ئۇنچە كەپسىز بولمىغىن كۆڭلۈم
مېھرىئاي توختىروزى
سۆيمەك ئۈچۈن ئاينىڭ مەڭزىگە
ئاق بولۇتقا باسقاندا قەدەم،
قامچا بولدى كۆلدە مەجنۇنتال
دىل ئۆيۈمنى چىرمىدى ئەلەم.
ئاشىقلىقتا گىياھ تۆكتى ياش
چېكەتكىلەر ئېيتقاندا ناخشا،
يۈرەكلەرنى قان قىلدى پىغان
ئارمان ئورۇپ بېشىنى تاشقا.
قىمىرلايدۇ غېرىبان كەپە
يالغۇزلۇقتا غەم باسقان توغراق،
ئۇنچە كەپسىز بولمىغىن كۆڭلۈم
ئەللەي ئىتەي چوڭ بولغىن تىزراق.
|