كۆرۈش: 2742|ئىنكاس: 13

مىكرو ئوبزور (20)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يارغول

بۇغدا ئابدۇللا

ئاپتاپقا بەرداش بېرىپ ،كۆيگەن،
شامالغا بەرداش بېرىپ، توزىغان.
ئاڭلانماس ئەسىرلەرنىڭ قىيا-چىياسى
ھەم ئىز قالدۇرمىغان قان.
قەدىم راھىبلارنىڭ تىلاۋەتلىرى،
مىس قوڭغۇراقلارنىڭ ساداسى نەدە؟
قوشۇلۇپ مەبۇدىلەر بىلەن
ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى-دە!
يېڭى بىر ئەسىرنىڭ ئادىمى
يۈرۈشەر بۇندا ئۈزۈلمەي ،نېمىنى ئىزدەر ؟
كۆرۈش كىرەك جاڭگال بولسىمۇ ھەم
تاڭ قالىدۇ چەكچىيىپ كۆز-گۆھەر.
ھە! بۇ كۈنچىقىش
قۇياشنىڭ تۇغقان تەرەپ
ئەجابا ،ئوخشاشماس سەنئەت.
كەم قالامدۇ موناستېردىن
سۇئاللار جاۋاب تاپار بىر-بىرلەپ.

"يارغول"ناملىق شېئىر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل

بۇندا ئابدۇللانىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە كىرىش يىراق قەدىمكى دەۋرگە قايقاندەك ياكى رىۋايەت دەۋرىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ .ئۇنىڭدا شېئىرلىرىدا قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ مۇكەممەل ئىزناسى ،ئۇزاق تارىخىنىڭ بىر پۈتۈن سەلتەنىتى ئەمەس بەلكى سىموۋل خاراكتىردىكى بىشارىتى ئەكىش ئېتىدۇ. قەلئە، سېپىل، ،تۆگە ، ساپال، گۈمبەز، قوڭغۇراق، يۇلغۇن ،خارابە  قاتارلىق بەلگىلەر شائىر شېئىرى نەزىرىنىڭ ھامان قەدىمكى مەدەنىيەت ئۈستىگ تاشلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگ سالىدۇ.
يارغول يۈكسەك مەدەنىيەت كۆمۈلگن بەلگە.ئۇنىڭ مەدەنىيەت ،تارىخ ،ئارخئولوگىيلىك قىممىتى شۇ ساھەدىكىلەرگە مەنسۇپ.كۆز ئالدىمىزدىكى بولسا سۆزلەردىن تەشكىل تاپقان شېئىرى گەۋدە.شائىر شېئىردا قىممەت ھەققىدە ئاشكارا بىر نېمە دېمەيدۇ.پەقەت ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقىنى ئۆزىنىڭ تىل سەنئىتىگە تايىنىپ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرىدۇ . شائىر شېئىردا سۆزلەرنى شۇ قەدەر ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتكەنكى ،نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ-مەدەنىيەتنى قىسقىغىنا شېئىرغا پىرىسلايدۇ.شامال، ئاپتاپ، كۆيۈش، توزۇش،بەرداشلىق ، قىيا-چىيا ، قان ،راھىب ،مىس قوڭغۇراق يېڭى ئەسى ،كۈنچىقىش ،ئوخشاشماس سەنئەت، موناستېر قاتارلىق سۆزلەرنى "يارغول"دېگەن نامغا دەسسەتسەكمۇ شېئىرنىڭ پايانى زاھىر بولىدۇ.
بىز مۇشۇ سۆزلەرنى تۇتقا قىلغان ئاساستا شېئىرغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ باقايلى.

ئاپتاپقا بەرداش بېرىپ ، كۆيگەن ،
شامالغا بەرداش بېرىپ، توزىغان .

بۇ بىزگە تەبئىتنىڭ تالاي زامانلىق خورىتىشلىرىغا ئۇچرىغان ئەمما يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان قەدىمىي بىر ئىزنانى ئەسلىتىدۇ.بۇ ئىككى مىسرا ئارقىلىقلا ئۇزاق يىللىق تارىخ ناھايتى ماھارەتلىك،ئىخچام ئىپادىلەنگن.ئوقۇرمەنگە چىن تارىخ تۇيغۇ بەخىش ئېتىدۇ.مىسرالارغا خۇسۇسىي ھاياجان، ساختا ماھارەت ئارىلاشمىغان.يەنى كېلىپ شېئىردىكى ماھارەت ناھايتى تەبئىي بولۇپ،بۇ كىتابلاردىن ئۈگەنگىلى بولىدىغان ماھارەت ئەمەس،بەلكى ئۇزاق يىللىق پىشقان شېئىر ئىجادىيەت تەجرىبىسىنىڭ ھاسىلاتى.بۇ خىل تەجرىبە بۇغدا ئابدۇللا شېئىرغا باشتىن ئاخىر سىڭگەن.

ئاڭلانماس ئەسىرلەرنىڭ قىيا-چىياسى
ھەم ئىز قالدۇرمىغان قان.

بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ بۈگۈنكى خارابىسىنى ،ئادەمزاتسىز ،خىلۋەت ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا زاھىر قىلىدۇ .ئوقۇرمەننى يىراق تارىخقا ئاپىرىپ ،ئۇنىڭ يوقىلىش ،خارابلىشىش سەۋەبى ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ، قان ،قىيا-چىيا دېگەن بۇ سۆزلەر شەھەرنىڭ ئۇرۇش تۈپەيلى ۋەيران بولغانلىقىنى ،ئەمما ئۇزان يىللىق تارىخ ھەممىنى كۆمۈپ تاشلىغانلىقىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيدۇ.

قەدىم راھىبلارنىڭ تىلاۋەتلىرى،
مىس قوڭغۇراقلارنىڭ ساداسى نەدە ؟!

شېئىردا يارغولنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەپسىلى گەپ يوق، شائىر شېئىردا قىسقا-قىسقا تەپسىلات ئارقىلىق سەكرەتمە شەكلىدە ئۇزاق تارىخىنى نوقتىسىمان ئۇلايدۇ. بۇ نوقتىلار بىر چەمبەر ئۈستىدە ياتقان، ئورنى ئوخشىمايدۇ ،لىكىن بىر مەركەز بىلەن ئورتاق ئۆتىشىدۇ.ئۇ بولسىمۇ "يارغول"دىن ئىبارەت شېئىرى مەركەز. يارغول گوياكى چەمبەر مەركىزىگە ئوخشاش شېئىردىكى ھەممە نوقتىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، راھىب ،مىس قوڭغۇراق دېگەن بۇ ئىككى نوقتا بىزگە بۇ ماكاندا ياشىغۇچى خەلقنىڭ  قەدىمكى روھى تۈۋرۈكىدىن ،ئىتىقاد قارىشىدىن بىشارەت بېرىدۇ. شۇنداقلا يارغول قەدىمى شەھرىنىڭ بۇددا دىنىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگ ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يېڭى بىر ئەسىرنىڭ ئادىمى،
يۈرۈشەر بۇندا ئۈزۈلمەي، نېمىنى ئىزدەر؟

شائىر بۇ يەرگ كەلگندە قەدىمدىن ھازىرغا كۆچىدۇ ھەم بۇ جاينى ئايلىنىپ يۈرگەن يوچۇن كىشىلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ شۇنداقلا بۇ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش ئۈچۈن "نېمىنى ئىزدەر ؟" دەپ سۇئال قويىدۇ.ئاخىرىدا يەنە بۇ سۇئالىغا ئۆزى جاۋاب بېرىپ: ئايلىنىپ يۈرگن بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەدەنىيەت گۆھىرى ئىزدەۋاتقان ئارخىلوگلار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

بۇ كۈنچىقىش
قۇياشنى تۇغقان تەرەپ
ئەجابا،ئوخشاشماس سەنئەت.

كۈنچىقىش - شەر*ق . شەر*ق كۆپ خىل مەنىگە ئىگە .ئۇ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ قالماستىن  مەدەنىيەت مەنىسىگە ئىگە. شېئىردىكى كۈنچىقىش مىسرالاردىكى مۇناسىۋەتتىن قارىغاندا يىراق شەر*ق كۆزدە تۇتۇلغان. يەنى يارغول يىراق شەر*ق رايۇنىغا تەۋە ماكان . لىكىن بۇندىكى سەنئەت ئوخشىمىغان بىر سەنئەت . بۇ  بۇ زىمىندا ياشىغۇچى خەلقنىڭ ئىتنىك تەركىبى ، ياشاش ئۇسۇلى  قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا شەر*ق ئەللىرى بىلەن پەرقلىق بولغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كەم قالامدۇ مۇناستېردىن ،
سۇئاللار جاۋاب تاپار بىر-بىرلەپ.

مۇناستېر  غەر مەدەنىيتىنىڭ ئوچىقى بولغان قەدىمكى يۇنانغا (گىرىتسيەگە) تەۋە شەھەر .ئۇ غەرب مەدەنىيتىنىڭ سىموۋلى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان. يارغولدىن ئىبارەت ئۆزگىچە شەر*ق مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن بولغان بۇ قەدىمىي شەھەر ئۇنىڭغا سېلىشتۇرلۇپ، ئۇنىڭ شەر*ق مەدەنىيتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 19:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-18 13:37:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلام ھەزرەتئەلى؟
مىكرو ئوبزورلارنى ھە تەرەپتىن ئىزلىنىپ ياخشى يىزۋاتىسىز.مەن سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدىن سۈيۈنۈش بىلەن بىرگە قاتلاممۇ -قاتلام ئىلگىرلەشتىكى روھىڭىزدىن ئىلھام ئىلۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2012-4-18 18:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالارغا خۇسۇسىي ھاياجان، ساختا ماھارەت ئارىلاشمىغان.يەنى كېلىپ شېئىردىكى ماھارەت ناھايتى تەبئىي بولۇپ،بۇ كىتابلاردىن ئۈگەنگىلى بولىدىغان ماھارەت ئەمەس،بەلكى ئۇزاق يىللىق پىشقان شېئىر ئىجادىيەت تەجرىبىسىنىڭ ھاسىلاتى.بۇ خىل تەجرىبە بۇغدا ئابدۇللا شېئىرغا باشتىن ئاخىر سىڭگەن.

ھەزىرەتئەلى، مۇشۇ قىسم سەل ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. خۇسۇسىي ھاياجان ئارلمىشىغان دەپسەن، ئۇنداقتا شائىر بۇ شېئىرنى كوللىكتىپ ھاياجاندا يازغانمۇ؟ ھەرقانداق بىر شېئىر ئاۋال خۇسۇسىي ھاياجاننى ئاساس قىلىدۇ، شۇ خۇسۇسىي ھاياجان كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ھاياجىنىغا ئورتاقلاشقاندا شېئىر كوللىكتىپقا تەۋە بولىدۇ. شوڭا، خۇسۇسىي ھاياجان ئارلاشماي مەيدانغا چىقىدىغان شېئىر يوق.
سىنىڭ قارىشىڭ قانداق؟

ۋاقتى: 2012-4-18 18:31:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرالارغا خۇسۇسىي ھاياجان، ساختا ماھارەت ئارىلاشمىغان.يەنى كېلىپ شېئىردىكى ماھارەت ناھايتى تەبئىي بولۇپ،بۇ كىتابلاردىن ئۈگەنگىلى بولىدىغان ماھارەت ئەمەس،بەلكى ئۇزاق يىللىق پىشقان شېئىر ئىجادىيەت تەجرىبىسىنىڭ ھاسىلاتى.بۇ خىل تەجرىبە بۇغدا ئابدۇللا شېئىرغا باشتىن ئاخىر سىڭگەن.

ھەزىرەتئەلى، مۇشۇ قىسم سەل ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. خۇسۇسىي ھاياجان ئارلمىشىغان دەپسەن، ئۇنداقتا شائىر بۇ شېئىرنى كوللىكتىپ ھاياجاندا يازغانمۇ؟ ھەرقانداق بىر شېئىر ئاۋال خۇسۇسىي ھاياجاننى ئاساس قىلىدۇ، شۇ خۇسۇسىي ھاياجان كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ھاياجىنىغا ئورتاقلاشقاندا شېئىر كوللىكتىپقا تەۋە بولىدۇ. شوڭا، خۇسۇسىي ھاياجان ئارلاشماي مەيدانغا چىقىدىغان شېئىر يوق.
سىنىڭ قارىشىڭ قانداق؟
ئۆمەر مەھمۇد بۇ ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ يەنە كۈلۈپ كەتتىم دىسەم رەنجىپ قالارسىزمۇ؟
سىز ...يەنە ئالدىرماي يۇقۇردىكى ئوبزۇرنى كۆرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە شېئرنىڭ قاتلاملىرىغا چۆكۈشنى چىڭ تۇتۇڭ.

ۋاقتى: 2012-4-18 20:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر  گېپىڭنى داۋاملاشتۇرۇۋەر، ياخشى گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن..مەنمۇ شېئىردا ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھىسىياتىنى ئاساس قىلىدىغانلاردىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 20:14  


ۋاقتى: 2012-4-18 20:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆمەر مەھمۇد بۇ ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ يەنە كۈلۈپ كەتتىم دىسەم رەنجىپ قالارسىزمۇ؟
سىز ...يەنە ئالدىرماي يۇقۇردىكى ئوبزۇرنى كۆرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە شېئرنىڭ قاتلاملىرىغا چۆكۈشنى چىڭ تۇتۇڭ.»



كەچۈرۈڭ، مەن سىزدەك بىلىملىك بولمىغاچقا بىلمىگەننى سوراۋاتىمەن!

ۋاقتى: 2012-4-18 21:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ، مەن سىزدەك بىلىملىك بولمىغاچقا بىلمىگەننى سوراۋاتىمەن!
ئۆمەرجان بەك كەمتەر ئىكەنسىز.
مەن سىز بۇيرىغان ئىلىپبەنى تېخىچە ئۇقۇپ تۈگۈتەلمەيۋاتسام يەنە بىر يۈكنى ئارتىپسىز ماڭا.كېرەك يوق.
شۇنداقتىمۇ ئالدىرماي يەنە شېئرغا ھەم ئوبزورغا چۆكۈپ بىقىڭ.
ياكى ھىچ بولمىسا ھەزرەت ئەلىگە قالدۇرغان سۇئالىڭىزغا شاققىدە بىر قارۋىتىڭا؟
كېيىن سىز جىقلا چۈشەنمەيدىغان سۇئاللار كەينى -كەينىدىن كاللىڭىزغا كىرۋېلىپ چارچاتمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-19 12:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. شېئىر  پۈتۈنلەي خۇسۇسىيسىزلاشتۇرۇلۇپ(ئىندۇۋىدالسىزلاشتۇرۇلۇپ) يېزىلغان. خۇسۇسىيلىق  يوق .  شائىر شېئىردىن چىكىنىپ چىققان .  سېنىڭ بولسۇن مەمەت ئۆمەرنىڭ شېئىرلىرى بولسۇن خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ يازىسىلەر . مەسىلەن:
ئاچ قېلىش

مەمەت ئۆمەر

بارلىق نەرسىلەرنى يەۋېتىمەن!

ئۆلگۈدەك ئاچ قالدىم بۈگۈن.

ئېسىل ماشىنىلار گۈزەل قىزلاردۇر،

گۈزەل قىزلار ماشىنا ئەمەس،

يارالمىدىم ئالەمگە پۈتۈن!

باشتىن ئاخىر بىرىنچى شەخس «مەن» بار .  بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرىدا  بىرىنچى سەخس يوق . خۇسۇسىسىزلاشتۇرۇلغان .

2. شېئىردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى شېئىر  ھاياجاندىن  ئۆتۈپ كەتكەن ، بەلكى چوڭقۇر ئەقلى ،بەدئىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان يارغولنىڭ تارىخى ،مەدەنىيتى ئۈستىدە ئويلانغان ، شېئىردا ھاياجان ئەمەس ، چوڭقۇر تەپەككۇر بار



سېنىڭ ئۇ گىپىڭدىن شائىر ھاياجانلانمىسا شېئىر پەيدا بولمايدۇ دېگەن گەپ چىقامدۇ نېمە ؟

ۋاقتى: 2012-4-19 19:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلى بەركەتلىك بولۇڭ! ھەر كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق ،ئەزىزلىك يار بولغاي!

ۋاقتى: 2012-4-19 20:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ھەزىرەتئەلى، شائىر ھاياجانلانمىسا شېئىر پەيدا بولمايدۇ. ئەقلىي تەپەككۈر  ماقالىدە جۇلالانغان بىلەن شېئىردا ھاسىرايدۇ.
ئەگەر سەن بۇ شېئىردا ھاياجان مەۋجۈت ئەمەس دېسەڭ، ئۇنداقتا بۇ شېئىر ئۆز مەغلۇبىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىرنىڭ بىر قانىتى ئەقىل بولسا يەنە بىر قانىتى دەل ھاياجان بولىدۇ. ئەقلىي تەپەككۈرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن شېئىر ئوقۇرمەننى زوقلاندۇرالىشى ناتايىن. زوقلىنىشنىڭ ئۆزى، ئاۋال ھاياجاندىن بەھىر ئېلىش دەپ قارايمەن.
«يارغول» شائىرنىڭ قەلبىدە ھاياجان قوزغىمىغان ئەھۋالدا، بۇ شېئىر قانداق يېزىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەقلىي تەپەككۈرى ۋە تارىخى بىلىملىرى بىلەنمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق ئىش بولسا، بىلىملىك تارىخچىلارنىڭ ھەممسى ئېسىل شېئىر يازىدىغانلار قاتارىغا تىزىلىپ قالىدۇ.
يەنە بىرگەپ، شېئىردا «مەن» نىڭ بولۇشى ئۇ شېئىرنىڭ خۇسۇسىيسىلىشىشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسا، مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «تۈگمەس ناخشا» ناملىق شېئىرىغا نىمە دىيىش كېرەك؟
«يارغول» ناملىق بۇ شېئىردا مەن ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بىلەن، ئۇ بايانچى ئورنىدا پەيدا بولىۋاتىدۇ.

ئاپتاپقا بەرداش بېرىپ ،كۆيگەن،
شامالغا بەرداش بېرىپ، توزىغان.
ئاڭلانماس ئەسىرلەرنىڭ قىيا-چىياسى
ھەم ئىز قالدۇرمىغان قان.
...
پۈتۈن شېئىردا، شېئىرى مەنە(يۇقارقى مىسرالارغا ئوخشاش) بايانچى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈلىۋاتىدۇ. يەنە كىلىپ، بۇ مىسرالاردا ھاياجان يوق دەپ ئېتالمايمىز. بۇ ھاياجان ئەلۋەتتە بايانچىغا تەۋە ھاياجان، بايانچى= شائىر. شوڭىلاشقا، بۇلار شائىرنىڭ خۇسۇسىي ھاياجىنى بولالايدۇ... خۇسۇسىي ھاياجان ھەرگىزمۇ سەلبىي ئوقۇم ئەمەس.

ۋاقتى: 2012-4-19 20:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلى توماس ئىلېئوتنىڭ خۇسۇسسىىزلاشقان شېئىرلىرىدىن يوللاپ قويسىڭىز ، چېگىش يېشىلىپ كېتەرمىكىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 20:53  


ۋاقتى: 2012-4-19 21:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەت ئەلى چارچىمىغايسىز
22-مىكرو ئوبزورنى كۈتىمىز .

ۋاقتى: 2016-3-9 22:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مىكرو  ئوبزور  ماڭا بەك ياقتى ، قىسقا ھەجىمدە چوڭقۇر مەنا  بار .

ۋاقتى: 2016-3-9 22:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  مىكرو  ئوبزور  ماڭا بەك ياقتى ، قىسقا ھەجىمدە چوڭقۇر مەنا  بار .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش