يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 637|ئىنكاس: 3

ئۆي ئۇنىڭغا لايىق (تەرجىمە ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆي ئۇنىڭغا لايىق

مەمدۇھ شەۋكەت ئەسەندال (تۈركىيە)

    كاسسىرلىق قىلىدىغان ئەلى ئەپەندى ئاتلىق بىر كىشى بولۇپ شەھەرنىڭ ساتىدۈزۈ دىيىلىدىغان بۈرجىكىدىكى كەڭرى بىر باغچە ئۇنىڭ ئىلكىدە ئىدى. ئۇ بۇ جايغا كۈڭۈل قۇيۇپ تۆت بەش ئېغىز ئۆي سالدۇردى. بىراق تېخى قۇرۇلۇش، ياساش ھەقلىرىنى بىرىپ راھىتىنى سۈرمەستىنلا ئۈلۈپ كەتتى. بالا چاقىلىرى گاڭگىراپ قېلىپ ئىشلارنىڭ ئايىغىنى يىغىشتۇرالمىدى، ئېلىشى بارلار قىستاپ يۈرۈپ بۇ ئۆينى سېتىۋېتىشتى.
     ئۆي دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى ئېلىپ ساتىدىغان سىلگىئوغلى خەلىل ئاتلىق بىرىنىڭ قۇلىغا چۈشتى. ئۇ بۇ ئۆينى باشقىلارغا ئىجارە بەردى.
    خەلىل ئۆي ئىمارەت دىگەنلەرنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان پەلىپەتىش بىر كىشى ئىدى. ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ قانداقلىغىمۇ ھەممىگە ئايان. بىر قانچە ئايدىن كىيىنلا بۇ ئۆيلەر بىر خارابىلىققا ئايلىنىشقا باشلىدى ۋە كىيىن ئۇلارمۇ كۈچۈپ كىتىشتى. ھېچكىم بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرمىدى. باغچىنىڭ قۇرشاۋ تېمىنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرى ئۆرۈلدى. ئىشىك دەرىزىلىرى قالمىدى. قوشنىلارنىڭ بالىلىرى، ئىنەك ئۈكۈزلىرى ۋە قوي ئۆچكىلىرى بۇ يەردىن چىقماسلا بولدى.
شۇ ئارىدا پىنسىيەگە چىققان مىڭبىېىشى ئەلى كۈسەنىڭ شەھەردە ئوقچىھەمزە مەھەللىسىدە ئولتۇرىۋاتقان ئاتا مىراس ئۆيى ھۈكۈمەت تەرىپىدىن يىقىتىلىپ ئۇ يەردىن يول ئېلىنىدىغان بولدى. مىڭبېشى ئۆيىدىن كۆچمەكچى بولدى ۋە سىلگىئوغلۇ خەلىلنىڭ ئۈيىنى ئەرزانغىلا ئىجارە ئالدى. مىڭبېشىنىڭ ئايالى ئۆينى كۈرۈپ چۇچىغىنىچە :
         -ھەي! تۆت تېمىلا قالغان بۇ يەردە قانداقمۇ ئولتۇرارمىز،-دىدى
        مىڭبېشى ئالدىرىماستىن:
      -ئولتۇرىمىز، ئولتۇرىمىز، بولدى سەن ئىشىڭنى قىلىۋەر،-دىدى.
     ئازراق تازىلانغاندىن كىيىن ئۇلار ئىشىكسىز ۋە دەرىزىسىز بۇ ئۆيگە كۈچۈپ كىردى. مىڭبېشى ئىگىز بويلۇق، ئۇرۇق، شاپبۇرۇت، يېشى چۇڭىيىپ قالغان بولسىمۇ كۈچ قۇۋۋەتتىن قالمىغان، ھەممە ئىشنى بىر قوللۇق بىجىرىدىغان پۇختا بىر ئادەم ئىدى. ياشقىنە بىر ئوغلى بولۇپ ئۇمۇ دادىسىنى دورىغان ئىدى.
    دادا بالا بىر بولۇپ دەسلەپتە ئۆينىڭ ئىشىك دەرىزە كىشەكلىرىنى سۈكۈپ ئوڭشاپ قايتىدىن بىكىتتى. يىقىلغان تام ئۇچاقلىرى، سۇيۇلۇپ كەتكەن تام سۇۋاقلىرىنى قايتىدىن ئوڭشاپ سوۋىدى. پول تاختايلىرىنىڭ چۈرىگەنلىرىنى ئالماشتۇردى. تاملارنى ئاقارتىپ تام جىيەكلىرىنى يېڭلىدى. ئىشىك، دەرىزە، كاھىش، پەۋازلىرىنى خىش رەڭ قىزىلدا سىرلىدى. باغچىنىڭ بۇزۇلغان تۇسۇق تاملىرىلىرىنى ئوڭشاپ ئازراقمۇ يۇچۇق قالدۇرماستىن چىتلىدى. باغچىنى ئوتاپ، يوللىرىغا قىزىل تۇپراق ئەكەلدۈرۈپ تۆكتۈردى. ئۆي ئىچىگە گىلەملەرنى سالدى، پەردىلەرنى تارتتى. بۇ جاي خاس بىر ئۆيلا بولماستىن بەلكى كۈڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىر ئىللىق ماكانغا ئايلاندى.  «بۇلار بۇ جايدا قانداقمۇ ئولتۇرار» دەپ ئەندىشە قىلغان تۇنۇش بىلىشلەر، خۇلۇم خوشنىلار كىلىپ كۆرۈشتى ۋە ھەيران قېلىشتى. قايتىشقاندىن كىيىن ئۆي ئىگىسىگە خەۋەر بىرىشتى.
       -ئۈيۈڭنى ھەرگىز كۆرمە، يۈرۈگۈڭ ئېچىشىپ كىتىدۇ، بۇنداقمۇ شاپاق نەرقىدە بەرگەن بارمۇ،-دىيىشتى.
سىلگى ئوغلۇمۇ قىزىقىپ قالدى ۋە بېرىپ كۆردى. دىگەندەك ئىچى ئېچىشقۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.
بىر ئازدىن كىيىن بىر پاراڭ تارقالدى. ياغاچ ماتېرىياللار زاۋۇتىنىڭ بۇغالتىرى مۇنداق دەپتۇمىش: «ئۆينى ماڭا بەرسە 20 لىراغا ئولتۇراتتىم، ئالتە ئايلىق ئىجارىسىنى ئالدىن تۆلەيتتىم»  بازارنىڭ بىكارتەلەپلىرى، پاراڭچىلىرى ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا كىتىپ بارغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۈڭۈل خۇشى ئۈچۈن خەلىلنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىغىنى بىلىپلا، بۇ ئىشقا يېپىشىۋېلىپ ئوت ئۆستىگە ياغ چېچىپ ئۇنى كۈشكۈرتۈشكە باشلىدى. مىڭبېشى بىر قانچەيلەنگە يالۋۇردى:
      -جېنىم بۇرادەرلەر، چاقچىقىڭلارنى قۇيۇڭلار.-دىدى ئۇ،- ئۇ ناكەس بىر كالۋا ئادەم. مېنى ئۆيدىن كۈچۈرسىمۇ كۈچۈرىدۇ، توختامنامىمىزمۇ يوق.
      بۇ گەپكە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى، ئۇلار سىلگىئوغلۇنى كۆرگەن ھامان:
         -يۈرىگىڭ ئېچىشمىدىمۇ؟-،دىيىشەتتى. -ئېچىشسىمۇ ئۆزۈڭ ھىس قىلماپسەن-دە ھەي!!! ھېچ بولمىسا بىرەرسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باق، شۇنچىلىكمۇ ئەقلىڭ يۇقمۇ سىنىڭ!
     بىر كۈنى باشقىلار يەنە:
     -گۈلدەك ئۈيۈڭنى شۇنچىمۇ ئەرزانغا ئىجارە بەرگەن بارمۇ، ئۇيناشقاندەكلا سودا قىلىدىكەنسەن، بۇپتۇ بۇمۇ ئۆز خوشلىغىڭ..
    خەلىل بۇغۇلدى:
     -مەن نىم بىلەي «تۇققانلىرىم»! ئۆي يىقىلاي دەپ قالغان، ئۇ قاقۋاش ياغاچچىكەن ئوڭشىۋەتتى. ... بۇنداق بۇلۇشىنى بىلسەم بىرەرمىدىم.
    سىلگى ئوغلۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى، ئويلىغانسىرى تۇمۇرلىرى كۆپچۇپ، ئەقلى قاچاتتى، بىر كۈنى يۈزىنى قېلىن قىلىپ مىڭ بېشىغا خەۋەر يوللاپ «يا ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرسۈن ياكى ئۆيدىن كۆچسۈن» دىدى، مىڭ بېشى خېلىل ئەۋەتكەن ئادەمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپتۇ ۋە ھېچقانداق گەپ سۆز قىلماپتۇ.
      بىر قانچە كۈندىن كىيىن مىڭبېشى ئىگەر-جابدۇقچى ئىبراھىم ئاغىنىڭ دۇككىنىدا ئولتۇراتتى خەلىل مىڭبېشىنى كۈرمەستىن دوككانغا كىردى. كىردىيۇ كەينىگە يانالمىدى، مىڭبېشى:
     - خەلىل بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ ئادەمنى ھارامدىن بولغان بالىدەك كوچىغا تاشلىۋەتمەكچىمۇسەن؟ ئۆيگە ئەرزان كىرىۋالدى دەپسەن، قالتىس، بۇ ئۆيگە قانچىلىك قان تەر سىڭدۈردۈم، ئۇنىمۇ بىر دەپ باقە!
خەلىل خىجىل بولدى. خىجىل بولدىيۇ ئەمما نىمەمىمۇ قىلالىسۇن! بازاردىكىلەرنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ چىقسۇن! شۇڭا ئېغىزىنى قۇيىۋەتمەكتىن باشقا يول تاپالمىدى، كاللىسىغا كەلگەنچە غەلۋە قىلىپ دوكاندىن چىقىپ كەتتى. چىقىپلا بازاردىكىلەرگە شۇنداق دىدى:
      -مىڭبېشىنى تېپىپ كۈرۈشتۈم، ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم، بۇنداق شاپاق نەرقىدە بىرىدىغان ئۆي يوق، يا كىراسىنى ئۆستەر، ياكى ئۆيدىن كۆچ، كۆچمىسەڭ كۆچىرېۋىتىشنىڭ يولىنىمۇ بىلىمەن.
     -ۋاي خەلىل، ئارسلاندە سەن، ئاخىرى دىيەلىدىم دىگىنە....
     -ئاخىرى دىدىم
     -ياشاپ كەت
      -بىر قانچە كۈندىن كىيىن مىڭبېشىغا ئۆيدىن كۆچمىسە مەھكىمىگە ئەرز قىلىمەن دەپ خەبەر يوللىدى.
مىڭبېشى ئويلاندى كەلگەن ئادەمگە دىدى:
      -ئۇ ئادەم مېنى ئۆيدىن مۇنداق ئاسان كۆچىرەلمەيدۇ، ئەمما خەلىلدەكلەر بىلەن تەڭ بۇلۇش ماڭا ياراشمايدۇ، خەقنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالىمىز، ئۆيگە قارىتا نىمە تەلەپ قىلسا ئېيتسۇن.
       -بىلمەيمەن،-دىدى ئۇ ئادەم،-خالىساڭ بېرىپ سوراب باقاي، ئاندىن ئەتە خەۋىرىنى بىرەي
       -ياق بولدى، ئۇنىڭ ئۆيىدىن كۆچەي، پەقەت ماڭا بىر ھەپتە مۆھلەت بەرسۇن،-دىدى مىڭبېشى
       مىڭبېشى بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۆيدىن كۆچتى، كۆچىۋېتىپ ئوغلىغا دىدى:
      -قارا، بىز كۈچۈپ كەلگىنىمىزدە بۇ يەر قانداق ئىدى، ئەمدى كۈچۈپ كىتىۋاتقىنىمىزدا قانداق! ... ئەجرىڭگە ئېچىنما، كۆرگەنلەر «مۇشۇ يەردە ئادەمدەك كىشىلەر ئولتۇرۇپتىكەن» دىيىشسۇن، قېنى ئامبۇرنى ئال، پەردىلەرنى سۆك، ئاۋايلىغىن تاملار بۇزۇلمىسۇن، مەن بېرىپ ماندىراجىئوغلىنىڭ ئۆيىگە بىر قاراپ باقاي.
      ئۆي گۈلدەك پاكىزە، دەرىزە ئەينەكلىرى سۈرتۈلگەن پېتى بىكارلاندى. ئاخىرقى كۈنى مىڭبېشىنىڭ خانىمى يىغلاپ تاشلىدى ھەمدە دەرىزە ئەينەكلەرنى سۈرتۈپ، ئۆيلەرنى قايتىدىن تازىلاپ چىقتى.  بىر قانچە كۈندىن كىيىن سىلگىئوغلى ئۆينى زاۋۇت بۇغالتىرىغا ئايلىغىنى 15 لىرادىن بەردى. ئاندىن سۈيىنىش ئىچىدە بازارغا چىقتى، ئۇنىڭغا تۈنجى ئۇچراشقان كىشى تاقىچىنىڭ چوڭ شاگىرتى  مەھمەت بولدى
     -مىڭبېشىنى ئۆيدىن كۆچۈردۈم،- دىدى ئۇ مەھمەتكە
     -نىمە، كۈچۈرىۋەتتىڭمۇ؟ جۆيلىۋاتمايدىغانسەن، ئۇ ئادەم ئۆيدىن كۆچتىما؟
     -ھەي شاپاق نەرقى ئولتۇرامتى ئەمىسە
     -ئەرزان كۆرىۋاتامسەن، نۇمۇس قىلساڭچۇ، ئۆينى ئۇ ئادەم ياسىدىغۇ ھوي!
بىردەمدىن كىيىن ئۇ تاھىر ئەپەندىم بىلەن شەۋقىي ئۇستامغىمۇ مىڭبېشىنى ئۆيدىن كۈچۈرىۋەتكەنلىگىنى ئېيتتى. ئۇلار سالماقلىق بىلەن:
     -خاتا بىر ئىش قىلىپ قۇيۇپسەن، ئەمدى بۇنداق ياخشى ئىجارىچىنى نەدىن تاپارسەن، ئەرزانراق ئولتۇرغان بىلەن ئۆينى گۈلدەك تۇتاتتى ئەمەسمۇ!
   ئەتىسى يەنە باشقىلار ئۇنىڭغا:
    -سەندە ئەقىل دىگەن نەرسە بارمۇ خېلىل؟ قايتا ياسالغان ئۆينى يەنە بىر قېتىم ۋەيران قىلدۇرىۋەتمىسەڭ، ھۇشۇڭنى تاپمايسەن، ئۆينى ئەمدى ھەقىقى ئەرزىنىغا بىرىپسەن،-دىيىشتى.
     خەلىل سىلگىئوغلى ئاچچىقلاندى
      -ھەي، سىلەرنىڭ بىر گىپىڭلار بىر گىپىڭلارغا ئوخشىمايدىغۇ، «ئەرزان بىرىپسەن كۈچۇرىۋەت» دىدىڭلار، سەتلىشىپ ئۆيدىن كۈچۈردۈم، ئەمدى كىلىپ «ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ» دەۋاتىسىلەر، ئۇنى كۈچىرىۋېتىپ ياخشى قىلدىم، ئۇنىڭغا بىكارلىق بەرسەم بۇلامتى ئەمىسە.
     ئارىدىن يەنە بىر قانچە ئاي ئۆتتى، باشقىلار سىلگىئوغلىغا دىيىشتى:
      -سىلگئوغلى ماڭ بېرىپ ئەمدى ئۆيۈڭنى كۈرۈپ باق، قارا، ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەملىگىڭنىمۇ كۈرۈپ قوي.
خەلىل بېرىپ ئۆيىنى كۆردى، ئۆي پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپمۇ كەتمەپتۇ ئەمما شۇنداق بۇلۇشقا يۈزلىنىپتۇ. باغچە قايتىدىن قاقاسلىشىپتۇ، قاشا تاملارمۇ يىقىلىپتۇ، ۋەياكى ھايۋانلىرىنى ئوتلىسۇن دەپ قوشنىلار يىقىتقاندۇ، قوي ئۆچكىلەر يايلىشىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۆي تاملىرىغا قۇزۇق قېقىلىپ بالىلارغا سەگۈنچەك ياسىلىپتۇ، دەرىزە ئەينەكلەر چېقىلىپ، گېزىت چاپلىنىپتۇ، ئاشخانىدا ئۇتۇن يېرىلىپتۇ، ياغاچ پول ۋە خىشلارمۇ سۇنۇپتۇ، مەش قۇيۇلۇپ كانىيى دەرىزىدىن چىقىرىلىپتۇ، شامال كۈمۈر ئىسلىرىدا پارلانغان تامچىلارنى چاچرىتىپ تاملار قارىيىپتۇ، ئەۋرەز كاتەكلىرى تولۇپ ئۈستىلىرىمۇ دۈۋىگە ئايلىنىپتۇ.
خەلىلنىڭ قارىغانسىرى ئىچى سىقىلدى.
     -ئۆينى ۋەيران قىپسىلەر، نىمە قالايمىقانچىلىق بۇ، مەن ئەۋرەزنى ئوڭشاپ بىرەلمەيمەن، خالىساڭلار ئوڭشاپ ئولتۇرۇڭلار، خالىساڭلار كۈچۈپ كىتىڭلار.ئىجارىچىلەر كۈلۈشتى.
      -ئۆزۈڭ ئوڭشىتىپ بەر، ئوڭشاپ بەرمىسەڭ، بىزمۇ ئىجارە ھەققىنى بەرمەيمىز.   
      ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى، ئىككى ئاي ئۆتتى ئىجارە پۇلىنى بەرمىدى. خەلىلغا خەبەر يۇللاپ «ئەۋرەزنى ئوڭشاپ بەرسىلا پۇلنى بىرىمىز» دىيىشتى.
     خەلىل بازاردىكىلەرنىڭ پاراڭ تىمىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئىشنى سورىمىغان، سۈرۈشتۈرمىگەنلەر قالمىدى، ھەركىم كاللىسىغا كەلگەنچە ئەقىل كۆرسىتەتتى.   بەزىلىرى:
     -ئادۇۋكات زۇختۇنى تاپ، ئۇ سىنىڭ بۇ ئىشىڭنى ئوڭشاپ بىرىدۇ. دىيىشسە، يەنە بەزىلەر:
     -زۇختۇ داڭلىق ئادۇۋكات بولىدۇ، ئەمما پۇلىغا چىقىش قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.
     يەنە بەزىلىرى:
     -ئادۋۇكات بىلال ئەپەندىمنى ئىزدە،-دىسە باشقىلار
      -ھەرگىز ئۇنى ئىزدىمە، كىيىنچە ئۆينى ئۇنىڭغا بىرىپمۇ ئۇنىڭ قولىدىن قۇتىلالمايسەن،-دىيىشتى.
ئىگەر جابدۇقچى ئىبراھىم ئاغامۇ سۆز قاتتى:
      خەلىل قانداقلا بولمىسۇن سىنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز، دىمەككى ئۆيمۇ خاراب بولدى. بولدى قىل ئولتۇرىۋەرسۇن، توختامدا ئەۋرەزنى ئوڭشاش ئىشى بولسا، ئۇلارغا ئوڭشاپ بەر، ئۇلار سىنى دەۋاغا تارتىپ يۈرمىسۇن، ئەلۋەتتە بىر كۈن كىلىپ ئۇلار كۈچىدۇ، سەن ئەۋرەزنى ئوڭشاتساڭ ئايلىق كىرانى سوراش ھەققىڭ بولىدۇ. سىلگى ئوغلىنىڭ ئاچچىغى كەلدى
-قەتئىي پۇشايمىنىم يوق، ئوڭشاتمايمەن، مېنى بوينۇمدىن باغلاپ ئاپارسىمۇ ئوڭشىمايمەن.
      بازاردىكى ھەممە دوككاندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۆي ئىشىڭ قانداق بولدى دەپ سورىشاتتى، سىلگىئوغلىنىڭ غەزىپىنى قاينىتىپ تاماشا قىلىشاتتى. كىم بىلسۇن شۇ ئەھۋالدا بىر تەلەي سىلگىئوغلىنى بۇ غەم-غۇسسىلەردىن قۇتۇلدۇرماق ئۈچۈن كۈتۈپ تۇراتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇغالتىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانمىش، ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجراشقۇدەك. ئەتىگىنى بۇ خەبەر بازارنڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە تارقالدى، سىلگىئوغلۇنى كۆرگەنلەر:
       -ھە خەلىل، بېشىڭ ئوڭشالدى، ئەمدى ئۆيۈڭگە يەنە ئىگە بولدۇڭ،-دىيىشتى. خەلىلنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. «توختا، قاراپ باقمايمىزمۇ، راستمۇ يالغانمۇ» دەپ ئۆزى بىلەن ئوينىشىپ بەزىلەرنىڭ بۇ خەبەرنى تۇقۇپ چىقىش ئىھتىمالى بارلىغىدىن گۇمانلاندى.
             ئەتىسى ئاڭلىغان خەبەرنىڭ راستلىغى مەلۇم بولدى. بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۆي بۇشىتىلدى. خەلىل بىر چوڭ غەمدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ بىراق ئۆينىڭ غەلۋىسى تۈگىمىدى. بىكار ئۆيگە كىچىلىرى باشقىلار كىلىپ ئىشىك دەرىزىلىرىنى قۇمۇرۇپ، ئىشقا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ كىتىشەتتى. بازاردىمۇ:
       -بۇش قالغان ئۈيۈڭگە باج تۈلەشكە باشلاپسەندە دەپ ئۇنى مازاق قىلىشاتتى.
بىر كۈنى سىلگىئوغلۇ بازاردىكىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پىنسىيەگە چىققان مىڭبېشى ئەلى كۈسەنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
      -ئۇنى نىمە قىلىسەن؟ دەپ سوراشتى
      -ئۇنىڭغا بىر ئۆي ئېلىپ بىرەتتىم،-دىدى
     پىنسىيىگە چىققان بۇ مىڭبېشى باققال ئەتەم ئەپەندىنىڭ دوككىنىدا ئىدى، ئۇ يەرگە ئىزدەپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا:
      -مەن سېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم،-دىدى.
      مىڭبېشى بۇ پەسەندە مىنى نىمىشقا ئىزدەيدىغاندۇ دەپ ئويلىدى ۋە:
       -نىمە لازىم ئىدى، دىگىنە،- دىدى.
     خەلىل ئۇ يەردىكى بوش بىر پەلتەڭ ئۆستىدە ئولتۇردى ئاندىن:
    -ئەلى بەي! شۇ ئۆينى مەندىن سېتىۋال قۇتۇلاي زادى. خۇدا ھەققىدە، بالا چاقىلىرىڭنىڭ بېشىغا كىلىدىغان بالا قازانىڭ ھەققىدە «ياق» دىمىگىن، ئاڭلىدىڭمۇ؟
     مىڭ بېشى چۈشەنمىدى، ئەتىمنىڭ چىرايىغا باقتى، ئەتىممۇ خەلىلغا قاراپ:
      -نىمە ئىش بولدى،-دەپ سورىدى. مېنىڭ ھېلىقى ئۈيۈم بارغۇ، ئۇ ئولتۇرغان ھېلىقى ئۆي، شۇ ئۆينى بۇنىڭغا ساتماقچىمەن.  مىڭبېشى كۈلدى
       -مېنىڭ ئۆي ئالغۇدەك پۇلۇم بارلىغىنى ساڭا كىم ئېيتتى.
      -بولسا بولمىسا، بەرگىنىڭنى بىرەرسەن، مەن بۇ ئۆينى ئەللىك تىللاغا ئالغان ئىدىم، ئوتتۇز تىللا بەرسەڭمۇ ساڭا بىرىمەن، يىگىرمە بەش تىللا بەرسەڭمۇ ساڭا قالدۇرىمەن.  پۇلىنىمۇ ئۆزۈڭ خالىغىنىڭچە بەر، بىلدىڭمۇ پەقەت «ئالدىم» دە، بېرىپ ئۆي خېتىنى بىرىمەن
      باققال ئەتىم ئەپەندى :
      -نىمە بولدۇڭ، ماڭ، بىرئاز ئويلىنىپ كەل، مۇشۇنداقمۇ ئۆي ساتقان بارمۇ،-دىدى ئۇنىڭغا قاراپ
       -بار،-دىدى سىلگىلىئوغلى،-ئەلى بەي «ئالدىم»دىسىلا سېتىلغىنى كۈرىسەن، پۇلىنىمۇ خالىغان ۋاختىدا بەرسە بولىدۇ
تۇنۇشلار ئارىغا كىردى. بىر ئاز پۇل تەييارلىنىپ سىلگىلىئوغلىغا بىرىشتى. ئىككى كۈندىن كىيىن ئۆي ئەلى كۈسەنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.
       سىلگىلى ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن خۇددى بىر ئېغىر تاغ ئۈرۈلگەندەك بولدى. بازارغا چىقتى، شەكەرچى ئوغلىنىڭ قەھۋەخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردى، يېنىدىكىلەرگە ئۆينى مىڭبېشىغا ساتتىم دىدى.
     -ئەپسۇسلانغۇدەك ئىش بۇپتۇ،-دىيىشمەكچىدى
      -ئەپسۇسلانغۇدەك نىمىسى بار، كاساپەت ئوڭشاشنىمۇ بىلىدۇ ئولتۇرۇشنىمۇ! ئۆي ھەقىقەتەن ئۇنىڭغىلا لايىق.
       -ھەي بىزگە بەرسەڭ بىزگىمۇ لايىق كىلەتتى
      -ھېچ لايىق كەلمەيتتى. بىز ئاخىرى پەگاغا كۈنگەنلەركەنمىز، سىنىڭ مېنىڭدەكلەرنىڭ قولىدا قېلىپ خاراب بولغاندىن، ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ بەختىنى تاپسۇن!!

تۈركچە «ئۇغۇزدىن بۈگۈنگىچە نادىر يازمىلار» ناملىق كىتابتىن ئا .مەتتۇرسۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-24 23:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-25 11:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن مەنالىق يىزىلغان ھىكايە بۇ ...تىلى يىنىك ،بىزدە بىر گەپ بارغۇ «ئالتۇننى زەرگەر سوقسۇن » دەيدىغان ، ياخشى بىر ھىكاينى ئوقۇغىنىمدىن مەمنۇنمەن ...

ۋاقتى: 2013-9-5 20:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئەپەندىم لەتىپىلىرى› نى ئەسلەتتى

ۋاقتى: 2016-2-28 17:51:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئوقۇغان ئەڭ ياخشى ئەسەر بولدى بۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش