يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1664|ئىنكاس: 18

ناراتقا سەپەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
6.JPG 3.JPG 2.JPG 1.JPG
ناراتقا سەپەر        

  پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى

   (ساياھەت خاتىرىسى)

      5  –ئىيۇل ،قۇياش سۈبھىدىن كۆتۈرلۇش بىلەن سەھەر  شىنجاڭ ۋاقتى سائەت ئۈچتە كۇچا ناھىيلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان ياش ۋە  ئوتتۇرا ياش ئەدىپلەر كۇچا ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرشى ۋە دەسلەپكى لاھىيەسى بويچە، نارات سەپىرىگە ئاتلاندۇق. ئىككى كۈن بۇرۇن خەۋەر  تاپقاندا، ئېدىيەمدە تەييارلىق بولسىمۇ، لېكىن 5–ئىيۇل كۇچادىن چىقىپ كېتىشىمىزگە تازا ئىشەنچ قىلالمىغائىدىم. مانا، شۇ تاپتا كاللامدا خىلمۇ–خىل خىيال گىرەلەشمە ھاسلات ئىچىدە سىڭىشمەكتە. ھايات مەناللىرى ئۆز ئۆربىتاسىدا سەيياھ قىلماقتا، ئەدىبلەر يىغىلشىغا جەم بولۇش پۇرسىتىدىن— ئۇلۇغ ئىش- ئانا بولۇش سەۋەبىدىن  قېپ  قالغان ئون يىلدىن كېيىن، ئاتلانغان بۇ سەپەر تۇنجى قەدەمدىلا خەيرىلىك بولدى.
     كۇچا ناھىيلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپتىن يازغۇچى ئوسمان ھوشۇر، شائىر نەسىردىن ھاپىز، 6–ئوتتۇرا مەكتەپتىن تەتقىقاتچى ئابلا گايىت، ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتىن شائىرە پاشاگۈل ئىسمائىل تۇردى ھاجى قىزى ھەم بالىسى  تۇمارىست(9ياش)، كۇچا ناھىيلىك رادىيو ئىستانىسنىڭ مۇخبىرى تۇرغۇن ئەھەت،ناھىيلىك 5–ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىمىنجان كېرىم،مەمەت قايۇم، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پاتىگۈل توختى  قاتارلىقلار كىچىك ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ، كۇچا چوڭ كۆلدە بىر سائەتكە يېقىن زىيارەتتە  بولدۇق .ھازىر جاۋاب تۇرغۇن ئەھەت يول بويى قىزىق–قىزىق سۆزلىرى بىلەن كۈلدۈرۈپ، ساياھىتىمىزنى يۇقىرى  پەللىگە كۆتۈردى. سۆرەتكە ئالغۇچى ئاپاراتنى  توغۇرلاپ ماڭدى.
    كۇچا چوڭ كۆلى تارىختىن بۇيان كۇچانىڭ داڭلىق ساياھەت ئارامگاھى ئىدى. ھەر يىلى باش يازدىن باشلاپ،بۇ چوڭ كۆلگە ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتى. سۈپ–سۈزۈك سۇلار ، ياپ–يېشىل چىملار، زەدىۋال تاغلار ... ئەپسۇس، ھازىر سۇلار ئازىيىپ كەتكەنىدى .
       تىندۇرمىلارنى ئىچىمىزگە يۈتۈپ، ماشىنىغا چىقتۇق، بايىنبۇلاققا كەلدۇق، بۇ يەردىكى چارۋىچىلار بىلەن  ئۇچراشتۇق. موڭغۇللار تارىختىن بۇيان ئاجايىپ ئۇرۇشلارنى  باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئىدى.بۇلار خەنزۇتىلدا سۆزلىشىپ، خەنزۇ يىزىقىدا ئوقۇيدىكەن.يېرىم سائەت كۆرۈپ، تەلەمەت داۋىنىغا ئاتلاندۇق. تەلەمەت داۋىندا جەمئى 17پەلەمپەيدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. تىك قىيادىن ھالقىۋاتىمىز. ئارىمىزدا ۋەھىمىدىن ئەسەر يوق، قىزغىن مۇنازىرە، مۇشائىرە  داۋاملاشماقتا."تەلەمەت"دېگەن سۆز تارىختا مۇنداق بىر ھېكايىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن."ئەمەت"ئىسىملىك بىر باتۇر يىگىت  ھەققانىيەت ياقلاپ، ئۆز زامانىسىدىكى ھۆكۇمدارلارنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغان. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ تۇتۇش بۇيرىغى چىقارغان ۋە چىرىكلەر قوغلىغان، ئەمەت ئايىغى  چققان، زىرەك، چېچەن بولغاچقا ئايلانمىدىن ئەپچىلىك بىلەن ئۆتۈپ،چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشمىگەن. ئۆز ھۆكۈمدارلىرىدىن قورققان چېرىكلەر ئەمەت تاغدىن غولاپ چۈشۈپ، ئۆلدى دەپ مەلۇمات بەرگەن.
     شۇنىڭ بىلەن بۇ داۋاننىڭ ئىسمى دەسلەپتە ''تەلۋە ئەمەت'' بولۇپ ئاتىلىپ،كېيىنچە "تەلەمەت"داۋىنى دەپ ئاتالغان.
   بىز تەلەمەت داۋىندىن ئۆتۈپ توختىدۇق. ھەرخىل گۈللەر بىلەن قاپلانغان ئىگىز–ئىگىز تاغلار، مەزمۇت قارغايلار زوقىمىزنى تارتىپ،تاغ ئۈستىگە قاراپ ياماشتۇق.
      — مېنىڭ مۇشۇ يەردە ئۆيۈم بولغان بولسا ، بىر ئاي تۇرۋالغان بولسام– ،دېدى،يىراق–يىراقلارغا قارىغىنىچە خىيالچانلىق بىلەن  ئوسمان ھوشۇر.
       –شۇ جددىلىك، كەسكىن رىقابەت قاينىمى،دەرسىدىن يىغىنى كۆپ،بېسىمغا تولغان مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ئۈچ ئاي تۇرىۋالسام ،لاھىيەسىنى تۈزۈپ،باشلاپ قويغان رومانىمنى    پۈتتۈرۋالسام،— دېدىم مەن.
     — ئۈچ ئاي ئەمەس، ئۈچ ھەپتىمۇ تۇرالمايلا ، ئىككى بالىلىرى، ئائىلىرى مىڭڭىلىرىگە كىرۋېلىپ، كېتىمەن دەپ، پىيادە كۇچاغا قاراپ يۈگىرەيلا.– دىدى تۇرغۇن ئەھەت. پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۇلدى.
      –مەن ھەم ئۇكام ئاپامغا چىدىمايمىز، ئاپامنى ئەكىلىپ بەر دەپ،دادامغا خاپا سالىمىز،– دېدى،قىزىم تۇمارىست شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ.
    — ئەڭ ئىگىز چوققىغا چىقىمەن،قېنى، كىم مەن بىلەن چىقالايدۇ،– دېدى ئابلا گايىت ئۈستىگە چىقىۋېتىپ.باشقىلار ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىمىدى.ھېرىپ ئۆپكىسىنى تۇتۇپ تۇراتتى.بىز ئابلا مۇئەللىمگە مەدەت بېرىپ يۇقۇرىغا قاراپ تۇردۇق.بىر ۋاقىتتا بىر دەستە گۈلنى پۇلاڭلىتىپ،يىراقتىن،ئەڭ ئىگىز چوققىدىن كۆرۈندى. بىز ئابلا گايىتنىڭ تېتىك ھەم جۇشقۇنلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياشلىقىغا سەپ –سالدۇق. بىر سائەتتىن ئارتۇقراق گۈزەل مەنزىرلەردىن ھوزۇرلىنىش،شېئىر ئوقۇش، سۆرەتكە ئېلىش، رېسىمغا چۈشۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندۇق. ھەممەيلەن ھاياجاندا شادىمان ئىدى.خوشال–خورام ھالدا ناراتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىش، ئۆز– ئارا چۈشۈنۈپ، پىكىرلىشىش، ئەركىن ئۆز ئاۋازدا سۆزلىشىش كىشىنى يېڭى–يېڭى تەپەككۇر قوينىغا  سالاتتى.
    ئەتراپ يېشىل كىمخاپ كىيگەندەك چىمەنزارلىق بولۇپ، كۆپ–كۆك بۇلۇتقا تاقاشقان. مۇنتىزىم قۇشۇندەك رەتلىك تىزىلغان قارغايلار،تەبئى ئېچىلغان گۈللەر.....
     پاھ! بارچە گۈزەللىك مۇجەسەملەشكەن بۇ يۇرت،بەئەينى جەننەت ماكان ئىدى.
     ناراتقا كېلىشىمىزگە تۇرغۇن ئەھەتنىڭ قازاق ئاغىنىسى نۇرجاقان ئالدىمىزغا چىقىپ، مەخسۇس يول باشلاپ، ئالتە سائەت ناراتنى ئايلاندۇردى. نارات مەخسۇس ساياھەت ئورنى بولغاچقا بۈگۈن كەلگەنلەر ھەر ھالدا خېلى كۆپ ئىدى. يوللار بويى ساقچىلارنىڭ پەقەت كىملىكىمىزنى كۆرىشى بىلەنلا داغدام مېڭىۋەردۇق.بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ھەم ھاۋالىق ئىدى.جىددىلىك ۋە خىلمۇ–خىل بېسىمدىن  چارچىغان نېرۋىلىرىمىز ئارامغا چىقىپ، ئۆزىمىزنى ناھايتى يېنىك ھېس قىلاتتۇق. كۆڭۈللۈك سۆھبەت، يېقىشلىق سۆزلەر ئىچىدە نۇرجاقان ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي، يەر تەۋرەشكە چىداملىق سېلىنغان يېڭىچە ئۆيىگە باشلىدى. ھويلىسىغىلا ئەن–ئەنىسى بويىچە كىگىز ئۆي تىكىۋالغان ئىدى. بىز قازاق ئاياللىرىنىڭ ئىشچان قولىدا بېزەلگەن ياسىداق كىگىز ئۆيىگە كىردۇق.ئۆي ئىچىگە كىرىپلا،تۆت تەرەپتىن تۆكۈلۈپ تۇرغان قويۇق مىللى پۇراققا ئىگە،قازاق پۇراپ تۇرغان ئۆي دەقىقە تەپەككۇر قۇشلۇرۇمنى سەييارە قىلدۇردى.مانا ئەن–ئەنە بىلەن يېڭىلىق،ئۆرۈپ–ئادەت بىلەن زامانىۋىلىق... بىر خىل ھەقىقەتنى چۈشەندۈرەتتى.بىز نېمىنى يوقۇتۇپ قويدۇق،نېمىگە ئېرىشتۇق؟  80% نى تەشكىل قىلغان دېھقانلىرىمىزدا ئەسلىمىزنى كۆرەتتۇق.تەبىئىي كاڭلار،تەبىي قولۇم–قوشنىدارچىلىق،تەبىئىي يۈرۈش–تۇرۇش ۋە يېمەك–ئىچمەك...ھەممىسسى،ھەممىسى تۈگىدى.بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئىزدەپ يېزىغا بارغىنىمدا، ئوپ–ئوخشاش،بىر جۈپ شەكىلدە سېلىنغان ئۆيلەرنى كۆرگۈنۈمدە،بالىلىق خاتىرلىرىم نە–نەلەرگىدۇر غايىپ بولىدۇ،تاپالماي ئۆز ئوقۇمدا توختىماي چۆگىلەيمەن.بالىلىرىمغا كۆرسۈتەي دېسەم،ھېچ ئەستىلىك يوق،ئامالسىز قىزىقارلىق ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىمەن.قوي باققان كەڭ كەتكەن ئېتىز–قىرلار،سۇغا چۆمۈلۈپ،قۇمدا ئېغىناپ ياتقان بالىلار،مايمۇندەك دەرەخكە يامىشىپ،ئوينىغان مۆكۈشمەكلەر،دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى چاچ قىلىپ،بېشىمىزغا ئېسىپ،ئۇزۇن چېچىمىزدىن ھوزۇرلىنىشىمىز،بارات ئايلىرىرىدا  بارات  توۋلاپ،قېن–قېنىمىزغا پاتماي،خوشال بولۇشلىرىمىز...ئۆيدىكىلەر بىزدىن خاتىرجەم ئىدى.ھازىرقىدەك بالىلىرىمىزنى قولىدىن مەھكەم تۇتۇپ،مەكتەپكە ئاپىرىپ–ئەكىلىش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.ئەمدى ئايىغى چىققان بالىمۇ تايتاڭلاپ مېڭىپ،ئويناۋېرەتتى.قوشنىلار كىرىپ–چىقىشىپ،ئۆزئارا ئاش سۇنۇشۇپ،بەكمۇ–ئىناق ۋە ئىجىل ئۆتەتتى. يېزىغا، چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا شۇ قەدەر ئامراق ئىدۇق...    مېھرى ئىسسىق قازاق ئايالنىڭ  ئەتكەن چايدىن ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشى ئەسلىمىلىرىمدىن قايتۇرۇپ كەلدى. بىركۈن قونۇپ قېلىڭلار،قازاقلارنى يىغىپ،مەشرەپ قىلىپ بېرىمەن،دېگەن تەكلىپىگە شۇنچە قوشۇلغىمىز بولسىمۇ،بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ،سىپايىلىك بىلەن ئۆزۈرخالىق سوراپ،  ئارال تۆپىگە قاراپ ماڭدۇق. پىلانىمىزدا ئارال تۆپىدە يېرىم سائەتچە ئايلىنىپ كۆرۈپ، كەچلىك قونالغۇمىزنى كۆنەسكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق. ئوسمان ھوشۇرنىڭ ئارال تۆپىدىكى تاغىسى  يول تۆپىدىكى ئۆيى ئالدىدا بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
     بۇ تاغىمىز كۇچادىن بولۇپ، ئەينى يىللىرى بالا ۋاقتىدا بۇ يەرگە قاڭقىپ چىقىپ، يىلتىز تارتىپ، ھازىر بەش بالا،  تۆت نەۋرىلىك ھاجىم بولۇپ، بۇ يۇرتتىكى تۆتنىڭ بىرىكەن.غۇلجا ئاياللىرىنىڭ ئىشچان،تولىمۇ پاكىز ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ياسىداق ئۆيىدە مول داستىخان بىلەن بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئائىلە بويلاپ،ھەممىسىنىڭ قىزغىن تۇتۇپ قېلىشىغا،ئۆخشاشلا ئۆزۈرخالىق ئېيتىپ، كۆنەسكە قاراپ يول ئالدۇق. يولدا چاسا– توساقمۇ يوق. كۆنەسكە كەلدۇق. بىراق، كەچ بولۇپ كەتكەچ، بىزگە قاراپمۇ قويمىغان  يول ئۈستىدىكى ساقچى بېكىتىدە ئۆتۈپراق، مېھمانخانا سوراش ئۈچۈن توختىدۇق.
       كىملىكنى كۆرسۈتۈپ مېھمانخانا سورىدۇق.
     —  بىر ئاز ساقلاڭلار، تۇرۇپ تۇرۇڭلار.
بىز ساقچىلارنىڭ  بۇ گەپلىرىدىن بىر – بىرىمىزگە قاراپ، ئەجەپلىنىپ قاراپ قالدۇق. كۇچادىن يولغا چىقىپ،  بىرەر مىنۇتمۇ تۇرۇپ قالماي ئۇدۇل مېڭىۋەرگەن ئىدۇق. بۇلارنىڭ بەك قاتتىقمۇ– نىمە ؟
     —        توسمىسىمۇ توختاپ،ئىلىنىپ قالدۇقمۇ–نىمە؟
     —        بىزدە بىرەر ئىش بولمىسا ئىلىنىپ قالىدىغان.بىز دېگەن مائارىپچىلار ۋە يازغۇچىلار،جەمىيەتنىڭ ئەڭ سەرخىللىرى.
     —        شۇنداق. بىز دېگەن جەمىيەتنىڭ روھىي ئىنژېنىرلىرى.
    — بۇ يەردە تۇرۇپ كېتەرمىزمۇ؟
    —        ئەنسىرمەڭلار، باشلىقىغا تېلېفۇن قىلدى،– دېدى تۇرغۇن ئەھەت بىزگە قاراپ تەمكىن، سالماق ھالدا.
ئالدىنقى كۈنى مەن، ماڭالايمىزمۇ، ۋەزىيەت جىددى. 5– ئيۇل سەھەر يولغا چىقىپ ماڭالايدىغانلىقىمىزغا تازا ئىشىنەلمەيۋاتىمەنيا،– دېسەم، تۇرغۇن ئەھەت، تېلېفۇندا  مۇشۇنداق تەمكىن، سالماق ئاۋازدا. ماڭىمىز، شىنجاڭ ۋاقتى دەل ئۈچتە تەييار بولسىلا دېگەن ئىدى.
  ھەيۋەتلىك ساقچى ماشىنىسى كېلىپ، ماشىنىدىن ئىككى خەنزۇ، ئىككى قازاق بولۇپ تۆت نەپەر ساقچىلار چۈشتى ۋە ئەرلەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ، ناھايتى قىزغىن كۆرۈشتى.
     — ماشىنىغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، سىلەرنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىمىز. راست ، كەچلىك تاماق يېدىڭلارمۇ؟ قورسىقىڭلار قانداقراق؟
    —        كەچلىك تاماق يېدۇق. رەخمەت.
ساقچىلار  ئىككى مىھمانخانىغا بېرىپ، ئاخىر بىزگە بوش ياتاق تېپىپ ، مېھمانخانا خوجايىنى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىزنى ئالاھىدە ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. ھەم ئاۋالقىدەكلا قول ئېلىشىپ خوشلۇشۇپ، ياخشى ئارام ئېلىشىمىزنى، بېرەر ئىش بولسا تېلېفۇن قىلساق تەييار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كېتىپ قېلىشتى. بىراق، ‹‹قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز خەلق ساقچىسىنى ئىزلەڭ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز››دېگەن مۇقەددەس چاقىرىقىققا ھەقىقى ئەمەل قىلغان ئىلى ساقچىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئىسىل پەزىلىتىگە، ھەقىقى خەلق ساقچىسىغا خاس ئۇلۇغۋار روھىغا چەكسىز ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئاپىرىن ئېيتتۇق.قەلبىمىزدە،ئىلى خەلقىنىڭ تارىختا كۆرسەتكەن ئاجايىپ قەيسەر،باتۇرلىغى،مەملىكىتىمىزنى زىل-زىلىگە سالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىغى،ئۆلمەس تۆھپىسى،قانلىق ئۇرۇشلار...زاھىر بولدى.ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ،زوردۇن سابىر،سادىر پالۋان،غېنى باتۇر،قەھرىمان جەڭچى رىزۋانگۈل،زۇنۇن قادىرى...لارنىڭ روھىغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىپ،ئەۋلادلار ئىزىدىن گۈل ئۈندۈرگەن ئۇلۇغۋارلىغى،ئويغۇر مەدەنيىتىنڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىنى مۇقەددەس بىلىپ،ئالغا ئىنتىلىپ،ئۆتمۈشنىڭ ۋە ئۆز دەۋرنىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ،ۋەتەن،خەلققە جان-پىدالىق قىلغان،‹‹كىم ئۆز ۋەتىنىگە مەنسۇپ بولمىسا،ئۇ ئىنسانىيەتكىمۇ مەنسۇپ ئەمەس››دېگەن ئۇقۇمنى ھەقىقى ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئويغۇر زىيالىلىرىنىڭ سەركىلىرى قايتا  نامايەن بولۇپ،قەلبىمىزدە  ئابىدە تىكلەپ، كېتىپ قېلىشتى.
    بىز ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ،قەلبىمىزدە چۆكتۈمە بولغان تىندۇرمىلارنى مىسرالارغا قوشۇپ،ھاياجانلىق لىرىكىلىرىمىزنى شېئى قىلىپ ئوقۇشتۇق.ئىلھام بۇلىقى فونتاندەك ئېتىلىپ تۇراتتى.
       ئەتىگەندە، كۆنەس 4– ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنگۈل( ئابلا گايىتنىڭ ساۋاقدىشى)  يولدىشى جېلىل(خەلق ساقچىسى) بىلەن بىللە كۆنەس ئىچىنى ئايلاندۇردى. مەدىنىي يادىكارلىقلار ۋە خاتىرە سارايلىرى،كىتابخانىلارنى ئارىلىدۇق. ئالتۇن تاج كەيدۈرگەندەك ئاۋۇيىمىزنى قىلدى.ۋاقىت سەۋەبىدىن شۇنچە قىزغىن تەكلىپلىرىگە ئۆزۈرخالىق سوراپ،كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا،قەھرىمان،ئەزىمەتلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ئانا يۇرت بىلەن خەيرلەشتۇق.  بىز پىلان بويچە قايتمىساق بولمايتتى، ھەممىمىز ۋاقتىدا ئىشقا چۈشمىسەك بولمايتتى. چۈنكى مەكتەپلىرىمىز جىددى سىياسى ئۆگۈنۈش قىلىۋاتاتتى. قەلبىمىز ھاياجان، خوشاللىق، شاتلىق، ئىچىدە ئىككى كۈنلۈك ساياھەتتىن مىننەتدار بولۇپ، كۇچار ناھىيلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلىمى، خەلق ھۆكۈمىتى، راديىو ئىستانىسى ۋە تۇرغۇن ئەھەتتىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، شاتلىق ئىچىدە كۇچاغا ئامان ئىسەن قايتىپ كەلدۇق.شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ پائالىيەتنىڭ بارلىق چىقىمىنى يەككە تىجارەتچى،ئەل سۆيەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەركىن ساۋۇت ئۆز ئۈستىگە ئالغانئىدى.بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ،يەنە ھاردۇق چېيى بىلەن كۈتىۋالغان ئەركىن ساۋۇت ئەپەندىگە ساياتكە قاتناشقان بارلىق دوستلار نامىدىن چوڭقۇر رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ھەرقايسى يۇرتلاردىنمۇ مۇشۇنداق جەمىيەتنىڭ روھىي،گۆھىرى،مەشئىلى  بولغان يازغۇچى،شائىرلىرىغا مۇشۇنداق ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلدۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
                    

2013.7.9      كۇچا.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-24 00:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-23 21:27:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە سەپەر خاتىرسى ياخشى يېزلىپتۇ.بۇدا قېتىم كەلگەندە بىزنىڭ چاچى،كۆلدەنەڭ تەلىم جىرغىلاڭ دېگەندەك جايلارغىمۇ كېلىپ كېتىڭ. بۇ يەرلەر شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرلىرى توپلاشقان جايلار. يەنە نىلقا تاغلىرىمۇ كارامەت مەن ئاز كۈندىن كېيىن نىلقىغا ساياھەت قىلىپ كېلىمەن.چۈنكى توققۇزتارا نىلقا تاشيولى پۈتۈش ئالدىدا،ئەمدى بىز يېرىم سائەتتىن ئوشۇق يول مېڭپلا بۇ ناھىيەگە بارالايمىز.سودا پۇرستى ئىزدەش،بازار ئەھۋالنى تەكشۇرۇشنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىمەن.

ۋاقتى: 2013-8-24 11:28:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈللۈك ساياھەت بوپتۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-24 11:29  


ۋاقتى: 2013-8-24 11:43:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق سەپەرلەر كۆپلەپ نىسىپ بولغاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇھەممەدجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-24 11:45  


ۋاقتى: 2013-8-24 12:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ، مەنىلىك ، كۆڭۈللۈك سەپەرلەر ئەھلى قەلەمكەشلەرگە كۆپرەك

نىسىپ بولسا ياخشى بولاتتى .

ۋاقتى: 2013-8-25 08:35:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، دوستۇم تۇرغۇن ئەھەتنى تەبرىكلەيمەن

ۋاقتى: 2013-8-26 10:43:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرلىك سەپەر بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!!!!!!!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-26 10:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            دوستلارنىڭ سەمىمى تىلەكلىرى نۇرانە بولغاي.رەخمەت سىلەرگە.
  بۇنداق قەلەمكەشلەر بىلەن بولغان،سەمىمى ،ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچكە تولغان ساياھەت ھەممىمىزگە نىسىپ بولغاي!!!

ۋاقتى: 2013-8-26 11:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈللۈك سەپەر بوپتۇ، مۇشۇنداق سەيلە-ساياھەت، زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە نىسىپ بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-8-26 11:50:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-8-26 11:56:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق  ئېشلار  كۆپرەك  نېسىپ  بولسا  ياخشى  بولاتتى.

ۋاقتى: 2013-8-26 12:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى ۋاختىدا كۆرەلمەپتىمەن....ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن...

ۋاقتى: 2013-8-26 20:24:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ تەلەمەت داۋىنىدىن مەنمۇ ئىككى قېتىم ئۆتكەن ئىدىم، پاشاگۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇچا قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ تەلەمەت داۋىنىدەك يۈكسەك، نارات يايلىقىدەك رەڭدار ھوسۇل بېرىشىگە سەمىمىي تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-8-30 13:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سەپەر بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن ، تۇرغۇن بۇجاڭنىڭ ئەجرىگىمۇ كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !

ۋاقتى: 2013-9-2 13:33:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۇچا قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ  نارات يايلىقىدەك رەڭدار ھوسۇل بېرىنى ئۇمىد قىلىمەن.
پاشاگۇل! ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش