يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 1

تورىمىزنىڭ 2012-يىللىق بىلدۈرگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تورىمىزنىڭ 2012-يىللىق بىلدۈرگۈسى



ھۆرمەتلىك دوستلار، تورداشلار!

يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويىۋاتقان دەملەردە ئالدى بىلەن مۇنبىرىمىز نامىدىن ھەممەيلەننىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن مۇبارەكلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئاندىن يېڭى يىلدا يېڭى ئىش دىگەندەك «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك قارارىنىڭ ئېلان قىلىمىز.

    مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىلا يازغۇچىلىرىمىز، ژۇرنال مۇھەررىرلىرىمىز ۋە تورداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن بىر تۈ*ركۈم «مەسئۇل مۇھەررىر» (باشقۇرغۇچى)، «تەكلىپلىك يازغۇچىلار»نى تەكىلپ قىلىپ مۇنبەر ۋە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش ۋە بىزنى مەخسۇس ئەسەر بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تەكلىپ مۇددىتىنى بىر يىل بېكىتكەن ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان ھەممە مۇھەررىرلىرىمىز ۋە تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىز خىزمەت ۋە تۇرمۇش، ئوقۇشلىرىنىڭلىرىنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى ئىشلىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن تورىمىز نامىدىن ئۇلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

   ئەسلىدە يىلنىڭ بېشىدا يەنە بىر قېتىم تور مۇھەررىرلىرى ۋە تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۇچىرىشىش يىغىنىنى ئېچىپ بۇ يىللىق خىزمەتلەر ۋە مۇھەررىرلەر ھەم تەكلىپلىك يازغۇچىلارنىڭ 2012-يىللىق تەكلىپ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىدۇق. يىل ئاخىرىدىكى باشقا خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالمىدۇق. شۇ سەۋەپتىن بەرقى ۋە ئابلا ئىسھاق پەرۇزانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يېڭى بىر يىللىق مۇھەررىرلەرنى ۋە تەكلىپلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى توردىلا ئادا قىلىشنى توغرا تاپتۇق.

1.تورىمىزنىڭ ئەسلىدىكى مۇھەررىرلىرىنىڭ تەكلىپ مۇدىتى يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ.مۇددىتى 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ.خىزمەت ۋە باشقا شارائىتلار سەۋەبىدىن ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىرى بىزگە ئىلتىماس سۇنۇپ مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىن چېكىنسە بولىدۇ.

2.تورىمىزغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەر، مۇنبەر ئەزالىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تورىمىز يېڭىدىن «ئالى مۇھەررىر»لىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىدىكى مەسئۇل مۇھەررىرلىرىمىزدىن ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن،ئابدۇرەشىت ئېلى،ھەبىبۇللا مىجىت،پەرھات كازىم،قەھىرمان روزى ئەرچىن قاتارلىقلارنى بۇ يىللىق «ئالى مۇھەررىر»لىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارنى ھەممە سەھىپە، ھەممە تېما ۋە مۇنبەرنىڭ ئومومىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشنى بېكىتتى.ئۇلارنىڭمۇ تەكلىپ مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.

3.«تەكلىپلىك يازغۇچى» تۈزۈمىمىز بۇ يىل يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. لېكىن ئەسەر ژانىرلىرىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «تەكلىپلىك يازغۇچىلار سالۇنى» سەھىپىمىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. «تەكلىپلىك يازغۇچى»لىرىمىز شۇ سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىپ ساھىپىلەرگە ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يوللىسا بولىدۇ.

4. 2011-يىل ئىچىدە بىزنى سۈپەتلىك ئەسەر بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان «تەكلىپلىك يازغۇچى»لار،«تەكلىپلىك يازغۇچى»لىق سالاھىتىدىن چېكىندۈرىلىدۇ ھەم ھازىرچە ئورنىغا ئادەم تولۇقلانمايدۇ.

5.باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ  QQ توپىدا ئۇقتۇرىلىدۇ.





ھۆرمەت بىلەن:



«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نى باشقۇرۇش كۆللىگىيەسى

2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرىتى +1 تىللاسى +3 يىغىش سەۋەبى
زۆھرەگۈل ھامۇت + 1 + 3

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-5-19 01:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا دىققەت قىلىش كېرەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش