تەڭرى ھەيدىۋەتكەن سېسىق مېھمان
(ھېكايە)
ئالىكساندىر كانوف [رۇسىيە]
توختى مەھمۇت ئەلائى تەرجىمىسى
بىر خىل سېسىق ھىد جەننەتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە شىددەت بىلەن تارقىلىپ، شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان تەڭرىنى بۇرۇقتۇم قىلىپ ئويغىتىۋەتتى. ئۇ ئاتىمىز سول قولىدا ھاۋانى بىر يەلپۈۋېتىپ، دىمىقى بىلەن بىرلا ھىدلاپ، سېسىقچىلىقنىڭ جەننەتنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى دەررۇ بايقىدى، بۇ بەتبۇي پۇراق خۇددى مىڭلىغان ياش ئاققۇزغۇچ بومبا تەڭلا ئېتىلغاندەك شۇنچىلىك شىددەتلىك كېلىۋاتاتتى؛ بەتبۇي پۇراقنىڭ تارقىلىش تېزلىكى تەڭرى ئاچچىقلانغان چاغدىكى «چاقماق»نىڭ سۈرئىتىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن «گۈلدۈرماما»نىڭ ئاۋازىدىن كۆپ تېز ئىدى؛ مىسلىسىز بەتبۇي پۇراق ئادەم ئاتىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە سېسىق ئىدى.
مۇنداق ئىش جەننەتتە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى، تەڭرى ھايات- ماماتقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئېغىر تەھدىتكە تۇنجى قېتىم دۇچ كېلىۋاتاتتى. ئۇ دەرھال قەتئىي قارارغا كېلىپ، كۈرمىڭلىغان چىگىچ ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، سېسىقچىلىقنى 1- دەرىجىلىك چوڭ ئىش، مۇھىم ئىش قاتارىدا جىددىي بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى.
تەڭرى چارلىغۇچى پەرىشتىگە نۇر تېزلىكىدە: «سېسىقچىلىق مەنبەسىنى، سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ چىقىڭ» دەپ پەرمان قىلدى.
چارلىغۇچى پەرىشتە تېگى- تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۇستىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى، ئۇ بىر دەمدىلا تەڭرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ جاراڭلىق ئاۋازدا مەلۇم قىلدى:
- ھۆرمەتلىك ئاتىمىز، سېسىقچىلىق شەكىل ئۆزگەرتىش سارىيىدىن كېلىۋېتىپتۇ، بۇنى يېڭىدىن كەلگەن ئىۋان سىمپىرىنجىكوف تارىتىۋېتىپتۇ، ئۇ مۇئاۋىن مىنىستىركەن، 33 يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ، ئۇ ئىچكەن ئادەم باشلىق ئات، لۇئىس، ۋوتكىلارنى ھېسابلىسا بىر دەريا؛ يېگەن ئېيىق تاپىنى، سەدەپ قۇلۇلىسى، بېلىق قاناتلىرىنى ھېسابلىسا بىر تاغ بولىدىكەن. ئۇ تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە مېڭىسى يېرىلىپ، يۈرىكى پارە- پارە بولۇپ جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپتۇ، شۇ تاپتا شەكىل ئۆزگەرتىش سارىيىدىكەن. ئۇنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئۇزاققىچە ھاراققا چىلىشىپ، گۆشكە يۆگىلىپ تۇرغانلىقتىن، يۈرىكىدىكى مېلانىن ئوكسىگېنسىز ئېچىپ، زەنجىرسىمان چىرىش ئارقىلىق بىرى ئونغا، ئونى يۈزگە ئاينىپ كېتىپتۇ، شۇڭا بۇ يەرنى قالايمىقانچىلىق ۋە سېسىقچىلىق قاپلاپ كەتكەنىكەن.
تەڭرى چارلىغۇچى پەرىشتىگە رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قويدى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى ئىدى. ئۇ دەرۋازىۋەننى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا ئۈستى- ئۈستىلەپ كايىپ كەتتى:
- 18 قەۋەت دوزاخقا چۈشۈشكە تېگىشلىك ئىۋان سىمپىرىنجىكوفنى نېمىشقا جەننەتكە كىرگۈزدىڭ؟ نېمىشقا؟ نېمىشقا؟ نېمىشقا؟
- سىمپىرىنجىكوفنى ھايات ۋاقتىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن ئىچىدىن ئۈچ قەۋەت، سىرتىدىن ئۈچ قەۋەت قىلىپ ئوراپ قويۇپتۇ ۋە ئاق قەغەزگە قارا سىياھ بىلەن ئېنىق قىلىپ: چىرىكلىكتىن ساقلىنىش نەمۇنىچىسى، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئاۋانگارتى، تامامەن، ئۈزۈل- كېسىل، جان- دىلى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن، پۈتۈن كۈچ- قۇۋۋىتىنى خىزمەتكە بېغىشلىغان... دەپ يېزىشىپتۇ، بۇ مەن يېزىق ئارقىلىق بىلگەن ئەڭ يۈز- ئابرويلۇق كىشىكەن، مۇشۇنداق ئادەم جەننەتكە كىرەلمىسە، يەنە كىم كىرەلەيدۇ ؟- دېدى دەرۋازىۋەن تەسىرلىك قىلىپ.
- سەن ئۆزى دېگەننىڭ يالغان، باشقىلار دېگەننىڭ راست بولىدىغىنىنى بىلمەمتىڭ؟- دېدى تەڭرى يەنىلا دەرۋازىۋەن ئۆزىنى ئاقلىيالمىغىدەك بىر تەرزدە.
- بەرھەق، مەن قانداقمۇ ئاتىمىزنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئۇنتۇپ قالاي، مەن سىمپىرىنجىكوفنىڭ تۇرالغۇسىنى ئۆزۈم بېرىپ كۆزدىن كەچۈردۈم، ھەتتا ئۇنىڭ تاغدىكى، كۆل بويىدىكى ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى ئالتە داچىسىغىمۇ باردىم، ئۇنىڭ يۇقۇرىدىن تارقىتىلغان تەقدىرنامە، ئوردېن، لەۋھەلىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەن، ئۇلارنى ساناپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدىكەن، -دېدى دەرۋازىۋەن قائىدە بويىچە مۇنازىرىلىشىپ.
سېسىق ھىد بارغانسېرى كۈچەيدى، تەڭرى بىلەن دەرۋازىۋەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا چۈشكۈرىۋەتتى، بۇ چۈشكۈرۈك بەك ۋاقتىدا كەلگەنىدى، ئۇ تەڭرىنى: «ئىچكى جەھەتتە تالاش- تارتىش قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ سىمپىرىنجىكوفقا تاقابىل تۇرۇش»دەپ ئاگاھلاندۇرىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن، تەڭرى تۇتقاۋۇل پەرىشتىگە سىمپىرىنجىكوفنى دەرھال سوتقا چاقىرتىشنى بۇيرۇدى.
سىمپىرىنجىكوف ھەش- پەش دېگۈچىلا تەڭرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. تەڭرى گاز ئۆتمەس نىقاب كىيىۋالغان بولۇپ، سەل- پەل بوغۇق ئاۋازدا سۆزلىدى:
- سىمپىرىنجىكوف، سەن دوزاخقا چۈشۈشكە لايىق تۇرۇپ، نېمىشقا جەننەتكە كىرىۋالدىڭ؟
سىمپىرىنجىكوف ئۆزىنىڭ پانىي دۇنيادىن ئايرىلغانلىقى، جاھاندىكى قانۇنلارنىڭ ئۆزىنى ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي، قىلچە ھودۇقماستىن خۇددى دوكلات بېرىۋاتقاندەك كەڭ- كۇشادە سۆزلىدى:
- شۇنداق، مەن پانىي دۇنيادا خىيانەتچىلىك قىلدىم، ئوغرىلىق قىلدىم، ھۆكۈمەتنىڭ نامىنى سېتىپ ئۆزۈم پايدا ئالدىم، ھۆكۈمەتنىڭكىنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالدىم، قورال- ياراغ ساتتىم، پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزدۇم، ياخشى يەپ، ياخشى ئىچىشكە، كەيپ- ساپاغا بېرىلدىم. شۇڭا، كۆزۈمنى يۇمساملا بېرىشقا تېگىشلىك جايلارنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئەپسۇسكى، مېنى دوزاخ پېچىغا سالماي تۇرۇپلا، ئۇدۇل دوزاخقا ئەكىرىپ قويۇشتى. كىم بىلسۇن دەيلا، كۈتۈلمىگەن بىر كېلىشمەسلىك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم مانا، بۇمۇ تەقدىر- پېشانەم بولسا كېرەك، بەلكىم بۇ تەلىيىمدۇر ياكى شان- شەرىپىمدۇر...
- خاتالىق كۆرۈلگەنىكەن، ئۇنى تۈزىتىمىز ! سەن جەننەتتىن دەرھال چىقىپ كەت!- دېدى تەڭرى گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ.
- بۇ ئاتىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن- بىلگىنى ئاز بولغانلىقى، ئاز كۆرگەن كۆپ تېڭىرقايدىغانلىقى، قائىدە- يوسۇننى بىلمەيدىغانلىقىدىن بولۇۋاتقان ئىش. بىزنىڭ پانىي دۇنيادا بىر چىقىۋالغان ئادەم ئەزەلدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ !- دېدى سىمپىرىنجىكوف ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل ھوقۇق تۇتقىنىغا خاس پاكىتلىق سۆزلەپ.
- هة، سىلەرنىڭ ئۇ پانىي دۇنيادا تېخى مۇنداقمۇ قائىدە- يوسۇن بار ئىكەن- دة! ئەمما مەن سېنىڭلا گېپىڭنى ئاڭلىسام بولمايدۇ. بۇ يەردىمۇ قائىدە- يوسۇن بار: بىر ئادەمنىڭلا دېگىنى ھېساب بولمايدۇ، ئۈچ ئادەم سۆزلىسە ئاندىن راست بولىدۇ. سەن ئەمدى گۇۋاھچى تاپقىن!- دېدى تەڭرى ئىلاھىي قانۇننى شىپى كەلتۈرۈپ.
ئىۋان سىمپىرىنجىكوف گۇۋاھچىلىققا پۈتۈن دوستلىرىنى ئاختۇرۇپ چىقتى، بىراق ئىنتايىن ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، جەننەتتىكى شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئىچىدىن ئۇنىڭ بىرمۇ دوستى چىقمىدى، ھەتتا يېقىندا ئۇنىڭ ئالدىداراق قازا قىلغان D مىنىستىر بىلەن Z شەھەر باشلىقىمۇ تېپىلمىدى. ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا چەكسىز غەمگە پېتىپ، قاتتىق ھەسرەتتە قالدى. ئۇنىڭ ھەممە ئارزۇ- ئارمىنى يوققا چىققاندا، ئۈچ پەرىشتە كېلىپ ۋارقىرىغىلى تۇردى:
- پىم ئېلېكتر ماگنىتلىق لەيلىمە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پىلانغا كىرگۈزۈلدى!
- قارا قازان يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى دەلىللەشتىن ئۆتتى!
- كاۋبىس سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى!
ئىۋان سىمپىرىنجىكوف ئۇ ئۈچىسىنىڭ ۋارقىرىشىنى ئاڭلاپ جەننەتتىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى، تېخى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ كەينىگە بۇرۇلدى- دة، كۆرەڭلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى:
- بۇ ئۈچ قۇرۇلۇشنىڭ شېرىنكانىسى ھەددى- ھېسابسىز، ئۆزۈمگە تەۋە يېپيېڭى بىر جەننەت سېلىۋېلىشىمغا يېتىپ ئاشىدۇ، مۇنداق ئوسال يېرىڭگە كىم خۇشتار ئىكەن!
(خەنزۇچە «كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن)
(本文摘译自《小小说选刊》2001年第3期)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-15 12:28