كۆرۈش: 2172|ئىنكاس: 0

بەگمەت يۈسۈپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
begmet.jpg

ئەدىب،ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964-يىلى قومۇلدا تۇغۇلغان.1987يىلى   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنىستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان.1989-يىلى11-ئاينىڭ ئاخىرى قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىغا يۆتىكىلىپ كېلىپ مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى ۋە تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1992-يىلى ئۆكتەبىردە سىياسىي كېڭەش قومۇل ۋىلايەتلىك كومىتېتىدا كاتىپ،تەرجىمان،مەزكۇر كومىتېتنىڭ نەشر ئەپكارىتەقدىرداشژۇرنىلىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ،مەزكۇر ژۇرنالنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى تەسىرى بار ژۇرنالغا ئايلاندۇرغان. 1995-يىلى ‹‹قومۇل ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى تەھرىراتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ 16يىل مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
(2008  -يىلى ئاپرىلدىن2009-يىلى ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ ياشلىرىژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن). 2009-يىلى ئاۋغۇستتىن ھازىرغا قەدەرشىنجاڭ مەدەنىيىتىژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
بەگمەت يۈسۈپ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو قەرەللىك ژۇرناللار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى . يېڭى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ قەرەللىك ژۇرناللار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.
ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ خەلىق نەشرياتى تەرپىدىن "يىراقتىكى تەبەسسۇم'' (شىېئرلار توپلىمى)،
قومۇل مۇقاملىرى ھەققىدە(نەشرگە تەييارلىغان ماقالىلار توپلىمى) يىڭى دەۋردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شىېئرلىرىدىن نەمۇنەتاغ گۈلىنى    نەشرگەتەييارلىغان. شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلىرى نەشرياتى تەرىپىدىننادان مۇخلىسلار(نەسرلەر توپلىمى)قاراشارقىراتما(نەسرلەرتوپلىمى)،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرپىدىن ‹‹رىۋايەت ئارىلى››، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن‹‹ئاق بوزئات›› ناملىق نەسرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى، ئۇ سىناريەسىنى يازغانكۆكلەم ناۋاسى،قومۇل بوستانلىقىدا بەزمە،قوغۇن يۇرتىدا نۇرۇز،تېتىپ كۆرۈڭ قومۇل قوغۇنىنى،قوغۇن يۇرتىدىكى مەرىپەت بۇلىقى(ئىككى قىسىم)،بىر ئەۋلاد قومۇل مۇقامچىلىرى،قومۇل مەشرىپى(سەمەت ئابدۇراخمان قوچىغۇن بىلەن بىرلىشىپ)،ئاراتۈرك مەشرىپى،قومۇلدا نورۇز،قارادۆۋەدە نۇرۇزقاتارلىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ۋە بەدئىي فىلىملىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.‹‹يەرئاستى ئانا دەرياسى كارىز››(مەدەنىيەت قىسمى)ناملىق ھۆججەتلىك  فىلىم كەڭ ئامما بىلەن پات ئارىدا يۈز كۆرۈشكىسى. بەگمەت يۈسۈپ يەنە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قايتا نەشرگە ئۇيۇشتۇرغان مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ،ئاللاھنىڭ زېمىنى ››،‹‹تىنچ دون››(1-،2-،3-،4-توم)،‹‹كۆكۈيۈن سەرگەندانلىقتا››،‹‹ساغرا تىرە››،‹‹دونكىخوت››(1-،2-توم)،‹‹ياخشى ئەسكەر شىۋەيىك››،‹‹دادام خۇياۋباڭنى ئەسلەيمەن››...قاتارلىق كىتابلارنىڭ قايتا تەھرىر لىكىنى ئىشلىدى.
شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان نادان مۇخلىسلارناملىق نەسرلەر توپلىمى جۇڭگو9-نۆۋەتلىكتۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.بۇ كىتاب يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 3-نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتىنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە ''تەڭرىتاغ سەرخىلى ''بۇلۇپ باھالاندى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش