كۆرۈش: 2619|ئىنكاس: 0

ئامىنە ئابدۇۋايىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
11111.jpg

ئامىنە ئابدۇۋايىت



ئامىنە ئابدۇۋايىت 1973-يىل 7-ئايدا ئاقتو ناھىيسىنىڭ تار تاجىك مىللى يىزا ئالمىلىق كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە  تۇغۇلغان.مىللىتى تاجىك ،پارتىيە ئەزاسى .
1978-يىل 9-ئايدىن 1983-يىل 7-ئايغىچە ئالمىلىق كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ،1983-يىل 9-ئايدىن 1986-يىل 7-ئايغىچە تار تاجىك مىللى يېزىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1986-يىل 9-ئايدىن 1989-يىل 7-ئايغىچە ئاقتۇ ناھيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ 1990-يىل 7-ئايداتار تاجىك مىللى يىزىلىق شىپاخانىغا خىزمەتكە قاتناشقان.
1990-يىلدىن 1996-يىل 2-ئايغىچە تار يىزىلىق شىپاخانىدا ئىشلەپ 1996-يىل 3-ئايدا ئاقتو ناھيىلىك مىللى تىبابەت دۇختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ 2001-يىل 9-ئايدىن 2003-يىل 7-ئايغىچە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تولۇق كۇرس سېستىرالىق سىنىپىدا ئوقۇپ ئالى تېخنىكوم دىپلومىنى ئالغان. 2011-يىل 4-ئايدا ئارامغا چىققان.
1986-يىلى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ 1990-يىلى قىزىلسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹سېستىرا قىز مەن›› دېگەن شېئىر بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئىلگىرى -كېيىن  بولۇپ 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 500 پارچە روبائى، نەسىر، ھىكايە، ماقالە يېزىپ ‹‹قىزىلسۇ گېزىتى››، ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››، ‹‹قەشقەر گېزىتى››، ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى، ‹‹يېڭى قاشتېشى››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››. ‹‹تۇرپان›› ژۇرنىلى، ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››... قاتارلىق گېزىت ژۇرناللاردا 300 پارچىغا يېقىن شېئىر، روبائى، نەسىر، ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ، ئاقتۇ ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش