United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
كەلگۈسى 20 يىلدا تورغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالتە سۆز
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 564    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/4/2 19:36:02
پاۋ پاۋ تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، Web 2.0 كۆرگەزمە يېغىنىدا، Wired نىڭ قۇرغۇچىسى كېيۋېن بىر مەيدان نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتقى كەلگۈسى 20 يىلدىكى تور دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالتە يۈزلىنىشكە مەركەزلەشكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:« بۇ ئەلۋەتتە ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات يۈزلىنىشى، مېنىڭ كۆرسەتكىنىم كەلگۈسى 20 يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن ئىبارەت».
ئۇنداقتا ئۇلار زادى قايسى؟
1. ئېكران (Screenin)
كېيۋېن مۇنداق كۆرسەتتى:« مەيلى بىز تېلېۋىزورنى مىسالغا ئالمايلى ۋە ياكى كومپيۇتېرنى مىسالغا ئالمايلى، ھازىر نەگىلا بارساق ئېكراننى ئۇچرىتالايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سان ۋە شەكىل جەھەتتىن سەرخىللىشىپ بارماقتا. كەلگۈسىدىكى بىر بوشلۇق بەلكىم ئېكران بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
2. ئۆز-ئارا ھەرىكەتلىنىش (Screening)
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتتى:« ئاتالمىش ‹ئۆز-ئارا ھەرىكەتلىنىش› بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى توسۇپ، بىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاڭ ئۇقۇمىمىزنى كىچىكلىتىۋەتتى، ئەمما iPad، Kinect قاتارلىقلار دۇنيانى ئۆزگەرتتى. مانا ئۇنىڭ بىلەن سىز ۋە سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەر ئۆز ئارا ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە، قول ئىشارىسى، ئاۋاز، رەسىم تارتىش ئاپپاراتى ۋە باشقا نەرسىلەر ئۆز ئارا ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ Minority Report دىكى ئۆز ئارا ھەرىكەتلىنىشكە ئوخشايدۇ.
3. ھەمبەھىر (Sharing)
نۇرغۇن كىشىلەر «ھەمبەھىر» دېگەن سۆزنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇقۇمى دەپ قارايدۇ. ئەمما كېيۋېن بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئەمما بىز ئەمدىلا باشلىدۇق، ھەمبەھىرلىنىش كارتىمىزنى ئورناتقىنىمىزغا تېخى ئۇزۇن بولمىدى، بۇلار ھەقىقىي رەسىم ۋە سىنلار ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
4. ئېقىش (Flowing)
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« بىز ھازىر ئالاقە تورى ئاساسىي بەلگە قېلىنغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ھازىر كومپيۇتېر بىلەن يەنى ئۈستەل يۈزىدىلا يۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇلار گۇگېلنىڭ Cloud Connect سى ۋە Office قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ».
5. ئىشلىتىش ھوقۇقى (Accessing)
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:« بىز ھازىر مىدىيە ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا سەل قاراۋاتىمىز. ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر سايدا ئۆسۈپ قالغان ياۋا ئوتتەك ھېس قىلىپ، قويلىرىغا سېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، يەنىلا ئىشلىتىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بىكارغا ئىشقا يوق. باشقىلار مىڭ بىر جاپادا مەيدانغا كەلتۈرگەن بايلىقلاردىن سىز يوتقاندىن چىقىپلا، بەھرىمەن بولۇۋالسىڭىز، ئۇ ھالدا بۇ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشتىن، بىلىمنىڭ، بايلىقنىڭ قەدىرنى قىلغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سۆزمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
6. پەيدا بولۇش (Generating)
نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر «ئالاقە تورى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈرەتكە ئېلىپ بېسىش ماشىنىسى» دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىش بولسا، سۈرەتكە ئېلىپ بېسىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ساقلاش، نۇرغۇن نەرسىلەرنى خالىغان جايدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان، تېخىمۇ سىستېمىلاشقان ئېكولوگىيىلىك مۇھىت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:گۇگېل Facebook قا ئوخشايدىغان «1+» قورالىنى ئېلان قىلدى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:قۇياش ھەرىكىتىنى تەپسىلىي خاتىرىلەيدىغان تور بېكەت
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

6