تەھرىر ئىلاۋىسى: قۇياش ھەرىكىتى بولسا قۇياشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى تۈرلۈك دولقۇنلىنىش ھالەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىدۇر. ئۇ قۇياش قارا دېغى، قۇياش ئۆسۈكى، يورۇق داغ، قۇياش تاجى، داغ ساھىلىنىڭ گاھ پەيدا بولۇپ- گاھ يوقلىشى ۋە ئۇشتۇمتۇت يورۇپ كېتىش قاتارلىق پارتلاش خاراكتېردىكى ھالەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، قۇياش پائالىيىتى ئوبرازىنى ئىنچىكە خاتىرىلەيدىغان بىر ئاسترونومىيە تور بېكىتى بار بولۇپ، ئۇ 2009-يىلى قۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر تور بېكەتنىڭ ئاپتورى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق ئوپېراتور ئىكەن. تور بېكەت Flash تە ئىشلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن ئېكران بويىچە كۆرۈشكە بولىدىكەن. ئاستى تەرەپتىكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان ھەرىكەتچان رەسىملەرنى چەككەندىن كېيىن بىر دىئالوگ رامكىسى چىقىدىكەن. سول تەرەپتە بولسا قۇياشنىڭ ھەر بىر پائالىيىتىنىڭ نامى كۆرسىتىلىدىكەن. بۇلارنى تورداشلار خالىغانچە تاللاپ كۆرسە بولىدىكەن. تور بېكەت ئادرېسى: http://www.thesuninmotion.com |