ئىنتىل شىركىتى ئۆزىگە يېڭى ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋېتىپتۇ |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 233 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/18 11:34:30 |
سىنا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىنتىل شىركىتىنىڭ CEO سى پاۋىل. ئوۋدېللىن مۇنداق دېدى:<<بىز ھازىر MeeGo يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتىمىز>>. ئۇ يەنە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئانالىزچىلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:<<بىز MeeGo يانفون سىستېمىسىغا يېڭى ھەمكارلاشقۇچى تاللايمىز، ھازىر نوكىيا مىكروسوفت بىلەن سېتراتېگىيلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ بولدى، مالىيە جەھەتتىكى ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇگېل بىلەن مىكروسوفتنىڭ ھەر ئىككىلىسى غايەت زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نوكىيانىڭ ئۆزىنىڭ قوينىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلدى. MeeGo يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىنتىل شىركىتى بىلەن نوكىيا شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئاچقان بولۇپ، ئۇنى نوكىيانىڭ قارمىقى ئاستىدىكى بىر سۇپا دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تېخى ئالدىنقى كۈنلەردە بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن كۆچمە خەۋەرلىشىش دۇنياسى چوڭ يىغىنىدا ئىنتىل بۇ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆزى مۇستەقىل ئاچقان سىستېما دەپ ئېلان قىلدى. MeeGo بولسا 2010-يىللىق دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىشى چوڭ يىغىنىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. ئارىدىن توققۇز ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنتىل ئاندىن MeeGo قوللىنىشچان دۇكان AppUp نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىنتىلنىڭ پەرىزىچە، ئۇلار بۇ يىل MeeGo مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەكشى تاختىلىق كومپيۇتېر مەخسۇس نۇسخىسى ۋە ئەقلىيفۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەخسۇس بازارغا سالىدىكەن. نوكىيانىڭ CEO سېتىفېن.ئىلاپ مۇنداق دېدى:<< WP7 بولسا ( Windows Phone 7 نىڭ قىسقارتىلمىسى) ئاساسلىقى ئەقلىيفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى بەلگىلەيدۇ، مېنىڭچە بۇ خىل يانفون پۈتۈن يەرشارىدىكى سودىگەرلەرگە نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ>>. پاۋىل. ئوۋدېللىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:<<ئەگەر مەن ئىلاپ بولۇپ قالغان بولسام، مەن Android يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىغا مەبلەغ سالغان بولاتتى. گەرچە MeeGo ئەڭ ياخشى تاللاش بولسىمۇ، ئەمما نوكىيا بۇلارنى ئامالسىز قوبۇل قىلدى>>. گۇگېل شىركىتىنىڭ CEO سى ئىيرىك. سچمىد بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:<<بىز بۇندىن بۇرۇن نوكىيا بىلەن بىر نەچچە قېتىم، ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بەزى بىر تەرەپلەردە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ باقتۇق>>. پاۋىل. ئاتېللىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىكروسوفت ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت يەنىمۇ كۆپ مەبلەغگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئىلاپ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:<<ئەگەر Android يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى تاللىغان بولساق، مەھسۇلاتلارنىڭ پەرقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەقىقەتەن تەسكە توختايتتى. ئۇ ۋاقىتتا باشقا Android يانفون سودىگەرلىرىنىڭ پەرق ئېتىشىمۇ تەسكە توختايتتى. ئەمما ئوۋدېللىن بۇلارنى ئىنكار قىلدى>>. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:<<ئەگەر نوكىيا راستىنىلا Android نى تاللىغان بولسا، ئۇ ھالدا مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈش تەسكە توختايتتى، ئەگەر MeeGo نى تاللاپ قالسا، ئۇنداقتا پەرق ھەقىقەتەن زور بولاتتى. بىز يەنىلا يېڭى ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەۋاتىمىز، iOS ۋە Android دىن باشقا، بۇ ساھەدىكى سودىگەرلەر بىر تۈرلۈك يېڭى يانفون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئېھتىياج بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ كەلگەنىدى>>. پاۋىل. ئوۋدېللىن بۇندىن بۇرۇن كۆچمە خەۋەرلىشىش دۇنياسى چوڭ يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى:<<مېنىڭچە نوكىيانىڭ سېتراتىگىيىسدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. كۆچمە تىجارەت سودىگەرلىرى بىر خىل يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ>>. |
|
|
|