پارس ئۇقۇمى ۋە پارس مىللىيەتى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
ئىلمىي ئىزدىنىشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «يەرشارىنىڭ كىشىلىك ھايات ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىتى- بىئولوگىيىلىك تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانات تۈ*ركۈملىرىگە ماس ياشاش شارائىتلىرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. ئېكولوگىيىلىك سىستېما ۋە بىئولوگىيىلىك يېتىلىش دۇنياغا تۇنجى ئىنسانلارنى ئاپىرىدە قىلغاندا كەڭرى ئالەمنىڭ بىر بۆلىكى بولغان يەر شارىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا قىسمىدا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرى پەيدا بولدى».[1] ھەم ئۇلار تارىخنىڭ ئوخشىمىغان بۆلەكلىرىدە تۈ*ركۈملەرگە بۆلۈنۈپ جەنۇپ، شىمال، شەر*ق ۋە غەربكە قاراپ سىلجىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى خىلمۇخىل مىللەت، ئىرق ۋە قەۋملەرنى شەكىللەندۈردى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلاندى. ئەشۇ قەدىمكى ئۇرۇق-قەۋملەرنىڭ ئىككى مۇھىم تەركىبى قىسمى تۇرانلار بىلەن ئىرانلار ئىدى. ئۇلار ئامۇ، سىر دەريالىرىنى پاسىل قىلىپ تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدىيەت تەرەققىياتىنى باشلىدى. تارىخنىڭ ناھايىتى ئۇزاق زامانلىرىدا ئۇلار ساك، ماسساگېت ۋە ئارىئانلارنى(ئاريالار) ئۆزىگە ئەجداد قىلىپ خىلمۇخىل تەركىبلەرنى ئۆز تېنىگە قوشۇپ يۇغۇرۇپ مىللىيەت نۇقتىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان بولسا، كېيىنچە گىرىك، ھىندى قەۋملىرىنىڭ تەسىرى، ئاندىن كېيىن توخار، باكتېرىيە، ئەرەپ، موڭغۇل ۋە تۈ*ركىي قەۋملەرنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ زۆرۈر خۇرۇچلىرى قىلدى. ھەتتا تارىخنىڭ ئەڭ يېقىنقى دەۋرلىرىدىمۇ ئۇلار يەنە رۇس ۋە ئىنگلىز مىللەتلىرىنىڭ، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئاھالىلىرىنىڭ زۆرۈر تەركىبلىرىنى ئۆز جىسىمىغا مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ مىللەت بولۇشنىڭ ۋە بۈيۈك ھاكىمىيەت تىكلەشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى ھازىرلاپ كەلدى. ئەمما بىز بىلىدىغان جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تېرمىنلىرى ئىچىدىكى ئەجەم، پارس، پېرسىيە، ئىران، تاجىك، ئافغان ئاتالغۇلىرى بولسا تەكشىسىز مەنا بىرىدىغان بىر ئاتالغۇنىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرىغا ئايلانغان ئىدى.
ئۇيغۇرلاردا «ئەجەم»، «پارس» ئۇقۇمىنىڭ ئارىلاش ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا ناھايىتى ئۇزاق زامانلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن مىللىي توپ مەنىسىدە ئىشلىتىدىغان «پارس» ئاتالغۇسىنڭ زادى قايسى دەۋرردىن باشلاپ تىل ئىستېمالىغا كىرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما پارس سۆزىنىڭ تاكى 20-ئەسىرگىچە ئىراننى مەركەز قىلغان ئىران، ئافغان، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولغان پارسلارنى كۆرسىتىدىغان مىللەت نامى ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىدە ھېچ شەك يوق. ھازىرغىچە يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئەسەرلەردە ئىران ئاتالغۇسى بىلەن پارس، پېرسىيە ئاتالغۇلىرى ئارىلاش قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ نۇقتا كۆپىنچە ھاللاردا ئوقۇرمەنلەردە قايمۇقۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئىران ئاتالغۇسى شىمالدا كاسپىي دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىگە، شەر*قىي شىمالدا بولسا ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىپ، غەربىي شىمالدا كاپكاز تاغ تىزمىسى بىلەن، غەربتە زاگروس تاغ تىزمىسى، جەنۇبتا ئىران قولتۇقى ۋە ئەرەپ دېڭىزىغىچە بولغان تۆت ئەتراپى يار ئېگىز تاغ، ياكى دېڭىز بىلەن تۇتىشىشىپ تۇرىدىغان بىر قەدەر ئېتىك ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئىران ئېگىزلىكىنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى»[2] بولسا، پارس سۆزى ھىندى-ئىران مىللەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇلى بولغان ئارىئانلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادلىرى يەنى ئىران ئېگىزلىكىدە ياشاپ ئۆتكەن ياكى ھەرقايسى زۇننالاردىن بۇيەرگە كېلىپ بېرىكمە تىپ ھاسىل قىلغان مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسىنڭ نامىدۇر، شۇنداقلا ئۇلار قوللانغان تىلنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانى لۇغەتىت تۈ*رك»، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» ناملىق ئەسەرلىرىدىكى ئاز بىرقىسىم ئۇچۇرلاردىن باشقا، ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسرىدە «نوھ ئەلەيھىسسالام توپان بالاسىدىن نىجاد تېپىپ قۇرۇقلۇققا چىققاندا، بۇ ئالەمدە ئىنسان جىسمىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. نوھ ئەلەيھىسسالام تارىخچىلار تەرىپىدىن ‹ئەبۇتتۇر*ك› دەپ ئاتالغان يافەسنى خىتا مەملىكىتىگە ئەۋەتتى، ‹ئەبۇلفارس› دەپ ئاتالغان سامنى ئىران ۋە تۇران مەمىلكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھاكىم قىلدى. ‹ئەبۇلھىند› دەپ ئاتالغان ھامنى بولسا، ھىندى يۇرتىغا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ پەيغەمبەرزادىنىڭ باللىرى ۋە نەۋرىلىرى شۇ يەرلەردە ئاينىپ كۆپەيدى، يافەسنىڭ ئوغلى تۈ*ركلەرنىڭ بوۋىسىدۇر. ئۇنى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك تاجى بىلەن ھەممىدىن يۈكسەك بولدى، رىسالەت مەنىسىۋى بىلەن قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن تۇردى،-دەيدۇ. دېمەك تۈ*رك، پارس ۋە ھىندى تىللىرى يافەسنىڭ، سامنىڭ ۋە ھامنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئارىسىدا مانا موشۇ يوسۇندا يېيىلدى.[3]» دېگەن ئېنىقلىمىسى ئارقىلىق بىزگە تۇنجى قەدەمدە پارس ئاتالغۇسىنى تىلشۇناسلىق، ئېتنىك نام نۇقتىسىدىن ئېنىقلاپ بەرگەن. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئۆتكەن كۆپ ساندىكى ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىز تۈ*ركىي ۋە پارس تىللىرىدا تەڭ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش، ھەتتا ئانا تىلىنى ئۇنتۇغان ھالدا پارس تىلىنى« ئەدەبىيات تىلى»دەپ قاراپ، مەخسۇس ئەشۇ تىلدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا پارس ۋە پارس تىلى ئۇقۇمىنى ئىزچىل قوللىنىپ كەلدى. بىز بىلىدىغان «پېرىسىيە» ئاتالغۇسى بولسا «فارس» ياكى «پارس» ئاتالغۇسىنىڭ گېرك تىلدىكى ۋاريانتى بولغان «persia» (پىرشىيە) دىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ئاتالغۇ ئىنگلزتىلىغا ئىراننى ئۇقتۇرىدىغان سۆز سۈپىتىدە ئۆزلەشكەن. رىزا شاھ دەۋرىگە كەلگەندە بارلىق يازما ۋە مەتبۇئاتلاردا پېرىسىيە سۆزىنى ئىشلىتىش بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئىران» سۆزىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا پەرمان چىقرىلغان ئىدى.
بۇ ھەقتە يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىدە ناھايتى ئېنىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن ئىران، تۇران مىللەتلىرىنىڭ مەنبەسى، بۆلۈنىشى، تۈ*ركۈملەرگە ئايرىلىشىدىن تاكى كۆچمە قەبىلىلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۇران، ئىراندىكى پارس ۋە تۈ*رك مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسئەت سۇلايماننىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن « تۇران بىلەن ئىراننىڭ دىئالوگى» ناملىق ئىلمي تەتقىقات ئەسىرىدە بۇ ئىككى ئۇقۇمغا ئېنقلىما بەرگەندىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان تارىخىي، ئەدەبىي ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار ئاساسىدا پارس ئۇقۇمى ۋە مىللىيەتى كۆرسىتىلگەن. «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» نىڭ 160-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ناھايىتى روشەنكى ئىران-ئاسىيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ بىرى، ئۇ ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىغا، ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئە تۇتىشىدىغان بەلۋاغقا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىدە قەدىمكى ئىران غەربىي قوشنىسى– مىسسوپوتامىيە ۋادىسى ئارقىلىق سومىر-بابىل، مىسىر ۋە يۇنان مەدەنىيەتلىرىدىن، شەر*قتە ھىندى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىدىن ھەرۋاقىت ئوزۇق ئېلىپ تۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىللار ئەتراپىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي دېڭىزى قىرغاقلىرىدا ياشىغان ئارىئانلار(ئاريالارنىڭ)نىڭ بىر بۆلىكى ئامۇ دەرياسى ۋە كۇپېت تاغلىردىن ئۆتۈپ ئىرانغا كىرگەن. يەنە بىر بۆلىكى ھىندىقۇش تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ھىندسىتانغا كىرگەن.» ئىلام ئېگىزلىكىدىكى ئىران قەۋملىرى مەركىزىي ئاسىيا تۈ*ركىي قەۋملىرىگە ئوخشاش ئىككلەمچى ئىنسان تۈ*ركۈملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىراق ئەجدادى دەل مەركىزىي ئاسىيا ئاندىرنوپ–ئارى، ساك-سىكىتايلار ئىدى. بۇلاردىن مەركىزىي ئاسىيا تۈ*ركلىرى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىللەردە ۋە ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئىلەم قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە ھىندى ئىپتىدائى قەۋملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەن. بۇ ۋاقىت ھەرگىزمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-،7-مىڭىنچى يىللاردىن كېيىن ئەمەس. نەتىجىدە قەدىمكى ئارىئانلار ئىران، ھىندى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتقان. ئىران تېررىتورىيىسىگە كىرگەن ئارىئانلار شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن قوشۇلۇپ پارسلارنى شەكىللەندۈرگەن. كېيىنچە ئۇلارنىڭ گەۋدىسى تۈ*ركىي قەۋملەر، ئەرەبلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوخشاشمىغان نىسبەتتىكى تەركىبلىرى قوشۇلغان. ئاندىن كېيىن يەنى ئابباسىيلار خانلىقى 1724-يىلى نادىر شاھ قولىدا زاۋال تاپقاندىن كېيىن ئىران سۆزى تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان. بىرقسىم مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە ئىران سۆزى ئەڭ دەسلەپ ساسانىيلار دەۋىرىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ سۆز ئەسلىدىكى ئەيريانېم «Airyanem» (بۇ سۆز ئاۋستادا ئۇچرايدۇ) ۋە ئەشكانىيلار دەۋرىدىكى «ئەريان» (Aryan) سۆزىدىن كەلگەن. ساسانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە سۆز بېشىدىكى «ئەر» «ئېر»غا ئۆزگەرگەن ياكى ئاجىزلاشقان ھەمدە شۇنداق ئىشلىتىلىپ ساسانىيلار زېمىنى ياكى «ئەريا» نىڭ كۆپلىكى بولۇپ، «ئېرلار» ياكى «ئارلار» دېگەن مەنىدە كەلگەن. بۇ نام ئۇيغۇرلار پارس ئاتالغۇسىدەك ھەيۋەت ۋە ھۆرمەت بىلەن تەلەپپۇز قىلىنمىسىمۇ، ھازىرقى ئىران دۆلىتىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتنى ئىپادىلەيدىغان بىر نام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. شۇڭا ئىران جۈملىدىن پارس مىللىيەتلىكىنى ئامۇ دەرياسىنى پاسىل قىلىپ شەكىللەنگەن تۇران مىللىيەتلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇلاردىكى قۇياشنى، ئوتنى ئۇلۇغلاش، تارىخىي تەقدىرداشلىق، ئەدەبىي مەنبەداشلىق جەھەتتىكى دىئالوگلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئورتاق مەنبەسى بولمىش ئارىئان ساك يىلتىزلىرىدىن ئىزدەش تامامەن ئەقىلگە ئۇيغۇن.
بىز پارسلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى دىئالوگلىرىغا ھەر قېتىم نەزەر سالغىنىمزدا « ئۇيغۇر ۋە تۈ*ركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قاتلىمى ئىچىدىن ئەرەب، پارس، يۇنان، ھىندى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان خۇرۇچلىرىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.»[4] بۇ ئىپادىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت قاتلىمىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، بىز بىلەن يىلتىزداش بولغان پارسلار كېيىنكى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا قەدىمكى بابىل –سۇمىر مەدەنىيىتىگە بىۋاستە ۋارىسلىق قىلغان، گىرىك-يەھۇدى، ئەرەپ-ئىسلام، ھىندى-بۇددىزىم، ئارىئان-شامانىزىم ۋە تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى ئەنئەنىلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز مىللىيىتىگە يۇغۇرۇش ئاساسىدا زورۇئاستىر، مانى، دىنلىرىنى، مازداك، قەندىھار، سوفىي ئېقىملىرىنى، يېقىنقى دەۋرلەردە بولسا باھىزمنى ئىجاد قىلىپ تارىخى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. ھەم بۇ خاسلىقلىرىنى سودا، دىن، مەدەنىيەت يوللىرى ئارقىلىق مەلۇم نىسبەتتە بىزگە يەتكۈزۈپ كەلدى.
ئىككىنچى، ئىران- پارس خەلقلىرى دۇنيادا ئۆتكەن ھەر بىر بۈيۈك ئىمپېرىيىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان ياكى ئۇلارنى تونۇغان. ئەپسۇسكى ئۇلار يا تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك ئەل قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان ياكى تۆت چوڭ دىننىڭ ئىختىراچىلىرى بولالمىغان. پەقەت ئۇلارنىڭ ھامىيسى ياكى ئارقا قوشنىسى سالاھىيىتىدە ئۇلارنى مۇنبەت تۇپراق ۋە كۈچلۈك مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. بۇ جەھەتلەردە ئىران ئۆزىگە مەنبەداش تۇران بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلىغان.
ئۈچىنچىسى- ئىلەم ئېگىزلىگى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسىي زۇننار بولۇپ، يىپەك يولى قەدىمكى دەۋرلەردە پارس شەھەرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقداغىغا يەتكەن. بۇ زېمىندا باكتېرىيە، ساكىستان، توخارىسىتان نامىدىكى نەچچە مىڭ شەھەرلىك خاندانلىقلار، ئاخمانىيلار، ئابباسىيلار، سەفەۋىيلەرگە ئوخشاش باغداد، ئىسفاھان، بۇخارا، سەمەرقەنتلەرنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلگەن. پارس سودىگەرلىرى دۇنيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ۋە دىنىي ئىدىيە تارقىتىش سەپەرلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇنداقلا قەشقەر، بالاساغۇن، تۇرپان، جىمسارنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىغى ۋە كېيىنكى ئالمالىقنى مەركەز قىلغان چاغاتاي خانلىقلىرى تۆمۈر ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەۋەلىكلىرىدە، يەركەنت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كەشمىر، تىبەت مەدەنىيەت توقۇنۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان سىياسىي، ئىجتىمائي، دىنىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. ھەتتا بۇ مۇناسىۋەت تاكى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى ئەنگلىيە، روسيىنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلىغان كۈچ سىنىشىش دەۋرلىرىگىچە يېتىپ كەلگەن.
تۆتىنچىدىن ئۇزاق مەزگىللىك دىنىي ئوخشاشلىق ۋە سىياسى ھاكىمىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىق پارسلار بىلەن ئۇيغۇرلاردا بىر تۈ*ركۈم مەدەنىيەت، روھىيەت ئورتاقلىقىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار چىراي – تۇرق ئوخشاشلىقىدىن باشقا ھېيت-بايرام، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك- ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەك، مۇزىكا ، ئۇسۇل، رەسساملىق ۋە ئويمىچىلق يەنى تاش ئۆڭكۈر رەسسامچىلىقى جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان. بۇ تەرەپلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرلەنگەن.
خۇلاسىلىگەندە، ئىران بىلەن پارس دېگەن بۇ ئىككى ئاتالغۇ ھەم پەرقلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك تېرمىنلار بولۇپ، لېكسىلوگىيە، تارىخ، تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەت نۇقتىسدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككى سۆز ئوخشىمىغان مەنا ۋە ئوخشىمىغان ئۇسلۇبقا ئىگە. ئەمما مەلۇم دەۋر ۋە ئورۇنلاردا بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئەسكەرتىش كېرەككى، پارس ئۇقۇمى كۆپ ھاللاردا ئىران ئۇقۇمىدىن چوڭ بولۇپ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا بۇ نام غەربلىكلەر يازمىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەكسىچە شەر*قلىكلەر بۇ نامنىڭ ئورنىغا كۆپرەك «ئەجەم» نامىنى ئىشلىتىدۇ. ھەتتا فىردەۋسى، ناۋائى قاتارلىق ئەدىبلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە پارس زېمىنى ۋە تىلىنى «ئەجەم» سۆزىگە يىغىدۇ.
ئۇيغۇر يازمىلىرىدا ۋە تىل- مەدەنىيەت ئىستېمالىدا ئىران نامى پەقەت 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەمدىلا «بۇخارا ئۇيقۇسى» دىن ئويغانغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان ئەنۋەر بايتۇر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئەسئەت سۇلايمان ۋە باشقا تىلشۇناس ۋە تارىخچىلارنىڭ ئەسىرىدە تۇران ئىبارىسىگە ئاھاڭداش ۋە تەڭداش مەنىدە كۆپرەك تەكىتلەنگەن بولۇپ، تارىخى پاكىتلارغا ۋە پارسلارنىڭ مىللىي ئېنسكلوپېدىيىسى بولغان «دېھخۇدا» قامۇسىدىكى مەزمۇنلارغا نەزەر سالساق «ئىران» سۆزى باشتا ئېيتقاندەك «ئاريالار» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، خۇددى «تۇران» سۆزى «تۇرلار» دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنىمۇ بىلدۈرۈپ كەلگىنىگە ئوخشاش بۇ سۆزمۇ «ئاريالار» ماكانى دېگەننى بىلدۈرۈپ كەلگەن ۋە ئىراننىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنغان. غەرب مەنبەلىرىدە بولسا «ئىران» سۆزى «ئارىئانلار ماكانى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، تارىخنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا بۆلەكلىرىدە ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى «پارس» ئۆلكىسى ئىراننىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنغان. پەقەت مىلادى 1935-يىلى ئىران ئىسلاھاتچىلىرى ۋە مىللەتپەرۋەر سىياسىيونلارنىڭ تەشەببۇسى شۇنداقلا گېرمانىيىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن «پارس»، «پېرسىيە» دېگەن دۆلەت نامى پۈتۈن ئاسىيا، جۈملىدىن ھىندۇ-ئىران مىللەتلىرىگە ۋە تۈ*ركىي قەۋملەرگە بىۋاستە ئۇل بولغان «ئارىئان» نامىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ رەسمىي «ئىران» دېگەن قەدىمكى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.[5] دەپ قەيت قىلىنغان. ئىران سۆزىنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
دېمەك، پارس-ئىران مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ كېينكى ئەۋلادلىرى ياشاپ گۈللەندۈرۈپ كەلگەن ئېتنىك ماكانى ئىلەم ئېگىزلىگى ۋە ئامۇ، سىر دەريا بويلىرىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ زېمىنلار ئىلەم ئېگىزلىكىنى ئۆزىگە ئۇل قىلغان مەركىزىي، غەربىي ئاسىيا بولۇپ، مەركىزى ئاسىيا، ئامۇ، سىر دەريا ۋادىلىرى، ماۋارەئۇننەھر ۋە بۈگۈنكى ئىران، ئافغان، تاجىكىستان شۇنداقلا پاكىستان، ھىندىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ قىسمەن چېگرالىرى بېسىپ ياتقان جۇغراپىيىلىك، ئېتنوگرافىيىلىك زېمىن دەل ئىران ئاتالغۇسى كېيىنچە ئىراننىڭ شىمالىدىكى پارس ئۆلكىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان پارس زېمىنىدۇر. بۇ زېمىندا ئەدەبىي تىل ۋە ئورتاق تىل بولۇپ قوللىنىلغان تىل بولسا پارس تىلىدۇر.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مەركىزىي ئاسىيادىكى جاھانگىرلار كۈچىنىڭ ئاجىزلىششى ۋە مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا ئاسىيادا بىر تۈ*ركۈم مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا پارس تىللىق ئەللەرمۇ ئىران، ئافغانىستان، تاجىكىستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر سالاھىيىتىدە بۆلۈنگەن. يەنە بىر قسىم پارس مىللەتلىرى تۈ*رك، ھىندى، ئەرەب قەۋملىرى بىلەن بىرىكىشىش جەريانىدا كۇرد، پۇشتۇ مىللىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن، يەنە بىر قسىم پارس خەلقى جۇڭگو، روسىيە، ئۆزبېكىستان، تۈ*ركىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە بولۇپ ئىلگىرىكى بىرلىكنى ساقلاپ قالالمىغان. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەسىرىدىكى تاجىكىستاننىڭ سىلاۋىيان يېزىقىنى قوللىنىشى ۋە تاجىك نامىدا ئاتىلىشى، ئافغانىستاندىكى دارى تىلىنىڭ پۇشتۇ تىلى بىلەن تىركىشىشى، ئىران پارس تىلىنىڭ ياۋرۇپالىشىش جەريانىدا ئىنگلىز، فرانسۇز، روس تىللىرىدىن تۈ*ركۈم-تۈ*ركۈم سۆز ۋە يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى جەريانىدا پارس تىلىدىمۇ بىر تۈ*ركۈم پەرقلەر شەكىللىنىپ، مىللىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ بارغان. شۇڭا پارس تىلىنىڭ تارىخىنى يۇقىرىقى دۆلەتلەر تارىخىي بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىزاھاتلار:
[1] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003–يىلى 3–ئاي 1–نەشرى 3–بەت
2. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى قىسقىچە دۇنيا تارىخىنى تۈزۈش گورۇپپىسى: «قىسقىچە دۇنيا تارىخىي (قەدىمكى زامان قىسمى)»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى، 135–بەت
3. خەمىت تۈمۈر، ئابدۇرۇپ پولات : «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، مىللەتلەر نەشرياتى، 1988-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى ، 7-بەت
4. ئەسئەت سۇلايمان: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
5. خې نەييىڭ: «ئىران شېئىرىيتىدىن تاللانما»، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى 1-بەت
--------------------------------------------------------------------------------
[1] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 《قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003–يىلى 3–ئاي 1–نەشرى 3–بەت
[2] بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى قىسقىچە دۇنيا تارىخىنى تۈزۈش گورۇپپىسى: «قىسقىچە دۇنيا تارىخىي (قەدىمكى زامان قىسمى)»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى، 135–بەت
[3] خەمىت تۈمۈر، ئابدۇرۇپ پولات : «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، مىللەتلەر نەشرياتى، 1988-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى ، 7-بەت
[4] ئەسئەت سۇلايمان: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى
[5] خې نەييىڭ: «ئىران شېئىرىيتىدىن تاللانما»، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى 1-بەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 23:22