United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
دۇنيادىكى IP ئادىرىسلار تۈگەي دەپ قاپتۇ
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 177    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2011/2/3 18:42:42
تور ئابونتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشى، يانفۇندا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر بار بولغان IP ئادىرىسلار تۈگەي دەپ قالغان. چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا،  ئادىرىسلارنى تەقسىملەشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئالىي ئورگان بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى IPv4 يۈرۈشلۈك ئادىرىسلارنى تەقسىملەيدىكەن. ئەگەر بارلىق ئشىلار پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، تور ئابونتلىرى 6ئايدىن 9 ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشقا دېققەت قىلمايدىكەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى IP ئادىرىسلارنى تەقسىملەشنى باشقۇرغۇچى ئورگان بولغان تور تەرتىپ نومۇرىنى تەقسىملەش ئورگىنى ((IANA) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مىئامى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرقى بەش دانە IPv4 «سوۋغات بوقچىسى»نى تەقسىملەيدىكەن. ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ ھەر بىر بوقچىنىڭ ئىچىدە 16 مىليۇن 800 مىڭدىن ئادىرىس بار ئىكەن، بۇلار ھەر قايسى جايلاردىكى تىزىملىغۇچى ئورۇنلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىدىكەن.
نۆۋەتتە بار بولغان خەلقئارا ئالاقە تورى IP ئادىرىسى ۋە IPv4 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 مىليارد 300 مىليۇن IP ئادىرىسىنى سىغدۇرالايدىكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى تور پەن تەتقىقات تورى بولغاچقا، بۇ  ئادىرىسلارنى ئىشلىتىپ بولۇشى مومكىن ئەمەس ئىدى. لىكىن ھازىر بار بولغان IP ئادىرىسلار ئىشلىتىلىپ تۈگەي دەپ قالغان بولۇپ، ھەر قايسى تور بېكەتلەرنى قانداق قىلىپ ئادىرىسلارنى كۆپەيتىش تەتقىقاتىغا مەجبۇر قىلىغان.
مەسىلەن، بۇندىن كىيىن دۇنيا ئالاقە تورى مۇلازىمەت كارخانىلىرى بەلكىم يېڭى تىزىملاتقانلارغا IPv6 ئادىرىس بېرىشى مومكىن. گەرچە بۇ خىل يېڭى تىپلىق سېستىما تېخى ئوموملاشمىغان بولسىمۇ، لىكىن Google،Facebook قاتارلىق چوڭ تور بېكەتلەر بۇنىڭغا قارىتا قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان. باشقا كىچىك تور بېكەتلەرمۇ IPv6 ئادىرىس سېستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرىشى مومكىن ئىكەن. پەقەت IPv6 ئادىرىسنىلا قوللايدىغان تور بېكەتلەر كەلگۈسىدە خىرىسقا دۇچ كېلىشى مومكىن ئىكەن.
بازار تەھلېلچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، IPv6 ۋە IPv4 ئوخشىمىغان ئىككى خىل «تور ئالماشتۇرۇش تىلى» بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئېھتىياجىلىق تور بېكەتنى تېپىش ۋە ئىلخەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك يوللىشىنىڭ ئاساسى ئىكەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم «تەرجىمە قىلىش» قوراللىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا قارىتا تېخى چوڭ كۆلەملىك سىناش ئېلىپ بېرىلمىغان. بۇنداق بولغاندا، بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ ئېچىلىشى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مومكىن ئىكەن.
 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۈچ نۇسخىدىكى iPad 2 بازارغا سېلىنىدۇ
&  كېيىنكى ئۇچۇر:Facebook نىڭ بازار قىممىتى 80 مىليارد دوللارغا يەتتى
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

12