يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1110|ئىنكاس: 4

«مىكروبىلوگ» نىڭ رولىنى سەل چاغلىماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«مىكروبىلوگ» نىڭ رولىنى سەل چاغلىماڭ



تۇردى لېتىپ (ئىزگۈ ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتىدىن)



كىرىش سۆز



كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بارلىققا كېلىپ، ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن تۇنجى خوشال قىلارلىق نەتىجە تور بەت ۋە ئىلخەت ساندۇقى بولغان بولسا، كېيىنكى قەدەمدىكى پاراڭلىشىش قورالى QQ ۋە بىلوگلارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن پارلاق نەتىجە دەپ قاراشقا بولاتتى. مانا ئەمدى مىكروبىلوگنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدىكى يەنە بىر مۆجىزىلىك نەتىجىنى روياپقا چىقاردى. مىكرو بىلوگ ھازىرغىچە بار بولغان بارلىق ئالاقە قوراللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھالدا كىشىلەرگە رايون، مۇساپە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنى ھازىرلاپ بەردى.

نېمە ئۇچۇن مىكروبىلوگ شۇنچە قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلىدى، ئۇنىڭدىكى سىر نەدە؟ شۇنداقلا بۇ قىزغىنلىقنىڭ ئاخىرى نەگە بېرىپ تاقىلىدۇ؟ كەلگۈسىدە يەنە قانداق مۆجىزىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ؟ بۇلار بىزنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان تېمىلاردۇر.



مىكروبىلوگ ھەققىدە چۈشەنچە



مىكروبىلوگ، ئەسلى بىلوگنىڭ مىكرو دەرىجىدە كىچىكلىتىلگىنى دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىمدا پەقەت 140لا خەت يوللىغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىلوگدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بىلوگدىكىدەك كومپيۇتېر ئالدىدىلا ئەمەس، يانفون قاتارلىق ھەرقانداق ئۇچۇر ئالاقە قورالىدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن ناھايىتى كىچىك، ئەممە قولايلىق، تارقىلىشچان دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆزنىكىنىڭ كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈنۈشى بولۇپ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشلا يانفون ۋە ئايپاد تا كۆرۈنۈش كۆزنەكلىرى بار. ئۇنىڭدا خەت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولۇپلا قالماي يەنە، رەسىم، ۋىدېئو، ناخشا-مۇزىكا قاتارلىقلارنى يولىغىلى بولىدۇ. ئالدىن تەلەپ قىلىۋالغان كىشىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا دوستلىرى بىلەن تەڭ ۋاقىتتا ئېرىشكىلى ۋە تەڭلا ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان دوستلىرىغا ئۇچۇر يوللىغىلى شۇنداقلا، مەلۇملىرىنى ئايرىپ قاراتمىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى دوست تۇتۇش ۋە دوست تاللاش ئۇسۇللىرى تولىمۇ جانلىق بولۇپ، خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاش مەلۇم كىشىلەرگە دىققەت نەزەرنى سالغىلى، بەزىلەرگە دوستلۇق ئىلتىماسىنى سۇنغىلى، شۇنداقلا بىر قىسىملارنى شاللاپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يېڭى دوستلىرىغا كونا دوستلىرىنى تونۇشتۇرغىلىمۇ بولىدۇ. ھەتتا مىكرو بىلوگ توپى قۇرۇش ئارقىلىق مەلۇم پىكىر ئورتاقلىقى بار كىشىلەر بىلەن توپ ھاسىل قىلىپ ئورتاق پىكىرلەشكىلى بولىدۇ.

مىكرو بىلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى

粉丝مىكرو بىلوگدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەپتۇن، ھامىي كىشى ياكى دوست دېگەنلىك بولىدۇ. «گۇماشتا» دېگەن سۆزگە تېخىمۇ يېقىن كېلىدىغان 粉丝 سانىنىڭ قانچە كۆپ بولۇشى بىلوگ ئىگىسىنىڭ شۇ دىرىجىدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭ ئەكسىچە 关注 سۆزى بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئۆزىدىن باشقا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ سۆز ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 粉丝 سانى باشقىلارنىڭ تاللىشى ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، 关注 بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن سانى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى سۆز 微博، بۇ بىلوگ ئىگىسى يوللىغان قىسقا تېمىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆرسىتىدۇ.

مىكروبىلوگقا تىزىملىتىش تولىمۇ ئاسان، نۆۋەتتە بىر قەدەر ئومۇملىشىۋاتقان مىكرو بىلوگدىن «سىنا» نى مىسال ئالساق، http://weibo.com غا كىرىپ، ئۆزىنىڭ خالىغان ئىلخەت ئادرېسىنى تولدۇرۇپ تىزىملىتالايدۇ، ئېلخەت ئادرېسى بولمىغاندا، QQنومۇرى بولسىمۇ QQ خەت ساندۇقى ئادرېسىدا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئىلخەت ئادرېسى ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مىكروبىلوگدا تىزىملىتىشتا ھەقىقىي ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرى تەلەپ قىلىنىدۇ. مىكروبىلوگ ئېكرانىدا ھەممىگە ئورتاق كۆرۈنىدىغان ئىسىمنى خالىغانچە قويۇۋالسا بولىۋېرىدۇ. ھەقىقىي ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرلار پەقەت ئارخىپ ماتېرىيالدىلا ساقلىنىدۇ. باشقا، كەسىپ، خىزمەت ئورنى، پۈتتۈرگەن مەكتەپ ئىسمى، خىزمەت تارىخى قاتارلىقلارنى بىلوگ ئىگىسى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق تولدۇرىۋالسا بولىدۇ، مەجبۇرىي تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئاخىرىدا ئىلخەت ساندۇقىغا كەلگەن ئىنكاس خەتنى ئېچىپ، «تەستىقلاش» (激活) نى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، تىزىملىتىش ئۇتۇقلۇق بولغان بولىدۇ.

تۇنجى قېتىم «مىكرو بىلوگ»قا كىرگەندە، ئېكراندا دوست تاللاش قەدەم باسقۇچلىرى كۆرۈنىدۇ. مۇۋاپىق تاللاپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشە، ھازىرغىچە مىكرو بىلوگقا تىزىملاتقانلار جۇڭگو نۇپۇسىنىڭ 10دەن بىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كۈندىلىك تارقىلىۋاتقان ئۇچۇر سانى 65 مىليون قېتىمغا يېتىدىكەن. ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىش سانى ۋە سۈرئىتى  تېلېۋىزۇر، گېزىت قاتارلىق ئەنەئەنىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭكىدىنمۇ كۆپ ۋە تېز بولغان.

مىكرو بىلوگنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئەگەشمىچانلىقىدا بولۇپ، كىملەرگە ئەگىشىش ۋە كىملەرنى ئەگەشتۈرۈشنى مىكرو بىلوگ ئىگىسى ئۆزى بەلگىلەيدىغان، ۋاقىت ۋە ئۇچۇر ۋاستىسى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا، ھازىرقى دەۋردىكى ئەڭ دېموكراتىك ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ ھېسانلىنىدۇ.

مىكرو بىلوگدىكى 140 خەتلىك ئۇچۇرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى يەنىلا بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئېدىتى ۋە ئىجادىيىتىنى مەنبە قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئەتراپتىكى ئىشلارغا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە قىسقا، تېتىملىق ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق.

مىكرو بىلوگدىن پايدىلىناي دېسىڭىز

مىكرو بىلوگقا دەسلەپكى تىزىملاتقان كىشى ھەممىنىڭ نۆلدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. ئۆزىدىن ئىلگىرى تىزىملاتقانلارنىڭ شۇنچە كۆپ گۇماشتىلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ تولىمۇ كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلىش بىلەن تەڭ، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تاللاشقا كىرىشىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىلگىرىكى QQ ۋە باشقا خەت ساندۇقىدىكى ئالاقىلىشىۋاتقان مۇناسىۋەت دائىرىسىنى بۇ يەرگە يۆتكەن كىرىش. بۇ مەشغۇلاتمۇ ئانچە قىيىن ئەمەس. ئاندىن قالسا ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرىسى، قىزىقىشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئامىللار ئارقىلىق ئۆزى دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر دائىرىسىنى ھاسىل قىلسا بولىدۇ. ھەرگىزمۇ قارغۇلاچە ئۇچرىغانلىكى ئادەمگە ئەگەشمەسلىك كېرەك. باش بەتنى ئەستايدىل كۈزەتسىڭىز نۇرغۇن سىز بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرىسىز، شۇلارنى تاللاپ يېنىدىكى «دىققەتنى ئاۋۇندۇرۇش» (加关注) نى چېكىپ قويسىڭىز شۇ كىشىلەرنىڭ تارىختىن بۇيان يوللىغان ئۇچۇرلىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىز مەلۇم كىشىگە ئەگىشىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ كىملەرگە ئەگەشكەنلىكى (关注)، كىملەرنى ئەگەشتۈرگەنلىكى (粉丝) نى بىلەلەيسىز ۋە شۇلارنىڭ ئىچىدىن سىزگە ياققانلىرىنى تاللاپ قېتىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. شۇنداقلا مەلۇم كىشىلەرگە ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىشنى ئۆتۈنسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ يەردىكى «بىراۋ سىزگە دىققەت قىلدى»(粉丝) دېگەنلىك سىز يوللاۋاتقان ئۇچۇرلار شۇ كىشىنىڭ ئېكرانىدا كۆرۈندى، دېگەنلىك بولسا، «سىز بىراۋغا دىققەت قىلدىڭىز» (关注) دېگەنلىك بىراۋنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرى سىزنىڭ ئېكرانىڭىزدا پەيدا بولدى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئاممىباب ئۇچۇر يوللاشتىن قالسا يەنە، مەلۇم كىشىلەرگە شەخسى خەت (私心) يوللىغىلى، ئەگەر كومپيۇتېر ئالدىدا بولسىڭىز شەخسى پاراڭلىشىش كۆزنىكىدىن شۇ كىشى بىلەن QQ دا پاراڭلاشقاندىكىدەك پاراڭلاشقىلى بولىدۇ، ئەگەر يانفۇندا يوللىسىڭىز، بۇ شەخسى خەت دەل سىزنىڭ يانفون قىسقا ئۇچۇرىڭىزنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ.

شۇنداقلا يەنە سىز كۆرگەن ئۇچۇرلارغا خۇددى مۇنبەردە ئىنكاس يازغاندىكىدەك باھا خېتى(评论) يازالايسىز، ۋە باشقا دوستلىرىڭىزغا بۇ ئۇچۇرنى يوللاپ (转发) بېرەلەيسىز. ئۇچۇر يولاش دېگەنلىك پەقەت يېزىق ھالىتىدىكى 140 خەت بىلەن چەكلەنگەن قىسقا ئۇچۇرلا بولۇپ قالماي، يەنە ھەرقانداق نۇسخىدىكى ناخشا- پىلاستىنكا، رەسىم-كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە سىزگە يارىغان مەلۇم ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قويغىلى (收藏)، سىز قىزىقىدىغان ئىشلارنى تېما بەلگىلەپ، سۆز تېمىسى(话题) تۇرغۇزۇپ قويغىلى بولىدۇ. خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكىدەك مەلۇم يېڭى دوستىڭىزغا يەنە بىر قانداقتۇر دوستلىرىڭىزنى تونۇشتۇرالايسىز. شۇنداقلا دوستلار توپى(微群) قۇرۇپ چىقالايسىز.

يەنە باشقا مەشغۇلاتلارنى شۇ مەشغۇلاتلارغا ئۇستا كىشىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز. شۇڭا ئايرىم توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمدىكى گەپ سىز قاچان شۇلارغا ئەگىشىسىز. مىكروبىلوگقا ئەگەشكىنىڭىز بەلكىم يېڭى دەۋرگە ئەگەشكىنىڭىز بولۇپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن. كىمگە ئەگىشىشنى بىلمىسىڭىز مانا ماڭا ئەگەشسىزڭىز بولىدۇ. http://weibo.com/izgu   ياكى 吐尔地- نى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆگىتىشكە مەن تەييار.

2012- يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-17 21:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى مۇنبىرىمىزگىمۇ مىكرو بىلوگ سەپلەنمىسى قۇشۇلغان . ئەيبۇكا ،بۇ تېمىنى يوللاپ تۇلىمۇ ياخشى قىلىپسىز .مۇنبەرداشلار مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ مۇنبەردىكى مىكرو بىلوگنى ئىلىتىشنى ھەم رۇلىنى بىلىۋالسا بولغۇدەك ...

ۋاقتى: 2012-5-1 19:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكروبىلوگنى راستىنلا سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، مىكروبىلوگچىلاردا :«مىكروبىلوگىڭىزدا ئەگەشكۈچى 100 گە يەتسە، مىكرو بىلوگىڭىز بىر ئىچكى ژۇرنالغا تەڭ؛ مىڭغا يەتسە بىر مۇنبەرگە( BBS ) تەڭ؛ ئون مىڭغا يەتسە بىر ژۇرنالغا تەڭ؛ يۈزمىڭغا يەتسە بىر شەھەر گېزىتىگە تەڭ؛ مىليونغا يەتسە مەملىكەتكە تارقايدىغان بىر گېزىتكە تەڭ؛ ئون مىليونغا يەتسە بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەڭ» دەيدىغان گەپ بار.
مىكروبىلوگقا يوللىنىۋاتقان پاراڭلارمۇ بىر-بىرىدىن ئېسىل.
ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگدىن ھازىرچە ئەلكۈيى مىكرو بىلوگى، بارمۇ مىكرو بىلوگى نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ، گۈدۈك مىكروبىلوگى يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلارنى يۇقۇرىقى ئىككى مىكرو بىلوگقا تىزىملىتىپ كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مېنىڭ مىكرو بىلوگىم:
http://www.barmu.cn/index.php?m=blog&uid=22
يەنە بىرسى
http://alkuyi.cn/noshirwan/profile

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablajanturdi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-1 19:02  


ۋاقتى: 2012-5-1 21:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-1-24 18:41:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو بىلوگنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى رولى ھەقىقەتەن چوڭ بولىۋاتىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش