يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1682|ئىنكاس: 22

ھەسەلنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


        ھەسەلنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى

                                      ئوبۇلھەسەن ئەيسا

                  (مەكتىپىمىز بىيو-خىمىيە فاكۇلتېتى خىمىيە پەنلىرى دوتسېنتى)

(بۇ بۇيرۇپ يازدۇرۇلغان ماقالە بولۇپ، سالامەتلىكىلىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق مەزمۇنلار بار)

قىسقىچە مەزمۇنى: ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەسەل مەھسۇلاتلىرى بارغانسېرى ئىنسانلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. بۇ ماقالىدە، ھەسەلنىڭ ئاساسلىق خىمىيەلىك تەركىبى، سالامەتلىككە بولغان تەسىرى، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ۋە ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى قاتارلىق ھەسەلگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ھەسەل؛ خىمىيەلىك تەركىب؛ سالامەتلىك؛  رىبو فىلاۋىن (ۋىتامىن B2)؛ مىنېرال ماددا؛ ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى


ھەسەل ـ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ چېچەك مەنبەسى بار جايلارغا بېرىپ، ئۆسۈملۈك گۈل شىرنىسىنى شوراپ قورساق قىسمىدىكى ھەسەل خالتىسىدا قىسقا ۋاقىت ساقلاپ، ئۇۋىسىغا قايتقاندىن كېيىن شۆلگەي بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ئېنىزملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈل شىرنىسىنى كۈنىكىگە ياندۇرۇپ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان تاتلىق ماددا. يىغقان گۈل تىپىگە ئاساسەن جىگدە چېچىكى ھەسىلى، يانتاق چېچىكى ھەسىلى، بېدە چېچىكى ھەسىلى، چىلان چېچىكى ھەسىلى، يۇلغۇن چېچىكى ھەسىلى، زاغۇن چېچىكى ھەسىلى، كېۋەز چېچىكى ھەسىلى... قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گىلۇكوزا، فىرۇكتوزا، ئېنزىم، كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى ناھايىتى ياخشى. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان لى شىجېن «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا ھەسەل توغرىسىدا توختىلىپ: «ھەسەلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ خىلىتلارنى تەڭشەيدۇ، ئىسسىق قايتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، نەپەس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ» دەپ تەرىپلىگەن. شۇڭا، ھەسەل كىشىلەر ئارىسىدا «ساغلاملىق دوستى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
1. ھەسەل تەركىبىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر
ھەسەل قەدىمدىن تارتىپلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەڭ تەبىئىي بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى، دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلىكوزا بىلەن فىرۇكتوزا بولۇپ 70%-80%گىچە، ساخاروزا        3%-5% گىچە، سۇ تەركىبى 18%-20% گىچە بولۇپ بۇلاردىن باشقا يەنە سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار دىن ۋىتامىن B2، VC، ئامىنو كىسلاتالار، ئورگانىك كىسلاتالار، ئاقسىل، ئېنزىم ۋە كالتسىي، تۆمۈر، سىنك، سېلېن، كالىي، فوسفور قاتارلىق بەدەنگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. 1913-يىلى ئارخىلوگلار مىسىردىكى ئەل ئېھرامدىن بۇنىڭدىن 3300 يىل ئىلگىرىكى ھەسەل قاچىلانغان بىر فار-فۇر قاچىنى قېزىپ چىقىپ، تەكشۈرگەندە قاچىدىكى ھەسەلنىڭ سۈپىتى ۋە پۇرىقىدا ھېچقانداق بۇزۇلۇش بولمىغانلىقىنى بايقىغان.
قەدىمكى مىسىرلىقلار ھەسەلنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىدىن پايدىلىنىپ، مۇمىيا ياسىغان. قەدىمكى گىرېتسىيە ئاياللىرى ھەسەلنى يۈز ۋە تېرىلىرىگە سۈرۈپ گىرىم بۇيۇملىرى قاتارىدا ئىشلەتكەن. قەدىمكى گېرىتسىيەلىك مۇتەپەككۇر سۇفرات ۋە پەيلاسوپ دېموكرات دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن.
دېمەك، يۇقىرىقى تارىخىي ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ھەسەل قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ كەلمەكتە.
1) قەنت تۈرىدىكىلەر
پىشقان ھەسەلنىڭ ئاساسلىق قەنت تەركىبى  گلىكوزا بىلەن فىرۇكتوزا بولۇپ، ئادەتتىكى تۈرلەردە ھەسەل تەركىبىدىكى گلىكوزا 40%دىن يۇقىرى، فىرۇكتوزا 37%دىن يۇقىرى، ساخاروزا  4% ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقتاردا مېلېزىتوزا، راففىنوزا ۋە ئەگرى-بۈگرى دى قەنىتى قاتارلىقلارمۇ بار.
2) ۋىتامىنلار
ھەسەل تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ھەسەلنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە گۈل چېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار ئىچىدە ۋىتامىن PP ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا ۋىتامىن B2 بىرقەدەر كۆپرەك بولىدۇ. ۋىتامىن PP نىڭ نىكوتىن كىسلاتاسى دېگەن نامىمۇ بار بولۇپ، ئۇ پىرىدىن 3- كاربوكسىل كىسلاتا ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ۋىتامىن B2 يەنە رىبو فىلاۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ گىلۇكوزىد رادىكالى بىلەن ئىزوئاللوكسازىندىن تۈزۈلگەن مۇستەھكەم تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان ماددا.
      
نىكوتىن كىسلاتاسى       رىبو فىلاۋىن
3) مىنېرال ماددىلار
ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار 0.03%-0.9%گىچە بولۇپ، تۈرلىرى 18 خىلغا يېتىدۇ. ئاساسلىقى تۆمۈر، مىس، كالىي، ناترىي، ماگنىي، كالتسىي، سىنك، سېلىن، مانگان، فوسفور، يود، سىلىتسىي، گۈڭگۈرت، قوغۇشۇن، خىروم، نېكىل قاتارلىقلار بولۇپ، قېنىق رەڭلىك ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار سۇس رەڭلىك ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلاردىن كۆپرەك بولىدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى گۈل چېڭى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تۇپراق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ھەسەل ياكى ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈك ھەسەللىرى تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ھەسەل تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مىقتارى
تۈرى، مىقتارى         تۈرى،  مىقتارى
ماگنىي (Mg)   0.018        خىلور (CI)    0.029
فوسفور (P)  0.001        كالىي (K)      0.386
گۈڭگۈرت (S)  0.019        يود (I)       微量
كالتسىي (Ca)  0.007        ناتىرىي (Na)   0.001
4) باشقا ماددىلار
ھەسەل تەركىبىدە ئاز مىقتاردا ئاتسېلخولىن بولۇپ، ھەر g100 ھەسەل تەركىبىدە 1200~1500μgگىچە ئاتسېلخولىن بولىدۇ، 0.4%~0.1%گىچە باكتېرىيە چەكلىگۈچى ماددىلارمۇ بار، يەنە فىلاۋون، پىگمېنت، ئانتىبىيوتىك ماددا، موم، پېنتوزان (پىنتا پولى قەنتى) قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە موم، پېنتوزان ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىق ماددىلار ھەسەلنىڭ دۇغلىشىشى، كۆپۈكلىشىشى ۋە رەڭگىنى بەلگىلەيدۇ.

تەبىئەت دۇنياسىدا ئاتسېلخولىن كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئاقسىل، بېلىق، گۆش، پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەردە خولىن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ، بۇخىل خولىن ئادەم بەدىنىدە چوقۇم بىيو-خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئاندىن فىزىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بولغان ئاتسېلخولىننى سېنتىز قىلالايدۇ.
2. ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان تەسىرى
1) قەنتلەر ـ ھەسەل تەركىبىدىكى ئاددىي قەنتلەر (مۇنۇ ساخارىدلار) ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى يېمەكلىك بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئوڭاي سۈمۈرۈلىدۇ، بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا تۇرۇپ قالمايدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم كېلىش مەنبەسى بولۇپ، سەمرىتمەيدۇ. گىلۇكوزا جانلىقلارنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالمىشىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى قويۇپ بەرگەن ئىسسىقلىق مىقتارى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ناھايىتى تېزلىكتە ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، مۇسكۇللارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. قان شېكىرى بەك تۆۋەن بولۇش، زۇكام بولۇپ بەدىنى قىزىش، بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. فىرۇكتوزا بولسا، گىلۇكوزىنىڭ بىر خىل ئىزومىرىيەسى بولۇپ، ئۇ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسى تەرىپىدىن بىۋاسىتە سۈمۈرۈلۈپ، يۈرەكنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، لېكىن قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، فراكتوزىنىڭ قويۇقلىقىنىڭ  3.5%دىن تۆۋەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەسەل تەركىبىدىكى ئولىگوساخارىدنىڭ قان مېيىنى تۆۋەنلىتىش، سالمونىللا باكتېرىيەسى بىلەن چىرىتىش باكتېرىيەسىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى كونترول قىلىش، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار.
2) ۋىتامىنلار ـ ۋىتامىن B2 بولسا، بىر خىل قوشۇمچە ئېنزىمدىن تۈزۈلگەن تەركىب بولۇپ، قەنتلەر، ئاقسىللار، ياغ تۈرىدىكىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا قاتنىشىپ، نورمال كۆرۈش سېزىمىنى ساقلاش رولى بار؛ ئۆسۈپ-يېتىلىش ۋە ھۈجەيرىنىڭ قايتا ھاسىل بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئېغىز بوشلۇقى، لەۋ، تىلنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ؛ تېرە، تىرناق، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاپ، كۆز چارچاشنى يەڭگىللىتىدۇ. يېقىنقى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، رىبو فىلاۋىن (ۋىتامىن B2) نىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قاتارلىق رولىمۇ بار ئىكەن. ۋىتامىن PP ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، نىكوتىن كىسلاتاسى كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن: پېللاگرا كېسىلى، ئېغىز ياللۇغى، تىل ياللۇغى قاتارلىقلار؛ نىسبەتەن كۈچلۈك قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولى بار بولۇپ، قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان مېيى يۇقىرى بولۇشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كېلىنىكىدا باش ئاغرىش، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئىچكى قۇلاق، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
3) مىنېرال ماددىلار ـ كالتسىي بولسا ئادەم بەدىنىدە مىقتارى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئېلېمېنتنىڭ بىرى، ئۇنىڭ 99% تى چىش بىلەن سۆڭەككە مەركەزلەشكەن بولۇپ، كالتسىي فوسفات گىدروكسىل〔3Ca(PO4)2•(OH)2〕شەكلىدە مەۋجۇت. ئۇ نېرۋا بىلەن موسكۇللارنىڭ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا-ئىشقار مۇۋازىنىتىنى ساقلايدۇ؛ سۆڭەك ۋە چىشنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي تەركىب؛ كالىي ئىيونى بولسا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم بولغان مۇسبەت ئىيونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 98% تى ھۈجەيرە ئىچىدە، قالغىنى ھۈجەيرە سىرتىدا بولىدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئاقسىللارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ساقلايدۇ، ھۈجەيرە ئىچىدە نورمال ئوسموس بېسىمىنى ساقلايدۇ؛ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە ھۈجەيرىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كىسلاتا-ئىشقار ئىيون مۇۋازىنىتىنى ساقلايدۇ.
4) باشقا ماددىلار ـ ھەسەل تەركىبىدىكى ئاتسىل خولىن بولسا بىر خىل ئىچكى مەنبەلىك نېرۋىسىمان توسالغۇ ماددا بولۇپ، بىرقەدەر كەڭرى تارقالغان، ئىنتايىن مۇھىم بولغان فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە. مېڭە نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ، مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. لېكىن ئاتسىل خولىن خۇسۇسىيەت جەھەتتە تۇراقسىز بولۇپ، توقۇلمىلار ئىچىدە تېز سۈرئەتتە خولىنېستېرازا تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇندىن سىرت ھەسەل تەركىبىدە 10خىلدىن كۆپ فىلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر بار، ئۇلار مۇھىم بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بولۇپ، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىممۇنىتېتنى تەڭشەش، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. ھەسەل تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقتاردا ئۇچۇچان تەركىبلەر بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ئۆپكە ياللۇغى تاياقچە باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە تەسۋىسىمان باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن روشەن كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
3. ھەسەلنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش
مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلماسلىق، مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلماسلىق ساغلاملىق رولىنى ئوينىمايلا قالماستىن، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ھەسەل ئىستېمال قىلىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشى سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزم فۇنكسىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھاياتلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
4. ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى
يېڭى پىشقان ھەسەلنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ ياكى سۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن قايناقسۇ بىلەن ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەسەل تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، شۇنىڭ بىلەن ھەسەل تەركىبىدىكى ئېنزىملار ئاكتىپچانلىقىنى يوقىتىدۇ، رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، پۇرىقى پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەسەلنى ئەڭ ياخشىسى 40℃تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى ئىلمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ھەسەلنى ئىستېمال قىلىش ۋاقتىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم، ئادەتتە تاماقتىن 1~1.5 سائەت ئىلگىرى ياكى تاماقتىن 2~3 سائەت كېيىن ئىستېمال قىلىش بىرقەدەر مۇۋاپىق. لېكىن ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى بار بىمارلار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىستېمال قىلىش ۋاقتىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەسەلنىڭ داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.
5. ئىستېمال قىلىش ئۆلچىمى
گەرچە ھەسەل چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەمگە ماس كېلىدىغان تەبىئىي بولغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولسىمۇ، ئەمما ئىستېمال قىلىش نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، نورمالسىز ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقتاردا گىلۇكوزا، فىرۇكتوزا قاتارلىق ئاددىي قەنتلەر بولغاچقا، ئارتۇق مىقتاردا ئىستېمال قىلغاندا، ئورگانىزم ئىچىدىكى قەنت مىقتارى ئېشىپ كېتىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭلار ھەر كۈنى 100g ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا بىرقەدەر مۇۋاپىق، لېكىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 200g دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، يەنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ، ئەتىگەن 30~60gگىچە، چۈشتە 40~80gگىچە، كەچتە  30~60gگىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك، بالىلار ھەر كۈنى 30g ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا بىرقەدەر مۇۋاپىق.
6. ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى
ھەسەل تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رولىدىن باشقا يەنە ھەسەلنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل شىپالىق رولى بار:
1) نېرۋىنى ئاسراپ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، يۈز تېرىسىگە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈز تېرىسىنى پارقىراق، سىلىق قىلىش رولى بار.
2) مىكروپ ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، توقۇلمىلارنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.
3) ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە قارشى ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تەڭشەپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم يوللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
4) بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، زۇكام، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئانگىنا قاتارلىق ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
5) ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 200 نەپەر 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغان كىشىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 143 نەپەر كىشىنىڭ ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلار ئىكەنلىكى ۋە دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
6) ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، نېرۋا ئاجىزلىقنى تۈگىتىدۇ.
7) جىگەر ۋە تالنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.
8) ھارغىنلىقنى ۋە چارچاشنى تۈگىتىدۇ.
9) بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
10) يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغداش، تاجىسىمان ئارتېرىيەنى كېڭەيتىش، يۈرەك مۇسكۇلىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قان بېسىمىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە.
11) ئۆپكىنى ياشارتىپ، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە، يەنى ئۆپكە كېسىلى، كاناي ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى، كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى، دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللەرنى قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.
12) كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلاردىكى كالتسىي كەملىك، ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش، دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. يەن مېڭگاڭ: «خىمىيە مائارىپى»، 2011-يىل 3-سان، 1-،2-بەت.
2. گۇ خېڭجىئې: «ئورگانىك خىمىيە»، ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، 2001-يىل 6- ئاي، 2- نەشرى، 409-بەت.
3. شىئا خوڭ: «يېمەكلىك خىمىيەسى»، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك نەشرىياتى، 2002-يىل 5- ئاي، 1- نەشرى، 61-،62-بەتلەر.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


论蜂蜜中的化学成分与人体健康的关系  

奥布力艾散.艾萨

摘  要:蜂蜜营养成分很丰富,蜂蜜产品越来越受到人们的关注。本文论述了蜂蜜的主要化学成分、对人体健康的影响、科学食用及蜂蜜的作用等方面的知识。
关键词:蜂蜜;化学成分;人体健康;核黄素;矿物质;蜂蜜的灵丹作用






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 13:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-8-7 14:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەلنى ئانچە ياقتۇرمايتتىم. ئەمدى ھەسەل ئىستېمال قىلىپ باقسام بولغۇدەك.
ئاق چاچلىرىم قارىداپ، قان بېسىمىم نورماللىشىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىم ياخشىلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئاپتور ۋە ئابدۇرېھىم مۇئەللىمگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-8-7 16:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2013-8-7 14:15
ھەسەلنى ئانچە ياقتۇرمايتتىم. ئەمدى ھەسەل ئىستېمال قىل ...

ھەسەل ئىچمەكچى بولسىڭىز ئانا تىل شىركىتى بازارغا سالغان كۆكتاغ ھەسىلى ئىچىڭ . گەرچە ئازراق قىممەت بولسىمۇ لېكىن ھەقىقەتەن باھاسىغا چۇشلۇق ھەسەل . بىر ئىلىم يىگەن چېغىڭىزدىلا ھەسەلنىڭ ياخشى ھەسەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز .
ئۇنىڭدىكى روھىي ئوزۇقنى دىمىسەممۇ بىلىسىز .
سېتىۋېلىش ئادرىسى :http://trade.taobao.com/trade/de ... eID=317309126740798

ۋاقتى: 2013-8-7 17:11:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەسەل راستلا ساپ ھەسەل. ساپ ھەسەل قاچىدا ئۇيۇپ تۇرىدۇ. مەنمۇ ھەسەلچىلەرنىڭ ھەسەل ئېلىۋاتقان يېرىگە بېرىپ، خۇددى ئاشۇ كۆكتاغ ھەسىلىدەك ساپ ھەسەلنى تۆپىدە تۇرۇپ ئېلىپ قويغان. ئەمدى پات پات يەپ قويسام بولغۇدەك.

ۋاقتى: 2013-8-7 19:28:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپ ھەسەل تاپماق تەس،ئەممازە كەمىنە ھەسەلگە كارامەت ئامراقمەن،كۈنىگە بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ قويىمەن،شۇڭا نەدە ساپ ھەسەل بار دىسە دىققەت قىلىمەن،ئەرچىن بۇرادەر ھەسەل ئىچىشنى دەرھال باشلاڭ!

ۋاقتى: 2013-8-8 01:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ چوغلانبەگ بۇرادەر!

ۋاقتى: 2013-8-8 09:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەھىم ئەپەندىگە رەھمەت! ماقالىنى ساخلىۋالدىم!
ھازىر شور  ئەنئەنىۋىي شور تونۇرنڭنە ئورنىنى تۆمۇر تونۇر ئىگىلىۋالدى ! بۇنىڭ زىيىنىنى كېيىن بىلىمىز تېخى! خېمىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مۇشۇ تېمىدا قەلەم تەۋرەتكەن بولسا.......

ۋاقتى: 2013-8-8 11:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى مەنمۇ ھەسەل ئىچىپ بەرسەم بولغىدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-9 12:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     بۇ ماقالىنى بۇيرۇپ يازدۇرغانىدىم. بۇ ئۇسۇلمۇ بولىدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟ مۇشۇنداق تېمىلار ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرسام بولغىدەك. كۆرگەنلەرگە رەھەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-9 12:42  


ۋاقتى: 2013-8-9 13:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.تۇرمۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىكەن.شۇ سەۋەپتىن ماقالە ئاپتورى ئۇبۇلھەسەن ئەيسا ئەپەندىگە تەشەككۈر ئېيتىش زۈرۈركەن.
شۇنداقلا يۇقۇرقى ئېسىل ماقالىنى يوللىغان ئەدىپ ئابدۇرھىم زۇنۇن ئەپەندىمنىڭمۇ ئىزگۈ نىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا  تەشەككۈر ئېيتىمەن.

     قوشۇپ قويىدىغان بىر گەپ: يۇقۇرقى ماقالە ناھايىتى ئېسىل بولسىمۇ «ئوبزور-مۇھاكىمە » سەھىپىسىدە ئەمەس «پەن ۋە تۇرمۇش »سەھىپىسىدە تۇرسا مۇۋاپىقمۇ قانداق؟

ۋاقتى: 2013-8-10 00:12:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ. تىما ئاپتۇرى ۋە يوللۇغۇچىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-8-10 09:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2013-8-10 00:12
ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ. تىما ئاپتۇرى ۋە يوللۇغۇچىغا رە ...

مۇشۇ ئىنكاسىڭىز بىلەن سىز بارلىق تىۋىپلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈردىڭىز .

ۋاقتى: 2013-8-10 12:47:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-8-10 09:32
مۇشۇ ئىنكاسىڭىز بىلەن سىز بارلىق تىۋىپلارنىڭ شەنىگە  ...

-شۇنداقمۇ؟
مەن بۇ ئۆمرۈمدە بەزىدە داغ كەلتۈرۈپ بەزىدە شەرەپ كەلتۈرۈپ ياشاپ كەلدىم. ئادەم مۈدۈرگەنچە ئەقىل تاپىدۇ ئەجەپلەنمىدىم.

ۋاقتى: 2013-8-10 12:57:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2013-8-9 13:27
يۇقۇرقى ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.تۇرمۇشتا پايد ...

رەھمەت  كۈن ئەپەندى.
يۆتكەپ قويدۇم.

ۋاقتى: 2013-8-10 13:03:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن سىزگىمۇ رەخمەت.ئەسكەرتىشىمنى ئىللىك ئاپسىز.
   
    باشقۇرغۇچىلار دىققىتىنى ئاغدۇردىغان نوقتىلار كۆپ بولىدۇ.بەزى كىچىك ھالقىلار بەزىدە نەزەرگە چۈشمەي قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.شۇڭا ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم.ئەستايدىللىقىڭىزغا ئاپىرىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش