كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۈچ نۇسخىدىكى iPad 2 بازارغا سېلىنىدۇ |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 234 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/29 22:14:08 |
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ28-كۈنى كەچتىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى كېلەر يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى iPad 2 نى بازارغا سالىدىكەن، iPad 2 بولسا WiFi ،WCDMA ۋە CDMA قاتارلىقلارنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا قوللايدىكەن. ئۈچ خىل iPad 2 ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىنىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، كېلەر يىلى 1-ئايدا 500 دىن 530 مىڭغىچە iPad 2 نى بازارغا سالىدىكەن، WiFi ،WCDMA ۋە CDMA نۇسخىلىرىنىڭ سانىنىڭ نىسبىتى 3:3:4 بولىدىكەن. ھازىر سېتىلغان iPad لارنىڭ %60 دىن %65 گىچە 3G تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا تورغا چىققىلى بولىدىغان مەھسۇلاتنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇڭا ئالما شىركىتى ساتقۇچىلار بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ھەمكارلىشىپ، iPad 2 ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بولغان كۆچمە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىشلىتىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولغان. دىتال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتى 2010-يىلى تەخمىنەن 16 مىليۇن دانە iPad ساتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىليۇندىن ئۈچ مىليۇنغىچە بولغان iPad يەنىلا ساتقۇچى سودىگەرلەرنىڭ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان، ھەمدە 2011-يىلى سېتىلىدىكەن. پەرەز قىلىنىشىچە كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ بىرىنچى ئەۋلات iPad ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىدىكەن، ھەمدە بىرىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، ئىككىنچى پەسىلنىڭ بېشىدا iPad 2 نى بازارغا سالىدىكەن. شۇڭا ئامباردا ساقلىنىۋاتقان بىرىنچى ئەۋلات iPad بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. پەرەز قىلىنىشىچە، iPad 2 نىڭ كېلەر يىللىق سېتىلىش مىقدارى 40 مىليۇن دانىگە يېتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تەكشى كومپىيوتىر بازىرىنىڭ %65 دىن %75 كىچە بولغان قىسىمىنى ئىگىلەيدىكەن. |
|
|
|