى، تۇرمۇش دىگەن مانا شۇ، كىشلىك تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە ئۇڭۇشسىزلىق، كىچىككىنە يۇل قۇيۇش، ھەم كىچىككىنە خاتالىق بىزنى مانا مۇشۇنداق ئۇيلاپ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىشى، ئۇيلاپ باقمىغان كىشلەر بىلەن بۇ ھاياتلىق پۇيىزىدا بىر ئۇرۇندا ئولتۇرۇپ قىلىشىمىز، ئۇنىڭ خۇي پەيلىگە ئامالسىز كۆنۈپ، ئۇنىڭغا يۇل قۇيۇپ، ھاتتا ماسلىشپ ياشاپ كىتىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى بىز بۇ پۇيىزدىكى سىزگە ھەمرا بولۇپ ئەشۇ ئەڭ ئاخىرىقى مەنزىلىگە بارىدىغان كىشىنى بىز خائىشىمىز بۇيۇنچە  تۇغرا تاللاپ كىتەلمەيمىز، گەرچە دەسلىۋىدە سىزنىڭ تاللىشىڭىز تۇغرىدەك تۇيۇلغان بۇلسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بۇلغان شۇ كىشىنىڭ ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان خۇي پەيلىگە كۆنمەك بەس مۈشكۈل، بۇلۇپمۇ نىكاھ ئىشىدا ھەممىمىز تىخىمۇ شۇنداق، ياكى ئۇنى يىڭىباشتىن تاللىغىلى، تاللاپ بۇلۇپ ياقمىسا قايتۇرۋەتكىلى تىخىمۇ بۇلمايدىكەن،  بىزگە نىسپەتەن رىئاللىق ئالدىدا، نۇرغۇن ئىشلار ئالدىدا بىز ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز، پەقەت لىۋىڭىزنى چىشلەپ ئۆتمەكتىن، خۇدادىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلىمەكتىن باشقا تۈزۈكرەك چارە يۇق. مەن نەغمەتكە ھىچنىمە قىلىپ بىرەلمەسلىكىم مۇمكىن، پەقەت ئۇنىڭ تۇرمىشىغا ئىچىنىمەن، شۇنداق قابىلىيەتلىك بىر يىگىتىنىڭ دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرىدىن، رىئاللىق ئالدىكى تەمتىرەشلىرىدىن ئىچىنىمەن، ھىسداشلىق قىلىمەن. بەخىت تىلەيمەن.
ئايىشە نەغمەتنىڭ خاتىرىسىنى ئىلىپ ئاخىرىقى بىتىگە مۇنۇلارنى يازدى:
«باھارنىڭ ئىللىق شامىلىدىن كۈچ ئايرىغان تەتۈر قۇيۇن ھامان ئۇزۇنغا بارمايدۇ. غەيرەت قىلىڭ!»
..................................
مەركىزى شەھەرنىڭ سۇغۇقىنى بىرىپ باقمىغان كىشى ھەرگۈز بىلمەيدۇ. بۇ يىل قىش يەنە بالدۇرقىدەك ئۆكتەبىر تىخى چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ بالدۇرلا يىتىپ كەلدى، كەلگەندىمۇ جاندىن ئۆتكىدەك سۇغۇقى بىلەن كەلدى. ئەمما ئايشە بىلەن نەغمەتنىڭ تۇرمىشىغا يىڭى بىر باشلىنىش- ھىچقانداق غەيرى مەخسەت مۇددىئا ئارلاشمىغان سەمىمىي دۇسلۇق ئىلىپ كەلگەندى. شۇ قىتىمقى سۆھبەتتىن كىيىن ئايشە ئەخلاق-ئىتىقاتتىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا نەغمەتنىڭ قەلبىنى، تۇرمىشىنى چۈشەندى، ئۇنىڭغا ھىسىداشلىق قىلدى. ئۇستازى، دۇستىنىڭ، سىردىشىنىڭ ئۇرنىدا كۆرۇپ ئۇنىڭغا ئىشەندى.
ھەممە پەسىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇشلىقى، ئۆزگىچىلىكى بۇلىدۇ. قىلىن ياققان قار، قىش پەسىلىنڭ خۇشلىقىنى يەنىمۇ ئەۋىجىگە كۆتۈردى. نۇيابىرنىڭ ئاخىرى سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئۆزلىگىدىن تەشكىلللىنىپ، ئەتىدىكى دەم ئىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ شەھەرنىڭ غەربىدىكى قار تىيلىش مەيدانىغا بىرىپ ئويناپ كىلىشنى، سىنئالغۇغا چۈشۈپ بۇ ئەھمىيەتلىك بىر يىلدىن خاتىرە قالدۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەندى.
-ئەتە قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوقكەن، بولمىسىا بىزمۇ بېرپ كىلەمدۇق؟ -دەپ سۇرىدى ئايشە نەغمەتتىن.
نەغمەت باھانە كۆرسىتىپ بارماسلىقىنى ئۇيلىدىيۇ، ئەمما يەنىلا ئىرادىسىنىڭ ئەكىسىچە بىرىشقا قۇشۇلدى. ئۇ بىرخىل سەمىمىي ئىللىقلىقنى، ھۆرمەتنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئارىلىقنى، ئىككىسى ئۇتتۇرسىدىكى بۇشلۇقنى ساقلاشقا تىرىشىپ كىلىۋاتاتتى.
بۈگۈن ھاۋا ئۇچۇق بولغاچقىمۇ قار تىيلىش مەيدانىدا ئادەم ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ئىدى. ئايشە ۋە ئۇ قاتارلىق ساۋاقداشلار بالدۇرلا يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ساياھەت ئۇرنى تەمىنلىگەن مەخسۇس سايەھەتچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئەپلىك قار تىيىلىش كىيىملىرىنى ئالماشتۇرپ تىزلا تەييار بولۇشتى. بۇ يەردە ئۇيۇننىڭ تۈرلىرى تۇلىمۇ كۆپ بولۇپ، بەزىلەر چاڭغا تىلسا يەنە بەزىلەر شاردا دۇمىلىدى، بەزىلەر يۇمىلاق رىزىنكە چانىدا ئىگىز دۆڭدىن پەسكە سىرىلسا يەنە بەزىلەر سۈ چىچىپ قىتىشتۇرلغان مۇز ئۈستىدە كانكى تىيلدى. قىسقىسى ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال، بولۇپمۇ ئايشە ھىچقاچان بۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغاندى. دەسلىۋىدە ئۇ دىلبەر بىلەن باشقا ئۇيۇنلارنى خەتەرلىك كۆرۈپ مۇز ئۈستىدە تىيىلىپ ئۇيناۋىتىپ، نەغمەتنىڭ چاڭغا بىلەن قاردا شۇنداق چىرايلىق تىيلىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ۋە ئۆزىمۇ سىناپ باقماقچى بولۇپ ئۇنىڭ قىشىغا باردى.
- نەغمەتكا يەنە بۇنداقمۇ ھۆنىرىم بار دەڭ؟
-مەن دىگەن شىماللىق، يۇرتۇمدا قىشتا كۆپ قار ياغىدۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپ شۇنداق ئۇينايتىم، چاڭغا بىلەن تىيىلىشىنى دادام ماڭا ئۆگەتكەن- دىدى نەغمەت ھاسىراپ تۇرۇپ.
-مەنمۇ تىيلىپ باقايمۇ؟- ئايىشە ئەركىلىگەندەك سۇرىدى.
نەغمەت دەسلەپتە قۇشۇلمىدى، ئايشەنىڭ قايتا-قايتا دەپ تۇرىۋىلىشىدىن ئامالسىز قىلىپ پۇتىدىكى چاڭغىنى يىشىپ ئايشەنىڭ پۇتىغا ئورناتتى. قۇلىدىكى تايىنىش خادىسىنىمۇ بەردى. ئايشە پۇتىدىكى ئۇزۇن كەلگەن چاڭغا بىلەن قاملىشالماي نەچچە قەدەم مىڭىپلا يىقىلىپ كەتتى، ھىلىمۇ ياخشى نەغمەت چاققانلىق بىلەن تۇتىۋالىدى.
-ھەي قىز... قارىڭە سىزنى-،دىدى نەغمەت ئايشەنى يۆلەشتۈرىۋىتىپ -بەرمىسەم ئۇنىمايسىز تىخى، ھىلىمۇ تۇتىۋالدىم، يىقىلغان بۇلسىڭىز ئىش بار ئىدى.
ئايشە «سىزنى تۇتىۋالارمىدىكى دەپ قىشىڭىزغا كەلگەن» دەپ چاقچاق قىلىشنى ئۇيلىدىيۇ، ئۇمۇ تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يۈتىۋەتتى. نەغمەت ئۇنىڭغا بىردەم تىيىلىشىنى ئۈگەتمەكچى بولدىيۇ، ئايشە ھىچ بىر قۇلىشالمىدى ھەم باشقىلارنى خۇددى ئۆزىگە قارۋاتقاندەك ھىس قىلىپ تىزلا بۇلدى قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە چاڭغىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىپ دىلبەرلەرنىڭ قىشىغا باردى. ئىككىيۈز مىتىردىن ئۇشۇقراق ئىگىز دۆڭلىكتىن رىزىنكە چانا بىلەن سىرىلىپ چۈشۈش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بولۇپ دىلبەر يەنە بىر قانچەيلەن چانىسىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىرلىكتە سىرىلىۋاتاتتى، ئايىشە بىلەن نەغمەتمۇ بىردىن چانىنى سۆرەپ كىلىپ ئۇزۇن سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا قىتىلدى. ئۇلار ئىگىز دۆڭدىن پەسكە سېرىلىپ چۈشىۋاتقاندا قىزلار قۇرۇققىنىدىن چۇقىرىشاتتى، تۇۋلىشاتتى... مۇردەك سۇغۇق ھاۋا ۋە چانا سىرىلغاندا چاچرىغان كىرىستالدەك ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئىچىشتۇرسىمۇ ھىچنىمىنى سەزمەيتى. ئايشە قۇرۇققىنىدىن كۆزىنى يۇمىۋالدى. ئۆزىنىڭ ئاخرىقى نۇقتىغا قانداق يىتىپ بارغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدى. ئۇلار چانىنى سۆرەپ ئۆزلىرىنى ئۈستىگە سۆرەپ ئاچىقىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇرنىتىلغان سىم تانىغا چانسىنى چىتىپ ئاستا ئۈستىگە ئۆرلەۋاتاندا نەغمەت ئايشەدىن سۇرىدى:
- تۇڭلىدىڭىزمۇ؟
    «- يا..قەي»دىدى ئايشە تىتىرەپ تۇرۇپ. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ يۈزلىرى سۇغۇقتىن قىزىرىپ كەتكەندى، بايا قۇرۇقۇپ كەتكەچكە تىخىچە ئەسلىگە كىلەلمەي ھەتتا ئاۋازىمۇ تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى، نەغمەت چاپىنىنى سىلىپ كەيدۈرۈپ قۇيۇشنى ئۇيلىغان بۇلسىمۇ باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىدىن ئەنسىرىدى. دىمىسىمۇ تۇڭلىغىنىدىن تىترەپ تۇرغان شۇنچە كۆپ قىزلار تۇرغان يەردە ئۇ يالغۇز ئايشەگىلا چاپىنىنى كەيگۈزۈپ قۇيسا قانداق تۇرغىنى؟ ئويلاپ يۈرۈپ يەنىلا نىيىتىن ياندى. ئەمىلىيەتتە نەغمەتنىڭ ئەشۇ بىر ئىغىز سۆزىدىنلا ئايشە بىرخىل چەكسىز كۆيىنىشنى، غەمخۇرلوقنى بىلىپ يەتكەندى. تۆت يىلدىن بىرى تا ھازىرغا قەدەر ئۇ سابىردىن ھىچقاچان بۇنچىلىكمۇ سۆزنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس. ئۇزۇندىن بىرى تۇرمىشىدا كاملىق قىلىۋاتقان نەرسە مۇشۇمىدۇ؟ ئەگەر راسىتىنلا شۇ بۇلسا ئۇ نىمىدىگەن ئاددى! نىمىدىگەن ئاسان!
................................
ئايشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
«بەزىدە ئۆزۈمچە بىز زادى نىمىگە شۇنچە ئىھتىياجلىق، نىمىنى شۇنچە قۇغلىشىدىغاندىمىز دەپ ئۇيلاپ كىتىمەن. قايسى بىر يازغۇچىنىڭ «بىر ئىستاكان قىزىق چايدا بىز ھىس قىلىپ باقمىغان مىھرى مۇھەببەت يۇشۇرۇنغان» دىگىنى تۇغرا بولسا كىرەك.شۇ دەمدە مەن سابىرنى ئۇيلاۋاتىمەن، ئەجىبا ئۇنىڭغا ئەشۇ بىر جۈملە سۆز، بىر ئىستاكان قايناق چاي شۇنچە ئىغىر كىلەمدىغاندۇ ياكى ھەممىسىنى ئىچىدىلا بىلەمدىغاندۇ؟ ئۇيلايدىغىنىم شۇنچە كۆپ چۈشىنىدىغىنم ئاز. تۆت يىلدىن بىرى مەن ھىس قىلغان تۇرمۇشۇمدىكى كاملىقنى ئەمدى چۈشىنىۋاتقاندىمەنمۇ؟ بىز ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئەمىلىيەتتە قىلچە مۇرەككەپلىكى يۇق ئاددىيلا جەريان، ئۆزىمىزنى ئاتىغان كىشىدىن كۈتىدىغىنىمىز مال- مۆلۈك، شۆھرەتمۇ ئەمەس، پەقەت كىملا بۇلسا قىلالايدىغان، ئالتۇنغا تىگىشىپ ئالغۇسىز ئاددىي كۆيىنىش، شۇ كۆيىنىش تىگىگە يۇشۇرۇنغان سەمىمىيلىك ۋە مۇھەببەت، بىز پەقەت ئەنە شۇ ئاددىي سانالغان مۇھەببەتكە، كۆينىشكە ئىرىشەلىسەكلا بىز ئەڭ بەخىتلىكمىز.»
.......................................
يىڭى يىل يىتىپ كىلەي دىدى، ئايىشە نەغمەتنىڭ يىڭى يىلىغا بىر نەرسە سۇغات قىلىشنى ئۇيلاۋاتقىنىغىمۇ نەچچە كۈن بۇلۇپ قالغان، ئەمما تىخىچە  نىمە ئىلىشنى بىلىلمەي بىشى قىتىۋاتاتتى. كۆڭلىدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئۆتكەنكى ياردىمىگە تۈزۈكرەك رەھمەت ئىيتىشىنى ئويلىدى، دىلبەرگە مەسلىھەت سالاي دىسە تىخى، ھىلىمۇ دىلبەرنىڭ بەزى چاقچاقلىرى.... شۇنداق دەككە-دۇككىدە نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋەتتى.
بىركۈنى كەچتە دىلبەر ياتاق بىناسىنى تاقاپ باشقىلار يىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ياتاققا كىرىپ كەلدى. قۇلىدا نەپىس ئۇرالغان كىچىككىنە بىر قەغەز بولاق تۇراتتى.
-قارا شۆھرەت بۇ بۇلاپكىنى ماڭا يىڭى يىللىق سۇۋغا قىلىپ بىرسىدىن ئەۋەتەپتۇ!- دىلبەر ياتاقتىكى چۇڭ تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىدا قىپقىزىل بىر بۇلاپكىنى تاقاۋىتىپ ئايشەگە قاراپ خۇددى باشقىلارمۇ ئاڭلىسۇن دىگەندەك يۇقىرى ئاۋازدا. دىمىسىمۇ مەقسىدىگە تىزلا يەتتى، ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان قىزلار، ھەتتا يىتىپ بولغانلارمۇ بۇلاپكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قۇيۇپ دىلبەرنى ئۇرىۋالدى.
-پاھ، نىمىدىگەن چىرايلىق، كۆزى ياقۇتمۇ نىمە؟ قممەتتۇ ھە؟- سىرىق كەلگەن بىر قىز قىزىقسىپ سۇرىدى.
- ئاتايىن يۇرۇتتىن چىقارغاندىكىن قممەت بولىدىدە،- دىدى دىلبەر ، تەلەپپۇزىدىن ماختانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ھەممەيلەن تۇتۇپ كۆرۈپ باقتى، ھەتتا بەزەيلەن ئاتايىن تاقاپمۇ كۆرۈپ باقتى. سەت بولماسلىق ئۈچۈن ئايشەمۇ ياندۇرۇپ بىر ئىغىز ماختىغان بۇلدى.
-ھەي..، يەنىلا دىلبەر بەخىتلىككەن جۇمۇ،- دىدى ئايشەنىڭ ئاستىدىكى كارۋاتتا ياتىدىغان زۆھرە ئىسىملىق قىز، -يىڭى يللىقىمغا يولدىشىمنىڭ ئاپپىقىميەي، تاتلىقىميەي، بۇقىتىم خاپا بولماڭ دەيدىغان قۇرۇق گەپلىرىدىن ئاڭلايمەن ھەقىچان، خەپ، بۇدا تەتىلدە بارغاندا مەنمۇ بىرسىنى ئالدۇرمىسام.
-شۇ ئەمەسمۇ، يىڭى يىلدا خەجلەڭ دەپ كارىىمغا نەچچەيۈز يۈەن سىلىپ بىرىشتىن باشقا ئىش قىلمىدى ئۇ پىخسىق، قارىغاندا تازا سۇقۇشمىسام بۇلمايدىغان ئوخشايدۇ.-دىدى يەنە بىرسى.
-ئەتىدىكى يىڭى يىللىق ئۇلتۇرۇشقا تاقاپ چىدىغانسىز؟- دەپ سۇرىدى دىلبەرنىڭ بۇلاپكىسىدىن تىخچە كۆزىنى ئۈزەلمەي قالغان يەنە بىرەيلەن.
-ئەلۋەتتە- دىدى دىلبەر يەنىلا تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتمەي.
- ھاۋا شۇنچە سۇغۇق تۇرسا قىلىن كىيىملىرىڭىزنىڭ ئىچىدە قالمامدۇ؟
-ئىشقىلىپ بارغۇ... تاقىمىغاندىن ياخشى-دىدى دىلبەر بۇگەپكە تازا ئاچچىقى كەلگەچكە ئاۋازىنى سۇزۇپ تۇمۇشقىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ.
قىزلارنىڭ ئىچىگە ئوت كەتتى. ئايشە سابىرنىڭ ئۆز قۇلىدىن تۇيلۇق ۋە ئىككى قىتىملىق تۇغۇتىنىڭ يوقلىقى باھانىسىدا ئالغان ئازراق نەرسىسىدىن باشقا يىڭى يىللىق دەپ بۇنداق سۇۋغاتقا ئىرىشىپ باقمىغاندى. ھەتتا ئۇ تا ھازىرغىچە ئايشەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىلمەيتى، ماگىزىنغا ئايشە ئۆزى باراتتى ھەممە نەرسىسىنى ئۆزى ئالاتتى، سابىرغا كۆرسەتسە «ھىم» دىن باشقا بىرەر ئىغىز يا يارىشپتۇ، يا ياراشماپتۇ دىگەن گىپىمۇ يۇق. شۇڭىمۇ بۇرۇنلاردىن سابىردىن بۇ جەھەتتە ئانچە ئۆمۈت كۈتمەيتى.ئەمما بۇ قىتىم نىمىشقىدۇر ئىچىنى تىڭشاپ قالدى. ئەجىبا دىلبەر قانداق؟ ئۆزى قانداق ئايالكەن؟ ئۇنىڭمۇ ئائىلىگە ئەجىرى بار، بۇلغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ بار. ئۇ دىلبەرنىڭكىدەك ئۇنداق قىممەت سۇۋغاتنى كۈتمەيدۇ، پەقەت بايا زۆھرە ياراتمىغان ئاشۇ بىر نەچچە ئىغىز سۆزنىڭ يىرىمى بۇلسىلا كۇپايە ئىدىغۇ، ھەي ئايال كىشىنى دىگەن.....
-ئاداش، ئەتە بازارغا چىقىشىپ بىرە، مەنمۇ شۆھرەتكە بىر نەرسە ئىلىپ ئىۋەتەي بولمىسا خىجىل بۇلۇپ قالىدىقكەنمەن- دىدى دىلبەر يىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاچ.
-كىمدىن ئىۋەتىسەن؟، بۇلمىسا تەتىلدە ئالغاچ كەتمەيلىمۇ؟-ئايىشە ياندۇرۇپ سۇرىدى.
-ماڭا بۇلاپكىنى ئۆتكەندە كەلگەن ھىلىقى كىشىچۇ، شۇ ئالغاچ كەلگەنكەن، ئۇ ئەتە قايتىدۇ شۇنىڭدىن ئىۋەتەمەن.
-مۇشۇ كەچكىچە شۇنىڭ بىلەن يۈردۈڭمۇ؟ ھاۋا شۇنداق سۇغۇق تۇرسا؟- ئايشە دىلبەرنىڭ«ئۇ»دەپ شۇنداق تۈز ئىيىتقىنىدىن ھەيران بولۇپ.
-يا...ياقەي... ئۇكىشى ماڭا تۇققان بۇلىدۇ، بىرەدەم تاماق يىدۇق، ئۇندىن كىيىن قايتىپ كەلدىم شۇ-دىدى دىلبەر دۇدۇقلاپ.
دىلبەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن يەنە گەپ سۇراشنى بىئەپ كۆردى. بەلكىم تۇققىنىدۇ، قالايمىقان كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈيدىغانغا دىلبەر ھەرگۈز ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس... ئاندىن تۇيۇقسىزلا ئايشەمۇ سابىرغا بىر نەرسە ئىلىشنى ئۇيلاپ قالدى. «نىمىدىگەن بىلەن ئۇ مىنىڭ يولدىشىم، ئۇ قىلمىغان بۇلسىمۇ مىنىڭ قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار» دەپ ئويلىدى ئايشە ئىچىدە.
ئەتىسى چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاچ ئۇلار يىرىم كۈن بازار ئايلاندى. دىلبەر شۆھرەتكە دەپ بەشيۈز يۈەنگە بىر كاستىيۇم سىتىۋالدى. ئايىشە سابىرنىڭ رىماتىزىم كىسىلى بارلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا تىلىۋۇزۇردا ئېلان بىرىۋاتقان دۇرىلىق ئىسسىقلىق ساقلاش كىيىمىدىن بىرنى سىتىۋالدى. بازار ئارىلاش جەريانىدا ئايشە نەپىس ئىشلەنگەن بىر پۇل قاپچۇقىنى سىتىۋالدى. دىلبەرگە سابىرغا ئالىدىم دەپ قۇيدىيۇ ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇنى نەغمەتكە ئالغاندى. چۈنكى بىر قىتىم ئۇلار ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەندە ئايشە نەغمەتنىڭ پۇل قاپچۇقىنىڭ كۇنىراپ قالغانلىقىنى كۆرگەندى. ئۇلار سۇدىلىقنى پۈتتۈرگىچە كۈن خىلى كەچ بولۇپ قالدى.
-نەرسىلەرنى بەرگىن، مەن ئاپىرىپ بىرىپلا كىلەي- دىدى دىلبەر
ئايشە ئىسسق ساقلاش كىيىمى قاچىلانغان خالتىنى دىلبەرگە بەرى. دىلبەر پۇل قاپچۇقىنى سۇرىۋىدى، ئايىشە دۇدۇقلاپ تۇرۇپ تەتىلدە ئۆزى ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. يالغان گەپنى قلىپ بولغىچە ئايشە مىڭ تاتىرىپ مىڭ قىزاردى. ھىلىمۇ ياخشى سوغۇق ھاۋادا ئانچە چىنىپمۇ كەتمىدى. دىلبەر بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قلدىيۇ، ئىچكىرلەپ سۇراپ دۇستىنى خىجىل قىلىشنى خالىمىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن دىلبەر نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بىرىمەن دەپ ھىلىقى تۇققىنى چۈشكەن مىھمانخانىغا، ئايشە سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى يىڭى يىللىق ئۇلتۇرۇش دەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان رىستۇرانغا قاراپ ئايرىلىشتى.
-بۈگۈنكى ئۇلتۇرۇشتىن مەكتەپنىڭ خەۋىرى بار، شۇڭا تەتۈر ساناقنى تۈگىتىپ بۇلغاندىن كىيىن قايتىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا قىزلارنىڭ خاتىرجەم ئۇلتۇرىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز، تۆۋەندە سىنىپ مەسئۇلىنى بىرەر ئىغىز سۆز قىلىپ بىرىشىنى تەكلىپ قىلىمىز- سىنىپ باشلىقى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن نەغمەت بۈگۈنكى سۇرۇننىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئەنە شۇنداق باشلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قىسقىچە يىڭى يىللىق سۆزى ۋە تىلىكىدىن كىيىن سۇرۇن باشلىنىپ مۇزىكا چىلىندى. ئۇغۇللار بىردىن چىقىپ قىزلارنى تانسىغا تارتىشقا باشلىدى. ئايشە نىمىندۇر ئۆمۈت كۈتكەندەك كۆزىنىڭ ئاستىدىن نەغمەتكە قاراپ قۇيدى. ئەمما نەغمەت بۇنى سەزمىدى. سەزمىدى ئەمەس ئەمىلىيەتتە نەغمەتنىڭ كۆڭلىدىمۇ تارتايمۇ-تارىتمايمۇ دىگەن دىگەن ئىككىلىنىش غەليان كۆتۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغىچە مۇزىكا ئاخىرلىشىپ باشقىلار ئۇرۇنلىرىغا كىلىپ بۇلدى.
-بەللى بەنجاڭ (نەغمەتنى سىنىپ باشلىقى دەپ چاقىرماقچى) گەپنى ئۆزىڭىز قىلىپ قۇيۇپ باشلاپ بەرمەي پەستە نەغمە قىلىپ ئولتۇرۇپسىلەرغۇ- دەپ چاقچاق قىلىدى نەغمەتنىڭ خەمىت ئىسىملىك يۇرىتدىشى نەغمەتنىڭ ئىسمىنى چاقچاققا كەلتۇرۈپ.
-ئەمدى سىلەر سۇرۇننى بىر چۆگىلەپ خىمىردەك قىلىپ يۇمشىتىپ بەرمىسەڭلار قاتتىق يەردە پۇتىمىز تالىدىكەن-دىدى جاۋابەن نەغمەتمۇ خەمىتىنىڭ ئىسمىغا ئاھاڭداش قىلىپ ۋە ئۇنىڭ سىنىپتا يىڭىلا پەيدا بۇلغان «خەمىت يۇمشاق» دىگەن لەقىمىنى قۇشۇپ كەلتۈردى.
سۇرۇندا يىنىك كۈلكە كۆتىرىلدى. خەمىتمۇ سەيگە چۇكا ئۇزاتقان بولىۋالدى. ئۇنىڭغىچە يەنە مۇزىكا باشلاندى. خىلىدىن كىيىن نەغمەت ئاجايىپ زۇر غەيرەت بىلەن ئۇرنىدىن تۇرۇشقا تەمشلىۋىدى، يەنە بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭدىن چاققان كىلىپ ئايىشەنى تارتىپ كەتتى. نەغمەتمۇ چاندۇرماي سىرىتقا چىقماقچى بۇلغاندەك رىستۇران ئىشىكىنىڭ ئەتىراپىنى چۆگىلەپ يەنە جايىغا كىلىپ ئۇلتۇردى. باشقا قىزلارنى تارتىشنى ئۇيلىدىيۇ، كۆڭلى قۇيمىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ۋالىس، كىيىن يەنە تىز تانسا مۇزىكىسى قۇيىلدى. نەغمەت بۇلارنى بىلمىگىچكە قىزلار ئالدىدا ئىزاغا قىلىشتىن قۇرقۇپ يەنە تارتالمىدى. ئۇسۇل مۇزىكىسى باشلىنىشىغا ئۆزىنى تارىتقان ئاغىنىسى بىلەن ئوينىدى. باللارنىڭ ھەممىسى سۇرۇندىن چۈشۈپلا نەغمەتنى چاقچاققا كەلتۈرشكە باشلىدى. دەسلەپتە بىرمۇ-بىرى جاۋاپ قايتۇرغان نەغمەت بارا-بارا گەپ قىلالماي قالدى.
تىلەپ تۇرغان نەغمەتنىڭ كۆڭلىگە يارىشا ئاخىرى لەرزان تانسا مۇزىكىسى قۇيۇلدى. مۇزىكا باشلىنا-باشلانماي نەغمەت بىرىنجى بۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ئايشەنى تانسىغا تارىتتى. بۇنىڭغا قانچىلىك غەيرەت قىلىغىنى نەغمەت ئۆزىلا بىلەتتى.شۇ تاپتا ئايشەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان قۇللىرى كۆيىشىۋاتقادەك بولۇپ قەدەملىرىدىنمۇ ئىزىپ تۇراتتى.
-يەنە بىردەم قۇپماي تۇرغان بۇلسىڭىز ئۆزەم بىرىپ سىزنى تارىتماقچىدىم، - دىدى ئايشە نەغمەتكە چاقچاق قىلغاندەك تەلەپپۇزدا.
-شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا بىرىپ ئولتۇرىۋالايمۇ يا؟
-سىلەر شىماللىقلارنىزە، چاقچاق ئۈستىگىلا تۇغۇلغانسىلەردە!
ئۇلار سۇرۇنغا كىلىشى بىلەنلا چاقچاق باشلىنىپ كەتتى:
-بۈگۈن كەچكىچە شۇنداق ئوتۇرامدىكى دىسەم، ئاخىرى مايمۇن تاغدىن چۈشتىدە.
-نىمەدەيسىنىۇي مايمۇن تاغدىن چۈشتى ئەمەس، شۇڭقار دەرەخقە قۇندى.
-سىلەرچە كىم شۇڭقار كىم دەرەخ ؟- شۇچاغدا كۈلكىگە ياندىشىپ دىلبەر چاقچاق قىلغاچ كىرىپ كەلدى ۋە سۇرۇندىكىلەر بىلەن سالاملاشتى. ئايشە دىلبەربىلەن يۈزىنى يىقىپ كۆرىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ يەنە ھاراق ئىچكىنىنى بىلىپ قالدى.
......-توققۇز، سەككىز، يەتتە،.. -تەتۈر ساناش باشلانغاندى. -.....ئۈچ، ئىككى، بىر...ھۇي..ي!!!...يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن!!!
سۇرۇن قىزىپ كەتكەندى. ھەممىسىنىڭ يۈزىدىن شاتلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايتى، زال ئىچىمۇ شاتلىقتىن تەۋرەيتى.
-يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن!- دىدى نەغمەت كىيىنكى قىتىم ئۆزى بىلەن تانسا ئۇيناۋاتقان ئايشەنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ.
ئايشە پەس ئاۋازدا كۆزىنى يەرگە قاچۇرۇپ دىدى:
-رەھمەت، سىزنىڭمۇ مۇبارەك بولسۇن.
ئۇلار قايىتماقچى بۇلدىدى. دىمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى مۈگە باسقاندى.
-يىڭى يىلىڭىزنىڭ يىڭىچە باشلىنىشىنى ئۆمىت قىلىمەن-. نەغمەت يانچۇقىدىن قەلەم قاچىلانغان قەغەز قۇتىنى چىقىرىپ ئايشە ياتاققا قايتىش ئالدىدا ئايشەگە تەڭلەپ تۇرۇپ، -قەلىمىڭىز يەنىمۇ كۈچلۈك، ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلسۇن! بىراق كەچۈرۈڭ رەڭلىك قەغەزلەر بىلەن ئۇراشقا ئۈلگىرەلمىدىم.
-رەھمەت، سىزگىمۇ تىلەكداشمەن، سىزمۇ مىنى كەچۈرۈڭ،- دىدى ئايشە قۇتىنى ئىلىۋىتىپ سومكىسىدىن بازاردا بايا بازاردا سىتىۋالغان پۇل قاپچىقىنى چىقاردى-مەنمۇ ئۇرىتىشقا ئۈلگىرەلمىدىم، يەنە كىلىپ بەرىبىر يىرتىۋىتىسىز، ئەمما سىزنىڭ تازا باي بولۇپ ھەمىيانىڭىزنىڭ پۇلغا تۇلۇپ كىتىشىگە تىلەكداشمەن.
ئىككىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى. بۇ بىر خىل سەمىمىيلىك، ساپلىق سىڭىپ كەتكەن ئەڭ يارقىن كۈلكە ئىدى.
..................................
ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
«يىڭى بىر يىل كىرىپ كەلدى. يىڭى بىر باشلىنىش، يىڭى بىر ئۆمۈت ئىلىپ كەلدى. شۇ تاپتا باللىرىمغا، يۇلدىشىمغا بولغان چەكسىز سىغىنىش، بۈگۈنكى جۇشقۇن كەيپىياتتىن شاتلىنىش ئىلكىدە خاتىرەمنى يىزىپ ئۇلتۇرۇپتىمەن. بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم، بەلكىم ھاياتىمدىكى ئاخىرىقى قىتىم مۇشۇنداق بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر يىڭى يىلىنى ئۆتكۈزىشىم دىيىشكە بولىدۇ. بىراق نەغمەتكە زادى نىمە بولدىكىن ئۇ مىنىڭدىن باشقا بىرىسى بىلەن بىرىگە تانسا ئۇيناشىنى خالىمىدى، بۇنىڭ باشقا سەۋەبى بارمىكىنە ياكى شۇنداق تۇغرا كىلىپ قالدىمىكىن؟ نىمىلا دىمەي مەن تۇلىمۇ خۇشال، يىڭى يىلدا تۇنجى رەت مانا مۇشۇنداق شاتلىنىشىم، شۇنداقلا يات بىر ئۇغۇللاردىن تۇنجى قىتىم سۇۋغاتقا ئىرىشىشم. بىز قىزلارنىڭ كۆڭلى مانا شۇنداق ئاددى، بىز ھىچنىمىنى كۈتۈپ كەتمەيمىز، پەقەت ئۆزىمىز ئىشەنگەن ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن كىشىدىن قىممەتلىك سوۋغاتنى ئەمەس، بىرخىل سەمىيمىي مۇھەببەتنى، سەمىمىي كۆيىنىشىنى كۈتىمىز. بۇخىل كۆيىنىشنى يات بىر كىشىدىن ئەمەس، ئۆز يۇلدىشىمدىن، ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمدىن ئىرىشكەن بۇلسام نەقەدەر ياخشى بۇلار ئىدى. ئەپسۇس، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە تەس بۇلسا كىرەك. يەنىلا كىرەك يۇق، يەنىلا ئۇنىڭ يىڭى يىلى مۇبارەك بولسۇن. يىڭى يىلدا ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلشىنى، باللىرىمنىڭ سالامەت چۇڭ بۇلىشىنى چىن كۆڭلىمدىن تىلەيمەن.
................................
تەتىل قۇيۇپ بىرىشكە نەچچە كۈن قاپتۇ، قايتامسەن يە؟ - دەپ سۇرىدى دىلبەر ئايشەدىن يىڭى يىل كىچىلىكى ئاخىرلىشىپ ھەپتىدىن كىيىن بىر كۈنلىكى تاماقتىن كىلىۋىتىپ يولدا.
- تۇۋا دىگىىنە ئاداش، مىنىڭمۇ ئائىلەم يۇلدىشىم تۇرسا، ھىلىمۇ ئۆكتەبىر بايرىمىدا قايىتمىدىم، ئادىلەمۇ يىشىغا تۇشۇپ قالدى، ئۇلارنى شۇنداق كۆرگۈم كىلپ كەتتى. ئىمتاھاننى دىمىگەن بۇلسام ھازىرلا ئۇچقۇم بار، شۇنىمۇ سۇراپ يۈرەمسەن ئاداش؟
-دەيمىنا ئاداش، يەنە يازىدىغان ماقالە بۇلۇپ قالمىسۇن ئەمدى.
-مەن بىلەن قەستەن قىرىشىۋاتىسەن ھە؟
-چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم ئاداش، ئەمما ئىمتاھانغا پەقەت تەييارلىق قىلمىدىم، يەنىلا بۇرۇنقى پەدە بۇيۇنچە بۇلسۇن جۇمۇ!
دىلبەرنىڭ بۇرۇنقى پەدە دىگىنى ئايشە جاۋاپ يازىدىغان، دىلبەر كۆچىرىدىغان، ئەتىسى دىلبەر ئايشەنى مىھمان قىلىدىغان بەش يىل بۇرۇنقى ئىمتاھان بىرىشلىرى ئىدى. ئۇۋاقىتلار ئايشەنىڭ ئاجايىپ چاغلىرى ئىدى ھە، كۆڭلىدە ئوقۇشتىن ئۆگىنىشتىن باشقا نەرسە يوق، شۇ قەدەر ئەركىن ئىدى. ناۋادا خىزمەتكە بالدۇر چىقىشىنى ئويلىمىغان  بۇلسا، ياكى تۇي قىلماي ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالىغان بۇلسا ئىدى، بۇ كەمگە ئۇقۇشىدىن خىلى نەتىجە قازانغان بۇلار ئىدى. ئەمدىلىكتە يۇلدىشىنىڭ، ئۆينىڭ، بالىنىڭ قۇلى بۇلۇپ نۇرغۇن ۋاقتى، ئالتۇندەك ياشلىقى، بىلىم ئالىدىغان ئۆگىنىدىغان پۇرسەتلىرى ئۆتۈپ كەتتى، بەلكىم بۇ قىتىملىق بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلمىگەن بۇلسا يەنە قاچانغىچە شۇنداق ئۆتەركىن، ئەپسۇس، بۇ ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كىتەي دەپ قاپتۇ، يەنە نەچچە ئايدىن كىيىن بۇ پۇرسەتمۇ تۈگەيدۇ. يەنە شۇ رىتىمگە چۈشكەن ئائىلە، يەنە شۇ مۆڭ ئىنسان، يەنە شۇ غەلۋىسى تۇلا بالا......
-قارا ئاداش ئاۋۇلار نەغمەتلەرمۇ نىمە؟ - دىلبەرنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان گپى بىلەن ئايشەنىڭ خىياللىرىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.
   - شۇبۇلسا كىرەك.- ئايشە دىلبەر كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدى. ئايىشەلەر مىڭىۋاتقان يول بىلەن يانداش يەنە  بىر يۇلدا نەغمەت ۋە باشقا بىر قانچە ساۋاقداشلىرى چاقچاقلىشىپ كىتىپ باراتتى.
   -يىڭى يىل كىچىلىكىدە نەغمەتكە ھەيران قالدىم ئاداش، مەيداندا سەن بىلەنلا دىگىدەك ئوينىدىغۇ؟ باشقا گەپ يوقتۇ ھە؟
    - ھەيران قالغۇدەك نەرى بار، سەن بىلەنمۇ ئۇينىغاندەك قىلدىغۇ ئاداش ؟- گەپ قىلغىچە ئايشە قىزىرىپ كەتتى. تەلىيىگە دىلبەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى.
    -راسىت، بىر قۇل ئۇسۇل ئۇينىغان بۇلدۇم، ئەمما ھىچقانچە بىلىپ كەتمەيدىكەن، قارىغاندا ئۇنداق سۇرۇنلارغا كۆپ بىرىپ كەتمىسە كىرەك ھە ئاداش؟
-شۇنداق، سەن بىلمەيسەن،- دىدى ئايىشە دىلبەرنى ھەيران قالدۇرۇپ.- ئۇ ئادەتتە باشقىلار بىلەنمۇ كۆپ ئارلىشىپ كەتمەيدۇ.
- ۋاي نىمە بۇلدى ساڭا؟ - دىلبەر ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي.- نەغمەتنىڭ گىپى چىقىسىلا باشقىچە جانلىنىپ كىتىدىگەنسەنغۇ ئاداش؟
-بۇلدى قىلە، سىنىڭ مۇشۇ ئاغزىڭنىزە...
ئايشە يەنە قىزىرىشتىن باشقا گەپ قلىلالمىدى.ئۇنىڭغىچە ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى. شۇۋاقىتتا نىمە ئۈچۈنكى ئايشە ئىختيارسىز كەينىگە ئۆرۈلۈشىگە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نەغمەتنىڭ كۆزلىرى بىلەن كۆزى يىراقتىن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى، خىجىل بۇلۇپ كۆزىنى ئىلىپ قاچتى ۋە بىنا ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتى، بۇ نازۇك ئۇچۇرىشىش دىلبەرنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى.
.............................
شەنبە كۈنى ئىدى.قاش قارايغاندا ياتاقتىن ئىچى پۇشۇپ زىرىكىپ كەتكەن ئايىشە ئۆيىگە تىلفۇن قىلىپ بولۇپ كاللىسىنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تەنھەركەت مەيدانىغا كىردى. تۆنۈگۈندىن بىرى ياققان قىلىن قار مەيداننى چۆمكەپ ھەممە ياق شۇنچىلىك ئاق، شۇنچىلىك گۈزەل بۇلۇپ، كىشىگە بىرخىل ئارامبەخىش تۇيغۇ بىغىشلايتى. ئايشە پۇتبۇل مەيدانىنىڭ ئەتىراپىدىكى يۈگۈرەش رايۇنىدا ئايلىنىۋىتىپ تۇيۇقسىز نەغمەت بىلەن ئۇچۇرشۇپ قىلىپ ئىككىسىلا ھەيران قالدى.
-تاغامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دىگەن ئىدىڭىز، بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ؟
-چۈشلەردە قايتىپ كەلگەن، ياتاقتا يالغۇزكەنمەن، زىرىكىپ چىققان، سىزچۇ؟
ئۇلارتاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ مىڭىپ مەيداندىكى جۇپ-جۈپ ئايلىنىۋاتقانلارنىڭ قاتارىغا قۇشۇلۇپ كەتتى. سەلدىن كىيىن مەيداننىڭ چىتىدىكى بىر ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۇلتۇرۇشتى.
-سىز تەتىلدە راستىنلا قايىتمامسىز؟ دەپ سۇرىدى ئايىشە نەغمەتتىن. ئۆتكەن قىتىم سۇ ئۈستى باغچىسىدا نەغمەت بىلەن پاراڭلىشقاندا نەەغمەتنىڭ شۇنداقراق بىر گەپنى قىلغىنى ئىسىگە يەتكەندى.
     - شۇنداقراق ئۇيلىشىۋاتىمەن. يازىدىغان نەرسىللىرىم كۆپرەك تۇرىدۇ. تەتىلدىن پايدىلىنىپ يىزىۋىلىپ ئىلان قىلىدىغاندا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئادىرىسىدىن ئىۋەتسەم ئاۋارچىلىق بولماسمىكىن. سۆزلەيدىغاندا سۆزلىۋالمىسام ئىش پۇشىقىدا ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن.قانداق، ھىلىقى ماقالىڭىزنىڭ خەۋىرى بارمۇھۇي؟- دەپ سۇرىدى نەغمەت گەپتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ.
-تىخى خەۋەر يوق، يەنە بىر ئاز كۈتۈپ باقمامدىم- ئايشە خىيالچان ھالەتتە پۇتى بىلەن يەردىكى قارنى يىنىپ تىپىپ تۇرۇپ،بىرئاز تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن تىمىنى يەنە ئەسلىگە يۆتكىدى ۋە ياندۇرۇپ سۇرىدى:
-سىز راسىتنلا ئۆيگە قايىتمايسىز؟ لىكىن بىلەمسىز؟ نىملا دىمەيلى سەلىمە يەنىلا سىزنىڭ ئايالىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى كىشىنى خۇدايىم ئاسماندىن تاشلاپ بەرمەيدۇ. ئۇنى بەلكىم ئۆزگەرتەلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. قاندق قىلىش يەنىلا ئەركىشىگە، ئۆزىڭىزگە باغلىق ئىش. ئايال كىشى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن ئۇنى بىر ئاز چۈشىنەلىشم مۇمكىن. ئۇمۇ كۆيىنىشڭىزگە مۇھتاج. ھىچ بۇلمىغاندا بىرىپ كۆرۈشۈپ كىلىڭ. كىم بىلدۇ بۇرۇنقى مىجەزى قېلىپ ياخشى بۇلۇپ كەتتىمۇ تىخى. يىڭى توي قىلغاندا بۇنداق ئايرىلىپ تۇرۇش ياخشى ئەمەس.
   نەغمەت گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ بارغانسىرى چۈشۈپ كىتىۋاتقان بىشىغا قاراپ ئايشەنىڭ نەغمەتكە ئىچى ئاغرىدى. يارىسىنى تاتلىغاندەك قىلغان گىپىدىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالدى. تۇرمۇش دىگەن مانا مۇشۇنداق، بەزىدە مەڭگۈ تاللىشىڭ يۇق.
   -قارىغاندا بىرىپ كەلسەممۇ بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ.- خىلىدىن كىيىن نەغمەت بىشىنى كۆتۈرۈپ، - لىكىن شۇ تۇرمۇش، شۇ بۇرۇقتۇمچىلىقتا بىر مىنىۇتمۇ تۇرغۇم يوق، بەزىدە ئايشە، ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزمۇ ياخشىكەن دەپ قالىمەن.- دىدى نەغمەت ئايىشەگە قاراپ، نىمە ئۈچۈنكى نەغمەتنىڭ ئايىشەنىڭ ئىسمىنى قىتىپ چاقىرىشلىرى ئايشەگە تۇلىمۇ يىقىملىق ئاڭلىناتتى.
    - راسىت، ئاجايىپ چاغلار ئىدى ھە ئۇ- دىدى ئايشە جاۋابەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ پارىڭى تەبئيلا ئۇقىۋاتقان چاغلىرىغا يۆتكەلدى. سۇغۇقتىن پۇتلىرى مۇزلاپ بىر نەرسىنى سەزمىگەن چاغلىرىدىلا ئۇلار ۋاقىتىنىڭ ئاللاقاچان توشۇپ ياتاق بىناسىنى تاقاشقا نەچچە مىنۇت ۋاقىتىنىڭ قالغانلىقىنى ئىسىگە ئىلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئۇلار خۇشلىشىپ ئايىشە ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتى. پەللەمپەيدىن چىقىۋىتىپ كارىدۇرنىڭ دەرىزىسىدىن سىرىتقا قارىغان ئايشە، نەغمەتنىڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ئايشەنىڭ ياتاق بىناسىغا ئۇزۇندىن قاراپ قۇيۇپ كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سۇس تەبەسسۇم قىلدى.
………………...…..
-خۇش ئۆزىڭنى ئاسراڭ!- سۇس قار ئۇچقۇنداۋاتقان يانۋارنىڭ  سۇغۇق كۇنىدە ئايشەنى ئۇزىتىپ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ماشىنا بىكىتىگە كەلگەن نەغمەت، ئايشە ۋە دىلبەرنى ماشىنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، دىلبەر ئۆيىگە تىلىفۇن ئۇرۋىتەي دەپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دىرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئايشەگە قاراپ شۇنىلا دىدى.
خۇش!- ئايشە ئۇشۇق گەپ قىلمىدى، بىرگە دىلبەردىن خىجىل بۇلغان بۇلسا، يەنە بىرىگە باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى خۇددى ئۆزىگە قاراۋاتقاندەك ھىس قىلىپ خىجىل بۇلغاندەك ئۇرۇندۇق تەرەپكە قارىۋالدى. بۇگۈن ئۇنىڭ ھىسياتى باشقىچىلا، ئامراق باللىرىنى، ئۆيىنى كۇرىدىغانغا ئالدىراپ خۇش بۇلغاندەك بۇلسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن بىر نەرسىنى يۇقۇتۇپ قۇيغاندەك كۆڭلى خىرە يىرىم ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەنە شۇنداق ئاددىيلا خوشلاشتى. ئايىشە كىتىپ نەغمەت ئائىلىسىگە، سەلىمەگە سۇۋغاتلىق سىتىۋىلىش ئۈچۈن بازارغا چىقتى، يىرىم كۈن بازار ئايلىنىپ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن بىر چاپاننى سەلىمىگە سىتىۋالماقچى بۇلدىيۇ، ئەمما دۇكاندارنىڭ ئايالىڭىز نەچچىنجى نۇمۇرلۇقنى كىيىدۇ دىگەن سۇئالىدىن تىڭىرقاپ نىيتىدىن ياندى. ئەتىسى ئۇ ئۆزى ئىيىتقان ئەشۇ مەنزىلگە قاراپ يەلكىسىگە ئىغىر يۈك ئارىتقان كىشىدەك يۈرۈپ كەتتى....
......................................
    مىڭىشتىن بىر كۈن ئاۋال ئايىشە ئەتە قايتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ تىلفۇن بەرگەندى ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم چىقىمىدى، شۇندىمۇ ئۇ بەك مەيۈسلىنىپ كەتمىدى، چۈنكى ئۇ ھامان شۇنداق بۇلىدىغانلىقى بىلەتتى، بەلكىم سابىر يەنە دىجۇرنى بۇلۇپ قالغان بۇلغۇيتى، ياكى بۇلمىسا ئىدارىدە باشقا ئىشى چىقىپ قالغاندۇ...ئەمما يۈك تاقىللىرىنى ئاران كۆتىرىپ ئۆيگە كىرگەن ئايشە چالا بۇغۇزلىغان كالىدەك خورەكىنى بولىشىغا تارتىپ ياتقان سابىرنى كۆرۈپ لىۋىنى يىنىك چىشلىدى. ئۆي ئىچى شۇنچىلىك قالايمىقان، شىرە ئۈستىدە چىچىلىپ تۇرغان يۇيۇقسىز قاچا-قۇچىلار، قۇرۇقدالغان تەييارچۆپ خالتىسى، بىر قانچە پىۋا بوتۇلكىللىرى، پول، دىرىزە دىگەنلەرنىڭ سۈرتىلىپ باقمىغىنىغا نەچچە ۋاقىتىنىڭ بۇلغانلىقى پەرەز قىلماق تەس، ياتاق ئۆينىڭ بۇلىڭىغا دۆۋلىشىپ كەتكەن بىر دۆۋە كىر كىيىملەر، ئۆينىڭ ئىچىنى تاماكىنىڭ ئىسى، تەييارچۆپنىڭ پۇرىقى بىر ئالغان......
ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا قاراپ چىچىلغۇسى كەلدى، كارىۋاتتا كىرلىشىپ رەڭگىنى يۇقاتقان پايپىقىنىمۇ سالماي ياتقان بۇ ئىنىسانغا- يۇلدىشىغا قاراپ بىر تۇرۇپ ئۆچلىكى كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىچى ئاغرىدى، خۇددى ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بىر مەسئۇلىيتى باردەك ئىچى ئاچچىق بۇلدى. نەرسىللىرىنى ئىشىك تۈۋىگىلا قۇيۇپ خىلىدىن ئۇزۇنغا ئۇلتۇرۇپ كەتتى....
..............................
ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
«تەتىل يىرىملىشاي دەپ قالدى، ئۆيدىكى ھىچنىمە ئۆزگەرگەندەك ئەمەس، ئۆزگەرگىنى سابىرنىڭ ئىچىدىغان ھارىقىنىڭ مىقدارى سەل ئىشىپتۇ، گەپ سۆزلىرى بۇرنقىدىنمۇ ئازلاپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم، يەنە شۇرۇقتۇمچىلىق، يەنە شۇ تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، قىلىپقا چۈشۈپ قالغان تۇرمۇش... پەقەت نەچچە كۈن ئىلگىرى چۇڭ ئۆيدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادىل بىلەن ئادىلەنىڭ شۇخ، تاتلىق قىلىقلىرى بۇ ئۆينى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇ قىتىم ئۇقۇشقا بىرىپ خاتا قىلدۇممۇ نىمە، ھەممەيلەن مىنىڭ سەۋەبىمدىن جاپاغا قالغاندەك، سابىرنىڭ تۇرىقى نىمە بۇلۇپ كەتكەن، بىچچارە ئاتا-ئانىمىزغا نىمە جاپا، باللىرىنى ئۇقۇتۇپ خىزمەتكىمۇ چىقىرىپ قۇيسا يەنە نەۋرىللىرىنىڭ غىمى، سابىرنىڭ تۈزۈكرەك بىر شۈدى بولسىدى كاشكى،...راسىت، نەغمەت قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ؟ بەزىدە ئۇنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپ دەپ قۇيىدىغان قىزىق گەپلىرى گەپلىرى ئىسىمگە كەلسىلا ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايمەن، ئۇ ھازىر نەدىدۇ؟ ئۆيىدىمىكىن ياكى ئۆزى ئىيىتقاندەك قايتىپ كەتتىمىكىن، بىرەر ئىش يۈز بىرىپ قالمىغان بۇلسىلا ياخىشى بۇلار ئىدىغۇ، ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئىسىللىقىغا قاراپ تۇرمۇشتىكى بەخىتسىزلىكىگە ئىچ ئاغرىتىپ قالىمەن، تۇۋا!، بىز داۋاملىق مۇكەممەللىكنى قۇغلىشىپ ئۆتىدىكەنمىزيۇ، ئەمما تۇرمۇش دىگەننىڭ مۇكەممەل بولمىقى راسىت بەك مۈشكۈل ئىكەن.»
....................................
ئاشخانا ئۆينىڭ پۇلىنى سۈرتىۋاتقان ئايشە تىلفۇننىڭ تۇيۇقسىزلا جىرىڭلىشىدىن چۈچۈپ كەتتى، كۆڭلى بىر نىمىنى تۇيغاندەك بۇلۇپ، مىھمانخانا ئۆيگە كىردى، سابىر سافادا پۇتلىرىنى ئالماپ ئۇلتۇرغاچ گىزىت كۆرۈپ ئۇلتۇراتتى. ئايشە ئىتتىك بىرىپ تىلفۇننى ئالدى؛
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
-ياخشىمۇ سىز ؟ - تلفۇندىن نەغمەنىڭ شىمالنىڭ شىۋىسى سىڭىشىپ كەتكەن تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى.
ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟- ئايشەنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
-مەنمۇ يامان ئەمەس، ماقالىڭىز ئىلان قىلىنىپنىكەن شۇنى يەتكۈزۈپ قۇيغاچ ئەھۋال سۇراي دەپ تىلفۇن ئىلىشىم، قانداقراق كىتىپ بارسىز ھۇي، ئۆي ئىچى ياخشىدۇ؟
-ياخشى، ماقالەم راسىت ئىلان قىلىنىپتىمۇ؟ ھەممىسى سىزنىڭ تۆھپىڭىز...، ئايشە گىپىنىڭ كەينىدىن يەنە ئادىتى بۇيۇنچە «نەغمەتكا» دەپ چاقىرماقچى بۇلدىيۇ بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك گىپىنى يۈتىۋەتتى.
-نەدىكىنى، ئۆزىڭىزنىڭ قەلىمى كۇچلۈك ئەسلى، باشقا گەپمۇ يۇق، قالغاننى بارغاندا دىيشىۋالارمىز.
-سىز ھازىر قەيەردە؟ ئۆيىڭىزدىمۇ ياكى.....
-شەھەرگە يىنىپ كەلگىنى خىلى بۇلۇپ قالغان، باشقا گەپ بۇلمىسا تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم ئەمسە، يۇلدىشىڭىز خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە خۇش ھە؟
- ئۇنداقتا -،ئايشە يەنە گەپ سۇرىماقچى بۇلدىيۇ، نەغمەتنىڭ گەپنى ئۈزىۋەتكىنىگە قاراپ ئۇشۇق گەپ قلمىدى.- مەيلى ئەمسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، خۇش!
نەغمەت تىلفۇننى قۇيىۋەتكەندىن كىيىن ئايىشە تىلفۇندىن كەلگەن غۇڭۇلدىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ خىلىغىچە تۇرۇپ بىركەملەردىن كىيىن ئۆيدە يۇلدىشىنىڭ بارلىقىنى ئىسىگە ئىلىپ تۇرۇپكىنى قۇيدى. شۇ تاپتا سۇرايدىغان نۇرغۇن گەپلەرنىڭ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.
-كىمدىن كەپتۇ؟ - ھىچقاچان ئايىشەنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ باقمىغان سابىر بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئادىتىگە قىلچە ماس كەلمىگەن ھالدا تۇيۇقسىزلا سۇراپ قالدى. ئەمىلىيەتتە ئۇ ئايشەنىڭ تىلفۇننى قۇيغاندىن كىيىنكى ھالىتىگە ئازراق دىققەت قىلغاندى.
-ھە، بىر ساۋاقدىشىمدىن، ماقالەم ئېلان قىلىنىپتىكەن شۇنى دەپ قۇيغىلى تىلفۇن قىلىپتىكەن.
-ھىم، -سابىر باشقا گەپ قىلمىدى، ئايشە خۇددى بىر ئۇياتلىق ئىشنى سابىر بىلىپ قالغاندەك تاتىرىپ كەتتى، شۇندىمۇ گەپ قىلماستىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئىشىنى داۋام ئەتكەن بۇلسىمۇ، يۈرىكى خىلى ۋاققىچە جايىغا چۈشمىدى.
........................................
سابىرنىڭ دەم ئىلىش ۋاقىتىغا تۇغىرلاپ، ئايىشە ئادىلنىڭ بۇۋامنى كۆرگۈم كەلدى دىگىنى بۇيۇنچە ئۆيدىكى ھەممەيلەن چۇڭ ئۆيىگە يىغىلدى.
- ئۇقۇشۇڭ قانداقراق كىتىۋاتىدۇر قىزىم؟ - ئاشخانا ئۆيدە ئاپىسىغا ياردەملىشىپ تاماق ئىتىۋاتقان ئايىشەدىن ئاپىسى سۇرىدى.
-يامان ئەمەس، يەنە يىرىم يىللىق قالدى، سىنىمۇ تەڭ جاپادا قۇيىۋاتىمەن ھە ئاپا.
-سەن مىنىڭدىن ئەنسىرىمە قىزىم، بىر ئانا ئۈچۈن قىرىغاندا نەۋرىسىنى بىقىپ، ئىرىگە تاماق ئىتىپ ئۇلتۇرۇشتىن ئۆتە كۆڭۈللۈك ئىش يۇق، پىنسىيەگە چىققاندىكىن قىلىدىغان باشقا ئىشىممۇ يۇق، ئەممازە سابىرغا بەك ئۇۋال بۇلغاندەك قىزىم ، نەچچە قىتىم ئۆيگە كەلدى، بىر-ئىككى قىتىم كۇچىدا كۆرۈشكەندەكمۇ بۇلدۇق، بىچارە بالىنىڭ ياقىسى كىردىن قۇتۇلمىدى، ئادىلغا ئىچىم ئاغرىم ئۇنىمۇ ئۆيگە ئەكىۋالدۇق، تاماق ئىتىش بىر ئەركىشىگە نىسبەتەن خامان ئالغاندەكلا دىگىنە، نىمىمۇ قىلاتتىڭ قىزىم ئۇقۇيمەن دەپ، ھىلىمۇ يىرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى خۇداغا ئۈشكۈر.
-بىلىمەن ئاپا، ئەمما تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى شۇنداق تۇرسا مىنىڭدە نىمە ئامال، ئەسلىدە بۇنچە ئالدىراپ تۇي قىلمايدىغان ئىشكەن- ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاغزىدن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئايىشە ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.
-نىمە دەيدىغانسەن قىزىم- سەي تۇغراۋاتقان ئانىسى پىچاقنى تۇختىتىپ، بىر ئايال كىشىنىڭ بەختى تالاغا قارىمايدىغان، ئائىلىسىگە كۆيىنىدىغان بىر ئەر بىلەن ئىچىلىدۇ. بالاڭمۇ چۇڭ بۇلۇپ قالدى، ئەمدە ئۇنداق بىجرلاشلىرىڭنى قۇي، بىرەر ئىش بۇلسا داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆتۈرگۈچىلىكىمىز يۇق جۇمۇ.
-خاتىرىجەم بۇلغىنە ئاپا، شۇنداقلا دەپ قۇيدۇم، يەنە مىنىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرەمسەن.
-سەن داداڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر تاللا قىزى، شۇڭا ساڭا ياخشى بۇلسۇن دەيمىزدە.
كەچتە ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ئايىشە خىلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدى، سابىرغا ئىچى ئاغرىدى، «بىر ئايال تۇرۇپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلالماي ئۇنى، باللىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى جاپادا قۇيغان»لىقىدىن ئۆزىنى ئەيىپلىدى، ئەمما ئۇنىڭ خىياللىرىغا سابىرنىڭ بارا-بار كۆچىيۋاتقان خۇرەكلىرى جاۋاپ بۇلدى.
...................................
-ئاداش يۇقاپلا كەتتىڭغۇ؟ ئۆيۈڭگە كىلىۋىلىپ مىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ نىمە؟ - تەتىل تۇشۇشقا ئازلا قالغان بىركۈنلىكى دىلبەر تۇيۇقسزلا ئايشەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.
-نەدىكىنى، ئۆينىڭ ئىشلىرى بۇلمامدۇ شۇ، پەقەت بىكار بۇلالمىدىم دىسە، سىنىڭمۇ كىلىشىڭمۇ ئەمدىغۇ؟
-شۇڭا بارغۇ تۇلۇقلاپ بىرەي دەپ كىلىشىم، ئەتە شۆھرەت «قاينام» رىستۇرانىدا بىر جۇزا تەييارلاپ بىزنى ئۇزاتماقچى، ئەسلى تىلفۇن قىلاي دىۋىدىم، ئۇيلاپ باقسام قىلدىغان ئىشىممۇ يۇقكەن شۇڭا ئۆزەم كىلىپ چاقىرىشىمغۇ؟
-بەك كايىپ كىتىپسەنغۇ، بۇ داستىخاننى ئەسلى مەن سالسام بۇلاتتىغۇ؟ - ئايشە دىلبەرنى سافاغا تەكلىپ قىلىپ بۇلۇپ چاي قۇيغاچ ئۆزىرخالىق ئىيىتتى.
-ئىككىمىزمۇ سەن مەن دىيىشىپ يۈرەمدۇق ئەمدى،- دىبەر ئالدىكى چاينى بىر ئۇتلاپ خىلىدىن كىيىن يەنە ئىغىز ئاچتى:- راىست ئاداش، ساڭا  بىر گەپنى ئىيتىسام بۇلارمۇ يە؟
-ئەجەپ تۈزۈت قىلىپ كەتتىڭ، گەپ بۇلسا دەۋەرمەمسەن بۇ يەردە يا يات بىرسى بۇلمىسا؟
-ئەمدى ئىككىمىز دۇسىت بۇلۇپ ئۆتىۋاتقىلى خىلى بۇلدى ئاداش، يۇلدىشىڭ سابىرنى چۈشىنىمەن، ئۇغۇ ساڭا ئەڭ سادىق، لىكىن شۆھرەتتىن ئاڭلىشىمچە....-دىلبەر گىپىنى تۇختىىۋالدى.
-گەپ قىلمامسەن، - ئايشە ئۇنىڭ تىلىنى چايناشلىرىدىن زىرىكىپ.
- ئالدىراتماي تۇرغىنە، ھىلىقى نازىيە قۇنچاقنى بىلىسەنغۇ فايەندە كاتىپلىق قىلىدىغان، (سۇت مەھكىمىسدە دىمەكچى) شۇ قارا، شۇنى يۇلدىشىڭ سابىر بىلەن بەك يىقىن دەيدىغۇ، بىرەر چاتاق چىقىپ قالمىسۇن يەنە؟
-بۇ كىشىلەرنىڭ قىلىدىغانغا گىپى قالمىدىكىنە، ئەمدە شۇنى گەپنى تىپىپتىمۇ، سابىرنى مەن بىلمەمدىم، خىزمەت ئىشلىرىدۇ شۇ، بۇ ياقلىرىدىن مەن خاترىجەم ئاداش،- دىدى ئايشە پەرۋايىمغىمۇ ئالمىغاندەك.
- شۇ، شۆھرەتمۇ بۇنى باشقىلاردىن ئاڭلاپتىكەن، مەنمۇ ئىشەنمىگەن، ئەمدى شۇ مەنمۇ سەمىڭگە سىلىپ قۇياي دەپ، خاتا چۈشىنىپ قالمىغىن يەنە.
ئايشە يەنىلا پەرۋاسىز تۇمۇشقىنى ئۇچلاپ قۇيۇپ، يىرىملاپ قالغان پىيالىگە چاي قۇيۇشقا تۇتۇندى.
ئايىشە شۇنداق دەپ قۇيغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ھىچقاچان تىلىفۇنىنى ئىتىپ قۇيمايدىغان يۇلدىشىنىڭ كەچ كىرىشى بىلەنلا تىلىفۇننى ئىتىۋىتىشلىرىدىن، بەزى ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىز تىلىفۇن كىلىپ قالسا تەمىتىرىگەندەك قىلىپ بىسىۋىتىدىغان، ئۇرۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۆيگە تۇلىمۇ كەچ قايتىدىغان، ۋە كەچ كەلگەن كۈنلىرى بەدىنىدىن تاراپ تۇرغان ئاياللار ئىشلىتىدىغان ئەتىرنىڭ سۇس پۇرۇقىدىن يۇلدىشىدىكى بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەرنى بارا بارا ھىس قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن بۇلسىمۇ، ئەزەلدىن يۇلدىشىنىڭ ئۇ تەرەپلىرىدىن خاترىجەم يۈرۈپ كەلگەن ئايىشە سابىرغا بۇ تۇغۇرسىدا ئىغىز ئىچىپ باقمىغاندى. گەرچە دىلبەر ئايىشەنىڭ يىقىن دۇستى بۇلسىمۇ ئائىلسىدىكى بۇ ئىشلارنى يات بىرىگە دەپ يۈرۈشتىن ئۆزىمۇ بىئەپ ھىس قىلىپ قالدى، شۇڭا قەستەن پىسەنىت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىدى.
دىلبەر يەنە تۇيۇقسىزلا خۇددى تۇلۇمدىن تۇقماق چىققاندەك سۇراپ قالدى.
- ھىلىقى كىم ئىدى، راسىت نەغمەت بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانسەن؟
-نىمىنى دەيدىغانسەن ؟ كۆرۈشكەن بۇلساق نىمە بۇلماقچىدى،سەن ئۇيلىغاندەك ئىش يۇق، نىمە بۇلدۇڭ بۈگۈن، سۆزلەپلا قاپسنا، بولدىلا بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى، ئەتە يەنە كىملەرنى چاقىردىڭ؟  - ئايىشە يەنە قەستەن گەپنىڭ تىمىسىنى بۇرىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ گىپى تەبىئىيلا باشقا تىما ئۈستىگە يۈتكىلىپ كەتتى، دىلبەرنىڭ قايسى بىر سۇرانداق كىمدۇر بىرىنى گەپتە قانداق چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۆتكەندە تىكتۈرگەن بىر كىيىمنىڭ ئۆزىگە شۇنداق ياراشقانلىقى، ئۇ كىيىمنى بىر سۇرۇنغا كىيىپ بىرىپ سۇرۇندىكىلەرنىڭ «كۆزىدىن ئۇت چىقىرىۋەتكەن»لىك سۆزلىرىنى ئايىشە خىلى ۋاققىچە چىداپ ئاڭلاپ تۇردى.
......................................
- سىزدىن بىر گەپ سىورىسام بۇلارمۇ يە؟ - ئەتىسى ماڭىمەن دىگەن كەچلىكى ئايىشە ئۇرۇن راسلاۋىتىپ تىلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئۇلتۇرغان يۇلدىشىغا تۇلىمۇ تەستە ئىغىز ئاچتى.
- ھە، - سابىر خۇددى ھىچ بىر ئىش بۇلمىغاندەك خىرامان قىياپەتتە.
شۇ دەقىق ئارىلىقتا ئايىشە كاللسىدا تۇيۇقسىز سۇرايمۇ قانداق قىلاي دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى، «ناۋادا سۇرىسام... راستىنلا مەندىن يۇشۇرۇن ئىش قىلىپ يۈرگەن بۇلسا راسىت گەپ قىلارمىدى»
ئايىشە گەپ قىلمىغاندىن كىيىن سابىر نىمە ئىش دىگەندەك نەزەردە ئايىشەگە قارىدى، ئەمما ئايىشەنىڭ گەپ - سۆز قىلماي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى يەنە تىلىۋۇزۇرغا يۆتكىدى.
....................................
فىۋرالنىڭ ئۇتتۇرىسى مەركىزى شەھەردىكى سۇغۇقنىڭ تىخى كۈچىدىن كەتمىگەن ۋاقىتى. سۇغۇقنىڭ دەستىدىن كۇچىدا ئادەم خىلىلا شالاڭ. تاغىسىنىڭ ئۆيىدىن مەكتەپنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كەلگىلى نەچچە كۈن بۇلۇپ قالغان نەغمەت خىلى زۇر غەيرەت بىلەن دىلبەرگە تىلفۇن ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ بۈگۈن يۇلغا چىققانلىقىنى، ھازىر يۇلدا كىتىۋاتقانلىقىنى، ئەتە سەھەردىن كىيىن كىلىدىغانلىقىنى بىلدى، نەغمەت ئەتىسى سەھەردە تاڭ ئاتا-ئاتمايلا ئۇرنىدىن تۇرۇپ ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىز قىردى، كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ چالا-بۇلا ناشتا قىلغاندىن كىيىن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇن يۇللىق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ خىلىلا بالدۇر كىلىۋالغاندى. بىكەتتە ئادەم ناھايىتى كۆپ، ھىلىدىن ھىلىغا چىقىپ كىرىپ كىتىۋاتقان ماشىنىلار ئارسىدىن نەغمەت ئايىشەنىڭ يۇرتىنىڭ نۇمۇر تاختىسى ئىسىقلىق ماشىنىنى ئىزلەيتى، شۇنىڭغا ئۇخشاش نۇمۇر تاختىسى ئىسىقلىق ماشىنا كىرگەندە ئايىشە خۇددى شۇنىڭ ئىچىدە باردەكلا نەغمەتنىڭ يۈرىكى تىز-تىز سۇقۇم كىتەتتى ۋە قۇللىرى بىلەن چاچلىرىنى، چاپىنىنىڭ ياقىللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇيۇپ ماشىنىنىڭ كەيىندىن ماڭاتتى، ئەمما  ئادەملەرنىڭ ھەممى تارقاپ كەتكىچە قاراپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايشە كۆرىنمەيتى، نەچچە سائەت، نەچچە ماشىنا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈ قىرىشقاندەك سۇغۇق بارا-بارا كۇچىنى كۆرسەتتى، بۈگۈنكى ھاۋاغا نىسبىتەن سەل يىلىڭ كىيىنگەن نەغمەتنىڭ چۈشكە قالمايلا بەدىنى مۇزلاشقا باشلىدى. قۇلاقلىرى سۇغۇقتىن ئىچىشاتتى، مۇزلاپ ئاللاقاچان سىزىمىنى يۇقاتقان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ بىردەم قۇللىرىنى ھۇردىسا يەنە بىردەم قۇللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى دالدا قىلاتتى، پۇتلىرىنى تۇرۇپ-تۇرۇپ يەرگە ئۇرۇپ قۇياتتى. شۇندىمۇ بارغانسىرى كۇچىيۋاتقان سۇغۇق خۇددى ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ، قىراۋ چۈشىۋاتقاندەك ئۇچقۇنداۋاتقان كىرىستالدەك قار ئۇچقۇنلىرى ئۇنى تىخمۇ ھالىدىن كەتكۈزىۋەتتى.
بىر كەملەردە زادىلا چىدىيالماي قالغان نەغمەت يۇلۇچىلارنى كۈتۈش ئۇرنىدىكى بىر ئاممىۋىي تىلىفۇنخانىغا كىرىپ دىلبەرنىڭ تلفۇن نۇمىرىنى باستى.
- ۋ ە ە ي! -تىلىفۇندىن دىلبەرنىڭ ئەركىلىگەندەك ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ياخشىمۇ سىز ؟ مەن نەغمەت!- دىدى سۇغۇقتىن ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تەستە، تىترەپ چىقاتتى، - نەگە كەلدىڭلار ھۇي قىزلار؟ تىخچە كەلمەيسىلەرغۇ؟
-سىز بىكەتتىما؟ ۋاي خۇدايم، -دىلبەرنىڭ تولىمۇ ھەيران قالدى. - يولدا ماشىنا تۇسۇلۇپ قالغان، يۇل بايا ئىچىلدى قاراڭ، يەنە تۆت-بەش سائەتلەردە بارارمىزكىن تاڭ؟ تىلفۇننى ئايىشەگە بىرەيمۇ؟
- بۇلدى، مەن بىكەتتە ساقلاپ تۇراي، كەلگەندە كۆرىشەرمىز، يۇلدا ئۈزۈڭلەرنى ئاسراڭلار.- ئۇنىڭدىن كىيىن دىلبەرنىڭ خۇش دىيىشنىمۇ كۈتمەي تىلفۇننى قۇيىۋەتتى.
نەغمەت سائەتكە قاراپ چۈش بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدى، قۇرسىقىمۇ ئىچىپ كەتتى، پۇتلىرى مۇزلاپ ماڭغىدەك ماجالى قالمىغاندى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بىكەتتىن چىقىپ بىر ئاشخانىغا كىردى، قىزىق چايدىن ئۇتلاپ خىلىدىن كىيىن ئازراق جان كىردى. تاماقىنى يەپ بۇلۇپ تەستە مىڭىپ ياتىقىغا قايتىپ كىردى-دە ، كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسدا بىر خىل «نىمە ئۈچۈن» بارئىدى.
«زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەنكىنە....؟ ساۋاقداشلىقىممۇ؟ سىنىپىدا ئۇنىڭدىن باشقا شۇنچە كۆپ ساۋاقىدىشىم بار تۇرسا، دۇستلۇق دىسەم بۇنى نىمىدەپ چۈشەندۈرگىلى بۇلار؟ بۇ دۇسلۇقمۇ؟ نەچچە ۋاقىتىتن بىرى ئۇنى زادى نىمىشقا.....» نەغمەت ئاخىرىنى ئۇيلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى، شۇنچە ئۇيلاپمۇ كۆڭلىدە بۇنىڭغا ئازراق سەۋەپ كۆرسىتەلمىدى.
شۇنداق ئىگىز-پەس خىياللار داۋامىدانەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى، يا ئۆزىگە قۇيغان سۇئاللىرىغا تۈزۈكرەك جاۋاپمۇ تاپالمىدى، كاللىسىغا بىر ئۇقۇم كەلگەن بۇلسىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشقا راستىن ئىيتقاندا سەل ئاجىزلىق قىلدى.  ئۇنىڭغىچە بىر-ئىككىدىن بۇلۇپ تەتلدىن يانغان ياتاقداشلىرى ۋە باشقا ياتاقدىكى ساۋاقداشلىرى كۆرۈشكىلى كىرىشكە باشلىدى. ياتاقنىڭ تىمغا ئىسىقلىق سائەت ئۈچ بۇلغانلىقىنى ئاپتۇماتىك ئەسلەتكەندىلا نەغمەت ئىسىنى يىققاندەك بۇلۇپ، خۇددى كىچىپ قالىدىغاندەك، ئايشەنىڭ ئۆزىدىن رەنجىپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ، يەنە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى، بايامقى سۇغۇق ئىسىگە كىلىپ ئىچىگە يەنە بىرقات پۇپايكىسىنى قاپلىۋالدى ۋە ياتاقداشلىرىغا «تاغامنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي» دەپ بانا كۆرسىتىپ ياتاقتىن چىقتى.
سۇغۇق ئادەتتىن تاشقىرى كۇچەيگەن، ئەتىگەنكى قار ئۇچقۇنلىرى ئەمدىلىكتە سەلگىنە يىغىۋاتقان قارغا ئۆزگەرگەن، قار ئۇچقۇنلىرى ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ ئىچىشتۇراتتى، بارا-بارا ئۇنىڭ قاپلىۋالغان پۇپايكىسمۇ ھىچنىمىگە دال بۇلالمىغاچقا بەدىنى مۇزلاپ سۇغۇقتىن لەۋلىرى كۆكىرىپ كەتتى، بەدىنى سۇس تىتىرەيشكە باشلىدى.  بىكەتتە نۇرغۇن كىشىلەر كىلىپ كىتىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا پەرۋا قىلماستىن خۇددى بۇيەردىكى بىر بىكەت كۆزەتچىسىدەك، خۇددى بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگىنىگە گۇۋاھچى بۇلماقچى بۇلغىنىدەك ماشىنا كىرىدىغان دەرۋازا تۈۋىدە داۋاملىق ساقلىدى. يەنە نەچچە سائەت يەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، ئايىشەنىڭ يۇرتىنىڭ ماشىنىسىدىن نەچچىسى كىلىپ، نەچچىسى بىكەتتىن چىقىپ كەتسىمۇ لىكىن ئايىشەنىڭ قارىسىمۇ كۆرىنمەيتى.
بۇ يەردە قىش كۈنلىرىدە بالدۇرلا كەچ بۇلىدۇ، شۇڭا سائەت ئالتىدىن ھىچقانچە ئاشمايلا كوچا چىراقىلىرى يىنىشقا باشلىدى، بىكەت ئالدىدىكى كەچلىك بازارچىلارمۇ قارنىڭ يىغىۋاتقىنىغا قارىماي كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ نەغمەت بۇ يەردە تۇپتۇغرا بىر كۈن ئايىشەنى ساقلىغان بۇلسىمۇ تا ھازىرغىچە ئۇنى كۆرەلمىدى. تۇرۇپلا ئۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى، «يۇلدا بىرەر خەتەر يۈز بىرىپ قالمىغىيتى ھە؟ بىكەت تىپتىنىچ، ئۇمۇ بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىدى، كىتىپ قالغانمىدۇ يە؟ مۇمكىن ئەمەس، ھىچقانداق بىر ماشىنا، ھىچقانداق بىر كىشى ئۇنىڭ كۆزىدىن قچىپ كىتەلمىدى، ياكى دىققەت قىلمىغان بۇلسا........» شۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن يەنە بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. دىلبەرگە يەنە بىر قىتىم تىلفۇن قىلىشنى ئۇيلىغان بۇلسىمۇ بىر نىمىدىن ئەنسىرىگەندەك، خۇددى دىلبەر ئۇنى مازاق قىلىدىغاندەك ھىس قىلىپ ئۇنداقمۇ قىلمىدى.
سەككىزدىن ئازغىنە ئاشقاندا ئايىشەنىڭ يۇرتىنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ئاسقان ئاق رەڭلىك ئۇزۇن ئاپتۇبۇس بىكەتكە ئىغىر ھالسىراپ كىرىپ كەلگەندە نەغمەت يەنە بىر قىتىم ئۆمۈتلىنىپ قارىدى. شۇ كەمدىلا قارامتۇل سىرىق خىرۇم چاپان كىيگەن، بۇينىغا شارپىسىمان قارا گۈللۈك ياغلىق چىگىۋالغان، چاچلىرىنى كەينىدىن بىرلا يىرىدىن بۇغۇۋالغان ئايىشەنىڭ تۇنۇش چىرايى كۆرۈنگەندىلا نەغمەت يىنىك تىن ئالدى ۋە ئالدىراپ ئايشەنىڭ ئالدىغا كەلدى.
دىلبەر بىلەن ئايشە قاتتىق ھەيران قالدى، ئايىشەنىڭ ھەتتا ئەھۋال سۇراشقىمۇ تىلى كەلمىدى. نەغمەتنىڭ سۇغۇقتىن شۈمشىيىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ كۆزلىرى نەمدەلدى. يۈرىكى ئىچىشتى.
- سىز ئەتىگەندىن بىرى ساقلىدىڭىزما؟- دىدى دىلبەر ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي تىچلىق سۇراشنىمۇ ئۇنتۇپ ۋاقىرغاندەكلا.
   - ياقەي، بايا كىلىشىم، نەغمەت قەستەن يالغان سۆزلىدى. - سىز بەش سائەتتىن كىيىن كىلىدۇ دىگەچكە تىخى ئەمدىلەتتىن چىقىپ تۇرۇشۇم، قانداق ساق-سالامەت كەلدىڭلارمۇ؟
- ياخشى، ئەسلى بالدۇرلا كىلەتتۇق، يۇلدا بىر يۈك ماشىنى سۇقۇشۇپ كىتىپتىكەن يۇل ئۈچ سائەتتىن ئۇشۇق تۇسۇلۇپ قالدى. - دىدى دىلبەر. ئايىشە يەنىلا خۇددى قىتىپ قالغاندەك بىر ئىغىزمۇ ئۈندىمىدى، قەستەن ئۈندىمىدى ئەمەس، تىخى تۇنجى قىتىم يات بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇنۇڭغا كۆرسەتكەن بۇ مىھرىبانلىقىدىن تۇلىمۇ تەسىرلىك، ئىللىقلىق ھىس قىلىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيلا قالغاندى.
-يۈك تاقىلىلارنى ئېلىپ بالدۇرراق قايتايلى، بەڭ كەچ بۇلۇپ كەتتى. - دىدى نەغمەت، شۇتاپتا ئۇ ئايىشەنى كۆرۈپ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك بۇلدى.
- بۇ گىلەمنى نىمە قىلىسىز؟- نەغمەت ئۇلارنىڭ يۇك تاقىللىرىنى چۈشۈرۋىتىپ ماشىنىنىڭ كەينى تەرپىدىن ئايىشە كۆرسەتكەن  قىلىن بىر گىلەمنى تارتىپ ئىلىپ.
- مۇشۇ يەردە تۇرۇشلۇق بىر يىراق تۇققىنىمىز بار، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇلارغا ئىۋەتكەن سۇۋغىسى، ھىلى قايىتقاچ بىرىۋەتسەكلا بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيى مۇشۇ مەكتەپكە ماڭىدىغان يۇل بۇيىدىلا.
ئايشە نەغمەت بىلەن كۆرۈشكەندىن بىرى بۇ ئايىشەنىڭ تۇنجى قىتىم قىلغان گىپى ئىدى.
-ھە، - نەغمەت ئۇنىڭدىن بۆلەك باشقا گەپ قلمىدى. بىر كىرا ماشىنا  بىلەن كىلىشىپ نەرسىلەرنى  ماشىنىغا بىسۋاتقاندا، گىلەمنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا ئالغۇچە قۇللىرى قۇلاشماي قىلىۋاتقان نەغمەتنى كۆرگەن ئايىشە، بۈگۈنكى بۇ قاتتىق سۇغۇقتا ئۇنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ساقلىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردى.
بىرىدىغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە بىرىپ، ئازراقتىن بىر نەرسە يەپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگىچە ۋاقىت خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغاندى.
- رەھمەت، نەغمەتكا، بۇ سۇغۇقتا سىزنى بەكمۇ ئەۋارە قىلدۇق.- دىدى دىلبەر ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە.- ئەمدى ئۆزىمىز كۆتۈرۈپ ئەپكىرىپ كىتەلەيمىز.
-ھە راسىت، بۇ يەشىكتە ئۆزۈم سالغان پىرەنىكلەر بار ياتاققا ئالغاچ كرىپ كىتىڭ. دىدى ئايشە، قۇلىدىكى بىر كىچىك يەشىكنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ.
-بۇلدى ئاۋارە بۇلماڭ.
- بۈگۈنكى جاپايىڭىز ئالدىدا...-ئايىشە «قانچە قىلساممۇ ئەرزىيدۇ» دىمەكچى بۇلدىيۇ دىلبەردىن خىجىل بۇلۇپ نەچچە دەقىقە تۇرۇپ قىلىپ گىپىنى ئۆزگەرتتى. -بۇ قانچىلكتى.
ئۇلار ئەنە شۇنداق قىسقىلا خۇشلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ياتاق بىناسىغا قاراپ كىرىپ كەتتى.
نەغمەت ياتاققا كەلگەندە يەنە بىرەيلەندىن باشقا ياتاقداشلىرى ئاللاقاچان كىلىپ بۇلغاندى. ئۇ ئايىشە بايا بەرگەن پىرىنىكلەرنى تاغامنىڭ ئۆيىدىن ئەكەلدىم دەپ قۇيۇپ شىرەنىڭ ئۈستىگە قۇيدى. ۋە ئچىدىن بىر تال پىرەنىكنى ئىلىپ خۇددى بۇرۇن يەپ كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ ئىسىل يىمەكلىكىنى يىيىشكە كۆزى قىيمىغان ھالەتتە يەۋاتقىنىدا، ئايىشەنىڭ ياتىقى دىلبەرنىڭ ئىغىزىنىڭ بۇشلىقى بىلەن نەغمەتنىڭ بۈگۈنكى سۇغۇقتا ئۇلارنى بىر كۈن ساقلىغانلىقىدەك ھەيران قالارلىق خەۋەر بىلەن قىزىپ كەتكەندى.
................................
يەنە رىتىملىق تۇرمۇش باشلاندى، ئەمما نەغمەت بىر ئاز ئۆزگەرگەندەك قىلاتتى، نىمىشقىدۇر ئۇ ئايشەنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك ئەركىن تۇتالمايتى، ئايشەمۇ ئۇنىڭدىن تارتىنىدىغان ھىتىرقايدىغان بۇلۇپ قالدى، بىر جوزىدا ئۇلتۇرسىمۇ، كۆزلىرى ناگان-ناگاندا ئۇچۇرۇشۇپ قالسىمۇ ئۇلار ئۆزىچە قىزىرىشىپ كىتەتتى. يەنە كىلىپ ئۆتكەنكى قىتمدا نەغمەتنىڭ ئايىشەلەرنى بىركۈن بىكەتتە ساقلىغىنى دىلبەرنىڭ كۆپتۇرۈپ ئەۋزەيلەشلىرى بىلەن سىنىپتا ئازارق گەپ تىمىسى بۇلۇپ بەرگەن بۇلۇپ، ئۇلار خۇددى بىردەم گەپ قلىشىپ قالسا، دەرستىن چۈشكىچە كارىدۇردا يانمۇ-يان مىڭىپ قالسا خۇددى باشقا ھەممىسى ئۇلارغا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك بۇلۇپ ئۆزلىرى خۇدۇكسىرەپ كىتەتتى. ئايىشەنىڭ ئىچى راستىنلا پۇشتى، ئۇ بۇنداق ئۆتشىنى، ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە ئەڭ سەمىمىي يارىدەم بىرىدىغان دۇستىنىڭ ئۆزىدىن بۇنداق يىراقلاپ كىتىشىنى خالىمايتى، دەسلەپتە كۆرۈشمەي-كۆرۈشمەي كۆرۈشكەنلىكتىن يىتىرقاۋاتىمىز دەپ ئۇيلىغان بۇلسىمۇ تەتىلدىن كىلىپ بىرەر ئايغىچە يەنە شۇنداق داۋاملىشىۋاتقان مۇناسىۋەت ئۇنى گاڭگىرىتىپ قۇيدى.
ئاخىرى يەنە ئايىشە تەشەببۇسكار كەلدى، بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە ئاخىرلىشاي دىگەندە ئايشە بىر تال باقچىنى ئاستا نەغمەتنىڭ كىتابى ئۈستىگە قۇيدى.
«تەكراردىن يىنىپ ئايلىنىپ كەلسەك قانداق». نەغمەت كۆرۈپ بۇلۇپ ماقۇل بۇلغاندەك بىشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قۇيدى.
ئۇلار سىنىپتىن چىققاندا ئەتىراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان، مەيداندىكى چىراقلار نۇرلىرى، كۈندۈزدىكى سەلگىنە ئاپتاپتا ئازراق ئىرىپ كەچنىڭ سۇغۇقىدا يەنە مۇزغا ئايلانغان چىملىقتىكى مۇز پارچىللىرىدا سۇس جىمىرلاپ تۇراتتى، بىر كىم باشلىمىسمۇ، ئۆز-ئار دىيشمىگەن بۇلسىمۇ ئۇلار ئۆزلىگىدىن تەنتەربىيە مەيدانى تەرەپكە قاراپ مىڭىشتى. ھاۋا يەنىلا سۇغۇق بۇلۇپ باش باھارنىڭ سۇغۇقى تەننى قۇرۇيتى. مەيداندا ئۇقۇغۇچىلارمۇ ئاز، پەقەت كەچلىك مەشىق قىلىشقا چىققان بىر قانچە ئۇقۇغۇچى يۈگىرەش مەيدانىدا مىڭىپ يۈرىشاتتى. ئۇلار مەيداننىڭ ئۇتتۇرسىكى پۇتبۇل مەيدانىنىڭ چىملىقىغا كىرىپ ۋارىتارنىڭ يىنىغا ۋاقىتلىق قۇيۇپ قۇيغان ئۇزۇن يۆتكىمە ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئۇلتۇرۇشتى. ئارىدىكى جىمجىتلىق يەنىلا داۋام قىلماقتا، ھەر ئىككىسى گەپنى قاياقتىن باشلاشنى بىلمەي قالدى.
- شۇنداق قىلىپ بۇ بىر ئايمۇ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. - بۇنداق ئۇلتۇرۇۋىرىشتىن سەل بىئەپ ھىس قىلغان نەغمەت گەپنى شۇنداق باشلىدى.
-ھەئە، يەنە ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇقۇشىمىزمۇ پۈتىدۇ، سىزمۇ يەنە بىرەر نەرسە يازمىدىڭىزغۇ؟
- راسىت ئۆتكەندىكى ماقالىڭىز خىلى تەسىر قۇزغىدى بۇلغاي، ئۇنىڭدىن كىيىن ماقالىڭىز تۇغرىسىدا بىر-ئىككى پارچە ئۇبىزۇر ئىلان قىلىنغانمۇ بۇلدى، قانداق قىز، يەنە يىڭى تىمىلار بارمۇ يە؟
بىردەم تاغدىن، بىردەم باغدىن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ گىپى پەقەت قۇلاشماي قالدى.
- نەغمەتكا، بىزگە زادى نىمە بۇلدى؟ بۇرۇن بۇنداق ئەمەستۇق، قىشىڭىزغا كەلسەم گەپلىرىمىز تۈگىمەي قالاتتى، ئەمما ھازىر خۇددى ئارىدا بىرخىل بۇشلۇق پەيدا بۇلۇپ قالغاندەك مىنىڭ بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى، ناۋادا سەۋەپ بۇلسا بىلىشكە بۇلامىدىكىنە؟  -دىدى ئايشە ئاخرى غەيرەتكە كىلىپ كىسپلا.
نەغمەتنىڭ بىشى چۈشۈپ كەتتى. ئازاق ئۇھسىنىپ قۇيدى. ئەمىلىيەتتە بۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بارئىدى.
خەمىت ئىسىملىك نەغمەتنىڭ يۇرۇتداش ساۋاقدىشى نەغمەتنىڭ ئايالى سەلىمەنىڭ يىراق بىر تۇققىنى بۇلۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇ سەلىمەنىڭ نەغمەتكە قۇيۇپ قۇيغان «كۆز»ى بولۇپ، نەغمەتنى ئۇقۇشقا بىرىشتىن تۇسۇپ قالالمايدىغانلىقىىنى بىلىپ، يەنە دادىسىنى ئىشقا سىلىش ئارقىلىق مىڭ تەستە خەمىتنى نەغمەت بىلەن يۇلغا سالغان ئىدى. خەمىت  ھىلىقى يىڭى يىللىق ئۇلتۇرۇشتا نەغمەنىڭ ئايشەدىن بۆلەك باشقا بىرى بىلەن تانسىغا قۇپىمىغىنىنى، تەتىلدىن يىنىپ بىكەتتە ئايىشەنى بىر كۈن ساقلىغىنىنى، ئۇلارنىڭ بىر ئىككى قىتىم تاماققا بىللە چىققىنىنى كۆرۈپ ئىقىتماي-تىمىتماي سەلىمەگە يەتكۈزۈشكە ئۈلگۈرگەندى. شۇ سەۋەپلىك سەلىمە ھەتتا ئۇنى ئىزلەپ مەكتەپكە كەلگىنى تاسلا قالغان، نەغمەتنىڭ ئىزىپ چۈشەندۈرۈشلىرى، يالۋۇۇرۇشلىرى ئارقىسىدا سەلىمەنى ئاران دىگەندە نىيىتىدىن ياندۇرغاندى. ئەمدىلىكتە بۇ گەپلەرنى ئۇ ئايىشەگە دىسۇنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاران تۇرغان بۇ مۇناسىۋىتى تۈگەشسۈنمۇ؟  نەغمەت ئۆزى بىلەن پىكىرداش، سىرداش دۇستىقا ئاران دىگەندە نائىل بۇلغان، ناۋادا بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئىيتسا بۇ دۇسلۇق تەبئىيلا ئۈزىلىدۇ. ئاندىن بۇ گەپ بىرىپ ئايىشەنىڭ يۇلدىنشىنىڭ قۇلىقىغا يەتسە ئۇنىڭمۇ تۇرمۇشى بۇزىلىدۇ. ياق، بۇخىل ئىچى سىقىلىش، بۇ خىل ئازاپ، بۇ خىل رۇھى بىسىم پەقەت ئۆزى بىلەنلا كەتسۇن. چۈنكى ئۇ باشقىلار ئۈچۈن، ئازاپ تارتىش ئۈچۈن، پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا تۇغۇلغان.
-ياقەي، باشقا ھىچقانداق ئالاھىدە سەۋەپمۇ يۇق، بىز يىقىن ئۆتسەك ساۋاقداشلار ئۇنى-بۇنى دەپ قالىدىگەن، مەنغۇ مەيلى، ئەمدى بىرىپ يۇلدىشىڭىزنىڭ قۇلىقىغا يىتىپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم، يەنە كىلىپ ئىككىڭلار ئايرىلىپ يۇرىۋاتقاندا ئۇ-بۇ گەپلەرنىڭ چىقىشى تەبئى. شۇڭا.... -نەغمەت گىپىنى تاپالماي قالدى.
-شۇڭا قۇرقۇپ كۆزۈمىنى يۇمىۋالدىم دەڭە؟
-ئۇندامۇ ئەمەس......
-نەغمەتكا، سىز مىنىڭ ئۇستازىم، مۇنداقچە ئىيتقاندە سىزنى دۇستۇم سىردىشىم، يىقىنىم دەپ ھۆرمەتلەيمەن، خالىسىڭىز لايىقىدا دۇسىت بۇلۇپ ئۆتسەك بۇلىدۇ. كۇنىلاردا«قۇرسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بۇلمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قۇرۇقىما» دەپتىكەن، ئەنسىرەيدىغان يەنە نىمە ئىش بارئىدى....
شۇ ئارىدا مەيدان باشقۇرغۇچىنىڭ مەيداننى تاقايدىغانلىقىنى ئىيتىپ ۋاقىراشلىرى ئاڭلىنىپ ئايىشەنىڭ گىپى ئۈزۈلۈپ قالدى. نەغمەت سائەتكە قارىۋىدى، ياتاق بىناسىنى تاقاش ۋاقتىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەندى. ھەرھالدا بۈگۈن ئۇلار ئالدىدىكى بىرقەۋەت تۇماننى ئاز بۇلسىمۇ تارقىتىش مەقسىدىگە يەتكەن بۇلدى.
..................................
ھەپتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى سىنىپتا ئەتە كەچ قۇيىلىدىغان بىر داڭلىق ناخشىچىنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىڭ پارىڭى چىقىپ قالدى.
- ئەتە قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يۇقكەن، بولمىسا دىلبەرلەر بىلەن بىللە بىرىپ كۆرۈپ كەلمەيلىمۇ؟ -دىدى ئايشە خۇشخۇيلۇق بىلەن.
-مەن...- دىدى نەغمەت دۇدۇقلاپ تۇرۇپ، بولدىلا بارماي دىمەكچى بۇلدىيو ئەمما يەنە ئىرادىسىنىڭ ئەكىسىچە يەنىلا قۇشۇلدى، -مەيلى.
ئەتىسى ئۈچەيلەن تەييارلىق قىلىپ تىياتىرخانىغا بىرىش ئۈچۈن ماشىنا بىكىتىگە كىلىپ كۇچا ئاپتۇبۇسى ساقلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز دىلبەرنىڭ قۇل تىلفۇنى سايرىدى.
-ۋە   ي. ياخشىمۇسىز؟
-شۇنداق مەن شۇ
-ھە بۇلىدۇ ئەمسە، سىز بىكەتىمۇ؟مەن ھازىرلا باراي
-ئاداش -دىدى دىلبەر تىلفۇنىنى سۇمكىسىغا سىلىۋىتىپ ئايشەگە قاراپ: -ئۆيدىكىلەر خالتا ئىۋەتىپتىكەن، ئالغاچ كەلگەن كىشى ھازىر بىكەتتىكەن، سەت بولدى، سىلەر مىڭىۋىرىڭلار، مەن نەرسىلەرنى ياتاققا ئەكىرىىپ قۇيۇپ كەينىڭلاردىن يىتىمەن، شۇنداق بۇلسۇن ئەمسە..... دىگىنىگىچە گىپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي ئالدىغا كەلگەن بىر تاكسىنى تۇسۇپلا كتىپ قالدى.
-قانداق قىلىمىز؟ بىرىۋىرىمىزمۇ ياكى...
-دىلبەر بارىمەن دىدىغۇ، بۇلدى بىرىۋىرەيلى - دىدى ئايشە.
نەغمەت ئۇزۇن كەتكەن ئۆچىرەتتە ئاران تەسلىكتە ئۈچ تال بىلەتنى ئىلىپ بۇلۇپ، دىلبەرنى ساقلاشقا باشلىدى. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتۈپ ئويۇن باشلىنىشقا ئازلا قالدى. ساقلاپ تاقىتى-تاق بۇلغان ئايىشە ئاخىرى تىياتىرخانىنىڭ يىنىدىكى بىر ئاممىۋىي تىلفۇنخانىدىن تىلفۇن ئۇرىۋىدى، تىلفۇن ئىتىكلىك چىقىپ قالدى.
-قانداق قىلىمىز؟ كىرىۋىرەمدۇق ياكى يەنە بىر ئاز ساقلامدۇق؟ - نەغمەت ئىككىلىنىپ سۇرىدى.
- بۇلدى، بىلەتتىن بىرىنى قايتۇرىۋىتىپ ئۆزىمىز كىرىۋىرەيلى.
بىلەتنى قايتۇرۇپ بۇلۇپ زالغا كىرگەندە تىياتىرخانا ئادەم بىلەن لىق تۇلغاندى، جاينى تەسلىكتە تىپپ ئۇلتۇرغىچە ئۇيۇنمۇ باشلاندى. ئۇلار ئۇيۇنىنى تۈگىتىپ بۇلۇپ چىققاندا، قاپسىلىپ چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بىلەكلىرى بىر-بىرىگە يىنىك تىگىشپ كەتتى، خۇددى تۇك تىپىۋەتكەندەك بىرخىل قىسقا ئەمما تاتلىق سىزىم ئۇلارنىڭ تىنىغا تارالدى، ئايىشە خىجل بۇلىنىدىن قۇلىنى ئىتتىك تارتىۋالىدى، نەغمەت سائىتىگە قارىغان بۇلۇپ بىلىكىنى كۆتىردى.
ئويۇن خىلى كەچ ئاخىرلاشقاندى، ئۇلار ئالدىراپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتقاندا يىراقتىن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان خەمىتكە ھىچقايسىسى دىققەت قىلمىغاندى.
..................................
« مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىن زىرىكتىم، بۈگۈن سرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كەلسەك قانداق؟» تۆتىنجى سائەتلىك دەرستىن كىيىن ئايشە دىلبەرنىڭ ئۇغۇرلىقچە ئىۋەتكەن باغاقچىسىنى تاپشۇرۋالدى. ئەسلىدە ئۇ بۈگۈن نەغمەت بىلەن دىيىشىپ قۇيغان ئىدى. نەغمەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشىنى خالىماي، دىلبەرگە بۈگۈن ئىشى بارلىقىنى، ئۆزى چىقىۋىرىشىنى ئىيىتىپ باغاقچە يازدى. دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ئۇ نەغمەت بىلەن تاماق يىگىلى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئۇ يەردە دىلبەر ۋە يەنە بىر ياتاقدىشى بىلەن دۇقۇرشۇپ قالدى. ئايىشە قۇلاقلىرىگىچە قىزىرىپ كەتتى، ھىلىمۇ ياخشى دىلبەر «تاماققا كىردىڭلارمۇ؟» دىيشتىن باشقا گەپ قىلمىدى.
- راسىت گەپ قىلە ئاداش، نەغمەت بىلەن باشقىچە مۇناسىۋىتىڭ يۇقتۇ ھە؟ - ئايىشەنىڭ ئۇيلىغىنىدەك چۈشتىن كىينلىك دەرىستىن چۈشۈپ كەچلىك مۇزاكىرە ئارلىقىدا ياتاقتا ئايىشە بىلەن ئىككىسى يالغۇز قالغاندا دىلبەر سۇراپ قالدى.
- ياقەي، بىز ئادەتتكى دۇستلاردىن شۇ، سەن ئۇيلىغاندەك ئىش يۇق، ئەسلىدە سىنىڭدىن بۇرۇن نەغمەتكە ھە دەپ قۇيۇپتىكەنمەن شۇڭا يىنىۋىلىشتىن خىجىل بۇلدۇم. - ئايىشە راسىت گەپ قىلدى.
-ئادەم دىگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بۇلمايدۇ ئاداش، دىققەت قىلغىنىڭ ياخشى، ئاڭلىسام نەغمەتنىڭ ئايالىنى بەك يامان دەيدۇ، سىنپتىكىلەرنىڭ دىيىشچە ئۇنىڭ ئايالى ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ قىلىپ، بەك جىدەل قىلىپ تۇرۇۋالىدى دەيدۇ، يۇق يەردىن ئۆزۈڭگە ئىش تىپىۋالمىغىن يەنە.
دىلبەرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئايىشە خۇددى تۇك تىپىۋەتكەندەك چۈچۈپ كەتتى
-تۇۋا دىگىنە ئاداش، بۇ ئىشلار قانداقسىگە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قۇلىقىغا بارىدۇ؟ سەن نەدىن ئاڭلىدىڭ؟
-شامال ئۆتمەيدىغان تام يۇقكەن ئاداش، ياخشى گەپنى تىلىۋۇزۇردا مىڭ قىتىم گۇاڭگاۋ قىلساڭمۇ (ئىلان بەرسەڭمۇ دىمەكچى) ئاڭلايدىغانغا ئادەم چىقمايدۇ، لىكىن يامان گەپنى ھىچكىم ئاڭلىمىدى، كۆرمىدى دىسەڭمۇ پۇت-قۇللىرى، قۇلاق-بۇرۇنلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ بىردەمدىلا تارايدىغان ئىشكەن، بۇلۇپمۇ بىز قىزلار قۇرۇق گەپ، قۇرۇق تۆھمەتكە بەكرەك يىقىن كىلىمىز، بۇمۇ بەلكىم بىر ئەپقاچتى گەپلەر بۇلىشى مۇمكىن، لىكىن سىنىڭمۇ ئائىلەڭ، ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى بار، ھازىر ئۇنىڭ ئايالىغا يەتكەن بولسا، ئەتە-ئۆگۈن يەنە شۇ پۇت-قۇل، قۇلاق بۇرۇنلىرى بىلەن سابىرنىڭ قۇلقىغا يىتىپ قالسا تازا ياخشى بۇلماسمىكىن، ئىشقىلىپ دىققەت قىلغانغا يەتمەيدۇ.
ئايىشە تۇلىمۇ ھەيران قالدى، نەغمەتنىڭ ئۆزىدىن قىچىپ يۈرگىنىنىڭ سەۋەبىنى ئازارق بىلگەندەك بۇلدى. «ھەي بىچچارە ئىنسان» دەيتى ئۇ ئىچىدە، «يەنە ئۆزىنى قۇيۇپ مىنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتكىنىنى»
ئايشە كۈندىلىك خاتىرىسىنى يازمىغىنىغا خىلى ئۇزۇن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
«بەزىدە بىر ئىشلارنى تۇلىمۇ ئاددى ئۇيلاپ قالىمەن، ھەممە كىشىنى ئۆزۈمگە ئۇخشىتىپ، ھەممىسىگە تەڭ نەزىرىمدە قاراپ يۈرۈپ بەلكىم نۇرغۇن ئىشلاردا خاتا ئۇيلاپ قالغان بۇلىشىم مۇمكىن، نەغمەت مىنىڭ سىرداش يىقىن دۇستۇم، ئۇنى ئۇستازىم سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلساممۇ، باشقىلارنىڭ مىنى چۈشىنىنى نىمىدىگەن يۈزەكىدۇ؟ ئەجىبا ئىككىمىزنىڭ دۇسىت بۇلۇپ ئۆتىشىمۇ شۇنچە تەسمىدۇ؟ مىللىتمىزدىكى پىتنىخۇرلۇق، گەپ تۇشۇمىچىلىق، غەيۋەت-شىكايەتنىڭ بىزگە كەلتۈگەن زىيىنىنىڭ شۇنچە كۆپلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، زىينىنى ھەممىز تارتىپ باققان شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمانچە تۈگىمىگەن ئىللەت بۇ؟ زادى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بەكمۇ ئىچىم پۇشتى، يەنە داۋاملىق يىقىن ئۆتسەم ئۇنىڭغا كەلتۈرگەن ئاۋارچىلىقىم كۆپ بۇلىدىكەن، ناۋادا ئۇنىڭدىن يىراقلاشسام، ئۆزۈم ئىشەنگەن، ئۆزۈم خالايدىغان يىقىن دۇستۇم ئالدىمدا تۇرۇپ، يىنىمدا تۇرۇپ خۇددى باشقا بىردۇنيادا، باشقا بىر يات كىشىلەردەك ئۆتەلىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ تەسەللىيسىگە، خىيالى، ئەمما سەمىمىي ھالىتىگە، مەسىللەرنى ئەتراپلىق ئۇيلايدىغان سەگەك تۇرقىغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قاپتىمەن، قانداق قىلىشىم كىرەك؟ يەنە ئۈچ ئاي، ئۇنىڭدىن كىيىن ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ، چىداي، بۇلغاننى كۆرمەمدىم.»
...........................
ماي ئايلىرىنىڭ يىقىنلاپ كىلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋا بارغانسىرى ئللشقا باشلىدى. بىر كۈنلىكى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ماي بايرىمىلىق چۇڭ دەم ئىلىش ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرغان شەھەر سىرتىدىكى تاققا ئىلىپ چىقىدىغان  3كۈنلۈك ساياھەت خەۋىرى سىنىپنى خۇددى قازان قاينىغاندەك قاينىتىۋەتتى.
-قانداق قىلىسىز نەغمەتكا، بىللە بىرىپ كىلەمۇدۇق يە؟ -كەچلىك مۇزاكىرىدىن يىنىپ ياتاققا قايىتقىچە بۇلغان ئارىلىقتا ئايىشە نەغمەتتىن سۇرىدى.
- مەيلى، بايرامدىن يىنىپلا ھەقىچان قايتىپ كىتىشىمىز مۇمكىن، بىرىپ كىلەيلى، خاتىرە بۇلۇپ قالار.
ئايىشە ياتاققا كىردى، راستىن دىگەندە ياتاققا كىرگۈچە كۆڭلى بەكلا يىرىم بۇلدى، ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن. مانا ھەش-پەش دىگىچە بىر يىلمۇ تۇشۇپ قاپتۇ.
ياتاق بىناسىنىڭ چىراقىلىرى ئۆچۈرۈلگەندە پەقەت ئايىشەنىڭ كارۋىتىدىكى باتارىيە بىلىەن يۇرۇتىلىدىغان كىچىك ئۈستەل چىرىغىلا سۇس يىنىپ تۇراتتى.
ئايشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن:
«ۋاقىت ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىكەن، مانا بۇ بىر يىلمۇ تۇشاي دىدى، مەيلى يىغلاي ياكى كۈلەي ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. بەزىللىرىمىزنىڭ ئىرىشكىنى ئەمىلىي بىلىم، بەزىللىرىمىزنىڭ بۇلسا پەقەتلا بىر پارچە كۇرۇس تاماملاش كىنىشكىسى، بۇنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟ بەلكىم پەرىقىنى قايتىپ بىرىپ دەرس مۇنىبىرىگە چىققان ۋاقىتىمىزدىلا ئاندىن ھىس قىلىپ قالىمىز، ئىشقىلىپ ئەشۇ سەبىلەرگە يۈز كىلەسىلەكلا، بۇ بىر يىللىق ۋاقىتىمىزغا يۈز كىلەسىلەكلا مەيلىدىغۇ.....
مەن بۇ يىلدىن رازى، بۇ بىر يىلدا ئەمىلىي بىلىمگە، بىر سەمىمىي دۇسلۇققا، چۈشىنىشكە ئىرشتىم، شۇڭىمۇ قەلبىم ئىيتىپ بۇلغىسىز بىر خىل قىيالماسىقىتا قالدى. بايا نەغمەتنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاندىن ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمەن، تۇۋا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قايتىشنى ئازۇ قىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا كۆڭلۈم بۇزىلىدىكىن بۇنى بىلمىدىم، بۇ يەردە مەن تارتىشقىدەك يەنە نىمە بار؟ نەغمەتمۇ؟...»
ئايىشە ئاخرىنى يىزىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، خەت يىزىۋاتقان قۇللىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تىتىرەيتى، ئاخىرنى يىزىشقا ھەتتا كاللىسىدا ئۇيلاشقىمۇ مادارى قالمىدى، چۈنكى ئۇ بىر نۇمۇسچان، ئەخلاقلىق ئايال، ھىسياتنىڭ قۇلى ئەمەس بەلكى ئەقىلنىڭ ھۆكىمىرانى، ئۇنىڭ يۇلدىشى، ئىككى ئۇماق پەرزەنتى ئۇنى ئۇنى ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ، شۇلارنى ئۇيلىغىنىدا يىزىۋاتقان خاتىرسى ئىچىدىن ئادىل بىلەن ئادىلە كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك ھىس قىلىپ كۆزلىرى ئىختىيارسىز نەمدەلدى. بىركەمدىن كىيىن ئاخرىغا تۆۋەندىكىلەرنى تەستە يازدى:
«ياق، بۇ باشقىچە ھىسيات ئەمەس، بەلكى بىر سەمىمىي دۇسلۇق، ئىشەنىچ!»
.............................
-تۇڭلىدىڭىزمۇ؟ - ئەزەلدىن تاققا چىقىپ كۆرمىگەن ئايىشە تاغنىڭ ھاۋاسىنى شەھەرگە ئۇخشىتىپ قالغاچقىمۇ بۇ قىتمقى ساياھەتكە خىلىلا يىلىڭ كىيىنىپ چىققاندى. ئۇنىڭ تىتىرەپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ نەغمەت سۇرىدى
-ئانچىمۇ ئەمەس، سەل-پەل مۇزلىغاندەك بۇلىۋاتىمەن،
-ھەي قىز، قارىڭە سىزنى، تاغدا شامال كۈچلۈك، كەچتە كۆرىدىغىنىڭىز بار تىخى.
-سىز تۇرسىڭىز ئۇنداقمۇ بۇلۇپ كەتمەس ئەمدى.
نەغمەت ھىچنىمە دىمەستىن، ھەتتا ساۋاقداشلىرىنىڭ نىمەدەپ ئۇيلاپ قىلىشىدىن قەتئى نەزەر سۇمكىدىن ئۆزى دائىم كىيىپ يۈرۈيدىغان قارا كۆك، ئاق سىزىقلىق سىپۇرتىچىلار چاپىنىنى ئىلىپ ئايىشەگە كەيدۈرۈپ قۇيدى. ھەتتا دىلبەرنىڭ ھەيرانلىق بىلەن قاراشلىرىنى، خەمىتىنىڭ يىراقتىن چەكچىيىپ تۇرىشىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ بىلمەسكە سالدى.
بۈگۈن تۇلىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بىر كۈن بۇلدى، بىر قازاقنىڭ ئىككى كىگىز ئۆيىنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تۇرۇپ، بىللە كۇچ چىقىرىپ ئىتىلگەن ئۇپچە تاماق، شۇنچىلىك چىرايلىق تاغ مەنزىرىسى ئۇلارنى رام قىلىۋالدى. ئۇلار خۇددى بىر تۇپ كىچىك بالىلاردەك تاققا يامىشىپ يۈرۈپ كۈننىڭ قانداق كەچ بۇلۇپ كەتكىنىنى سەزمەي قالدى، گۇگۇم پەردىسى يىيىلىپ، ئەتىراپ قاراڭغۇلۇققا چۈمگەندە قارىغاينىڭ ئۇتۇنلىرىنى يىغىپ كىلىپ يىقىۋەتكەن گۇلخان، گىتتارنىڭ شۇخ جىرلاشلىرىغا قۇشۇلۇپ تاغ مەنزىرىسىگە يەنە بىر قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە ئاتا قىلىغاندى، گىتتارچىلار چىلىپ ھارمىدى، ئۇلارمۇ ئۇيناپ ھارمىدى، خۇددى بىر يىلدىن بىرىقى ھاردۇقىنى بىر يۇللا چىقارماقچى بۇلغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇشقاندى. ئەزەلدىن كۆپرەك ھاراق ئىچىپ باقمىغان نەغمەت، بىرى نەدىندۇر تىپىپ كەلگەن ئىككى يىشىك پىۋىنىڭ تەسىرىدە خىلى تەڭشىلىپ قالدى. گۇلخاننى چۆرىدەپ ئۇسۇل ئۇيناپ يۈرۈپ كۆزلىرى ئىختىيارسىز قىزلار تۇپى ئارسىدىن كىملەرنىدۇر ئىزلەيتى، ئايىشەنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خىلىغىچە بىر گىپى باردەك، ئۇسۇلغا تارىتماقچى بۇلغاندەك قاراپ كىتەتتى، باشقا ۋاقىتلارغا ئەزەلدىن ئۇخشىمايدىغان بۇخىل قاراشتىن ئايىشە خىجىل بۇلغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلۇپ كۆزلىرىنى ئىلىپ قاچاتتى، نەغمەتنىڭ بىرەر ئىش چىقىرىپ قۇيۇشىدىن، بىرەر ئىغىز گەپنى ئۇشۇق قىلىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيتى. نەغمەتنىڭ ئايىشەگە قارىغان ۋاقىتىدىكى تۇرىقىنى، بۇ نازۇك بىقىششىنى باشقىلار، بۇلۇپمۇ ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغان خەمىت بىلمىسىمۇ يەنە شۇ دىلبەرنىڭ كۆزلىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى.
يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا تاغنىڭ سۇغۇق ھاۋاسى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى، ھەممىسى گۇلخانغا يىقىنلىشىپ، ئۇراپ تۇرغان دائىرى بارغانسىرى تارىيىپ، ئۇيناشقا مۇمكىن بۇلمىغان ۋاقىتتىلا ئۇلار بۇلدى قىلىشتى.
ئەزەلدىن بۇنداق تار، كىچىك كىگىز ئۆيدە يىتىپ باقمىغان ئايىشە باشقا ساۋاقداشلىرى بىلەن قىستىلىپ يىتىپ زادىلا ئۇيقۇسى كەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز ئالدىدىن نەغمەتنىڭ بايامقى تۇرىقى كەتمەيتى، «زادى نىمە ئۈچۈن ئۇ ماڭا شۇنچە قارايدىكىنە، بىر گىپى بارمىكىن، ياكى يەنە تۈگىمىگەن نىمە دەرتكىن». تۈگىمەس خياللار ئايىشەگە زادى ئارام بەرمىدى، خىلى يىتىپ بىقىپ ئۇخلاشقا كۆزى يەتمەي ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىتى، سۇغۇق ھاۋا ئۇنىڭ تىنىنى قۇرىسىمۇ، ئايىشە پەرۋا قىلمىغاندەك يىراقلارغا قارىدى. نىرىراق بىر يەردە بىر نۇر تۇچكىسى دەم كۇچىيىپ دەم يۇقاپ تۇراتتى، ئايىشە سىنچىلاپ قاراپ چۇڭ قۇرام تاشنىڭ ئۈستىدە بىرىنىڭ تاماكا چىكىپ تۇرغىنىنى تەستە بايقىدى.
«نەغمەتمىكىنە؟» ئايىشەنىڭ يۈرىكى تىز-تىز سۇقۇپ كەتتى، شەپە چىقارماستىن ئاستا يىقىنلاشتى. دەرۋەقە ئۇ نەغمەت ئىدى، ئاينىڭ سۇس يۇرىقى نەغمەتنىڭ تۇلا ساقال قىرىپ كۆكىرىپ كەتكەن سۇغۇق ئىڭەكلىرىنى، چۇڭقۇر كەلگەن كۆزلىرىنى، سۇزۇنچاغراق كەلگەن يۈزلىرىنى غۇۋا يۇرىتىپ تۇراتتى.
-نەغماتكا؟ -ئايىشە ئاۋازىنى پەس چىقىرىشقا تىرىشىپ بۇشقىنە چاقىردى: -بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرۈيسىز؟
نەغمەت خۇددى ئايىشەنىڭ چىقىشىنى بۇرۇنلا بىلىدىغاندەك، ھىچبىر ھەيران قالمىغاندەك ئۆرىلىپ ئايىشەگە قارىدى. بۇ يەنە شۇ بايامقى قاراشلار ئىدى.
-چىقىشىڭىزنى ئۆمۈت قىلىپ تۇرىۋىدىم.
-نىمىشقا؟.
-بەزى سۇئاللارغا سىز بۇ ئۆمىرىڭىزدە مەڭگۈ جاۋاپ تاپالمايسىز؟
-مەس بۇلۇپ قاپسىز.
-مەن مەس بۇلۇپ قالغىلى نۇرغۇن ۋاقىت بۇلدى ئايىشە، تۇي قىلغان كۈنىمىدىن بۇيان ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ساقتەك ئۇيلاپ باقمىدىم، سىز بىلەن كۆرىشىپ مىڭ تەسلىكتە ئۆزۈمنى تاپقاندەك بۇلىۋىدىم، ئەمدى يەنە سىزدىنمۇ يەنە....
-بۇلدى سۆزلىمەڭ نەغمەت، - دىدى ئايىشە نەغمەتنىڭ گىپىنى بۆلۈپلا، ئۇ تۇنجى قىتىم نەغمەتنىڭ ئىسمىنى «ئاكا»نى تاشلاپ قويۇپ تۈزلا چاقىردى، -بەزى ئىشلارنى بىز ئىتىراپ قىلىشقا مەڭگۈ ئاجىز، بۇلۇپمۇ مەن.
- شۇنداق، پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۆزىمىزگە تەۋە بەخىتكە يىتەلمەي ئۆتۈپ كىتىمىز.
-ئۆتىنىپ قالاي ئەمدى ئۇنداق دىمەڭ، - ئايىشەنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ چىقتى، كۆزلىرى نەمدەلدى.
-خەيىر، كۆڭلۈمدە سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى ئايىشە، بۈگۈن ھاراق ئىچكىنىمنى بانا قىلىپ سۆزلىۋالىمەنمۇ دىگەن، ئەمما مەنمۇ خۇددى سىزگە ئۇخشاشلا ئىچىمگە يۈتىۋىتىشكە مەجبۇرمەن، سىزنى تۇسۇپ تۇرغان شۇ توساق مىنىمۇ تۇسۇپ تۇرىدۇ.
-بۇ توساق ئەمەس نەغمەت، بەلكى بىز مەڭگۈ رىئايە قىلمىسىاق بۇلمايدىغان مىزان، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قانۇنى، ناۋادا بۇنى بۇزۇشقا ئۇرۇنساق بىز مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ئالدىدا قارا يۈز بۇلۇپ ئۆتۈپ كىتىمىز!....
ئارىنى ئىغىر سۈكۈت باستى، بۇ شۇنچىلىك ئاچچىق سۈكۈت ئىدى. خىلىدىن كىيىن نەغمەت ئايشەگە ئىغىز ئاچتى:
-راستىنلا ئازلا ۋاقىت قالدىمۇ؟،
-بەلكىم،
-ماڭا ھىچ ئۇنداقتەك ئەمەس،..... كۆنۈپ قاپتىكەنمەن.
نەغمەتنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ ئاچچىق ئىدى، ئارلىقتىكى دەقىق تىنىقنىڭ ئۇرنىغا «سىزگە» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەكچى بۇلۇپ، جۈرئەت قىلالمىدى.
-مەنمۇ شۇ، - ئايىشە ئىغىر ئۇھسىنىپ نەغمەتنىڭ بىلىكىن تارىتتى، -يۈرۈڭ كىرىپ كىتەيلى تۇڭلاپ كەتتىم.
نەغمەت ئايىشەنىڭ بىلكىگە ئىسىلىپ تۇرغان قۇلىغا قارىدى، ئايىشە خىجىل بۇلۇپ ئىتتىك قۇلىنى تارىتتى، نەغمەت چاپىنىنى سىلىپ ئۇنىڭغا يىپىنچاقلىتىپ قۇيدى. قۇللىرى ئايىشەنىڭ مۆرىسىگە تەككەندە كۆزلىرى ئىختىيارسىز ئايىشەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.
-سەل تۇرساق قانداق؟
-مەيلى.
ئايىشە نەغمەتىن ئۆزىنى ئىتتىك قاچۇرۇپ قۇرام تاشنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بىرىپ ئۇلتۇردى. شۇ ئارىدا بىرىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇغۇللار ياتقان ئۆيدىن بىرى چاپاننى يىپنىچاقلاپ ھاجەتكە قاراپ ماڭغاندا ئايىشە خۇددى ئۇياتلىق بىر ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك قۇرام تاشنىڭ دالدىسىدا مەھكەم تۈگىلىۋالدى. ئايىشەنىڭ تۇرىقىغا قاراپ نەغمەتنىڭ بىر تۇرۇپ كۈلگىسى كەلسە يەنە بىر تۇروپ سەل خىجىل بۇلۇپ قالدى. ھىلىمۇ ياخشى ئۇ كىشى ئۇلارنى بايقىماي تىزلا ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كەتتى،
-كىرىپ كىتەيلى، -دىدى نەغمەت ئايشەگە قاراپ.
ئايىشە گەپ قىلماي نەغمەتكە ئەگەشتى، ئۇلار ئايرىلىدىغان يەرگە كەلگەندە نەغمەت بۇرۇلۇپ ئايىشەگە قارىدى. بۇئادەم چىداپ بۇلغىلى بۇلمايدىغان ئاجايىپ ئۇتلۇق قاراشلار ئىدى.
-خۇش، ياخشى چۈش كۆرۈڭ، -ئايىشە ئىتتىك بۇرۇلۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئۇرنىغا بىرىپ ياتقان ئايىشەنىڭ يۈرىكى خىلى ۋاققىچە دۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇردى، كاللىسى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ قالغاندى، ئۇ نەغمەتنىڭ يەنە قۇرام تاشنىڭ يىنىغا بىرىپ بىر قاپ تاماكىنى چىكىپ بۇلىغىنى، تاڭ سۈزۈلۈشكە ئاز قالغاندا ئۇرنىغا كىرىپ كەتكىنىنى، قىسقىسى ئۇنىڭ نەچچە قىتىم ئۇھ تارىتقىنى، نىمىلەرنى ئۇيلىغىنىنى، ئايىشەنىڭ يەنە قايتىپ چىقىپ قىلىشىنى كۈتكەنلىكىنى بىلمەيتى. پەقەت بۈگۈنكى بۇ مەخپى ئۇچۇرىشىقا بۇلۇتلار ئارسىدىن ماراپ تۇرغان ئاي بىلەن بۇ سۈرلۈك تاغلا مەڭگۈلۈك گۇۋاھچى بۇلۇپ قالدى.
ئايىشە تولىمۇ سەھەر تۇرۇپ كەتتى، ئۇنى تۇرۇپ كەتتى دىگەندىن كۆرە كىچىدىن بىرى سۈرىۋاتقان خىياللىرىنى ئاقىرىۋاتقان ئۇپۇق ئۈزىپ قۇيدى دىگەنمۇ تۈزۈك. شۇنداق، ئۇ كىچىدىن بىرى ئۇخلىمىدى، نۇرغۇن ئىشلارنى سابىرنى، باللىرىنى نەغمەتنى قىسىقىسى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممىنى ئۇيلىدى، بۇ بىر يىلدىن بىرى نەغمەت ئۇنىڭغا دۇسلۇق، ئىشەنىچ، سەمىمىيەتلا ئەمەس بەلكى شۇنداق بىر ھىسىيات، ئايىشە ئىتىراپ قىلىشقا مەڭگۈ ئاجىزلىق قىلىدىغان باشقىچە بىر ھىسياتنى قالدۇرۇپ كەتمەكچى ئىدى. ئەمما ئايىشە بۇنى مەڭگۈ قۇبۇل قىلالمايتى.
ئەتىسى ئۇلار تۇلىمۇ ۋاقچە تۇردى، نەغمەتىنىڭ بىشى چىڭقىلىپ ئاغرىيتى، ئاخشام ئايىشەگە دىگەنلىرى ئىسىگە كەلگەندە بۇلسا ئۇرنىدىن تۇرۇشقىمۇ خىجىل بۇلدى، خلىدىن كىيىن تاكى باشقىلار ناشتا قىلىشقا تۇتۇنغان چاغدىلا ئۇ ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىنى تاغ باغرىدىن سىرغىپ چىققان بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيىدە يۇيۇپ، سەل سەگىدى، ئاندىن بىشىنى تۆۋەن قىلىپ چىملىققا سىلىنغان داستىخان ينىغا كەلدى ۋە  خۇددى بىر ئايىشەگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قۇيغىنىدەك، ھەتتا ساۋاقداشلىرىدىن ئەھۋال سۇراشنىمۇ ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ قىلغان شاڭخۇلىرىغىمۇ ھىچبىر جاۋاپ قايتۇرماي ئازلا ناشتا قىلدى، نەغمەتنىڭ خۇددى تارتىنچاق قىزلاردەك بۇ ھالىتى ئايىشەگە تۇلىمۇ يىقىملىق تۇيۇلدى.
ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ ئىككىنجى مەنزىلگە قاراپ ئاتلانغاندا ئۇ ئىككىسى تەبىئىيلا بىر ئۇرۇندا ئۇلتۇرۇپ قىلىشتى.
-ئاخشام مەن بەك خىجىل، كۆپرەك ئىچىپ ساپتىكەنمەن، قالايمىقان گەپ قىلىپ قۇيدۇم كەچۈرۈڭ ھە قىز؟ -دىدى نەغمەت ئۆزىنىڭ گىپىنى ئۆزى ئاڭلىغىدەك شۇنچىلىك پەس ئاۋازدا، ھەتتا يىنىدا ئۇلتۇرغان ئايىشەمۇ تەستە ئاڭقىردى.
-دىمەكچى بۇلىغىنىڭىز ئاخشام دىگەنلىرىم مەسلىكتە دىگەن گەپ، يالغان دىمەكچىمۇ؟ -ئايىشە قەستەن چىقىشتى.
-يا..ياقەي..،دىمەكچى بۇلغىنىم...مەن -نەغمەت دۇدۇقلىغىنىدىن گىپىنى تاپالماي قالدى.
-بۇلدى خىجىل بۇلماڭ نەغمەتكا، -دىدى ئايىشە ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا، ھەممىنى چۈشىنىمەن، سىزنى ئەيىپكە بۇيرىغىنىم يۇق، يەنە كىلىپ كەچۈرۈم سۇرىغىدەك ئىشمۇ بۇلمىدى، كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى دىيشىۋالدۇق شۇ.
-ئۇنداقتا....؟ -نەغمەت ئاغزىدىكى گىپىنىڭ ئاخرىنى يۇتىۋەتتى، ئايىشە بۇلسا قۇللىرى بىلەن ئىتەكلىرىگە سويۇلۇپ چۈشكەن ئۇزۇن چاچلىرىنىڭ ئۇچىنى قۇللىرى بىلەن يىنىڭ تارىغاچ، تۇختاۋسىز ئىلىگىرلەۋاتقان ماشىنا دەرىزىسىدىن سىرىتلارغا قاراپ خىيالچان ئۇلتۇراتتى، دىرىزىدىن كىرگەن سەلكىن شامال ئۇنىڭ پىشانىسىگە چۈشۈپ، كۆزلىرىنى يىپىپ تۇرغان چاچلىرىنى ئەركىلىتىپ ئۇنى تولىمۇ جەزبىلىك قىلىۋەتكەندى.
..............................
بايرامدىن يىنىپ ئۇن كۈنلەردىن كىيىن ئىمتاھاننىڭ تىزلا خەۋىرى چىقتى، دىمەك بۇ قايتىشىنىڭ، بۇ بىر يىللىق ئۇقۇشنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا تۇشىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى، شۇ كەملەردە ئايىشە بىلەن نەغمەتنىڭ ھەرئىككىلىسىنىڭ گەپلىرى بارغانسىرى ئازلاپ قىلىۋاتاتتى، ئەمما ھىچنىمىنى يۇشۇرۇپ بۇلالمايدىغان كۆزلەر ھەر قىتىم بىر بىرى بىلەن ئۇچىراشقىنىدا، ئارىدىكى قىيالماسلىقىنى، كۆڭلىدىكى يۇشۇرۇن ئازاپنى بىر-بىرىگە ئاشكارلاپ قۇياتتى، گەرچە ھەرئىككىلىسى ئىلگىرىكى ئۆزلىرى دەۋالغان دۇسلۇققا ئۇخشىمايدىغان بىر خىل ھىسياتنىڭ ئايرىلىش ۋاقىتىنىڭ يىقىنلىشىشغا ئەگىشىپ بارا-بارا شەكىللىنىپ قىلىۋاتقانلىقنى ھىس قىلغان بۇلسىمۇ، ھىچقايسىسى بۇنى ئىتىراپ قىلمايتى، ئىتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتى، جۈرئەت قىلسا بۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگىنى ھىسيات بىلەن ئەخلاق ئۇتتۇرسىدىكى كەسكىن كۆرەش ئىدى. ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ئاللاقاچان ئەخلاقىنى، جىنىدىن ئىزىز بىلىدىغان تۈپ مىزاننى تاللاپ بۇلغان بۇلسىمۇ، كۈندە بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرغاچقىمىكىن تۇرۇپ-تۇرۇپ يۈزبىرىدىغان تۇيغۇ ئالىمىدىكى كۆرەشلەردىن خالى بۇلالمايتى. ۋاقىتنىڭ يەنە نەچچە كۈن قالغانلىقىنى بىلەتتىيۇ ئەمما كۈندە ئەتىگەندە سىنىپقا كىرىپ، كەچلىرى مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا گاھى-گاھى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئايرىلىدىغان پەيىتىنىڭ يىقىنلاپ قالغانلىقىىنى كۆڭلىدە ئۇنداق ئۇڭاي قۇبۇل قىلالمايتى، خۇددى مەڭگۈ يۈزبەرمەيدىغاندەكلا.
......................................
ۋاقىت ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە مەڭگۈ بۇي سۇنۇپ باقمىغان، خۇددى سىز كۈتمىسىڭىزمۇ باھار كىلىۋەرگەندەك ئۇلارنىڭ تۇرمىشىغا باھار ئەمەس جۇدۇنلىق زىمىستان مانا ئەتە باسقۇرتۇپ كىلىدۇ گەرچە ئۇلار ئۇنى ئارزۇ قىلمىسىمۇ.
ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن:
«بۇ شەھەرنىڭ چۈشى ئاياقلىشىش ئالدىدا، مەن بەك كۆپ چۈش كۆرۈپ كەتتىم، ئەمدى ئۇيغۇنۇشۇم كىرەك، ئەمما تۇرمۇشتا باشلىنىشتىن بەكرەك ئاياقلىشىشنى قۇبۇل قىلىش بەس مۈشكۈلكەن، شۇنداق قىلىپ بۇ شەھەردىن، مىنى چۈش كۆرگۈزگەن بۇ شەھەردىن ئەتە مانا شۇنداقلا كىتىپ قالىمەن، بۇ يەردە كۆرگەن چۈشلەرنى مەن پەقەت بىر مەڭگۈلۈك ئەسلىمە سۈپىتىدە ئۆزۈمگە قىتىپ ئىلىپ كىتىمەن. گەرچە بۇ رىئاللىقىنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغان بۇلساممۇ، ئەمما ۋاقىت مەڭگۈ ئىختىيارىمدا ئەمەس، خەيىر نەغمەت، خەيىر مەن چۈش كۆرگەن مەركىزى شەھەردىكى كىچىلەر، خەيىر شەھەر، سىىنى ئۇنۇتمايمەن!!».
يەنە شۇ سۇغۇق بىكەت، ئۇ يەردە قىلىپ قالغىنى ئاچچىق كۆزيىشى....
- خۇش نەغمەت! ئامان بۇلۇڭ!!
ئىككىمىز بىر پۈتۈن بۇلالمىدۇق ئەزىزەم.
بەختىمىزگە ئۆمۈرلەر تىلەلمىدۇق ئەزىزەم ،
*  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *  *
بەش يىلدىن كىيىن:
بۈگۈن شەنبە، دەم ئىلىش كۈنى، شۇنداق بۇلسىمۇ دىلبەر ئۇرنىدىن سەھەر تۇردى، خىيالىدا بۈگۈنكى دەم ئىلىش ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ جان-جىگەر دۇستى ئايىشەنى يۇقلاپ دۇختۇرخانىغا بارماقچى، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن مۇڭدىشىپ چىقماقچى ئىدى، چۈنكى يىرىم يىلدىن بىرى دىلبەرنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنى ئىزچىل مانا مۇشۇنداق ئۆتىۋاتدۇ. پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەچكە، ئاجىرىشىپ كىتىشكە يۇلدىشى ئىككىسىنىڭلا كۆزى قىيماي يىراق بىر تۇققىنىڭ بىر بالىسىنى يىشىغا توشمىغان ۋاقتىدىلا بىقىۋالغان بۇلۇپ، بۇ بالىسىمۇ ئىككى ياشقا كىرىپ قالغاندى، بىر ئائىلە ھەقىقى بىشىغا كىيىلگەندىلا دىلبەر ئۆزىنى خلى تۇختىتىۋالدى. يۇلدىشى شۆھرەت چەت يىراق بىر تاغلىق يىزىغا ئىككى يىللىق چىنىقىشقا چۈشۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەچچە ئايلاردا ئاران بىر قىتىم كىلەتتى، كەلسىمۇ ئۆيدە ئۇزاق تۇرالمايتى، شۇڭا ئۇ ئۆيدە بالىسى بىلەن يالغۇز ئىدى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن بالىسىنى يەسلىگە بالدۇرلا ئاپىرىپ بىرىپ دۇختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى.
دىلبەر ئۇ بۇرۇنقى دىلبەر ئەمەس، بىشىدىن خىلى ئىسسىق-سۇغۇقنى ئۆتكۈزگەن، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق قايناملىرىدا خىلى قايناپ ئاخىرى ئۆزىنى تىپىۋالغان، ھاياتنىڭ، قىسىقىسى تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى ھەربىر كۈننىڭ ئەھمىيتىنى تۇلۇق بىلىپ يەتكەن دىلبەر ئىدى. بۇلارنى ئۇ ئايىشەدىن، ئايىشەنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن، ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە ئەخلاق، ئىتىقات، غايسىدىن تانماي ھىسياتى ئۈسۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى بۇيۇنچە ياشىغانلىقىدىن ئۆگەندى، كىسەل كاۋىتىدا ياتقان دۇستىدىن ھاياتنىڭ ھەر بىر مىنىتۇنىڭ قەدىرىنى بىلدى، ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگەندى.
-قانداقراق تۇرىۋاتىسەن ئاداش؟- دىلبەر ئايىشە ياتقان كىسەل كارۋىتىنىڭ لىۋىدە ئۇلتۇرۇپ تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا ئايشەدىن سۇرىدى. ئايىشە ئۆزىگە تۇنۇش بۇ ئاۋازنى خۇددى يەر تىگىدىن ئاڭلاۋاتقاندەك كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى.
- ياخشى، كەلدىڭمۇ؟ - تۇلىمۇ مىسكىن زەئىپ جاۋاپ قايتۇردى ئايىشە.
بۇ بىر يىلدىن بىرى ئۇ مانا مۇشۇنداق كىسەل كارۋىتىغا ھەمرا بۇلۇپ قالدى. ئايىشە ئۇقۇشقا كەتكەن شۇ ۋاقىتتا شۇنچە ياۋاش، كەمسىز يۈرگەن سابىر، ھىلىقى تەتىلدە دىلبەر ئىيىتقان سۆزلەر راسىتقا ئايلىنىپ سىرىتتىن بىرسىنى تىپىۋالغان بۇلۇپ، مىش-مىش گەپلەرگە ئايىشە ئىشەنمىگەن بۇلسىمۇ، تاساددىبى بىر پۇرسەتتە ئايىشە بۇنى سىزىپ قالدى، لىكىن ئايىشەنىڭ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتكىدەك ھالى، ھەمسىلى يۇق، چۈنكى سابىرنىڭ ئۇ ئىشلىرى ئۇنىڭغا ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭغا تەۋە نەرسە ھىچقاچان ئۆزىگە تەۋە بۇلۇپ باقمىغان. ئائىلىدىكى بۇ كۆڭۈلسىزلىك، تۈگىمەس ئىشلار، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلىگەن خىزمەت، ئۇدۇل ئىيىتقاندا كاللىسىدىكى نەغمەت ئارلىشىپ كەتكەن تۈگىمەس خىيال،  يۈرىكىدىكى سىرىتقا چىقىرىپ بۇلمايدىغان ئازاپ، پىنھاندا تۆكۈلگەن ئاچچىق كۆز ياشلار ئاخىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى كاردىن چىقىرىپ، ئۆزىنى ھالىدىن كەتكۈزگەندى. شۇندىمۇ ئۇ بەش يىلنى چىشىنى چىشلەپ چىدىدى. شۇ تاپتا ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىغا تەييارلىق قىلۋاتقان بۇلسىمۇ نۇرلىرى يۈرەككە تىگىدىغان بىر جۈپ كۆزلىرىدىن ھىلھەم ئۆمۈت، ھەممىگە تەييارلىق قىلىپ قۇيغان، ئادەتتىكى ئادەملەر تەسەۋۇر قىلىپ بۇلالمايدىغان تەمكىنىلىك ھىچقاچان يۇقالمىغان ئىدى.
دىلبەر ئايىشە بىلەن خىلى ئۇزاققىچە پارڭلاشتى، گەرچە دۇستىنىڭ كىسەل ئازابىنى تارتىپ بىرەلمىگەن بۇلسىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاپقا ئازراق بۇلسىمۇ تەسەللى ئىزلەپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق سىرداشتى. بىركەملەردە دىلبەر ماڭماقچى بۇلۇپ تۇرغاندا ئايشە ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ تۇرۇپ تۇلىمۇ مىسكىن، زەئىپ ئاۋازدا دىدى:
-ئاداش ئىشخانامدىكى شىرەيىمنىڭ تارىتمىسىدا بىر كىچىك قاپ بار، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر تۇپ خەتلەر بار ئۇلارغا قۇشۇپ مانا بۇلارنى، -ئايىشە كارۋىتىنىڭ يىنىدىكى تۇمپۇچكىنىڭ كۆزىنى كۆرسىتىپ گىپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىدى:
-خاپا بۇلماي بۇ يەردىكى سۇمكامنى ئىلىپ بەرگىنە.
دىلبەر ئۇ كۆرسەتكەن جايدىن ئايىشە ساق ۋاقىتىدا دائىم يىنىدا ئىلىپ يۈرۈيدىغان كىچىك سۇمكىسىنى ئىلىپ قۇلىغا تۇتقۇزدى، ئايىشە ئۇرۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان قۇللىرى بىلەن سۇمكىنىڭ يان تەرەپتىكى بىر كۆزىدىن بىر تۇپ خەتلەرنى ۋە كىچىك بىر ھالقىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تال ئاچقۇچنى چىقىرىپ بايا ئۈزۈپ قۇيغان گىپىنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلدى:
-مانا بۇلارنى قۇشۇپ سەن ساقلاپ قۇيغىن، ۋاقىتىڭ يەتسە ئۇقۇپ چىقساڭمۇ بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ماڭا ئائىت نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىپ قالىسەن، ھە راسىت...-ئايىشە دىمىنى سەل ئىلىۋىلىپ بىرئاز ئىككىلەنگەندەك بۇلدى، شۇنداق بۇلسىمۇ ئۇ دىبلەرنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قايتىدىن ئىشەنىچ ھاسىل قىلغاندەك بۇلۇپ ھىلىقى خەتلەر ئارسىدىن يىڭىلا چاپلانغان بىر پارچە قىلىن كۇنۋىرىتنى ئايرىپ ئىلىپ گىپىنى داۋام قىلدى: -ناۋادا ماڭا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا بۇ بىر پارچە خەتىنى نەغمەتنىڭ ئادىرىسىغا سىلىۋەتكىن.
دىلبەر نەغمەتنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى، گەچە ئۇ دۇسىتىنىڭ نەغمەتكە قارىتا ئۇخىل ھىسياتىنى تاھازىرغىچە ساقلاپ كىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىسەلنىمۇ شۇنىڭدىن تاپقانلىقنى بىلىدىغان بۇلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەغمەت بىلەن تاھازىرغىچە ئالاقە قىلىپ كىلىۋاتقانلىقدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ئايىشەگە يەنە «ئەنسىرىمە، ياخىشى بۇلۇپ كىتىسەن» دىگەندەك تەسەللى سۆزلىرىنى قىلىپ خۇشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
دىلبەر بالىسىنى ئۇخلىتىپ بۇلۇپ، مىھمانخانا ئۆيگە چىقىپ يىزىق شىرەسىنڭ ئالدىغا كەلدى، ئۈستەل چىرىغىنى ئاۋايلاپقىنە يىقىپ، بايا ئايىشەنىڭ تاپشۇرىقى بىلەن ئىلىپ كەلگەن خەتلەرنىڭ شىرە يۈزىگە قۇيدى خەتلەرنىڭ ھەممىسى نەغمەتتىن كەلگەن بۇلۇپ خەت كەلگەن چىسلا بۇيۇنچە رەتلىك قىلىپ تىزىلغاندى. ئۇ ئۈستىدىكى بىر پارچە كۇنۋىرىتنى ئىلىپ ئىچىدىكى خەتلەرنى چىقىرىپ ئۇقۇشقا تۇتۇندى:
«ئايىشە، ياخشىمۇسىز؟
بىز ئايرىلىپ بىر ئايدىن بىرى تۇنجى قىتمدا سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئۇلتۇرۇپتىمەن، قانداقراق كىتىپ بارىسىز؟ يەنە شۇ خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەمسىز؟
مەن يەنە شۇ ناھىيدىكى ئۇتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتىم، ئىشلار يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك كىتىپ بارىدۇ، ئەمما مەن قايتىپ كەلگەندىن بىرى نۇرغۇن ئىشلارنى، يەنە ئىككىمزنى ئۇيلىدىم، ئۇيلاپ باقسام بىزنىڭ ھىچبىر غەمسىز ئۆتكەن ئۇ كۈنلەرگە ھىچنىمە يەتمەيدىكەن، ئەڭ ياخشى يىرى، ئۆزىڭىز خالىغاننى يازالايىتىڭىز، چۈنكى ئۇ يەردە سىزنى چەكلەپ تۇرىدىغان ھىچنىمە يۇق، ھەممىز بىر ئۆگەنگۈچى ئىدۇق، تەسەۋۇرلىرىمىز، پىكىرلىرىمىز تۇلىمۇ ئەكىن ئىدى. راستىن دىسەم مەن تۇلىمۇ تىڭىرقاپ قالدىم، يەنە بۇرۇنقى ھالەتكە قايتايمۇ ياكى ئۆزەم بىلگەنچە ئىش قىلامدىم بىلمىدىم، سىز بۇلغان بۇلسىڭىز چۇقۇم ياخشى مەسلىھەت بىرەر ئىدىڭىزغۇ ھە قىز؟ كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتسام ئىككىمىزنىڭ پىكىرلىرىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، خىزمەت ئۆگىنىشلەردىكى ئۆز-ئارا ياردەملەرنى ئەسلەپ ئۆزەمچە تۇلىمۇ بىمەنە خىياللارغا بىرىلىپ كىتىمەن، ئۇيلاپ باقسام سىزنىڭ شۇ تەمكىن ئۇماق تۇرىقىڭىزغا خىلى كۆنۈپ قاپتىمەن، مەيلى نىملا دىمەيلى بۇ قىتىملىق ئۇقۇشتا سىزدەك بىر يىقىن دۇسىتقا ئىرىشكەنلىگىمدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن، بۇلسا سىز بىلەن تىلىفۇن بىلەن ئالاقىلىشىشنى، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، قارىغاندا ھەر ئىككىمىزگە بىئەپ تۇردىغان چىغى، شۇڭا خەت يىزىپ بۇلسىمۇ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا يۇلۇققان مەسللەر تۇغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ياخشى دۇسلاردىن بۇلۇپ ئۆتۈشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، كۆڭلۈمدىكىنى سىزگە ئىيتىپ، سىز بىلەنلا پاراڭلاشسام مەن ئۆزۈمنى خىلى يىنكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىدىكەنمەن، مىنڭچە سىز دۇسلۇققا ھەقىقى ياريدىغانلاردىن. خەير شەيتان قىز، ئامان بۇلۇڭ! دۇستۇم دەپ قارىسىڭىز يىراقتىكى دۇستىڭىز نەغمەت.»
دىلبەر ئىككىنجى پارچە خەتنى چىقىرىپ ئۇقۇشقا باشلىدى:
«ئايىشە ياخشىمۇسز؟، خىتىڭىزنى بايىلا تاپشۇرۇپ ئىلىپ كۆڭلۈم خىلى تەسكىن تاپتى، سىزنىڭ سالامەت تۇرىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ شاتلاندىم، سىزگە ئىيتسام مەن بۈگۈن تۇلىمۇ خۇشال، چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بىرىقى تىرىشچانلىقم بەدىلىگە كەلگەن بىر پارچە ئىلمىي ماقالەم ئاخىرى ۋۇجۇتقا چىقىتى، ھىلى سىزگە خەت سالغاچ ئۇنىمۇ نەشىرىياتقا ئىۋەتمەن، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇ قىتىممۇ يەنە پەشۋا يەيدىغانلىقىم ئىنىق، ئەمما شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، مائارىپىمىزدا ساقلانغان بۇ ئىللەتلەرنى مىنىڭدەك بىرى كۆرسىتىپ بەرمىسە (شۇنى كۆرسىتىپ بىرەلىسەم قۇربانلىق بۇلۇشقا رازىدىم) زىيان تارتىدىغىنى مەن ئەمەس، سانسىز «مەن» بۇلىغان ئۇخشايدۇ، چۈنكى بىر يىل ئۆتۈپ قايتىپ كەلسەم مائارىپىمىزدا يىڭى-يىڭى ئاتالغۇلار چىقىپتۇيۇ ئەمما «يەنىلا ئاتام ئىيتقان بايىقى»، قاراپ باقسام ئۆزگەرگىنى يەنىلا ئاز ۋە ئارقىدا،  شۇڭا يەنە بىر قىتىم تەۋەككۇل قىلىشنى لايىق كۆردۈم، ئىشىنىمەن بۇلغان بۇلسىڭىز مىنى جەزمەن قۇللار ئىدىڭىز، دۇنيادا مىنى چۈشىنىدىغان، مىنى قۇللايدىغان كىشى پەقەت سىزلىمىكىن دەپ ئۇيلاپ قالىمەن بەزىدە. سىزدىن يۇشۇرمايمەن ئايىشە، مەن بۇ تۇرمۇشۇمدىن بەكلا زىرىكتىم، سەلىمەنىڭ تۇختىماي ۋاتىلداشلىرى، قالايمىقان كۈنلەشلىرى ئىچىمنى بەكلا سىقىۋەتتى، ئىككىمىزنىڭ يىقىن ئۆتكەنلىگىنى بىرسى سەلىمەگە ئىيىتقانمۇ قانداق ھە دىسلا سىزنى دارىتمىلاپ گەپ قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى، ئەلۋەتتە چۇڭ ئىش يۇق، بۇ جەھەتتە ئەنسىرەپمۇ يۈرمەڭ، مىنىڭ ئۆمۈت قىلىدىغىنىم قىزلارنىڭ ئارسىدا سىزدەك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە ئۆزىنى ئاتىغان، كەڭ پىكىرلىك، غايىلىك قىزلار ئاز ئۇچىرايدۇ، ۋاقىتىڭىزنى ئۇشۇق ئىشلارغا سەرپ قىلماي يىزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزنى ھەرگىز تۇختۇتۇپ قۇيماي ئىلىپ بىرىڭ، بىلەمسىز، بىزئىككىمىز بىر سەپتىكى سەبداشلاردىن، شۇڭا بىر-بىرىمىزگە مەدەت بىرەيلى، قۇللايلى، ھازىر مەن پەقەت سىزدىنلا ئۆمۈت كۈتىدىغان بۇلۇپ قالدىم، خەيىر ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، دۇستىڭىز نەغمەتتىن.»
ئۈچۈنجى پارچە خەت يەنە ئۇخشاش باشلانغان ئىدى:
«ئايىشە ياخشىمۇسز؟، ئالدى بىلەن سىزدىن تۇلىمۇ كەچۈرۈپ سۇرايمەن، بىر قىسىم ئىشلار تۈپەيلىدىن ختىڭىزگە تۇلىمۇ كىچىكىپ جاۋاپ يازدىم، بىلەمسىز، بىز كىتىاپلاردا ئىنسان باشتىن ئاخرى دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش پائالىيدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ دەپ ئۇقۇغان ئىدۇق، ئەمدىلىككە كەلگەندە بۇنىڭدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم، نىمىشقا دىسىڭىز دۇنيانى ئەمەس ئۆزىنىڭ كەسپىنى چۈشىنىپ بۇلالمىغان بىر قىسىم كادىرلىرىمىزنىڭ، بىر قىسىم رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ تۇرسا پۇتىڭىزغا سىلىنغان ئەشۇ كۆرۈنمەس كىشەن قەدىمىڭىزنى بۇققاندا ئىچىڭىز سىقىلىپ ئۆلىۋالغىڭىز كىلىپ كىتىدىكەن، دۇنيادا نىمىنىڭ ئازاپلىق ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز؟ مىنڭچە ئۆزىڭىزدىن بىلىمسىز بىر كىشى سىزگە خىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرغاندا، خاتا ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ، قايىل بۇلماي تۇرۇپ ئىجرا قىلسىڭىز، دۇنيادا بۇنىڭدىن ئۆتەر ئازاپ، بۇنىڭدىن ئۆتەر سىقىلىش بۇلمايدىكەن، يەنە كىلىپ خىزمەتىكى بۇ كۆڭۈلسىزلىككە قۇشۇلۇپ ئائىلىڭىزنىڭ تىنىچىسىزلىقى ئارامىڭىزنى بۇزسا كىشىنىڭ تۇرمۇشتىن راستىنلا رايى يىنىپ كىتىگەن، ئۇيلاپ باقسام بىزنىڭ تۇرمۇشتا تالاشقىدەك، بىز قۇغلاپ يىتەلمىگەن ئەشۇ ئاغىنە مەتپەتتىن باشقا يەنە نىمە بار ئىدى شۇنچە؟ بۇنداق دىسەم نىمە ئىش بۇلغان ئىدى دەپ سۇراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، باشقا ھىچقانداق ئىشمۇ يۇق، پەقەت تۇرۇپلا سىزگە دەرت تۆككۈم كىلىپ قالدى، بەزىدە ھەممە گەپلەرنى ئۆيدىكىلەرگە ئىيىتقىلى بۇلمايدىكەن، ھازىر مىنى چۈشىنىدىغان بىردىنبىر كىشىم سىزلا، ئۆمۈدۈم سىزنىڭ خىتىڭىز بۇلۇپ قالدى، مەيلى نىمە دىمەي ئايرىلغىلىمۇ يىرىم يىلدىن ئىشىپتۇ، سىزىڭ ئەشۇ ئۇماق تۇرىقىڭىزنى، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان تەسەللىي سۆزلىرىڭىزنى تۇلىمۇ سىغىندىم، خىزمەتنى تاشلاپ كىتەيلا دىسەم سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى بۇزغۇم كەلمىدى، بۇلدىلا، بۇنى دەپ سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماي، ئۇمۇمەن ئىيتىقاندا باشقا چۇڭ ئىش يۇق، پەقەت سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى تىلەيمەن، خەيىر ئامان بۇلۇڭ، سىزنى ئەسلەپ نەغمەتتىن.
تۆتىنجى پارچە خەت:
ياخشىمۇ سىز ئايىشە، قانداق كىتىپ بارىسىز؟ تىنىڭىز سالامەتمۇ؟ بۇ قىتىم خىتىمدە سىزگە خۇشاللىق ئەمەس بەلكى بىر كۆڭۈلسىزلىكنى ئىيىتىشىم مۇمكىن، بىلەمسىز؟ ئىككىمىزنىڭ مۇناسۋىتىنى كىمدىن بىرى سەلىمەگە كۆپتۈرۈپ ئىيىتتىكىن، يىقىندىن بىرى مەن بىلەن سۇقۇشۇپ يۈرۈيدىغان بۇلدى، ھەيران قالغىنىم بىزنىڭ نەگە بىرىپ نەدە يۈرگنىمىزگە قەدەر ئۇ ھەممىنى ئىنىق بىلىدىكەن، كۆڭلۈمدىكىنى گەپنى قىلغان بۇلسام ناۋادا سىز بىلەن ھەقىقەتەن شۇنداق مۇناسىۋىتىم بۇلغان بۇلسىدى جەزمەن خۇش بۇلار ئىدىم، چۈنكى سىز بىلەن ئۆتكەن كىشىلا دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىلىك كىمىشىكىن دەپ قالىمەن، تۇرۇپلا بىرىگە ئۆتكۈزگەن شۇ غەمسىز مىنۇتلارنى، سىزنىڭ ئەشۇ غەمسىز ۋە غۇبارسىز تۇرىقىڭىزنى سىغىنىپ قالىمەن، سىزنىڭ گىپىڭىزلا ئەمەس، كۈلۈپ تۇرغان كۆزىڭىزمۇ كىشى ئۈچۈن بىر تەسەللىي، نەچچە رەت سىزگە تىلفۇن قىلىشنى ئۇيلىدىم، لىكىن سىزگە بىر ئاۋارچىلىقنىڭ تىپىلىپ قىلىشىدىن، مەن تارتىۋاتقان بۇ غەملەرنىڭمۇ سىزنىڭ بىشىڭىزنى ئاغرىتىپ قىلىشىنى خالىمىدىم، سىزنىڭ ھەر بىر كۈنىڭىزنىڭ شات-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن، خەتلىرىمىنى كۆرۈپ مىنىڭدىن كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، مىنڭمۇ كۆڭلۈمدە سان بار، بۇ ئىشلارمۇ ئۆز قەرەلىدە ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ، راسىت، بۇنىڭدىن كىين ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى تۇغرىسىدا كۆپرەك يىزپ ئىۋەتىڭ، سىزنىڭ تۇرىقىڭزنى بەكمۇ سىغىندىم. خەيىر ئامان بۇلۇڭ، سىزنى ئەسلەپ نەغمەتتىن.
دىلبەر تۆتىنجى پارچە خەتنى كۆرۈپ بۇلۇپ ئۇزاق ئۇلتۇرۇپ كەتتى، خىياللىرى تۇلىمۇ چىچىلاڭغۇ ئىدى. شۇ ئارىدا مىھمانخانا ئۆيىگە ئىسىقلىق چۇڭ تام سائىتى 12نى كۆرسىتىپ ينىك داڭ ئۇردى.
ئۈچۈنجى كۈنى، دىلبەر بالىسىنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ، شىرە ئالدىغا كىلىپ، ئۇقۇپ بۇلالمىغان خەتلەر ئارسىدىن بىر پارچىنى سۇغۇرپ ئالدى، خەت يەنە ئاۋالقىدەكلا باشلانغان ئىدى:
ياخشىمۇ سىز ئايىشە، سالامەتمىسز؟ سىزگە ئىيتىسام بىزنىڭ شىمالدا بالدۇر قىش كىلىدۇ، مانا بۈگۈن يۇرتۇمدا بۇ يىلدىكى تۇنجى نۆۋەت قار ياغدى، مەركىزى شەھەردە ئۆتكۈزگەن ھىلىقى قىش ھىلىمۇ ئىسىڭىزدىمۇ؟ شۇ تاپتا ئۇت يىقىلمىغان سۇغۇق ياتىقىمدا دىرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ سىزگە بۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن، دىرىزىنى بىر قەۋەت قىراۋ ئۇرىۋالغاچ سىرىتنى كۆرەلمىگەچكە دىرىزىنى ئىچىۋەتتىم. شۇ تاپتا خىياللىرىم مىنى يىراققا، مەركىزى شەھەرنىڭ غەربىدىكى ئەشۇ ساياھەت ئۇرنىغا ئىلىپ كەتتى، تۇرۇپلا سۇغۇقتىن شۈمشىپ كەتكەن چىرايىڭىز، قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىڭىز ئىسىمگە كىلىپ قالدى، قۇرا ئىچىدىكى قار تىيىلىپ يىقىپ كەتكەن بالىلارنىڭ شۇخ قىلىقلىرى، سىزنىڭ چاڭغا تىيىپ يىقىلىپ چۈشكەن تۇرقىڭىزنى يادىمغا ئەكەلدى، نىمىدىگەن ئەركىن ۋاقىتلار ئىدى ھە ئۇ؟
بىلەمسىز؟ مەن ھازىر يالغۇز، نەچچە ئايدىن بىرى شۇنداق ئۆتىۋاتىمەن، پات ئارىدا سەلىمە بىلەن ئاجىرىشىپ كەتمەكچى، ئۇنىڭ ھە دىسىلا سىزنى يامان ئاتلىق قىلىپ باتناشلىرىدىن، ۋاتىلداشلىرىدىن، دادىسىنى پەش قىلىپ ئەۋزەيلەشلىرىدىن تۇلىمۇ بىزار بۇلدۇم، سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا قارا چاپلىغان ھەر قانداق بىرىنى كەچۈرەلمەيمەن. مىنى كەچۈرۈڭ، ئالدىنقى قىتىملىق خىتىڭىزدە مىنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلماسلىقىمنى، ئىككىمزنىڭ مەڭگۈ ياخشى دۇسلاردىن ئىكەنلىگىمىزنى، ئۇ خىل ھىسياتنى مەڭگۈ ئاشكارلىماسلىقىمنى تىلغا ئىلىپسىز، راسىت، بۇ قانچە يوشۇرۇن قانچە خىلۋەت بۇلسا شۇنچە قەدىرلىنىدىغان ھىسيات، سىزگە، سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە مەڭگۈ ھۆرمەت قىلىمەن.  گىپىمگە كەلسەم شۇنداق قىلىپ ئاخرى بۇ يۈكتىن خالى بۇلىدىغان بۇلدۇم، بۇ ئەسلىدىمۇ بىر مەنپەت، تايىنىش، كۇنتۇرۇل قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان، قىلچە ھىسيات ئاساسى يۇق نىكاھ ئىدى، ھىلىمۇ بەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتتى، كىچە قانچە ئۇزۇن بۇلسا كۆرىدىغان چۈشمۇ كۆپ بۇلىدىكەن، مەن بۇ چۈشىنى كۆپ كۆرۈپ كەتتىم، ئەمدى ئۇيغىنىغان چاغمۇ بۇلغان. تۇرۇپ بىر قاملاشمىغان خىيالغا كىلىپ قالدىم، ناۋادا سىز ۋە مەن تىخى توي قىلمىغان بۇلسىاق نىمە ئىھتىماللىق يۈز بىرەر ئىدى...، كەچۈرۈڭ، ئىردىڭىزغا يەنە خىلاپلىق قىلىپ سالدىم، خەيىر ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ، سىزنى ئەسلەپ نەغمەتتىن.
يەنە بىر پارچە خەت:
ئايشە ياخشىمۇ سىز؟ تىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارامدۇ؟ مەن بايىلا تىخى دىلبەر بىلەن ئاجىرىشىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بۇلۇپ، يىزىدىكى ئۆيگە يىنىپ كەلدىم، ھازىر قار باسقان ئىتىز يۇلىنىڭ قىرىدا ئۇلتۇرۇپ بۇ خەتنى يىزىپ تۇرۇپتىمەن، گەرچە ھاۋا شۇنچىلىك سۇغۇق بۇلسىمۇ ئىچىمدە بىرخىل يىنىكلىك، ئىسسىق بىر سىزىم مەۋىج ئۇرۇۋاتىدۇ، سۇس يىغىۋاتقان قار قەغەز يۈزىگە چۈشۈپ قەلەملىرىم بىلەن بىللە كىتىۋاتقىنىدا، تۇرۇپلا قارنى ئىككىمىزگە ئۇخشىتىپ قالدىم، گەرچە ئۆزى شۇنچىلىك ئاق، شۇنچىلىلىك يىقىشلىق، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە يىغىشىنى، نەگە چۈشىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، شامالنىڭ كۇنتۇرۇللىقىغا بۇي سۇنىدۇ، مەركىزى شەھەردىكى دىكابىرنىڭ ئەشۇ قار ياققان سۇغۇق كۈنىدە ئىككىمىز بىللە بازارغا چىقىپ كىيىم سىتىۋالغان ۋاقتىمىز ھىلىمۇ يادىڭىزدىمۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ماڭا سىتىۋالغان ھىلىقى ئاقۇش، كۈلرەڭ شارپا ھىلھەم بۇينىمدا تۇرۇپتۇ، ئۇنى خۇددى سىزنى قەدىرلىگەندەك ساقلاپ يۈرۈپتىمەن،قارغا قارىساملا ئاشۇ شەھەرنىڭ قار باسقان كۇچىللىرىدا كىتىۋاتقان ئىككىمىز ئىسىمگە كىلىدۇ، بۈگۈن بۇنىڭغا دەل بىر يىل بۇلۇپتۇ، شۇ كۈنى سىز ئۇچىڭىغا قار كۆك ئۇزۇن مامۇق چاپان كىيۋالغان بۇلۇپ، مەكتەپنىڭ يان تەرپىدىكى يۇل بىلەن مەكتەپكە يانغان ئىدۇق، قۇلىقىڭىز تۇڭۇپ كەتكەچكە چاپىنىڭىزنىڭ ئارقىسىغا تاشلىنىپ تۇرىغان قۇلاقچىڭىزنى ئۆز قۇلۇم بىلەن بىشىڭىغا كەيدۈرۈپ قۇيغىمدا، خىجىل بۇلۇپ ئۆزىڭىزنى مەندىن ئىلىپ قاچقان ئىدىڭىز، شۇ چاغدا كۆزلىرىمگە شۇنداق ئىسسىق كۆرۈگەنلىكىڭىز ئىسىمدە، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسدىن كىرىپ ئۇڭ تەرەپتىكى ئۇششاق شىغىل تاش ياتقۇزۇلغان تار يۇلدا ئىگىز پاشنىلىق ئۆتىكىڭىز بىلەن ماڭالماي تۇلىمۇ قىينالغان ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ مىڭىشلىرىڭىزنى مازاق قىلىپ تازا كۈلگەندىم، ئەسلىدە شۇنىڭدىن نەچچە كۈن بۇرۇن بىر قىزنىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئايىغى بىلەن شۇ يۇلدا ماڭالماي تۇرغىنى ئىسىمگە كىلىپ، مەنمۇ سىز بىلەن قىرىشىپ، ئەتەي شۇ يۇلغا باشلىغان ئىدىم، ئەمدىلكتە سەھرادىكى شۇ خىلۋەتتە مانا شۇ تاتلىق ئەسلىمىللىرىمىز بىلەن چەكسىز غىرىپلىقتا سىزگە خەت يىزىپ تۇرۇپتىمەن، بۇ قۇرلارنى يىزىۋىتىپ، كۆڭلۈم شۇنداق غەش بۇلۇپ كەتتى، ئەمما  نىمىلا دىمەيلى مەن بۈگۈن خۇشال، بىر يۈكتىن قۇتۇلغىنىمغا خۇشالمەن، بىر يازغۇچىنىڭ «ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلىسەڭلا، باش قىتىنچىلىقىدىن خالى بۇلالايسەن» دىگىنى تامامەن تۇغرىكەن، شۇڭا مەن بۇ خۇشاللىقىمدىن سىز بىلەن بىرىگە بەھرىمان بۇلغىلى دالىغا چىقتىم، قەلەملىرىم ئارقىلىق سىز بىلەن سىرداشماقچىمەن.
بۇ سۇغۇق ھاۋادا، قار يىغىۋاتقىنىدا چىغىر يۇلدا ئۆيىگە قايتىپ كىتىۋاتقان ئاۋۇ ئىككەيلەن يەنە ئىككىمىزنى ئىسىمگە سالدى.....
خەيىر ئايىشە، سىز بۇلسىڭىزمۇ ئامان بۇلۇڭ! سىزنى ئەسلەپ نەغمەتتىن.
خەتلەر ئەنە شۇنداق داۋام قىلماقتا ئىدى، بۇنىڭدا نەغمەتنىڭ بەش يىلدىن بىرىقى تۇرمۇش كارتىنلىرى، ئۇنىڭ ھىسياتلىرى ئەينەن سىزىپ بىرىلگەن ئىدى، نەغمەتتىن كەلگەن خەتلەرنى ئۇقۇپ يۈرگەن كۈنلەردە دىلبەردە كۆپ ئويلىنىشلار بۇلدى، ئۇنىڭ نەغمەت بىلەن ئايىشەگە كۆپ ئىچى ئاغرىدى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىن ھالقىپ ئۆتسە بۇلمايدىغان بۇ تامدىن ئاتلىمىغان ئىرادىسىگە، ھىسياتىنىڭ ئەقلىدىن  ھالقىپ كىتىشىگە يۇل قۇيمىغان، ئەڭ نازۇك بۇ ھىسياتىنى ئۆزىنى ئەڭ يىقىن دەپ بىلىدىغان دىلبەردىنمۇ يۇشۇرۇپ ئالالىغان ئىرادىسىگە قايىل بۇلدى، ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ خىجىل بۇلدى، ئۇ شۇنداق بىر ھەقىقەتنى: ئادەمنىڭ سىرىتقى دۇنياسىدىن بەكرەك ئىچىكى دۇنياسىنىڭ تىخىمۇ مۇرەككەپ، تىخىمۇ سىرلىق بۇلىدىغانلىقىنى، تۇيغۇ دۇنياسىدىكى ھەر بىر نازۇك تىۋىشلىرغا جەزمەن قۇلاق سىلىپ، ھەرۋاقىت ئەقىل ۋە ئەقىدە بىلەن ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى بىلىپ يەتتى.
يەكشەنبە كۈنى كەچ، بايا دىلبەر يۇلدىشى شۆھرەتنى چىنىقىشقا چۈشكەن خىزمەت ئۇرنىغا ئۇزىتىۋىتپ كىرىپ ئەڭ ئاخرىقى بىر پارچە خەتنى ئىلىپ ئۇقۇشقا تۇتۇندى، خەت يەنە شۇ ئادەت بۇلۇپ كەتكەن پىتى باشلانغان ئىدى:
ياخشىمۇ سىز ئايىشە؟ قانداق تۇرىۋاتىسىز؟ ئەھۋالىڭىدىن تىخى بايىلا خىتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ خەۋەردار بۇلدۇم، بىلەمسىز، خىتىڭىزدىكى دانە-دانە يازمىلار مەن ئۈچۈن ئىيتىپ تۈگەتكسىىز تەسەللىي بۇلدى، مانا بەش يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ خىلى جايىغا چۈشتى، تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتمىدى، مانا ھازىر مەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدا مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىۋاتىمەن، گەرچە خىزمەتلىرىمدە ئاز-تولا ئۇتۇقلارغا ئىرىشكەن بۇلساممۇ لىكىن تۇرمۇشۇم ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتەر، يەنىلا قالايمىقان، گەرچە خىزمەتكىلا پەمىل بۇلۇپ بەش يىلنى ئۆتكۈزگەن بۇلساممۇ، بۇ بەش يىلدىن بىرى مىنىڭ پۈتۈن ئەسيادىم، خىيالىم سىزدىلا بۇلۇپ كەلدى، ھەتتا بۇ بەش يىلدىن بىرى خىيالىمدا سىز بۇلغاچقىلا، يەنە بىر كۆڭۈلسز نىكاھنىڭ ئۇۋالىغا قىلىشدىن ئەنسىرەپ تۇي قىلىشنىمۇ خالىمىدىم، ئاتام، ئۇنىڭدىن كىين ئانام كەينى كەينىدىن مىنى تاشلاپ كىتىپ قالدى، ئىشلار ئەمدى ياخشىلانغان، بىر ياراملىق دۇسىتقا، قۇللىغۇچىغا، مەدەتكارغا مۇھتاج بۇلۇپ تۇرغىنىمدا  ئەمدىلىكتە سىزمۇ مىنى تاشلاپ كىتىپ باراي دەۋاتامسىز؟ مەن بۇ بەش يىلدىن بىرى نىمىنى تىلىدىم؟ سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى، سىزنىڭ بەختىڭىزنى، يۇلدىشىڭىزنىڭ ئىنسابىنى تىلەپلا كەلگەن ئىدىمغۇ؟ ئەمدى نىمشقا بۇنداق بۇلىدۇ؟ تەقدىر دىگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن، سىز خالىمايدىغان ئادەم قانداقتۇر بىر قىسمەتلەر بىلەن سىزگە چاپلىشىپ، ئۆمرۈڭىزنى ئۆزىڭىز خالمىغان ئاساستا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بۇلىدىكەنسزيۇ، ئەمما سىز سىغىنغان، سىز سۆيگەن كىشىنىڭ ئاۋازىنى پەقەت يۈرۈكىڭزدىلا تىڭشاپ، سىماينى كۆڭلۈڭىزدىلا ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىدىكەنسز، تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز پەقەت سىز بىلەن بىللىلا ئۆتۈپ كىتىدىكەن. مەن سىزگە قانداق تەسەللىي بىرىشنى، دەردىڭىزگە قانداق دەرمان بۇلۇشنى بىلمىدىم، گەرچە ئارىمىزنى بۆلۈپ تۇرغۇچى دىڭىز-ئۇكيانلار بۇلىمىسۇ، ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى ھازىرقى شارائىتتا تەچچە سائەتلىك يۇل ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەڭ ئاخىرىقى تىنىچلىقىڭىز ئۈچۈن، بۇ ھىسياتىمنى قايرىپ قۇيۇشقا مەجبۇر بۇلدۇم، قىشىڭىزغا بىرىشنى ئۆمۈت قىلدىميۇ ئەمما بىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، مىنى كەچۈرۈڭ ئايىشە، سىز باشقىلارنىڭ نىكاھىدىكى ئايال، سىزنى قانچە سىغىنىپ تۇرساممۇ، ئىچىمدىن سىزگە شۇنچە بىرىلىپ تۇرساممۇ، بۇ رەھىمسىز تەقتىرىڭىز ئالدىدا مەن پەقەت خىلۋەتتىكى بۇ يىراق جايدا تۇرۇپ سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى، بەختىڭىزنى تىلەپ تۇرۇشتىن ئۆزگە چارەم يۇق، سىزگە يىڭى كۆڭۈلسىزلىكنى تېرىپ بەرگۈم يۇق، مىنىڭمۇ كىچە-كۈندۈر ئۆمۈت قىلىدىغىنىم سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈش. شۇخ ئەمما تەمكىن، خۇشاللىق خاپىلىقىڭىز تىزلا چىرايىڭىزغا چىقىدىغان شۇ تۇرۇقىڭىزنى شۇنچىلىك كۆرگۈم بار ئىدى، بۇرۇندىن تارتىپ ئىنسان زادى قانچىلىك ئىشقا قادىر بۇلۇپ باققان دەيسىز. مەن قىشىڭىزغا مۇۋاپىق بىر پۇرسەتنى ئىزلەپ چۇقۇم بارىمەن ئايىشە، مەن ۋە سىز تۆلىگەن بەدەل بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى، ھىچكىم تەسەۋۇر قىللالمىغىدەك دەرىجىدە كۆپ بۇلۇپ كەتتى، پەقەت سىز بىلەن بىر قىتىم دىدارلىشىلايدىغان بۇلساملا ئۆزۈمنى ئەڭ بەخىتىلىك ھىس قىلغان، سىزنى دەپ ئۆتكۈزگەن تالاي ئۇيقۇسىزلىق كىچەلەرگە رازى بۇلار ئىدىم، سىزگە ئاز بۇلسىمۇ رۇھى تەسەللى، كىسىلىڭىزگە ئاز بۇلسىمۇ رۇھى ئۆمۈت ئىلىپ كىلەلىسەم تارىتقۇللىرىمدىن مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىم.
ئايىشە رۇھلۇق بۇلۇڭ، تالاي مۇشەققەتلەر سىزنى بۇي سۇندۇرۇرالمىغان، تالاي ئازاپلامۇ ئۆتۈپ كەتكەن، تۇرمۇشىمىزدا يالغۇز ئازاپلا، قىسمەتلا يۇق، ئۇنىڭدا بىز بىشىمزدىن كەچۈرگەن ياكى ھىس قىلىپ بۇلالمىغان نۇرغۇن شاتلىقىمىز ئۆتكەن، رۇھلۇق بۇلۇڭ قىز! مەن ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىزگە مەدەتكارمەن، سىز ئۈچۈن تەسەللىمەن.
سىزنى ئەسلەپ ناقابىل نەغمەتتىن.
..............................
يالغۇز كىشىلىك كىسەلخانا، ئايىشە زەئىپ ئاۋازلىرى بىلەن دىلبەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەڭ ئاخرىقى ئۆتىنىشىنى تۇلىمۇ تەستە ئىيىتماقتا ئىدى:
- دىلبەر،... بىلىمەن،... بىز قىيامەتلىك دۇسلاردىن،...مىنىڭ بۇ ئۆمىرىمدە ..پەقەت ئەڭ ئاخىرىقى بىرلا ئۆتىشىم بار ئىدى...- ئايىشە گەپ قىلىۋىتىپ بۇ يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز قاتتىق قىقىلىپ كەتتى.
-نىمەدەيدىغانسەن ئاداش، ئىككىمىزنىڭ ئۇتتۇرسىدا ئۆتىنىش دەيدىغان گەپ يۇق، -دىلبەر ئايىشە قىقىلىشتىن تۇختىغاندىن كىيىن قۇلىدىكى قۇلياغلىقتا دىلبەرنىڭ يۈزلىنى سۈرۈتتى، دۇلىسىنى بۇشقىنا ئۇۋلىدى، - نىمە گەپ بۇلسا ئىيتىۋەر ئاداش، چۇقۇم ئۇرۇندايمەن.
- بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقىنى بىلىمەن ئاداش...، مىنىڭ...مىنىڭ...
-گەپ قىلە ئاداش، زادى نىمە ئىش ئىدى؟
-مىنىڭ ...، نەغمەت بىلەن بىر قىتىم،.. ياق،...ئاخىرىقى قىتىم... كۆرۈشكىم،...ئۇنىڭ بىلەن خۇشلىۋالغۇم بار ئىدى،...مۇمكىن بۇلسا...-ئايىشە يەنە شىرەنى ئىما قىلىپ سۇمكىسىنى كۆرسەتتى، -سۇمكامنى ئىلىپ بەرگىنە...
دىلبەر سۇمكىنى ئىلىپ ئىچىدىن كۇنىراپ كەتكەن بىر خاتىرىنى چىقاردى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا نەغمەت ئايىشەنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بەرگەن ھىلىقى خاتىرىسى ئىدى. ئايىشە جانسىز قۇللىرى بىلەن خاتىرىنى ئىچىپ، بىر تىلىفۇن نۇمىرىنى ئىزلەپ تاپتى، ئاندىن دىلبەرگە قاراپ ئىيىتتى:
-مۇمكىن بۇلسا....بۇ نۇمۇر بىلەن...ئۇنى ئىزلەپ باقساڭ.....بەش يىلدىن بىرى... تىلىفۇن قىلىپ باقمىدىم، ...ئۆزگۈرۈپ كەتمىگەن بۇلىشى مۇمكىن...، بۇ مىنىڭ.... ئەڭ ئاخرىقى... ئارزۇيۇم ئىدى، ...بۇ قىلىشىمنىڭ خاتالىقىنى بىلمەن، ...ئەمما... مەن ئۇنىڭغا ...ھىسيات جەھەتتىن.، مەن.. بەش يىل...بىلەمسەن بەش يىل قەرىزدار ئاداش،... ئۇ مىنى دەپ... نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچتى،... ئەمما...، سەن ھەممىنى بىلىسەن،... بىز ...بىز.... ..
-بۇلدى سۆزلىمە ئاداش، ھەممىنى بىلىمەن، ماڭا شۇنچىلىك ئىشەنگىنىڭگە رەھمەت، تاپشۇرىقىڭىنى چۇقۇم ئۇرۇندايمەن.
ئاخرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسدە ئايىشەنىڭ كىسلى ئاخرىقى چەككە بىرىپ قالغان بۇلۇپ، دۇختۇر ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىللىرىگە تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇشنى بالدۇرلا تاپىلىغان ئىدى، ھازىر ئايىشەنىڭ ئىككى بالىسدىن بۆلەك تارتىشقىدەك ھىچنىمىسى يۇق، ئۇمۇ ئەڭ ئاخرىقى نەتىجىگە بالدۇرلا تەييارلىق كۆرۈپ قۇيغان ئىدى. ئۇ تىرىشمىدى ئەمەس تىرىشتى، ۋاز كىچىشكە تىگىشلىك بۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچتى، ھەتتا كەچمەسلىككە تىگىشىلىك بۇلغان نەرسىلەردىن تەقدىرنىڭ زۇرى بىلەن مەجبۇرى ۋاز كەچتى، ئۆمىرىدە ئۇ پەقەت باشقىلار ئۈچۈنلا ياشىدى، باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، ھەممىگە چىدىدى، ئەخلاق ۋە ئىتىقاتتىن قىلچە ۋاز كەچمىدى، ئۇنىڭغا مۇخالىپ كىلىدىغان ھەرقانداق خاتالىقىنى سادىر قىلمىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئۆمىرىنىڭ ئاخرىقى دەقىقىللىرىدە ئالاھىيدە ئارزۇسى، ئۆتىنىشى يۇق، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن بەش يىلدىن بىرى سەمىلىيلىك، ساپ دىللىق، شەخسىيەتسىز ۋە تاماسىزلىق بىلەن ئۈنسىز تىرىشقان، قۇللىغان، ياردەم بەرگەن، ئۆزىنى چۈشەنگەن ھەممىگە چىدىغان يەنە بىرى ئۈچۈن، باشقلارغا خاتالىق سانىلىدىغان بۇ قەدەمگە غەيرەت قىلىپ باقماقچى، ئەڭ ئاخىرىقى قىتىم يەنە بىر قۇربانلىق بىرىپ باقماقچى بۇلدى. بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، بىلگەن تەقدىردىمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ، قوبۇل قىلمىسا نىمە بۇپتۇ، ئۇ يامان ئىش قىلماقچى ئەمەس، يۇلدىشىنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن بىرى يۇلدىشىغا يۈزكىلەلمىگىدەك ھىچنىمە قىلغىنى يۇق، پەقەت يۈرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تىۋىشىغا ئەڭ ئاخىرىقى بىر قىتىم قۇلاق سىلىپ باققۇسىلا بار، شۇندىلا ئۇ بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كىتىدۇ.
.............................
كەچ، ئاللاقاچان گۇگۇم پەردىسى يىيىلغان چاغ، غايەت زۇر بىر تۆمۈر قۇش، كۆكنى يارغىدەك ئاۋازدا يىنىك سىلكىنىپ ئۇچۇش يۇلىغا قۇندى.
ئايرۇپىلاندىن چۈشكەن يۇلۇچىلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن كىشىلەر چىققان، پەقەت ئۇلارنىڭ ئارسىدا يۈك تاقىسى يۇق، قۇلىدا بىرلا كىچىكرەك سۇمكىنى كۆتىرىۋالغان بىر يۇلۇچىنىڭ ئالدىغا ھىچكىم چىقمىغان بۇلۇپ، بۇ يۇلۇچىمۇ بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلمىغاندەك ئايدۇرۇم ئىشىكىدىن چىقىپ، سۇمكىسىنى يەرگە قۇيدى، ئاندىن خۇددى ھەممە ھاۋانى سۈمۈرىۋالماقچى بۇلغاندەك قاتتىق نەپەس ئالدى، يىراقلارغا قاراپ مىنۇتچە تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، ئىسىنى تاپقاندەك بۇلۇپ، دەرۋازا يىنىغا تۇختىتىپ قۇيۇلغان تىلىفۇن بۇتكىسىغا بىرىپ، بىر نۇمۇرنى باستى، خىلىدىن كىيىن تىلفۇندىن بىرەيلەننىڭ سوزۇپ تىلىفۇننى ئالغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ۋە...ي! ياخشىمۇ سىز؟
-ياخشىمۇسىز؟ دىلبەرمۇ سىز؟
-شۇ، كىمۇ؟
-مەن نەغمەت، ھازىرلا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ سىزگە تىلفۇن ئىلىشىم، بىكارمۇ يە؟
-ۋاي خۇدايىم، نۇمۇرنى كۆرمىگەن بۇلسام قەتئى ئىشىەنمەسكەنمەن، نىمىنداق خەۋەرمۇ بەرمەي كىلىۋالدىڭىز؟ ھازىر چۈشتىڭىزمۇ؟ قەيەردىرەك سىز؟ يۇلدا چارچىمىغانسىز؟......
دىلبەر نەغمەتنىڭ گەپ قىلىشغا پۇرسەتمۇ بەرمەي سۇئال دىگەننى ياغدۇرىۋەتتى. نەغمەت تىخى ئۈلۈشكۈن كەچ دىلبەردىن كەلگەن تلىفۇننى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، قاتتىق ھەيران قالدى، ئەمدى بارمىسا قەتئى بۇلمايدىغانلىقىنى، ئۆمۈرلىك پۇشايمانغا قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ھىچنەرسىگە قارىماي، ئىدارىگە مۇھىم بىر ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى ئىيتىپ ھەپتىلىك رۇخسەت ئالدىدە، شۇ كۈنىلا ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىۋالدى ھەم بۈگۈن چۈشلەردە بۇ ياققا قاراپ يۇلغا چىققاندى، يەنە باشقلارنى پاراكەندە قىلىشنى خالىماي، ھىكىمگىمۇ خەۋەر قىلماي ئۇدۇللا كىلىۋەرگەندى.
نەغمەت دىلبەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ تاماق يىيىش، بىردەم ھاردۇقىنى چىقىرىۋىلىش دىگەندەك تەكلىپلىرىنى چىرايلىق رەت قىلىپ، قانداقلا بۇلمىسىۇن ئايىشە بىلەن ھازىرلا كۆرىشىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.
-قاراڭ نەغمەت، -دىدى دىلبەر سۇغۇققانلىق بىلەن، - كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، مەنمۇ سىلەرنى ھازىرلا كۆرۈشتۈرسەم دەپ ئۇيلايمەن، بىراق بىلەمسىزكىن، ئايىشەنىڭ يۇلىدىشى بار ئايال، ئۆيدىكىللىرى ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ، يەنە كىلىپ ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىدا كۆپۈنچە تۇنۇش-بىلىشلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ، شۇنچە يىراقتىن تۇيۇقسىزلا بىرسى ئۇنى يۇقلاپ كەلسە باشقىلار ئۇنى قانداق چۈشىنىەر؟ يەنە كىلىپ بۇ يەر سىلەرنىڭ شىمالغا ئۇخشىمايدۇ، ئۇنىڭ بشىغا كەلگەن ئەلەملەر بەك كۆپ، ئۇنىڭ يەنە تارتقۇلۇق تارىتقىدەك ھالى يۇق، بۇ قىتىم ئۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە قانچىلىك چىدام قىلغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمايسىز، ئۇ سىزگە ئۇخشاش ئەركىن ئادەم ئەمەس، ئۇ ئۇنىڭغا يەنە ئىش تىپىپ بەرمەيلى بۇلامدۇ؟
-ئەمسە،.... -نەغمەت دۇدۇقلاپ قالدى، ئىشنى بەكلا يۈزەكى ئۇيلاپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى.
-مۇنداق قىلايلى نەغمەت، سىزنى ھازىرلا ئۆيگە باشلاي دىسەم يۇلدۇشۇم ئۆيدە يۇق قاراڭ، بىئەپ بۇلۇپ قالىدۇ، ھەقىچان بۇ يەردە سىزنىڭ بىزدىن باشقا تۇنۇشلىرىڭىزمۇ يۇق، ئاۋال بىر يەرگە كىرىپ ئازراقتىن تاماق يىۋالايلى، ئاندىن بىرەر مىھمانخانىنى تىپىپ سىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇياي، كەچتە يۇلدىشىم شۆھرەت قايتىپ كىلىدۇ، ئۇنىڭغىچە سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزنى ئايىشەگە خەۋەر قىلىپ قۇياي، ئەتە يۇلدىشىم ئۈچەيلەن بىللە بىرىپ ئايىشەنى يۇقلاپ كىلەيلى، ئۇلارغا سىزنى ساۋاقدىشىمىز، كاماندۇرۇپكىغا كەپتىكەن دەي، قانداق؟
نەغمەتنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تاللىشى يۇق، ئەڭ ئاقىلانىلىق يەنىلا دىلبەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا بۇي سۇنۇش ئىدى.
كىچە، سائەت ئۇندىن ئاشقان ۋاقىت، نەغمەتنىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس، شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى سەۋىرى قىلىپ كۈتۈپ ئەمدىلىكتە پەقەت نەچچە سائەت ۋاقىتقا چىدىيالماي قالدى، يالغۇز كىشىلىك ياتاقتا ئۇيۇقتىن يۇياققا ماڭاتتى، نەچچە قاپ تاماكىنى چىكىپمۇ بۇلدى، تۇيۇقسىزلا ئۇ ئايىشەنى ئۆزى يالغۇز يىراقتىن بۇلسىمۇ بىر بىرىپ كۆرۈپ كىلىشنى خىيال قىلىپ قالدى، راسىت، نىمىنى ساقلايدۇ،  ئىشقىلىپ ئايىشە ئۆيىدە ئەمەس، دۇختۇرخانىدا دىگەندە ئادەم كۆپ بۇلىدۇ، كىم بىلەن كىمنىڭ كارى، ئادىرىسىچۇ؟ بايا دىلبەر ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىدا دەپ ئىيىتقان ئىدىغۇ، بۇ شەھەردە ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىدىن قانچىسى بۇلماقچىدى؟ ئەپلەشمىسىچۇ؟ ئاۋال يەنىلا سىناپ باققىنى تۈزۈك، ئىشقىلىپ بۇ يەرگە ئايىشەنى كۆرگىلى كەلگەنغۇ، يەنە نىمىنى ساقلاپ تۇرىدۇ؟
نەغمەت ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن مىھمانخانىدىن چىقتى، تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ، ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئىيتىۋىدى، شۇپۇر ئۇشۇق گەپ سۇرىماي بىردەمدىلا ئۇنى ئەكىلىپ قۇيدى، ئەمدىكى گەپ ئايىشەنى قايسى بالىنىستىدىن، بۇ قەۋەت-قەۋەت بىنالار ئارسىدىكى قايسى ياتاقتىن ئىزلەش بۇلۇپ قالدى، دىلغۇل بۇلۇپ بىرمۇنچە ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئاخىرى بۇلماي نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر سىستىرادىن يۈرەك كىسەللىكلىرى بۆلىمىنى سۇراپ تاپتى ۋە كىسەللەر ياتاقلىرىنىڭ ئىشىكىگە ئۇرنىتىلغان كىچىك دەرىزىسدىن بىرمۇ بىر قاراپ چىقىشقا باشلىدى، بىرىنجى قەۋەتتە يۇق، ئىككىنجى قەۋەتتىمۇ كۆرۈنمىدى، نەغمەت دىلغۇل بۇلۇشقا باشلىدى، بۇنداق قىلىۋەرسە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىدى، مىھمانخانىغا قايتىپ كىتىشنى ئۇيلىدىيۇ نىيىتىدىن ياندى، بەلكىم ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىدىن ئىككىسى بۇلىشى مۇمكىن ۋە ياكى ئايىشە بۈگۈن سەل ياخشى بۇلۇپ قالغان بۇلسا ئۆيدىكىلەر ئۆيگە ياندۇرۇپ كەتكەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ ئۈچۈنجى قەۋەتكە ئالدىرىماي چىقىپ پەشتاق يىنىدا سەل تۇرىۋالدى، خىلى كەچ بۇلۇپ كەتكەچكە بالىنىست بىناسىمۇ خىلى تىنجىپ قالغان، كارىدۇردا كىسەللەرگە قاراش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇخلىيالمىغان بىر نەچچە كىشىلا كارىدۇردا ئۇياقتىن بۇياققا مەقسەتسىز مىڭىپ يۈرەتتى، كارىدۇرنىڭ ئىچىنى دۇختۇرخانىغىلا خاس بۇلغان دورىنىڭ قۇيۇق پۇرىقى بىر ئالغاندى.
نەغمەت بۇلۇڭدىكى ياتاقنىڭ ئىشىكىدىكى كىچىك دىرىزىدىن شۇنداق بىر قاراپلا يۈرىكى قاتتىق سىلىپ كەتتى، ئۇنىڭغا تۇنۇش بىر گەۋدە، گەرچە يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىۋالغان بۇلسىمۇ ئۇنى نەغمەت كۆزى بىلەن ئەمەس يۈرىكى بىلەن تۇنىدى. شۇ چاغدا نىمە ئىش بولدىكىن تۇيۇقسىزلا ئايىشە يەنە قاتتىق قىقىلىپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا قاراشقا كەلگەن يەنە بىر گەۋدە بۇنىڭدىن پەرۋاسىز ھالدا كارۋاتنىڭ يان تەرىپىگە كىسل باققۇچى ئۈچۈن ۋاقىتلىق قۇيلغان قاتلىما كارىۋاتتا خىرامان ئۇيقۇغا كەتىكەندى، ئايىشە جانسىز بىلەكلىرى بىلەن كارۋاتتا ئۇلتۇرماقچى بۇلدىيۇ غەيرىتى يىتىشمەي يەنە يىتپ قالدى، شۇ چاغدا نەغمەت ئايىشەنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۆردى ۋە يۈرىكى ئىچىشىپ كەتتى...
«قىنى ئۇ نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئوتلۇق كۆزلەر، قىنى ئۇ مەڭزىدە قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان تارتىنچاق يۈزلەر، قىنى ئۇ بىر كۆزىنى تۇسۇپ تۇرىدىغان، ماڭسا يۈرەكنىڭ يىغىنى يەيدىغان سۇمبۇل چاچلار......»
شۇ تاپتا نەغمەت كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالنىڭ ئۆزى ئاتايىن ئىزلەپ كەلگەن ئايىشە ئىگەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەرچە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالغان بۇلسىمۇ چىرايىدىكى گۈزەللىكنى، بەدىنىدىكى لاتاپەتنى قۇلدىن بەرمىگەن، چىرايىدىن كۈلكە، تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، خىجىل بۇلسا يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلۇپ بىر جۈپ يۈزلىرى قىزىرىپ تىخىمۇ ئۇماق بۇلۇپ كىتىدىغان نازاكەتلىك ئايىشە ئەمەس، بەلكى چىرايى كىسەللىكتىن شۇنچىلىك خۇنىكلەشكەن، كۆزلىرى ئۇلتۇرۇشۇپ ئەتىراپىنى قۇرۇقلار باسقان، ئۇرۇقلاپ ئىككى مەڭىزلىرى چىقىپ قالغان، يۇيۇن تۇمۇرلىرى كۆپۈپ كۆكىرىپ كەتكەن، يۈزلىرى تاتىراڭغۇ، چاچلىرى تەر دەستىدىن كىرلىشىپ ئەسلدىكى چىلانرەڭ رۇخسارىنى يوقۇتۇپ بۈدىرلىشىپ كەتكەن،  پىشانىسى كەڭ، يۇل-يۇل قۇرۇقلار باسقان، ھازىرقى يىشىدىن ئاز دىگەندىمۇ ئون ياش قېرىپ كەتكەن بىر ئايال قېقىلىپ ياتاتتى، ئايىشە تۇيۇقسىز نەغمەت تەرەپكە قارىغاندەك بۇلىۋىدى، نەغمەت يۈزىنى ئىلىپ قىچىپ تامغا يۆلىنىۋالدى، ئۇ ئايىشەنى بۇنداق ھالەتتە ئۇچۇرىتىشنى قىلچىمۇ ئۇيلاپ باقمىغاندى، ئۆزى بەش يىلدىن بىرى سىغىنغان، تەلمۈرگەن، ئۈنسىز بەخىت تىلەپ كەلگەن كىشىنىڭ بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىنى قىلچىمۇ ئۇيلاپ باقمىغاندى، شۇ تاپتا نەغمەت ھەممىنى قويۇپ تازا بىر يىغلىۋالغۇسى، ئايىشە بۇ ھالى ئۈچۈن ياش تۆكۈشنى خالاپ قالدى، بەش يىلدىن بىرى ئۇ پەقەت شۇنىلا قىلمىغان.
« ئىسىت خارلانغان، قەدىرسىز قالغان بىچچارە تەن، سىنڭدىن شۇنى كۈتكەنمىدىم، شۇ ھالىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاتايىن يىراقتىن كەلگەنمىدىم.....»
نەغمەت رۇھسىز، جانسىز، ئىغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ بالىنىسىت بىناسىدىن چىقتى، يانچۇقىدىن تاماكا قىپىنى چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىقى بىر تال تاماكىنى سۇغۇرۇپ ئىلىپ، قىپىنى پۇرلاپ زەردە بىلەن يەرگە تاشلىدى، تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، يۇل بۇيىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئۇلتۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ نىمىلەرنى ئۇيلاپ كەتكىنىنى بىلگىلى بۇلمايتى، قىسقىسى نەتجىسىز ئۈمۈتسىز قالغان بىر كىشىدەك ئىچى بەكمۇ ئىچىشتى. ياتاققا قايتىپ كىلىپ، ئىشىكنى تاقىۋىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى...
«ئىسىت ئايىشە...سىزگە نىمە كەلگەن خۇرلۇق، نىمە تارىتقۇلۇق، قۇتقۇزۇپ ئالالىغان بۇلسام، سىزنى بىر قۇللۇق بەخىتلىك قىلالىسام ئىدى كاشكى.....»
ئەتىسى دىلبەر نەغمەتنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالدى، تىخى تۈنۈگۈن كۆرگەن ۋاقىتىدا چىرايى خىلى تەمكىن، قەتئى كۆرىنىدىغان نەغمەت بىر كىچىدىلا نەچچە ياش قىرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، ئۇ نەغمەتنىڭ ئايىشەنى ئىزلەپ دۇختۇرخانىغا بارغانلىقى، ئۇنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇلار دىلبەرنىڭ يۇلدىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، بازاردىن ئاز تۇلا نەرسە سىتىۋالغۇچە كۈن چۈشكە يىنقلاپ قالدى، نەغمەت يۇلنى بىلىدىغانلىقىنى قىلچە چاندۇرمىدى، يۇل بۇيى بىر ئىغىزمۇ گەپمۇ قىلمىدى، ئايىشەنىڭ تۆنۈگۈن كۆرگەن ۋاقىتىدىكى ھالىتىنى ئۇيلاپ كۆڭلى تىخىچە پارەكەندە، ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۆرۈشىشنى تەسەۋۇر قىلماقتا ئىدى، دىلبەر بۇنى ئايىشەنى كۆرگۈسى كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئۇيلىدى.
ئۇلار بالىنىسىتقا كىرىپ  كەلگەندە سابىرمۇ، ئۇلارنىڭ ئالتە ياشلىق قىزى ئادىلەمۇ بار ئىدى، ئايىشە نەغمەتنىڭ تۇنۇش گەۋدىسىنى كۆرۈپ، بىر ئىغىز گەپمۇ قىلالماي كۆز چاناقلىرى نەمدەلدى، تۇنۇش كۆزلەر بەش يىلدىن كىيىن كىسەلخانىدا قايتا ئۇچىراشقىنىدا قاتتىق ھاياجانلاندى، ئايىشەنىڭ يۈرىكى سىلىپ، ئۆزىنى شۇنچە تۇتىۋالسىمۇ يەنە قىقىلىپ كەتتى. نەغمەت ھەتتا ئۇلار بىلەن سالاملىشىشىنىمۇ ئىسىدىن چىقىرىپ، ئايىشەگە كۆزلىرىنى ئۈزمەي نەچچە سىكىنۇت قىتىپ قالدى، دىلبەرنىڭ بىلىندۈرمەي نۇقۇشلىرىدىن ئىتتىك ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، ئايىشەنىڭ يۇلدىشىغا كۆرۈشۈش ئۈچۈن قۇلىنى تەڭلىدى.
ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرسىدىكى بۇ ئۇچۇرىشىشنى باشقىلار ھىس قىلىپ بۇلالمىدى، بۇلۇپمۇ سابىر ئايىشەنىڭ ئەتىگەن خىلى ياخشى تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا قىقىلىپ كەتكىنىنى كىسەللىكتىن دەپ بىلدى، ھەتتا نەغمەت بىلەن قۇل ئىلىشىپ كۆرۈشكەن شۇ پەيىتتە، نەغمەتنىڭ كۆزلىرىدە چاقنىغان غەزەپ، نەپرەتنى تىخىمۇ ھىس قىلىپ يىتەلمىدى. شۇ پەيتتە مۇمكىن بۇلسىدى نەغمەت ئۆزى قەدىرلىگەن كىشىنى خارلىققا مۇپتىلا قىلغان كۆز ئالدىدىكى بۇ بىر دۆۋە گۆشنى چايناپ پۈركىۋەتكىسى كىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇنداق قىلالىشى بەسى مۇمكىن ئەمەس، روھنى نەغمەت سۆيگەن بۇلسا، تەن ئۇنىڭ، قۇرۇپ قاقشال بۇلغان، ئازاپتىن تۈگەشكىلى ئاز قالغان تەن ئۇنىڭ، نىكاھ ئۇنىڭ، ئايال ئۇنىڭ، قانداق تۇتۇش، قانداق كۆيىنىش، قانداق خارلاش نەغمەتنىڭ ئەمەس ئۇنىڭ ئىختىيارىدا، ئۇنىڭ خائىشىدا. خاتالىق ئۇنىڭدا ئەمەس، نەغمەتتە، ئايىشەدە، نەغمەتنىڭ جەنۇپلۇق بۇلمىغىنى، ئايىشەنىڭ شىماللىق بۇلمىغىنى، بالدۇرراق ئۇچىراشمىغانلىقى ئۇلارنىڭ خاتالىقى....
نەغمەت چىرايىغا زۇرىغا تەبەسسۇم يۈرگۈزۈپ ئايىشەدىن تىچلىق سۇرىدى، ئارىدا دىلبەر نەغمەتنى سابىرغا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەنلىگى، بۇ قىتىم كاماندۇرۇپكىغا كەلگەچ ئاتايىن ئايىشەنى يۇقلاپ كىرگەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى، سابىرمۇ رەسمىيەت يۈزىسىدىن قىسقىلا رەھمەت ئىيتىپ تۇرىشىغا ئىدارىسدىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى، ۋە ھۆزىرخالىق ئىيتىپ چىقىپ كەتتى،
دىلبەر يولدىشى بىلەن بىردەم ئۇلتۇرۇپ يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ مۇشۇ دۇختۇرخانىدا ئىكەنلىگىنى، يۇلدىشى بىلەن چىقىپ يۇقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ، ئادىلەنى ئالداپ يۈرۈپ بىللە ئىلىپ چىقىپ كىتىپ ئۇلارنى يالغۇز قالدۇردى.
نەغمەتنىڭ بۈگۈن كىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئايىشە ئۆزىنى سەل-پەل تۈزەشتۈرىۋالغان بۇلسىمۇ كۆڭلىدىكى ئازاپ، كەچۈرگەن قىسمەتلەر كۆزلىرىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئارىغا ئىغىر سۈكۈت چۈشتى، نەغمەت يەنىلا كۆزلىرىنى ئايىشەدىن ئۈزمىدى، تارتىقان رۇھى ئازاپ سەۋەبىدىنمۇ ئايىشەنىڭ چاچلىرىغا ۋاقىتسز كىرگەن ئاقنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىنى يەنە بىر قىتىم سىرىلدى. ئارىدىكى سۈكۈتنى ئاخىرى ئايىشە بۇزدى:
- قانداقراق ئۆتىۋاتىسىز...؟
-نىمىسىنى ئىيتاي، ئاۋالقىدەكلا، مىنى كەچۈرۈڭ ئايىشە، ۋاقىتىدا يوقلاپ كىلەلمىدىم. مەن...مەن...- نەغمەتنىڭ رۇھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك كۆز چاناقلرى نەمدىلىپ، گىپىنىمۇ قىلالماي قالدى.
- مەن چۈشىنىمەن نەغمەت...-ئايىشە تۇلىمۇ قىينىلىپ سۆزلەيتى، - ھەممىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن...لىكىن...ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز.....مەن...مەن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم...يەنە نىمىنى ئىيتاي...ئەسلى سىزنى چاقىرىتمىسام بۇلار ئىدى....لىكىن....
ئايىشە گىپىنى قىلىپ بۇلالمايلا يەنە قىقىلىپ كەتتى، نەغمەت ئىتىك بىرىپ ئۇنى يۆلىدى، قۇللىرى ئايىشەنىڭ چاچلىرىغا تەككەن، ئايىشەنىڭ تۇنۇش ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇنغاندا خىياللىرى ئۇنى ئۆتمۈشكە، بەش يىل ئاۋالقىغا ئىلىپ كەتتى....
ھىچبۇلمىسا بەختىم دەپ، نى ھاللاردا ئەزىزەم
چاچلىرىڭىنى سىلاشقا قۇلۇم يەتمەس ئەزىزەم.
-مىنى كەچۈرۈڭ ئايىشە، سىزنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشڭىزنى پەقەت ئۇيلىماپتىمەن...مەن...
-ھىچقىسى يۇق نەغمەت...-دىدى ئايىشە چىرايىغا زۇرلاپ كۈلكە يۇگۈرتۇپ، - مەن ئاللاقاچان ھەممىگە تەييارلىق كۆرۈپ قۇيغان....بەلكىم رىسقىم، تەقتىرىم شۇنداق ئۇخشايدۇ....ھىچكىمدىن رەنجىشىم يۇق...مەن....مىنىڭ شۇ بىرلا ئارزۇيۇم بار ئىدى..، -ئايىشە ئاخىرى ئارىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلىدى، -سىز بىلەن كۆرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمدى تارتىشقىدەك ئارمىنىم قالمىدى... مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىين... سىزمۇ ئازاپلانماڭ...مۇمكىن بۇلسا... بىرى بىلەن...تۇي قىلىپ...بەخىتلىك ئۆتۈڭ...بىز مەڭگۈ ياخشى دۇسلاردىن....
-بۇلدى گەپ قىلماڭ ئايشە، -نەغمەت بىشىنى چاڭگاللاپ يەرگە قارىدى.
-ئاخشام دۇختۇرخانىغا كەلگەنمىدىڭىز؟ -تۇيۇقسىزلا سۇراپ قالدى ئايىشە.
-قانداق دەيسىز؟
-بىلمىدىم...، تۆنۈگۈن كىچە خۇددى... سىز يىقىنلا يەردە تۇرغاندەك... يۈرىكىم ئىغىپلا تۇردى....
-مەن ئەسلى..سىز بىلەن ...-نەغمەت گىپىنى داۋاملاشتۇرۇلماي قالدى.
- بۇلدى ھىچ گەپ يۇق...دىگىڭىز كەلمىسە ...ئىيىتمايلا قۇيۇڭ..، بۇ يەردە... سىزگە بىرىدىغان... بىر نەرسە بار،... توي قىلىپ بۇلغىچە... ياخشى ساقلاڭ،...تۇي قىلىپ بۇلغاندىن كىيىن جەزمەن تاشلىۋىتىڭ... مەن... يەنە سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزغا... تۇسالغۇ بۇلۇپ قىلىشىنى خالىمايمەن نەغمەت...
ئايىشە ئەڭ ئاخىرىقى كۈچىنى يىغىپ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئىغىر بىر كۇنۋىرىتنى ئىلىپ نەغمەتكە تەڭلىدى.
نەغمەت ئىلىپ چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سلىپ تۇرىشىغا ياتاقنىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ئادىلە، كەينىدىن دىلبەر بىلەن يۇلدىشى كىرىپ كەلدى.
ئادىلە نەغمەتتىن سەل ھىيىققاندەك بۇلۇپ، يىراقتىن نەغمەتكە قىزىقسىنىپ قارايتى، نەغمەت ئادىلەنىڭ ئالدىغا كىلىپ بىشىنى سىلىدى، بالىنىڭ چىرايى ئانىسىنىڭ چىرايىنى شۇنچىلىك تارىتقان ئىدىكى نەغمەت بەش يىل بۇرۇن يۇقاتقان ئەشۇ تاتلىق خاترىنىڭ داۋامىنى ئادىلەنىڭ يۈزلىرىدىن، ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدىغان، پەقەت ئاقكۆڭۈل ساددا ئادەملەردىلا بۇلىدىن غۇبارسىز نۇرلىرىدىن ئىزلەپ تاپتى. يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى چىقىرىپ بالىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيدى، ئاندىن باغرىغا يىنىك باستى، بۇنىڭدا ئانىسىنىڭ، ئايىشەنىڭ ھىدى بار ئىدى. «بىچچارە قىزىم، كۆڭلۈڭنىڭ ئاقلىقى ئاناڭنى تارىتسۇن، لىكىن تەقتىرىڭ ئاناڭنى قايتىلىمىسۇن» دەپ تىلىدى نەغمەت ئىچىدە.
ئۇلار قايىتماقچى بۇلدى، نەغمەت بۇرۇلۇپ ئايىشەگە قارىدى، ئايىشەنىڭ كۆزىلىرىدىن ئەينى ۋاقىتتىكى يۈرىكىنى تىتىرەتكەن ئەشۇ نۇرنى كۆرگەندەك بۇلدىدە تەنلىرى ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كۆزلىرى نەمدەلدى، ئاۋازى تىتىرەپ ھەتتا ئۆزىمۇ ئاڭلىيالمىغىدەك دەرىجىدە ئايىشەگە قاراپ ئىككىنجى قىتىم ۋە ئەڭ ئاخىرىقى قىتىم ئىيتتى:
-خۇش ئايىشە! ئامان بۇلۇڭ!
................................
نەغمەت دىبلەر بىلەن شۆھرەتنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىش، شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ كىلىش دىگەندەك تەكلىپلىرىنى چىرايلىق رەت قىلىدى، قايتىدىغانلىقىنى ئىيىتپ ئۇلار بىلەن خۇشلىشىپ، ئۆزى چۈشكەن مىھمانخانىغا قاراپ يۇل ئالدى، لىكىن ئۇ ياتاققا قايتىمىدى، سەۋەپسىزلا كۇچىلارنى ئايلاندى، خۇددى ئايىشە يۇقاتقان گۈزەللىكنى، شۇخلۇقنى، ئايىشەنىڭ بەش يىل ئاۋالىقى خاتىرىسدە ساقلانغان، ئۆزى سىغىنغان سىماسىنى، بۇ كۇچىلاردىن ئىزلەپ تاپماقچى بۇلغاندەك، ھەم تاپالايدىغاندەك، بىر كۇچىلاردىن ئايىشە كۈلۈپ تۇرۇپ چىقىپ كىلىدىغاندەك، ھەممە ياقنى ئالا قۇيماي ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ بىر كۈن كەچ بۇلدى، ئەتە بىلەت سىتىۋالسا ئۆگۈنلىككە يۇلغا قايتىشنى پىلانلاپ كەچكە يىقىن ياتاققا قايىتتى، شۇ ئارىدا يەنە ئايىشەنى بىر قىتىم كۆرۈپ كىلىشنى خىيال قىلدىيۇ ئەمما بۇ قىتىم بارسا بۇلمايدىغانلىقىنى، باشقىلار كۆرسە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى،  بايا ھەممىسىنىڭ ئۆزىنى بىلىپ بۇلغانلىقى ئىسىگە كىلىپ نىيىتىدىن ياندى. شۇ ئارىدا ئايىشەنىڭ بايا بەرگەن خالتىسى يادىغا يىتىپ، يانچۇقىدىن ئۇنى چىقاردى. يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى، كارىۋات بىشىدىكى چراقىنى يىقىۋەتكەندىن كىيىن تۇرۇستىكى چۇڭ چىراقىنى ئۆچۈرۈپ، كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇرۇپ كۇنۋىرىتنى ئاچتى، ئىچىدە ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى، نەچچە ۋاراقلىق بىر پارچە خەت، ئايىشە يىزىپ تاماملاپ بۇلالمىغان ئۇقۇتۇشقا ئائىت بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى بار ئىدى. نەغمەت ئاۋال خەتنى ئاچتى، خەت مۇنداق باشلانغاندى:
«سالام نەغمەت، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ بايا دۇختۇر مەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ چىقىپ كەتتى، دۇختۇرنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى بىلدىمكى سىز بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا بەلكىم مەن بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن ئاللاقاچان خۇشلاشقان بۇلىشىم مۇمكىن، ياكى خۇدانىڭ رەھمى كىلىپ قالسا بۇنى ئۆز قۇلۇم بىلەن سىزگە تاپشۇرۇپ بىرەرمەن، مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن، سىزگە ئەڭ ئاخرىقى قىتىم بۇ خەتنى يازدىم، نۇرغۇن گەپلەرنى ئەسلى ئۆزۈم بىلەن بىرىگە ئىلىپ كىتىشنى ئۇيلىغان، لكىن مەن بىر ئۆمۈر سۆزلىمەي تالاي گەپلىرىمنى ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم، ئەمدى ئاخرىقى قىتىم سىزگە، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىم دەپ قارىغان سىزگىلا ئىيتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، چۈنكى مىنىڭ نۇرغۇن ئەسلىمىللىرىم، كەچمىشلىرىم سىز بىلەن مەھكەم بىرىكىپ كەتكەن. مەن سىزنىڭ كەچمىشلىرىڭىزنى، ئائىلە ئەھۋالىڭىزنى، قىسقىسى سىزگە مەنسۇپ بۇلغان بارلىق دىيەلمىسەممۇ سىزدىن ئاڭلاپ يۈرۈپ ئاساسەن بىلىدىم، لىكىن سىز مەن تۇغرىسدا پەقەت توي قىلغان، ئىككى بالىسى بار، مۇئەللىمە ئىكەنلىگىمنىلا بىلىسىز، لىكىن مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى، كەچمىشىمىنى، نىمە ھىسياتلاردا ئىكەنلىگىمدىن خەۋەرسىز. نەغمەت، بىلەمسىز، ئەسلىدە مەنمۇ سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزغا ئۇخشاشلا سەبى، ھەممە نەرسىدىن بىخەۋەر ئۆتۈپ كەلگەن شۇخ بىر قىز ئىدىم، ئاتا-ئانامدىن كىچىك تۇرۇپلا ئايرىلىپ ئۇقۇپ، جەمىيەتكە سىزگە نىسبەتەن خىلى بۇرۇن قەدەم باسقان، ئۇقۇش جەريانىدا ياكى جەمىيەتكە چىقىپ بۇلسۇن «مۇھەببەت» دىگەن بۇ ئۇقۇم مەندىن تۇلىمۇ يىراق ھەم مەۋھۇم نەرسە ئىدى، مانا شۇنداق تىخى ھىچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپلا يەنە شۇ سەبىلىك بىلەن نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا تۇلىمۇ بالدۇر يۈزلەندىم، تىزلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بۇلۇپ، جەمىيەتكە ئۆتەشكە تىگىشىلىك ئانا بۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس بۇرچۇمنى بەك تىزلا ئادا قىلىدىم، ئەسلى بىلىم ئالىدىغان، تىرىشىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتىم ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ جەمبىرەكتە ئىسراپ بۇلۇپ تۈگىدى، بەزى ۋاقىتلىرىمدا بالدۇر تۇي قىلغانلىقىمدىن ئاز تۇلا ئۆكۈنگەن بۇلساممۇ، لىكىن ئىككى بالام ئاتا قىلغان خۇشلۇققا مەسخۇش بۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتىم. ناۋادا سىز بىلەن تۇنۇشمىغان، ئۆگۈنۈش، مىللەت، ئىلىم-پەن قاتارلىق جەھەتلەردە سىز بىلەن شۇنچىلىك سىرداشمىغان، سىز بىلەن ئۇنچە يىقىن ئۆتمىگەن بۇلسام، ئائىلە، جەمىيەت، تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق ئۆتىدىغان ئۇخشايدۇ، دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مىنىڭ يۇلدۇشۇمغا ئۇخشاش دەپ ئۇيلاپ كىتىۋىرەتتىم، بىراق تەقدىر دىگەن ئاجايىپ نەرسىگەن، خۇدانىڭ قىسمىتى بىلەن بىز ئىككىمىز تۇنۇشتۇق، نۇرغۇن نەرسىلەرگە قارىتا چۈشەنجەم، كۆز قارىشىم يىڭىلاندى، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىز بىلەن بىرىگە ئۆتسەم ۋاقىتنىڭ تۇلىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلكىنى، ئەرزىمەس ئىشلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ئەمەسلىكىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغىمىنىز بۈگۈنلا ئەمەس، ئەتە، يەنە مىللەت ۋە مائارىپ ئىكەنلگىنى، تۇرمۇشىمىزدا ئۇرتاقلىقنىڭ نەقەدەر كۆپلىكىنى ھىس قىلدىم. بارا-بارا ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي سىزگە شۇنچىلىك كۆنۈپ قالدىم، دۇستۇم، ئۇستازىمىنىڭ سۈپىتىدە تۇرۇپ سىزگە چۇقۇندۇم، لىكىن قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان كىشلەرنىڭ كۆزىگە دۇنيا قارامتۇل كۆرۈنگەندەك بىر قىسىم كىشلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىشلار سىز ۋە ماڭا قارا چاپلاشتىكى ئاساس بۇلۇپ سىزنىڭ ئىناق دەپ كەتكىلى بۇلىمىسىمۇ بىر ئائىلىڭىز نابۇت قىلدى، بۇنى ئۇيلىساملا ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ ھازىرمۇ ئۆزۈمگە بىر گۇناھ ھىس قىلىمەن، سىزگە دىسەم نەغمەت، سىز ھەرگۈز سەلىمەدىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ، سەلىمە بىر ئايالنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى قىلدى، سىزنى ياخشى كۆرگەچكىلا سىزنى كۈنلىدى، گەرچە بىر ئاز چەكتىن ئاشۇرۇىۋەتكەن بۇلسىمۇ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئۇرنىدا تۇرۇپ ئۇيلاپ باقسىڭىز ھەممىنى چۈشىنسىز. بىلەمسىز، مەن يۇلدىشىمدىن نىمىنى كۈتكەن، سىز ئۆزىڭىزگە يۈك بۇلۇپ قالدى دەپ قارىغان ئەشۇ كۈنلەشنى بىر ئۆمۈر كۈتتىم، ئەمما ئىرىشەلمىدىم، شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىمكى چۈنكى ياخشى كۆرمىسە قىزغىنىش بۇلمايدىكەن، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن يۇلدىشىمنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بىلىپ كۆڭلۈم ئازىراقمۇ يىرىم بۇلمىدى، چۈنكى تا ھازىرغا قەدەر بىز قۇراشتۇرۇلغان جازىدەك ئەخلاق مىزاندىن ئىبارەت بۇ قاتمۇ قات بۇققۇچلارنىڭ سىقىپ تۇرىشى بىلەن ئازىراقمۇ ھىسيات ئاساسى بۇلمغان ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ جازىنى ئون يىلغا يىقىن تىرەپ تۇردۇق، شۇڭا ئازاراق چىققان بۇراننىڭ زەربىسدە ئاساسى پۇختا بۇلمىغان بۇ جازا مانا ئاخىرى لىڭشىپ قالدى. مەن كۆپ بەرداشلىق بەردىم، ھەممىگە چىدىدىم، ھەتتا خۇدادىن رەنجىگەن چاغلىرىممۇ بۇلدى، مەن قانچىلىك نەرسىنى تىلەيتىم، سىزگە ئۇخشاش كەسىپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بىر ئەرنى، ئايالنىڭ ماددى تۇرمىشى ۋە فىزىلۇگىيلىك ئىھتىياجىنىلا ئەمەس، بەلكى ئايالىنىڭ رۇھىيتىنى، مەنىۋى دۇنياسىنى قاندۇرالايدىغان، تەمەسىز، شەخسىيەتسىز بىر ئەرنىلا، يۇلدۇشۇمنىڭ شۇنداق ئەرلەردىن بۇلىشىنىلا تەلەپ قىلاتتىم، بۇ مىنىڭلا ئەمەس ماڭا ئۇخشاش ساناقسىز ئاياللارنىڭ ئىھتىياجى ھەم تەلىۋى، مەن سىزنىڭ رۇھى دۇنيارىڭىزدىن بۇنى ھىس قىلىپ يەتتىم، سىزنىڭ ئەڭ لاياقەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىكەنلگىڭىزنى بىلىپ يەتتىم، بىراق سىزنىڭ مەسئۇل بۇلىدىغان ئۇبىكتىڭىز، مىنىڭ بىقىنىدىغان تايانچىم ئاللاقاچان بىكىتىلىپ بۇلۇنغان، بىز خالىمىساقمۇ جەمىيەت بىزگە بىكىتىپ بەرگەن ئىدى، بۇ يۇلدىن چەتنىسەك، تاكى خىيالىمىز بۇيۇنچە ئىش قىلغان بۇلساق بىر ئۆمۈر باللىرىمىز ۋە جەمىيەتنىڭ ئالدىدا قارا بۇلۇپ ئۆتۈپ كىتەتتۇق، بۇنىڭدىن ئىرىشكەن بەخىت بىزگە قانچىلىك ئاش بۇلار ئىدى، مەن سابىردىن رەنجىمەيمەن، مىنى بىر لاياقەتلىك ئايال دەپ ئىيتىشقا تىگىشلىك ئەمەس، مەن بۇ ئۆمىرىمدە  ئۇنىڭغا ئايال بۇلۇپ زادى نىمىنى بىرەلىدىم، راسىت، ئىككى بالا تۇغۇپ مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلدىم، لىكىن مەن بايا ئىيتىقاندەك سىلەر ئەرلەرمۇ چۇقۇم ئايالىڭلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ رايىش بۇلىشىدىن باشقا ئۆزۈڭلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان، ئۈزۈڭلارنى قۇللايدىغان، سىرداش، قىيىن كۈنلەردە تايانىچ بۇلىدىغان، بىر ئائلىنى ياخشى باشقۇرۇپ، لايەتلىك ئانا، لاياقەتلىك خۇتۇن، لاياقەتلىك كىلىن بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلالايدىغان بىرسى بىلەن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىشىڭلار مۇمكىن. تالا قارىغان بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ سەۋەبى پۇل ۋە مەنپەت سەۋەبىدىن باشقا ئائلىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بۇلشى مۇمكىن، قىسىقىسى سىز ئەر بۇلۇپ، مەن ئايال بۇلۇپ بۇرچىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلالىدۇق دىگەندە ئۇنچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلمەيمىز.
نەغمەت مەن سىزگە چۇقىنىمەن، سىزنى ھۆرمەت قىلىمەن، سىزگە كۆڭلۈمنىڭ بارلىقىنىمۇ يۇشۇرۇپ قالالماييمەن، ناۋادا دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ئۇخشاش بۇلسىدى، ياكى ھەممەيلەن سىز بىلەن ماڭا ئۇخشاش ماسلاىشسا ئىدى، سىز بىلەن مىنىڭ شۇنچىلىك ئىشتىياقتا بەش يىل ئالاقىنى ساقلاپ تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرىيتى يۇق ئىدى، ھەممەيلەن بىزگە ئۇخشاش بىر-بىرىنى چۈشەنگەن، قۇللىغان بۇلسا ئىدى، بۈگۈنكى بۇ تىراگىدىيەمۇ يۈز بەرمىگەن بۇلار ئىدى، ھەممەيلەن بىزگە ئۇخشاش كۆز قاراشتا بۇلغان بۇلسىدى، بىزنىڭ مائارىپىمىز، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى بۈگۈنكى ئىزدىن خىلى تەرەققى تاپقان بۇلار ئىدى، ھەممەيلەن بىزگە ئۇخشاش ئۇيلىسا، بىزگە ئۇخشاش نىيەتتە تەپەككۇر قىلسا ئىدى، تۇرمۇش بۈگۈنكىدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بۇلار ئىدى. يەنە مەيلى ئىككىمىز تۇنۇشۇشتىن بۇرۇن توي قىلمىغان بۇلساق، قىلچى ئىككىلەنمەي سىزنى تاللىغان بۇلار ئىدىم، ئەمما مەيلى قانداق بۇلۇشتن قەتئى نەزەر مەن سىزدەك يىقىن دۇستۇمنىڭ، مەدەتكارىمىنىڭ، چۇقۇنغۇچۇمنىڭ بۇلغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. بىز كۆڭۈلدىن ئىبارەت بۇ تۇسقىلى بولمايدىغان شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەي توغرا قىلدۇق نەغمەت، بەكمۇ تۇغرا قىلدۇق. مەن سىزدەك بىرى بىلەن ئۆتۈشنى راسىت ئارزۇ قىلىمەن، يۇلدۇشۇمنىڭ سىزدەك بۇلىشىنى، ئۆزىنىلا ئەمەس ئۇمۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتىدىغان كەسىپتە مەسئۇلىيەتچان بۇلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۆمۈت قىلىمەن، بىراق تەقدىر ماڭا كەلگەندە كۆزىنى يۇمىۋالدى. بىراق مەن يەنە چىدايمەن،  ناۋادا كىينكى ئۆمۈر راستىنلا بۇلىدىغان بۇلسا، مەن يەنە سىزبىلەن كىچىكىپ تۇنۇشسام، تۇمۇرشۇم يەنە ھازىرقىدەك بۇلسا مەن يەنە ئىككىلەنمەستىن ھازىرقى ھالىتىمنى تاللاپ يەنە ئۈنسىز بەدەل تۆلىگەن بۇلار ئىدىم. مەيلى نىمىلا قىلمايلى، باشقىلار نىمە قىلسۇن بىز ئەخلاقتىن، مىزاندىن چەتنىسەك بۇلمايدۇ. ۋاقىت كەلگەندە بىز ئەتىراپىمزىدىكى كىشىلەرگە يۈز كىلەلىسەكلا، ئۆزىمزگە يۈزكىلەلىسەكلا ھەممىگە خىجىل بۇلماي تىكىلىپ قارىيالىساقلا بىز مەڭگۈ يەرگە قارپ قالمايمىز، بىزنىڭ مەڭگۈ تۇغرا، بۇ جەھەتتە مەن ئۆۈمدىن، سىزدىن زازى، ۋاقتى كەلگەندە بىز ھەممىگە يۈز كىلەلىدۇق.
قىسقىسى نەغمەت، ئەمدى ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى، بىز قاقشىساقمۇ، پۇشايمان قىلساقمۇ ئىشقىلىپ كەتكىنى كەتكەن بۇلدى، بىزدىن قالغىنى پەقەت ئەسلىمە، بىر گۈزەل چۈش بۇلۇپ قالدى، مەن سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئەشۇ مىنۇتلارنى مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقارمايمەن. ئەشۇ بەش يىللا مىنىڭ تا بۈگۈنگە بەرداشلىق بىرىشىمىنىڭ مەنۋىي ئاساسىي بۇلۇپ، ماڭا مەدەت بىرىپ كەلدى، بەش يىلدىن بىرى گەرچە بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرمىساقمۇ، ئاۋازىمىزنى ئاڭلىيالمىغان بۇلساقمۇ پەقەت نىيەت خالس بۇلسىلا ھامان بىر كۈنى يۈز كۆرىشىدىغانلىقىمىز چۇقۇم، ناۋادا سىز كەلگۈچە كۆرىشەلمەي مەن بالدۇرراق كىتىپ قالسام، قەتئى ئۆكۈنمەڭ، مەن ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ، مىنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قۇيۇڭ، مەن ئەسلىمىمىزنىڭ، بىللە كۆرگەن شۇ چۈشىمىزنىڭ مەڭگۈ ئەشۇ گۈزەللىكىنى، پاكلىقىنى ساقلاپ غۇبارسىز كىتىپ قىلىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن، ھە راسىت، سىزگە ھاۋالە قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بارئىدى، بۇ ئىلىمىي ماقالىنى خىلى بۇرۇن باشلاپ قۇيغان ئىدىم، بىراق ھازىرقى ئەھۋالىمدىن قارىغاندا ئاخىرلاشتۇرىشىمىغا مومكىن بۇلمايدىغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا تاشلاپ قۇيۇشتىن سىزگە تاپشۇرۇپ كىتىشنى لايىق كۆردۈم. ناۋادا شارائىتىڭىز يار بەرسە مەن ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ قۇيشىڭىزنى ئۆمۈت قىلىمەن، سىزگە ھىچنىمە قالدۇرۇپ كىتەلمەيمەن، بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى ئاساسەن سىز بىلەن مۇناسىۋەتلك كۈنلەر داۋامىدىلا يىزىپ كەلگەن ئىدىم، ئۇيلىنىپ يەنىلا سىزگە قالدۇرسام مۇۋاپىق بۇلغىدەك، ساقلىيالىغان ۋاقتىڭىزغىچە ساقلاڭ، ئىشقىلىپ سىزگە ئاۋارچىلىق كەلتۈرمىسىلا بۇلدى.
خەيىر نەغمەت، ناۋادا يۈز كۆرىشەلمەي قالساق ئۇنداقتا خۇداغا ئامانەت، سىزنىڭ كىينكى ئۆمرىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.»
-ئايىشەدىن
نەغمەت خەتنى ئۇقۇپ بۇلۇپ خىلىغىچە تۇرۇپ كەتتى، ئۆزىدىن، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆمۈتسىز كۈتۈشلىرىدىن بۇ خەت ئارقىلىق قانائەلىنەرلىك جاۋابقا ئىرىشكەندەك بۇلدى، ئۆزى تەلمۈرگەن بۇ ئايالنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەقىقى چۈشەنگەندە بۇلسا، قىلغانلىرىنىڭ بىر خىل ئۇرۇنسىز ساقلاش ئەمەس، بەكى پەرىشتىدەك بىر ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى، چۇقۇنىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى بىلىپ يەتتى. دۇنيادا شۇنداق كىشىلەر بار، بىر ئۆمۈر بىللە ياشاپ ئۆزىنىڭ ئۇبىرازىنى قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ تىكلەپ بۇلالمايىدىغان، يەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشللىرىمىز بار بىر ئۆمۈر بىللە ياشاپمۇ ئىگە بۇلغىنى قارشى تەرەپنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى قۇرۇق جىسىمى.
نەغمەت سەلدىن كىيىن ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۇقۇشقا باشلىدى، شۇنچىلىك بىرىلىپ كەتتىكى ھەتتا ۋاقىتنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئايىشەنىڭ ئۆتمىشى، خىيالى، ئارزۇسى بىرىكىپ كەتكەن بۇلۇپ، نەغمەت ئۆزى چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلغان بۇ ئايالنى تىخمۇ تەلتۈكۈس بىلىپ يىتىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بىللە يۈرگەن كۈنلەردىكى ئەشۇ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر كۆزئالدىدىن بىرمۇ-بىر كىنۇ لىنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى، ھەر بىر ۋاراق، ھەر بىر قۇر ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان ئىدى. قۇر-قۇرلاردىكى نەغمەتنىڭ ئىسىمى، ئۆزىگە ئۆزىنى يەنە بىر قىتىم تۇنۇتتى. دىمەك نەغمەت كۆڭلىدە ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ خاتا قىلمىغاندى. «ناۋادا سىز بىلەن ئۆتەلىگەن بۇلسام، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە خۇشاللىق باربۇلارمىدى، نەچچە ۋاقىت بۇلسىمۇ مەن ھەممىدىن كىچىشكە رازىدىم، چۈنكى سىز شۇنىڭغا ئەرزىيسىز ئايىشە». نەغمەت ئىچىدە شۇلارنى ئۇيلىدى، ئايىشەنىڭ قەلبىدىكى ئۇبىرازى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىشكە باشلىدى، ئۇ خاتا قىلمىغاندى. ئايىشە قەدىرلەشكە، جىنىدىن ئەزىز بىلىشكە بۇلىدىغان ئايال. چۈنكى ئەقىل بىلەن ھىسيات تەڭ كەلگەندە قىنى كىم ھىسياتىنى قايرىپ قۇيۇپ ئەقىل بىلەن ئىش كۆرەلەيدۇ، قىنى كىم شۇ خىل تاللاش ئالدىدا ئۆزىنى شۇنچىلىك سالماق تۇتاللايدۇ، زادى قانچىلىك كىشى شۇنداق قىلالايدۇ؟
نەغمەت ئايىشەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۇقۇپ يىرىمىغا يىقىنلاپ قالغاندا كىچە سائەت  ئىككىدىن ئاشقاندى، تۆنۈگۈنكى سەپەر ھاردۇقى، ئاخشامقى ئۇيقۇسىزلىق، ئەتىگەن بىرىقى ھارغۇنلۇق ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزۈگەچكە خاترىنى تۇتۇپ ئۇقىۋاتقان پىتى كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە ئۇ ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر گۈزەل باغدا كىتىپ بارغىنىدا ئۇدۇلىدىن ئايىشە كۈلۈپ چىقىپ كىلىۋاتقىدەك، نەغمەت قۇلىنى ئىچىپ ئايىشەگە يىقىنلاشماقچى بۇلسىمۇ ئۇنىڭ قىشىغا زادىلا بارالمىغىدەك، تۇيۇقسىز بىر قانچە قۇرقۇنۇشلۇق مەخلۇقسىمان كىشىلەر كىلىپ ئايىشەنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ كىتىۋاتقىدەك، چاچلىرى سىرىق، يۈزلىرى قاپقارا، چىشلىرى ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان، كەينىگە بىر قىرى مىكىجىننى ئەگەشتۈرىۋالغان بىرى ئايىشەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ نەغمەتكە قاراپ بۇ مىنىڭكى دىگىدەكمىش، نەغمەت بۇنى ئايىشەنىڭ يۇلىدىشىغا ئۇخشاتقىدەك، شۇئارىدا سەلىمە قىپ-يالىڭاچ بۇلۇپ نەغمەتنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئۇيناۋاتقىدەكمىش، نەغمەت ئۇچىسىدىكى چاپاننى سەلىمەگە كەيگۈزۈپ قۇيۇشىغا ئۆزى يالىڭاچ بۇلۇپ قالغۇدەك، ئۇخىجىل بۇلۇپ بىر تۈپ دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتـىۋىلىپ ئايىشەگە يىقىنلىششقا پىتىنالمىغىدەك، ئايىشەنى تۇتىۋالغانلار ئۇنى كۆتىرىپ ئاسمانغا ئىلىپ چىقىپ كىتىۋاتقىدەك، ئايىشە ھە دەپ نەغمەتكە قۇتىلدۇرىۋىلىشىنى ئىيتىپ نالا قىلىۋەتقىدەك، ئايىشەنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار» دىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن نەغمەت ئويغۇنۇپ كەتتى، ئۇ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ كەتكەندى. بۇ ۋاقىتتا تاڭ سۈزىلىشكە ئاز قالغان سەھەر سائەت بەش دىن سەل ئاشقاندى.
خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بۇلسىمۇ نەغمەتنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشمىدى، خۇددى ئايىشەگە بىر ئىش بۇلۇپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ كۆڭلى ئەندىكىپ كەتتى، كۆرگەن چۈشى يادىغا يەتكەندە بۇلسا يالغۇز ياتاقتىن ئۆزىمۇ قۇرقۇپ كەتتى. «ئايىشەگە چۇقۇم بىر ئىش بۇلدى»نەغمەت ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلاپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-بۇلا يۇيۇپ چاچلىرىنى سەپ-پەل تۈزەپ ئالدىراپ مىھمانخانىدىن چىقىپ، مۇلازىمەت سۇپىسىكى پەشتاققا قۇيۇلغان تىلىفۇندىن دىلبەرگە تىلفۇن ئۇردى. تىلىفۇن ئىتىكلىك ئىدى، نەغمەت جىلە بۇلۇشقا باشلىدى، نىمە ئىش بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر دۇختۇرخانىغا بىرىشنى نىيەت قىلىپ تاكسى تۇستى، نەغمەت ئۇلتۇرغان ماشىنا دۇختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ تۇرىشىغا سىرىتتىن كىشىلەرنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى،  نەغمەت ماشىنى تۇختاتقۇزۇپ ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ قاراپ قاتتىق ئەندىكىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۇختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسنىڭ يىنىدا يىغلاپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى، بىلىگە ئاق باغلىۋالغان سابىر ۋە بىر قانچە كىشىلەر ئاپئاق داكىغا يۆگەلگەن نۇسۇلكىنى ئىلىپ چىققاندا نەغمەت ئۇنىڭ ئايىشە ئىكەنلىگىنى جەزىم قىلدى. نەغمەت قىتىپ قالغاندى، بۇنداق بۇلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەندى، ماشىنا قۇزغىلىپ نەغمەت چۈشكەن ماشىنىنىڭ يىنىدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، نەغمەت ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ شۇپۇرغا بۇ ماشىنىغا ئەگىشىشنى ئىيتتى، ماشىنا ئىككى كوچىنى بىسىپ ئۆتۈپ ئايىشەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇختىغاندا، نەغمەت ماشىنىنى ئۇلاردىن يىراقراق بىر ئۇرۇنغا تۇختاتقۇزدى. ئۇنىڭغىچە كىشىلەر ئايىشەنى كۆتىرىپ ئۆيگە ئىلىپ مىڭىشقا باشلىدى، شۇ ئارىدا نەغمەتنىڭ كۆڭلىگە كىچە كۆرگەن چۈشى ئىسىگە كىلىپ، خۇددى ئايىشە نەغمەتتىن قۇتقۇزىۋىلىشنى چاقىرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى، ئۆزىمۇ بىلمەي ماشىنىدىن چۈشتى، شۇپۇر پۇل تەلەپ قىلغاندەك قىلىپ ماشىنا سىگىنالىنى باسقاندا نەغمەتنىڭ قۇلىقىغا بۇ ئايىشەنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازىدەكلا ئاڭلاندى، نەغمەتنىڭ روھى جىسمى تەڭلا قىتىپ قالغاندى، سىگىنال ئىككىنجى قىتىم ئۇرۇلغاندا ئاندىن يەنە ئىسىگە كىلىپ يانچۇقىدىن بىر مۇنچە پۇلنى ئىلىپ ساناپمۇ باقماي شۇپۇرغا تاشلاپ بىرىپ، پۇل قايتۇرۇشنىمۇ كۈتمەستىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. شۇ ئارىدا يەنە بىر تاكسى ئۇچقاندەك كىلىپ نەغمەتنىڭ ئالدىدا تۇختاپ ئۇنىڭدىن دىلبەر چۈشۈپ كەلدى ۋە نەغمەتنى كۆرۈپ تۇلىمۇ ھەيران قالدى.
-نەغمەت بۇ يەردە يۈرۈيسىزغۇ؟ سىزمۇ خەۋەر تىپىسىزدە، قانداق كەلدىڭىز؟ -دىلبەرنىڭ ئاۋازى يىغا ئارىلاش بۇغۇلۇپ چىقاتتى.
نەغمەت خۇددى گاچا بۇلۇپ قالغاندەك، گەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك زۇۋان سۈرمەي كۆزلىرىنى ئايىشەنى ئەكىرىپ كەتكەن ئىشىكتىن ئۈزمەيتى. سەلدىن كىيىن ئۆزىمۇ بىلمەي ئىغىز ئاچتى:
-ئۇلار ئايىشەنى ئەكەتتى، قۇتقۇزىۋالساق بۇلاتتى، ئۇلار ئۇنى خارلايدۇ، ئۇلار ئادەم ئەمەس. - نەغمەتتنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ تۇلىمۇ قۇرقۇنچىلىق تۈسكە كىرىپ كەتكەندى. نىمە دەۋەتقانلىقىنى ھەتتا ئۆزىمۇ بىلمەيتى -ماڭا ياردەم قىلىڭ ئايىشەنى قۇتقۇزۇپ قالايلى.
-نەغمەت سىزگە نىمە بۇلدى، بىلەمسىز ئايىشە ئۆلۈپ كەتتى!
-ياق، ئۇ ئۆلۈپ كەتمىدى، ئۇنى ئۇلار ئىلىپ كەتتى، ئايىشە ئۇ....
نەغمەت ئەس ھۇشىنى يۇقاتقاندى، ئۇ كىچە كۆرگەن چۈشىنى پۈتۈنلەي ھازىرغا باغلىۋالغان بۇلۇپ، ھىچنىمىنى قۇبۇل قىلالمايتى. دىلبەر نەغمەتنى ئىلىپ يىغا زارە بۇلىۋاتقان قۇرا كىرگەندە، نەغمەت ئايىشەنىڭ يۇلدىشىغا قارىدى. سابىرنىڭ ئىسەدەۋاتقان بۇلسىمۇ لىكىن كۆزىدىن ياش چىقمايۋاتقانلىقىنى كۆردى، شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇرىشىپ قالدى، نەغمەتنىڭ كۆزلىرىدىكى قۇرقۇنچىلىق قاراشلارنى كۆرۈپ تىنى ئەندىكىپ كەتتى. ئارىدا دىلبەر پەيدا بۇلۇپ بۇ ھالەتنى بايقىغاندەك بۇلۇپ دەرھال ھازا ئىچىشقا باشلىدى:
-ۋاي ئىزىز دۇستۇم! كۆڭلى ئاق دۇستۇم! ۋاي جاپاكەش دۇستۇم! سىنىڭ كىسىلىڭنى يۇقلاپ كىلىپ، نەزىرەڭگە داخىل بۇلۇپ قالدۇققۇ دۇستۇم، ئەمدى يۇلدىشىڭ، ئىككى بالاڭ قانداق قىلىدۇ دۇستۇم! بىز دۇستلىرىڭ قانداق قىلىمىز دۇستۇم!
سابىر كىلىپ ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى، نەغمەتكە سابىرنىڭ ئاۋازى خۇددى سەھەر كۆرگەن چۈشىدىكى تۇڭكاي چىشلىق ئالۋاستىنىڭ «بۇ مىنىڭكى» دىگەن ئاۋازىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى. نەغمەت دىلبەرنىڭ يىنىك تارتىقۇشلاشلىرىدىغا بۇي سۇنۇپ مىھمانخانا ئۆيگە كىردى، تامغا ئىسىقلىق ئايىشەنىڭ چۇڭايتىلغان رەسىمىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مەكتەپكە يىڭى كەلگەن ۋاقىتىدىكى چاغلىرى خىيالىغا كىلىپ، ئۇلتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ خىيالغا چۆكۈپ كەتتى، ئۇ تا ھازىرغىچە ئايىشىنڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتى. سابىر گەپ باشلىدى:
-سىىلەر كەلگەندە خىلى ياخشى بۇلۇپ قاپتىكەن، مەن قايتىپ كەلگەن چاغدىمۇ خىلى ياخشى تۇرغان، يىتىپ قالغاندىن بىرى بىر قاچا تاماقنى يىيەلمەيدىغان ئادەمنىڭ بۈگۈن بىر قاچا تاماقنى يەپ بۇلغىنىغا قاراپ ياخشى بۇلۇپ كىتىدىغان ئۇخشايدۇ دەپ قاپتۇق، سەھەرگە يىقىن مەنمۇ ئۇيقۇغا كىتىپتىكەنمەن، بىرسى چاقىرغاندەك قىلدى، قارىسام ئۇ جۆيلىپ، شۇنداق تەرلەپ كىتىپ بارىدۇ، قارا بىسىپ قالغان ئوخشايدۇ دپ، پىشانىسىنى سۈرتىۋىتەي دەپ بىرىشىمغا كۆزىنى ئىچىپ مىنى كۆرۈپلا مىنى قۇيىۋەت دەپ ۋاقىرىدى، ئۇنىڭدىن كىين دەرىزىگە قاراپ قۇللىرىىنى ئۇزاتماقچى بۇلدى، يەنە تۇرۇپلا كۈلگەندەك بۇلۇپ جىم بۇلۇپ قالدى، يىقىن بىرىپ قارىسام تىنىقى تۇختاپ قاپتۇ، بىچچارە، كىسەلنىڭ دەردىنى بەك تارتىپ كەتتتى، بۇنداقلا كىتىپ قالار دەپ ئۇيلىماپتىكەنمەن.
نەغمەت يەنىلا گەپ قىلمدى، خىيالى يەنىلا تاڭغا يىقىن كۆرگەن چۈشىدە ئىدى، «بىز بەلكىم بىز بىر چۈشنى تەڭ كۆرگەن بۇلغىيتۇق، بىچچارە، بەلكىم مىنىڭدىن ئۆمۈت كۈتكەن بۇلغىيتىڭ» دەپ ئۇيلىدى نەغمەت ئىچىدە، ئۇنىڭغىچە دىلبەر سابىرغا سەبىرى قىلىڭ دىگەندەك تەسەللىي سۆزلىرىنى قىلدىيۇ ئەمما يەنە ئۆزى يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭغىچە ئايىشەنىڭ نامىزىغا كەلگەن كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ سابىرمۇ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. شۇ ئارىدا دىلبەر نەغمەتكە قاراپ:
-نەغمەت، بىلىمەن كۆڭلىڭىز يىرىم، بۇنى قۇبۇل قىلالمىدىڭىز، ھەممىمىز شۇنداق، لىكىن شۇنداق بۇلسىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ، ئايىشە كەتتى، ئەمدى بۇنىڭدىن ئىشىپ كەتسە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئۇ بىچچارىنىڭ رۇھى قورۇنمىسىۇن، بۇلامدۇ؟
-دىلبەر گىپىنى دەپ بۇلغچە بۇغۇلۇپ كەتتى، ئىچ-ئىچىدىن چىقىۋاتقان يىغا ئۇنىڭغا بۇي سۇنمايۋاتاتتى. بۇ يىقىن دۇستىغا پەقەت چىدىيالمايۋاتاتتى. دىلبەرنىڭ گەپلىرى نەغمەتكە ئاز بۇلسىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن چىغى، سەل-پەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلدى. ئۇنىڭغىچە ئايىشەنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە كەلگەن جامائەت ھازىر بۇلۇپ بۇلغاچقا ھەممەيلەن ھۇيلىغا چىقتى، دىلبەر نەلەردىن تىپىپ كەلدىكىن بىر دۇپپىنى نەغمەتنىڭ بىشىغا كەيدۈرۈپ قۇيدى. ئايىشەنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بۇلۇپ، جىنازىغا سىلىپ قەبىرستانلىققا ئىلىپ ماڭغاندا قائىدە بۇيۇنچە ئاياللار قەبىرىستانلىققا مىيىت بىلەن بىرىگە بىرىشقا بۇلمىغاچقا دىلبەر بارمىدى، لىكىن ئۇلار مىڭىشتىن بۇرۇن نەغمەتكە جىكىلەشكە تىگىشلىك بۇلغان ھەممىنى تۇلۇق تاپىلىدى. ئۇلار قەبىرىستانلىققا كىلىپ ئايىشەنى ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبىرىسىنىڭ ينىغا قويغاندا نەغمەت مانا شۇ چاغدىلا ئايىشەدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ يەتتى، كۆز چاناقلىرى ياشقا تۇلۇپ ئىچى ئاچچىق بۇلدى، شۇندىمۇ بايا دىلبەرنىڭ ئىيىتقىنى ئىسىگە كىلىپ ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالدى، تۇققانلىرى زارزىلىق تىلەپ بىر سىقىمدىن تۇپىنى تاشلىغان ۋاقىتتا نەغمەت ھىچكىمگە بۈلىندۈرمەي بىر سىقىم تۇپىنى ئىلىپ شامالغا قۇيۇپ بەردى.
-قىنى شاماللار، بۇ تۇپراقىنى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۆيدۈرگىن، مەن نائىل بولالمىغان رۇھ، مىنىڭ ئەڭ ساپ ھىسياتىمنى ئىلىپ سىنىڭ بىلەن بىرىگە جەننەتكە كەتسۇن!
باشقىلار ئەمدى كەچتە كىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا دىيىشىپ قايتىپ كىتىشكە تەردۇت قىلىۋاتقاندا، نەغمەت يەنە باشقىلارنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنپ ماشىنىغا چىقماي نىرىغا ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يەردە ھىچكىم ئۇنى تۇنىمىغاچقا بىرەرىمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى. ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كىيىن نەغمەت ئايىشەنىڭ يىڭى قاتۇرۇلغان قەبىرىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇزاق تىزلىنىپ ئۇلتۇردى. ئارىدىن ئالاھىزەل بىر-ئىككى سائەتكە يىقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بىر كەملەردىن كىيىن ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاق دۇئا قىلدى، قۇلىنى چۈشۈرۈپ قەبىرىگە قاراپ ئىيتتى:
-خەيىر ئەزىزەم، خۇش قالغىن، سىنى ئۇنۇتمايمەن!
يىراقلاردىن شۇنداق بىر مۇڭ ئاڭلىناتتى:
تىلىمغا بىر سۆز كەلدى، شۇ ئەسنادا ئەزىزەم،
ئۇچىراشارمىز ئىككىمىز، ئۇدۇنيادا ئەزىزەم!!
(2006-يىلى دىكابىر ئۈرۈمچىدە يىزىلىشقا باشلىنىپ، 2010-يىلى مارتقىچە ئاقتۇدا داۋاملاشتۇرۇلدى.)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 18:45  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
نازلى + 10 بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ..

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-29 00:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەمەتجەن تۇراپنىڭ  ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-8-29 10:23:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلمۇ  تەسىرلىك  يېزىلىپتۇ   ئۇقۇپ بولغۇچە  يۈزۈم  ياش  بىلەن يۇيۇلدى

ۋاقتى: 2013-8-29 10:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تېلەيمەن

ۋاقتى: 2013-8-29 12:50:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئەتىگەندىلا دوختۇرخانىغا جابدۇنۇپ ،ئاخشامقى خىيالىم بويىچە دوشتۇرغا بېرىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ تەييارلىۋالماقچى بولغان ماتىريالنى ئىزدەش خىيالىم بويىچە  كومپىيۇتېرنى ئېچىپ تاساددىپى  بۇتېمىغا دېققىتىم چۈشۈپ قالدى ۋە نەچچە يىللار ئىلگىرى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشا تېكىستى ھەم ئاپتۇرنىڭ باشتىكى ئىلاۋەسىدىن بۇ پوۋېستنى ئۈچ سائەتتتە  بىر تىنىقتىلا ئوقۇپ تۈگەتتىم ،ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ . ئوقۇپ بولغۇچە خېلى ياش تۆكۈۋالدىم دېسە. يەنە ئاز تولا ئىملانى تۈزىتىۋەتسىلا پۈتۈن بايان ناھايتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ .ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن ياخشى يورۇتۇلۇپ بېرىلىپتۇ .ئوقۇپ تۈگەتكۈچە  بۇ بىر جۈپلەرگە تولىمۇ ھەۋىسىم ۋە ھۆرمىتىم كەلدى .قەلبى پاك بارلىق كىشىلەرگە ئەزەلدىن چىن دىلىمدىن پاكلىق تىلەپ كېلىۋاتقان مەنمۇ  بۇ پوۋستنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا يەنە بىر قېتىم چىن دىلىمدىن سەمىمى تىلەكلىرىمنى تىلەپ قالدىم . ھەم بۇ پوۋستنى ئايرىم ساقلىۋالدىم .
ئاخىردا مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مۇھەممەتجان تۇراپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە مول ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-29 13:15  


ۋاقتى: 2013-8-29 12:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجان تۇراپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىگە مول ھۇسۇللار تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2013-8-29 13:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دېمەك، پىروزىدىمۇ ئىزدىنىۋاتقانلار، تىرىشىۋاتقانلار بار. پىروزىمىزدا بۈگۈنكىدەك كۈپۈك قانائەتلا ئەمەس، كەلگۈسى ئىستىقبال ۋە بۇ ئىستىقبالنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۈمىدلىك ياشلىرىمىز بار.

ۋاقتى: 2013-8-30 01:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. چوقۇم تىرىشىمەن،!

ۋاقتى: 2013-8-30 01:32:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت. چوقۇم تىرىشىمەن،!

ۋاقتى: 2013-8-30 17:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موھەممەتجان ئاكا  يەنىمۇ تىرشىڭ. كەلگۇسى سىزدىن  زور ئۇمۇدلەرنى كۇتمەكتە.

ۋاقتى: 2013-8-30 22:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    ئابدۇللا ساۋۇت، ئابلىمىت ئىمىنلەرنىڭ ئىزىنى باسقايسىز!
    ھەر قاچان زەپەر يار بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-30 22:25  


ۋاقتى: 2013-8-30 23:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان تۇراپ ، بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2013-8-31 19:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئاسمىنىدا پامىر ئېگىزلىكىدىكى بۈركۈتتەك ئەركىن پەرۋاز قىلغايسىز .

ۋاقتى: 2013-9-2 22:53:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن ئىنىم!!!!!!!!!!بىزنىڭ ئۇمۇدىمىز سىزدە!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2013-9-11 05:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش