مۇۋاپىقىيەت-مۇشەققەتتىن مۇجەسسەملىنىدۇ
(«م»ھەرىپىدىن باشلانغان سوز ئويۇنى)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن بۇژغۇن
مۇۋاپىقىيەت-مۇشەققەتتىن مۇجەسسەملىنىدۇ.
مۇشەققەت-مەرتلەرنى مەڭگۇ مەشقلەندۇرىدۇ؛مۇتىھەملەرنى مەشقتىن مەڭگۇلۇك مەھرۇملاندۇرىدۇ.
مۇھەببەت+مۇۋاپىقىيەت+مەرتلىك=مۇرات-مەقسەت مەنزىلگاھىدا مۇكەممەللىشىدۇ.مەغرۇرلۇق+مەنمەنچىلىك+مۇغەمبەرلىك+مۇتىھەملىك=مۇشەققەت مەنزىلگاھىدا ماغدۇرسىزلىنىدۇ؛مەلۇمكى،مەرتلىكى -مەدىكارچىلىكمۇ مەقسەتلەنمەيدۇ.مەقسەتسىز مەرتلىك ،مۇھەببەتسىز مۇراد-مۇتىھەملەرنىڭ مەڭگۇلۇك«مەنتىقىسىز مەي»مارشىدۇر.مەردلەر-مۇنداق«مەنتىقىسىز مۇھەببەت»مارشىدىن مەڭگۇلۇك مۇستەسنادۇر.
مۇشەققەتكە مۇجەسسەملەنگەن-مۇۋاپىقىيەت،مۇرات-مەقسەت---مەردلىك مەنزىلگاھىدا مۇقامدەك مەڭگۇ مەدھىيلىنىدۇ.مۇقام-مەڭگۇلۇك،مۇڭى-مەڭگۇلۇك،مەلۇمكى،مىھىرلىك مۇھەببەتمۇ-مەڭگۇلۇك! مۇھەببەتنى مەدھىيلەش-مۇۋاپىقىيەتنىڭ مىسالىدىندۇر.....
مەرىپەت مىجىلسا------مىللەت مەھكۈملىنىدۇ.مەرىپەت -مىللەتنىڭ ماغدۇرى،مەرىپەت- مىللەتنىڭ مەنبەسى،مەرىپەت- مىللەتنىڭ مول مەنىۋى مۇسەللىسى.مەن مۇئەللىم ،مەن مەرىپەت مەستانىلىرىنى مەڭگۈ مەرىپەتتىن مەھرۇملاندۇرمايمەن .مەرىپەت مۇساپىسى مەڭگۈلۈك .
|