ئەيرۈي تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان <<2010-2011-يىلى جۇڭگو ئىزدەش ماتورىنى يىللىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش دوكلاتى>> دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرشىتىلىشىچە2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلدە، بەيدۇ تورىنىڭ ئىزدەش بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى 2009-يىلدىكىگە قارىغاندا 6.5 پىرسەنىت پوئىنتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، %83.6 كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلغان. ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى باشلامچىلىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن. ئەمما گۇگېلنىڭ ئۇدا ئۈچ پەسىلدە ئىزدەش بازىرى سىغىمچانلىقىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىزدەش بازىرىدىكى سىغىمچانلىقى %11.1 كە چۈشۈپ قالغان.
ئەيرۈي تورىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلدە، جۇڭگو تور بېكەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش قېتىم سانى 64 مىليارد 200 مىڭ قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %18.6 ئاشقان. ئەمما بەيدۇ تورىغا مۇراجىئەت قىلىش قېتىم سانى 53 مىليارد 200 مىڭ قېتىم بولۇپ، 2009-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكىگە قارىغاندا %29 ئاشقان. |