يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 10

قەشقەردىكى بالىلار(تۇلۇنئاي)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەشقەردىكى بالىلار
ئاپتورى:ئىززەتگۈل ساتتار(تۇلۇنئاي)

باغقا باشلاپ كىرەر دەپ،
ئانار ئۈزۈپ بېرەر دەپ،
شەربەت سىقىپ چىقار دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

مول داستىخان سالار دەپ،
تاتلىقلاردىن تىزار دەپ،
چايغا ناۋات سالار دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

ساتارىنى ئالسۇن دەپ،
مۇقام توۋلاپ بەرسۇن دەپ،
ساما ئويناپ بەرسۇن دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

دەريا بويى سۈزۈك تاش،
قېنى باشلاپ بارسۇن دەپ،
ئوينلارغا تارتسۇن دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

ۋاللەي-ۋاللەي ئوينايلى،
مۆكۈمۈكۈلەڭ ئوينايلى،
ئېرىق-ئۆتەڭدىن ئۆتەيلى،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

چامغۇر بولساق يۇلار دەپ،
قوغلاشماقتا تۇتار دەپ،
بىزگە ياغلىق تاشلار دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.

جاڭگاللارغا باشلار دەپ،
توشقان ئوۋلاپ بېرەر دەپ،
كاۋاپ قىلىپ بېرەر دەپ،
بىز سىلەرنى ئىزدەيمىز،
قەشقەردىكى بالىلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇلۇنئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 10:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-7-29 11:57:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ تېتىدى بۇ  شېئىرىڭىز . تېخمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ سىڭلىم!

ۋاقتى: 2013-7-29 12:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدىن بەكلا سۇيۇندۇم، تېرىشىڭ

ۋاقتى: 2013-7-29 12:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق سۈيۈنۈشلۈك شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈپ قالمىسۇن

ۋاقتى: 2013-7-29 12:53:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تاتلىق شېئىرلىرىڭىزنى دائىم ئوقۇپ تۇرسام دەيمەن سىڭلىم ، سىزگە بەخت - ئامەت يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2013-7-29 14:08:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتور بۇ شېئىرىدا قەشقەرلىك بالىلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى، قىزىقىشىنى، قايىللىقىنى ئىپادىلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئاستىرىتتىن ئۇلارنى ‹‹ئويۇنچى››، ‹‹يومشاقباش››، ‹‹مەدىكار›› تىپىدا تەسۋىرلىگەن!... بۇ شېئىر بەلكىم  قەشقەرنىڭ سەيلە-ساياھەت كوپراتىپلىرىدا ئىشلەۋاتقان بالىلارغا ئاتاپ يېزىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن...

ۋاقتى: 2013-7-29 14:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەزى ئۇيۇنلارمۇ بالىلارنى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە يېتەكلەيدۇ، شۇنداقلا  ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق رۇھىنىمۇ يىتىلدۈرۈدۇ. شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2013-7-29 22:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا لايىق ئەسەر بوپتۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ!

ۋاقتى: 2013-7-30 08:00:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ شېتىلە قىلىقلىرىنى ياخشى تەسۋىرلەپسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-31 11:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2013-7-29 14:08
ئاپتور بۇ شېئىرىدا قەشقەرلىك بالىلارغا بولغان يۈكسەك  ...

مەن بۇ شېئردا قەشقەرلىك بالىلارنى سىز دىگەندەك ‹‹ئويۇنچى››،‹‹يۇمشاقباش››،‹‹مەدىكار››تەرىپلىگىنىم يوق.پەقەت بالىلارنىڭ ئوينغا ئامراق قىزىقىشىدىن پايدىلنىپ(مەيلى بىز قايسى يۇرتتىن بولايلى،بالىلار ئويۇن ئويناشقا ئامراق كىلىدۇ.)قەشقەرلىك بالىلارنى دوسلۇققا چاقىردىم.مەلۇم بىر ئويۇننى ئويناش جەريانىدا بىر يۇرتنىڭ ئالاھىدىلىكى،تارىخى،ئۆرۈپ ئادىتى،مەدىنيىتى قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مېنىڭچە،بالىلار شېئرى بالىلارچە،بالىلارنىڭ ئالاھىدىكىكى،بالىلارنىڭ مىجەزى،قىزىقىشى بويىچە يېزىلىشى كېرەك.

ۋاقتى: 2016-3-16 17:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇنئاي، تېخىمۇ تىرىشىڭ،  ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش