كۆرۈش: 1839|ئىنكاس: 0

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ图片~1.JPG

مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار 1958– يىلى 8– ئاينىڭ 8– كۈنى ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدىن دۇنياغا كەلگەن. 1966– يىلىدىن 1977– يىلىغىچە ئاتۇشتا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1978– يىلىدىن 1983– يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1983– يىلى 3–ئايدىن 1986- يىل 12- ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1987– يىلى 1– ئايدىن ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، 1988– يىلى 9–ئايدىن 1990– يىلى 7– ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تىل فاكۇلتېتىدا ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن.
نەسىرچى، بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىىدا كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىل جەريانىدا «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ھاياتتا مۇنداق خەتلەرمۇ يېزىلغان»، «گۈلدۈرمىگە تۆكۈلگەن ھەسرەت»، «بۇرۇت ماجراسى»، «ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانما − ئۇزاق كېچە»، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە مەشقلىرى»، «كەندىرلىكتىكى چۈش»، «ئايدىكى داغ»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «ئانا ئارزۇسى»، «يۇنان ئەپسانىلىرى»، «قەشقەر مەجمۇئەسى − قەشقەر ئەدىبلىرى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت قامۇسى» (10 توم) قاتارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت، مەدەنىيەت – مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى 100 نەچچە پارچە كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. 2003 – يىلى ئۇ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن «مەكىت قويى» ناملىق كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»، «ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ئۇيغۇر سەنەملىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەب – ئەخلاقى قامۇسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك قامۇسى»، «ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت قامۇسى»، «ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش مەجمۇئەسى» (20 توم) قاتارلىق ئىلغار مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەتكە تەۋە چوڭ ھەجىملىك تېمىلارنى پىلانلاش، تۈزۈش ئەمگىكىنى ئىشلىگەن.
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار سابىق «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «كۆۋرۈك ناخشىسى» ناملىق نەسرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، نەسىر ئىجادىيىتىگە يانداش ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەر دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللاردا «ئىنساپ سودىگىرى»، «ئويغاق ئەۋلاد»، «چىرايلىق ئالۋاستى»، «ئاق يۆگەك»، «ئالتۇن چىشلىق تىلەمچى»، «كونا تۈگمەن»، «سۇسىز دەريا»، «نۇقتا»، «نورۇز بوۋاينىڭ ھەسرىتى»، «ئاچچىق – راست گەپلەر» قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق نەسرى؛ «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ دەرسلىك قىممىتى»، «ئۇيغۇرلاردا بالا تەربىيەسى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ۋە بالىلار ئويۇنلىرى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىمىزنى بالىلار ئەدەبىياتىدا قايتا جانلاندۇرۇش ھەققىدە»، «ھەقىقىي ئىجادىيەتچىلەر قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم»، «ئۆتۈملۈك تېمىلاردا يېزىلغان ئىجادىي ئەسەرلەر قانداق بولۇشى كېرەك»، «مۇھەررىرلەر ساپاسىنىڭ نادىر ئەسەرلەرگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا»، «نەشرىياتچىلىقتا ئوقۇش تەكشۈرۈشنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر بۆلۈك نەسىرلىرى «ئاق يۆگەك»، «قەشقەردە توي»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق بىرلەشمە ۋە كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. «ئىنساپ سودىگىرى» ناملىق نەسرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 2008 – يىل نەشر قىلغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «كونا تۈگمەن»، «سۇسىز دەريا» ناملىق ئىككى پارچە نەسرى بېيجىڭ يازغۇچىلار نەشرىياتى 1999– يىلى نەشر قىلغان «شىنجاڭ يېڭـى دەۋىر ئاز سانـلىق مىلـلەت ئەدەبىـي ئەسەرلىرىدىن تاللانما − نەسىرلەر» ناملىق خەنزۇچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش چاتما نەسرى 1992 – يىلى «شىنجاڭدىكى گېزىتلەرنىڭ 1991 – يىللىق ئەدەبىي بەتلىرىدىكى ياخشى ئەسەرلەر» نى باھالاشتا 3 – دەرىجىگە؛ «چىرايلىق ئالۋاستى» ناملىق چاتما نەسرى «7 – نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ئاۋۋال «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى» ناملىق تۆت توملۇق كىتابنى، ئاندىن ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرىنى خېمىرتۇرۇچ قىلىش، ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىنى ئالاھىدە تاللاش ئارقىلىق تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قاماسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. شۇنداقلا، يۇقىرىقى قامۇسقا ئاساسەن قايتا ئىشلەپ چىققان «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى» (ئىككى توم)، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى ۋە تېپىشماقلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى. «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قاماسى» 2010 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7– نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر كىتاب ۋە ئۈن – سىن  ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئوقۇش تەكشۈرۈش (تېما پىلانلاش) ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-17 17:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش