يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 3

مۇھەببەت قوشاقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇھەببەت قوشاقلىرى




ئىشىگىڭنى چەكتىم مەن،
   تاك ئېتىپ، تاك-تاك ئېتىپ.
كېلىپ بىرنى سۆيمەمسەن،
       چاك ئېتىپ، چاك-چاك ئېتىپ.





بىرى ئوغۇل، بىرى قىز،
    جۈپ ياراتتىڭ خۇدايىم.
  قىزچاقلارغا يىگىتنى،      
   خوپ ياراتتىڭ خۇدايىم.





ئالما تىزدىم تەخسىگە،
   ئامۇت ئۈزدۈم تەخسىگە.
     كۆز تەگمىسۇن جۈپ ھەمرا
قىز-يىگىتلەر بەختىگە.





مۇھەببەتكە ئىنساننى،
  تەشنا قىلدىڭ خۇدايىم.
بىر ياخشىغا ياماننى،   
ئاشىنا قىلدىڭ خۇدايىم.





  ئالا-تاغىل ئاتلارنىڭ،
توقۇقلۇق ئىگەرلىرى.
   بۇ يىل يازدا تونۇشتۇق،
توي بولۇر كېلەر يىلى.





قوتاندىكى بەش ئۆچكە،
ئۆگىنىپتۇ ھەلەپكە.         
سېنى بەكمۇ سېغىندىم،      
كەلمەمسەن بۇ تەرەپكە.





  دېھقانچىلىق مول بولدى،
قولىمىزدا پۇل بولدى.  
        مەن-مەن دېگەن گۈزەللەر،
پۇلىمىزغا گول بولدى.   





ھاۋادىكى بوز تورغاي،
خامىنىمدا دانلايدۇ   .  
بىرنى سۆيسەڭ يارىما،   
دىلدا ئارمان قالمايدۇ.





تاغ ھاۋاسى ياقىدۇ،   
سۇمرۇغ قانات قاقىدۇ.
     مېنىڭ يارىم كۆيۈمچان،
تۇخۇم بىلەن باقىدۇ.





     كۆچەت تىكتۇق سايلىققا،
شالنى تىكتۇق لايلىققا.
بۇ زاماننىڭ قىزلىرى،
ئامراق بولدى بايلىققا.





   تاشتەكلەرگە گۈل تېرىپ،
ئېچىلغۇچە ساقلىدۇق.     
ئەتىرگۈلدەك شۇ يارغا،   
    ئەسنەپ ئىشتەي ساقلىدۇق.





باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ،
گۈل بەرگىنى مارايدۇ.   
    بىزنىڭ يارلار نومۇسچان،
قىيا بېقىپ مارايدۇ.     





     كۆيۈپ قالدىم مەن ساڭا،
كۆيۈك ساڭا ئۆتمەمدۇ.
يالغۇز چاغدا قادىجان،
يادىڭىزغا يەتمەمدۇ.




ئۆگزەڭدىكى قەپەزگە،
لاچىن قۇندۇرالامسەن.
      سۆيدۈم سېنى ئايشەمگۈل،
مەڭگۈ يار بولالامسەن.




تىزناپ بويىدا ياتىپ،
    ئۇخلىدىم خورەك تارتىپ.
  ئايشەمگۈلۈم نەدەسەن،
     كەلدىم مەن پانا تارتىپ.





ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى
كۈنگە باقسا چاقىيار.     
    ئوتتەك كۆيگەن بۇ يۈرەك،
يارنى سۆيسەم ساقىيار.





دەردى بار دەرتمەن تولا،
           سەندىن بۆلەك، مەندىن بۆلەك،
مەن تېخى يار تۇتمىدىم،
  گۈلئايشەم سەندىن بۆلەك.





     كۆكتىن چۈشكەن ئايمۇسەن،
مېنى سۆيگەن يارمۇ سەن.   
بىر يوقالساڭ كەلمەيسەن،   
ئۆلدۈڭمۇ يا بارمۇ سەن.     





ناخشا توۋلاپ ئايدىڭدا،
مەلەڭدىن كېتەلمەيمەن.
تاشلاپمۇ كېتەي دەيمەن،
   خۇلقۇڭدىن كېچەلمەيمەن.





مېنىڭ ئوماق يارىمنىڭ،
قاپقارادۇر كۆزلىرى.      
ئارىغا دەللال بولۇپ،     
نەدىن كەللە ئۆزلىرى.





باغ ئېرەمنىڭ گۈلىسەن،
قايسى جايدا تۇرىسەن.
چېكەمگە قىساي دېسەم،
قاچانمۇ چوڭ بولىسەن.





مەسۈم قىز گۈلئايىم بار،
شوخ يىگىت ئۇرايىم بار.
رىزقىمىزنى بىر قىلغان،   
ياراتقان خۇدايىم بار.   





قاشقا ئوسما قويۇپسەن،
قاشلىرىڭ قارا تۇرسا.      
قانداق كېتەي يېنىڭدىن،
يۈرىكىم يارا تۇرسا    .  

بولدى، ساڭا جاق تويدۇم،
ئال خېتىڭنى ماھىرە.         
يۇرتۇڭدىمۇ تۇرمايمەن،
كېتەر جايىم قاھىرە     .





ئالما ئاتسام يارىمغا،
ئېقىپ كەتتى تارىمغا.
       جاڭزا ئېلىپ ھەق نىكاھ      
ئوقۇتايلى قارىمغا.     





غازكۆل بويىدا ئەگىپ،
سۇغا چۈشتى بېلىقچى.
   دەردىڭىزدە ئايشەمگۈل،
جانىم قالدى تېرىقچى.





قىزىلگۈللەر ئېچىلدى،
     خەق قىسمىسۇن قارىغىن.
توينى قاچان قىلارمىز،
ئاتاناڭدىن سورىغىن.





      نۈزەي ئىشتان-تار ئىشتان،
تارتىپ قانداق كىيەلا.
ناۋاتتەك لەۋنى شوراپ،
چىشلىۋالماي سۆيەلا.




(توپلاپ-رەتلەپ قەلەمگە ئالغۇچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-13 15:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-13 15:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قوشاقلار بەك ياخشى چىقىپتۇ .لېكىن   
تاشتەكلەرگە گۈل تېرىپ،

ئېچىلغۇچە ساقلىدۇق.     

ئەتىرگۈلدەك شۇ يارغا،   

    ئەسنەپ ئىشتەي ساقلىدۇق.
بۇ مىسرادىكى « تاشتەك» دىگەن سۆز ئەسلى « تەشتەك» دىمەكچىمۇ يا؟

باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ،

گۈل بەرگىنى مارايدۇ.   

    بىزنىڭ يارلار نومۇسچان،

قىيا بېقىپ مارايدۇ.
بۇ مىسرادىكى « قىيا بېقىپ مارايدۇ» دىگىنى « قىيا بېقىپ قارايدۇ» دىيىلمەكچىمۇ ياكى مەن ئارتۇقچە ئويلاپ كەتتىممۇ؟ كەچۈرۈڭ ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى يېزىپ قويدۇم

قوشاقلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2013-8-30 17:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ توپلىغان قوشاقلارنى يوللىسام سەھىپىدىن ئۆچۈرلۇپتۇ،بۇ زادى نىمە ئىشتۇ؟

ۋاقتى: 2014-4-27 00:13:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاتتەك لەۋنى شوراپ ،
چىشلىۋالماي سۈيەرلا .



مەن ئۈزەمنى قوشاقچى دەپ   يۈرسەم  ،  سىز  قوشاقچىنىڭ بوۋىسى ئىكەنسىز ئەمەسمۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 00:17  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش