7.تور بېكەتنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەش
تور بېكەتنى ( تۆۋەندە قىسقارتىپ بېكەت دەپ ئالدىم ) پىلانلاش ۋە لايىھەلەشتە ئويلىشىدىغان ئاساسلىق ئامىل: بېكەتنىڭ بېكىتىلگەن نىشانى ،
زىيارەت ئوبىكتى ، بېكەتنىڭ گۇرۇپپا قۇرۇلمىسى ، بېكەت ئۇسلۇبى ، لايىھە ئەندىزىسى ، لايىھە يېتەكچىسى ۋە ماتىريال توپلاش قاتارلىقلار بولۇپ ،
يۇقارقى پىلانلار بولغاندىلا ،بىر قەدەر مۇككەمەل بولغان بېكەت قۇرۇشقا ئىمكانيەت ھازىرلىغىلى بولىدۇ . (1)بېكەتنىڭ بېكىتىلگەن نىشانى : بېكەت قۇرۇشتىن ئاۋال ئېنىق بولغان نىشان بېكىتىۋېلىش ، بېكەت قۇرۇشتىكى بىرىنچى قەدەم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .لايىھەلىگۈچى نىشاننى ئېنىق
بەلگىلىۋېلىشى ، بېكەت مۇلازىمىتى ۋە بېكەت مەزمۇنى قايسى دائىرىدە تەمىنلىنىدىغانلىقىنى چوقۇم ئويلىنىۋېلىشى تولىمۇ زۈرۈر . يەنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتلەردىن ئويلانسا بولىدۇ : 1. بېكەت ئومومىي گەۋدىسىنى مۇقىملاش: قۇرۇلماقچى بولغان بېكەت بەلكىم چوڭ ھەجىمدىكى سودا تور بېكىتى ، كىچىك دائىرىلىك سودا تور
بېكىتى ، ئۇنۋېرسال تور بېكەت ۋە ياكى شەخسىي تور بېكەت ،مۇنازىرە مۇنبىرى ، شىركەت كارخانا تونۇشتۇرىدىغان تور بېكەت، مۇلازىمەتنى ئاساس
قىلغان تور بېكەت بولىشىمۇ مۈمكىن . شۇڭلاشقا ئاۋال بېكەتنىڭ ئومومىي گەۋدىسىگە قارىتا سوبيىكتىپ پىلاندىن بىرنى تۈزىۋېلىش ، ھەمدە كېيىنكى
بېكەت تەرەققىياتىدا كۆرلىدىغان مەسىلىلەرنى ئالدىن بايقىۋېلىش لازىم . ئۇنداق بولمايدىكەن كېيىن بېكەت قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بېكەتنى
يېڭىلاش ۋە دەرىجىسىنى كۆتىرىشتە ھەسسىلەپ قىيىنچىلىق تۇغىلىدۇ . 2. بېكەت ئۆز ئىچىگە ئالماقچى بولغان ئاساسلىق مەزمۇن :ئەگەر ئۇنۋېرسال تور بېكەت بولسا ، ئۇنداقتا بۇ بېكەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلار
خەۋەر ، يوللانما ، سودا ،مۇنازىرە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلىشى مۈمكىن . بۇنداق بولغاندا بېكەت باش بېتى ئىخچام ، كۆركەم ، ئازادە
بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئەگەر كەسپىي تور بېكەتلەر بولسا مەسىلەن : كىتاپقا دائىر تور بېكەت ، ئويۇن پروگراممىسىغا دائىر تور بېكەت ، ناخشا
مۇزىكا تور بېكەتلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا لايىھەلەش ئېلىپ بارغاندا ، مۇشۇ ساھەگە قارىتا چوڭقۇر چۈشۈنىشى بولىشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماستىن يەنە
بېكەتنىڭ لايىھەلىنىش ئۇسلۇبىغىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىلىدۇ . بۇ خىلدىكى بېكەتلەرگە ئېھتىياجلىق ئۆرنەكلەر كۆپ ، سانداننىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ تېز
بولىدۇ . ئەگەر شەخسىلەر تور بېكىتى ۋە ياكى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرىدىكى تور بېكەتلەر بولسا ئادەتتە بۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ يېڭلىنىش سۈرئىتى
ئاستا ، زىيارەت مىقدارى تۆۋەن ئۇلانمىسىمۇ چەكلىك بولۇپ ، مەزمۇنىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ .ئەمما گۈزەل – سەنىئەت لايىھەلىگۈچىسىگە قويۇلىدىغان
تەلەپ بەكلا يۇقىرى بولىدۇ . بۇ خىلدىكى تور بېكەتلەرگە ئىمكان بار ئوچۇق - يورۇق تەسىر بېرىدىغان رەڭ ۋە flashكارتونلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق
تور بېكەتنى تېخىمۇ جانلىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ لايىھەلەش ، زىيارەت قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . 3. بېكەت زىيارەت ئوبىكتىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى : ئوخشاش بولمىغان بىكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ ، مەلۇم بىر بېكەتكە نىسبەتەن بەرگەن
باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن : ياشلار ئۆسمۈرلەرنى زىيارەت ئوبىكتى قىلغان تور بېكەت ، كارتون ۋە پەن – تېخنىكىلىق بىلىملەر ئارقىلىق
زىيارەت ئوبىكتىنى تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلالاشى مۈمكىن ، ھەمدە كۆزلىگەن مەخسەدكىمۇ يەتكىلى بولىشى مۈمكىن . ئەگەر سودا خاراكتېرلىق تور
بېكەت بولۇپ قالسا ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بېكەتنىڭ بىخەتەرلىكلىگى، ئىشەنچلىكلىگى ۋە قولايلىقلىغى بولۇشى مۈمكىن .
(2)زىيارەت ئوبىكىتىنى مۇقىملاش : بېكەت نىشانىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن قانداق زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ بېكەتنىڭ زىيارەتچى ئوبىكتى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش لازىم ، بۇ
ئادەتتە بېكەت مەزمۇنىنىڭ تېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بېكەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئىمكان بار زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشلەتكەن كومپيۇتېر تۈرى ، مەشغۇلات سۇپىسى (
Windows,Macintosh,Linux)،ئورتا ئۇلىنىش سۈرئىتى ۋە تور كۆرگۈچنىڭ تۈرى قاتارلىقلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . يۇقارقى
ئامىللارنىڭ ھەممىسى زىيارەتچىلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر . نۆۋەتتە Windowsمەشغۇلات سۇپىسى ئارقىلىق تور بېكەت
زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاچقا بېكەت قۇرغۇچى ، قۇرماقچى بولغان بېكىتىنىڭ Windowsمۇھىتىدا نورمال يۈرىشىشى ۋە Internet
Explorerزىيارەت كۆزنىگىدە نورمال كۆرۈنىشى ئۈچۈن كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرىشىگە توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندىكى تور بېكەت
زىيارەتچىلىرى Macintoshمۇھىتىدا Netscape Navigatorئارقىلىق تور بېكەتلەرگە قارىتا زىيارەت مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . شۇڭلاشقا بېكەت قۇرغۇچى
ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ھەر قانداق بىر مۇھىتتا نورمال يۈرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم . بۇنىڭدىن باشقا زىيارەتچىلەرنىڭ ئىشلەتكەن تور كۆرگۈسىنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن ، ئىشلىتىۋاتقان نەشرىمۇ نەچچە خىل بولغاچقا ،
ئوخشاش بولمىغان نەشىردىكى تور كۆرگۈنىڭ بېكەتلەرگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . نۇرغۇن زىيارەتچىلەر نۆۋەتتە Internet
Explorerۋە Netscape Navigatorتور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ
. ھازىرقى كۈندىمۇ تور كۆرگۈنىڭ تۆۋەن نەشىرىنى ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا بار .شۇڭلاشقا بېكەت لايىھەلىگۈچى بىر ۋە ياكى ئىككى خىل تور كۆرگۈنى
سىناق نىشانى قىلىپ تۇرۇپ ، لايىھەلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسا بولىدۇ . (3) بېكەتنىڭ گۇرۇپپا قۇرۇلمىسى بېكەت قۇرۇلمىسى دىگىنىمىز بېكەتنىڭ قەۋەت ھالىتى ۋە بەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا ئۇلىنىش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ .بېكەت قۇرۇلما لايىھەسىنى تۈزىۋېلىش ،
بېكەت قۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەرياننىڭ بىرى بولۇپ ،مۇۋاپىق بولغان بېكەت قۇرۇلمىسىنى لايىھەلىۋېلىش ، بېكەت قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈپ ئىشى
ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ .ئەگەر ئالدىن قۇرۇلما ئەندىزىسى تۈزىۋېلىنمىسا بېكەت قۇرۇش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ ، ئىش ئۈنۈمى
تۆۋەنلەپ،ياسالغان تور بېكەتمۇ قالايمىقان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن . تور بېكەت قۇرۇلما لايىھەسى ئادەتتە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك شاخسىمان ھالەتتە
ئىپادىلىنىدۇ .
باش بەت تور بېكەت زىيارىتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا بولۇپ ، زىيارەت قىلغۇچىلار تور بەت ئادىرىسى ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ كۆرەلەيدىغان بەت
يۈزىنى كۆرسىتىدۇ .ئادەتتە باش بەت بارلىق بەت يۈزىدىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆزىگە مۇججەسەملەشتۈرگەن بولىدۇ. قوشۇمچە : بەزى تور بېكەتلەرنىڭ باش بېتى ئالدىغا يەنە بىر Flashبەت يۈزى ۋە ياكى قوزغۇلۇش بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان بولۇپ ، مۇناسىپ
ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىق باش بەتنى ئېچىشقا بولىدۇ . بۇ بەت يۈزى ئادەتتە ئاساسلىق بەت يۈزى ھىساپلانمايدۇ . پەقەت يېتەكلەش رولىلا بار. (4) بېكەت ئۇسلۇبىنى بەلگىلەش :بېكەت ئۇسلۇبى دىگىنىمىز بېكەت گەۋدىسى ئاساس قىلغان رەڭ ، بېكەت قۇرۇلمىسى ، خەت نۇسخىسى ۋە
خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىگى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان بولۇپ ، بۇلارغا قارىتا ئادەتتە بېكىتلگەن مۇقىم ئۆلچەم بولمايدۇ . بۇلارنى
تور بېكەتنىڭ خاراكتېرى ۋە زىيارەت قىلىش ئوبىكىتلىرىنىڭ ھىسسىي ئامىلى قاتالارلىق جەھەتلەردىن ئويلىشىپ ئىشلەنسە بولىدۇ . ئادەتتە تور بېكەتكە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان رەڭ ئۆلچەمى ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ بۇلار : كۆك رەڭ ، سېرىق \ئاپلېسىن رەڭ ، قارا
\كۈلرەڭ \ئاق رەڭلەردىن ئىبارەت . ئىشلىتىلگەن تور بېكەت ئاساسىي گەۋدە رەڭلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كىشىگە بېرىدىغان ھىس تۇيغۇ ۋە
كۆرۈنۈش ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . تور بېكەت ئاساسىي گەۋدە رەڭگىنى ئويلاشقاندا ، تور بېكەتنىڭ خاراكتېر مەزمۇنى بىلەن باغلاپ ئويلىنىش
لازىم . مەسىلەن : ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى ئىشلەش توغرا كەلگەندە ئازادە ، سالماق ، سالاپەت جەھەتلەردىن كۆپرەك باش قاتۇرۇش،ئالا – بولىماچ
لايىھەلەپ قويۇشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش لازىم . ئەگەر شەخسىيلەر تور بېكىتى بولسا كۆركەم رەڭلەرنى ئىشلىتىش ، لايىھەلەش جەھەتلەردە ئاددىي ۋە
خاسلىققا ئىگە بولۇش لازىم . بېكەت گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان تور بەتلەر ئوتتىرىسىدا ئۇسلۇپ جەھەتلەردە بىرلىكلىك بولۇش، خەت نۇسخىسى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ئىمكان
بار سېستىمىنى قاچىلىغاندا بار بولغان خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك .ئەلبەتتە تور بېكەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېھتىياجغا
ئاساسەن بەزى ئالاھىدە نۇسخىدىكى خەتلەرنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .ئەمما دىققەت قىلىڭكى سىز ئىشلەتكەن بۇ ئالاھىدە نۇسخىدىكى خەتلەر ھەر قانداق
بىر زىيارەتچى كومپيۇتېردا بار بولۇشى ناتايىن. تەگلىك رېڭى ئىشلىتىشتە ئىمكان بار سىدام تەسۋىر ئىشلىتىش،زىيارەتچىلەرگە قالايمىقانچىلىق تۇيغۇسى
بىرىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش لازىم . (5) تەجىربىلىك تور بەت لايھىلىگۈچى ئادەتتە ئالدى بىلەن بېكەت ئۇسلۇبى ۋە بەت يۈزىنى پىلانلىۋېلىش بىلەن بىرگە تور بەت ئېچىش يۇمشاق
دېتاللىرىدىن قايسىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋالىدۇ،بۇنداق قىلغاندا بېكەت قۇرۇش ۋاقتىنى كۆرىنەرلىك قىسقارتقىلى بولىدۇ . تور بېكەت پىلان
خەرىتىسى ماھايەت جەھەتتىن قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئوخشىشىدىغان بولۇپ، لايىھەلىگۈچى photoshp,freehand,fire works قاتارلىق يۇمشاق
دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ، بىرىكمە پىلان لايىھە ئەندىزىسى قۇرىۋالسا بولىدۇ . تور بېكەت لايىھە ئەندىزىسى تەييار بولغاندىن كىيىن ، پىلان لايىھە
ئەندىزىسى ئاساسىدا بېكەت قۇرۇشنى باشلىساق بولىدۇ . (6) يىتەكلەش تالچىسى ( ئۇلىنىش كۇنۇپكىسى)بەلگىلەش : بېكەت لايىھەلەشتە، يىتەكلەش تالچىسىمۇ بېكەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىي بولۇپ
ھىساپلىنىدۇ . قۇرۇلغان بېكەت بەتلىرىنىڭ ئۆز -ئارا ئۇلىنىش ھالىتىنى زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىپ كېتەلىشى ناتايىن ، شۇڭلاشقا بەت ئالمىشىپ
زىيارەت قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن يىتەكلەش تالچىسىنى ئىمكان بار گەۋدىلىكراق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم . بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
تۆۋەندىكىچە : 1. زىيارەت قىلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى بەتنىڭ تەپسىلى ئورنى : قانداقلا تور بەت بولسۇن كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئورۇنغا نۆۋەتتىكى تور بەتنىڭ كونكىرتنى
ئورنىنى ئىزاھلاش ئارقىلىق، زىيارەتچىلەرنىڭ قايسى بەتنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش . ئەگەر چېتىلغان بەتلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە
، بەت نومۇر ئۇلانمىسى سېلىش ۋە ياكى ئالدىنقى بەت، كىيىنكى بەت يېتەكچى تالچىسى بېكىتىپ زىيارەتچىلەرنىڭ تور بەتنى نورمال زىيارەت قىلالىشى
ئۈچۈن قولايلىق يارىتپ بېرىش لازىم . 2. ئىزلەش ۋە مۇندەرىجە: ئەگەر ساندان تۈرىدىكى بېكەت بولسا زىيارەت قىلغۇچىلارنى ئىزلەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش، ياكى مۇندەرىجە تورغۇزۇپ
ئىزلەش ئىقتىدارى قۇشۇش لازىم .بۇنداق بولغاندا زىيارەتچلەر ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تىز سۈرئەتتە ئىزلەپ تاپالايدۇ . 3. ئۇچۇر ئىنكاس ئىقتىدارى : تور بېكەت قۇرۇلۇپ ئىنتىرنىت تورىغا يوللانغاندىن كىيىن، ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن .
ئىنكاس ئۇچۇرى يوللاش قوبۇللاش ئىقتىدارى قۇشۇش ئارقىلىق بېكەتتىكى نۇقسانلارنى زىيارەتچىلەر ئارقىلىق ۋاقتىدا بايقاپ ، تور بېكەتنىڭ
مۇكەممەللىگى ئۈچۈن قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىرىشكىلى بولىدۇ . يۇقارقىدەك مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ، زىيارەتچىلەر بىلەن بېكەت قۇرغۇچى ۋە ياكى بېكەت باشقۇرغۇچىسى
بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تور بېكەتكە تەپسىلىي قالدۇرۇپ قويۇش لازىم . (7) ماتىرىيال توپلاش: تور بېكەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يىزىق ، رەسىم ۋە كۆپ ۋاستە ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزمۇن پۇراقى
بولمىغان تور بېكەت ھەر قانچە كۆركەم بولسىمۇ زىيارەتچىلەرنى دائىملىق جەلىپ قىلالىشى ناتايىن .شۇڭلاشقا بېكەت قۇرۇشتىن ئاۋال بېكەت
قۇرۇلمىسىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ماتىرياللارنى يىغىپ ، قايسى بەتكە قانداق مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىلىق پىلان تۈزۋىلىش كېرەك . مەسىلەن :
قايسى بەتكە رامكا قېلىپ ئىشلىتىلدۇ؟ قايسى بەتكە رەسىم قۇشۇلىدۇ ؟، يېتەكلەش تىزىملىكى قانداق ھالەتتە بولىدۇ ؟قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن
كىيىنكى بەت تۇتاشتۇرىلىدۇ ؟ قانداق رەڭ قانداق ئۇسلۇپتا بولۇشى مۇۋاپىق دىگەندەكلەر . بولارنىڭ ھەممىسى ماتىرىيال يىغىش ئېھتىياجىدىكى
زۈرۈر ئۇچۇرلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . 1. مۇھىم بولغان يازمىلار : مەسىلەن: ئىدارە ، كارخانا ، شىركەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇشقا دائىر يازمىلارنى دەماللىققىلا يىزىپ يوللىماسلىق ، مۇناسىۋەتلىك
كىشىلەر ئارقىلىق ئەتىراپلىق ئويلىنىپ مېغىزلىق ، ئىخچام قىلىپ يېزىش ، ئىمكان بولسا ئىدارە ، كارخانا ، شىركەتلەر توغرسىدا تەپسىلى چۈشەنچە
بېرىلگەن ئورگىنالنى ئىشلىتىش لازىم . 2. ئاساسلىق رەسىم شەكىللەر : مەسىلەن : كارخانىنىڭ بەلگىسى ( لوگو ) ،تور بېكەت تەگلىگىنىڭ رەسىملىرى قاتارلىقلار . بۇ خىلدىكى رەسىملەرنىڭ
زىيارەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش قېتىم سانى كۆپ بولۇپ ، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇشقا بولمايدۇ . 3. ھۆججەت ئىسكىلاتى : بەزى دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم تور بەت مەزمۇنلىرىنى ، ھۆججەت ئىسكىلاتى قۇرۇپ مۇناسىپ ئىسكىلاتقا توپلاش
ھەمدە بەت ياساشتىن ئىلگىرى ئىسكىلاتتىكى بۇ ھۆججەتلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەھرىرلىۋېلىپ ، كىيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇش لازىم . 4. flash كۆپ ۋاستە ئىلمىنتلىرى : نۆۋەتتە flash كۆپ ۋاستە ئىلمىنتلىرىنى قوللىنىۋاتقان تور بەتلەر پەيدىنپەي كۆپەيمەكتە. بەت لايىھەلىگۈچى بۇ
خىل كۆپ ۋاستە ئىلمىنتىلىرىنى بەت لايىھلەشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك سېستىمىلاردا تۈزىۋېلىپ مۇناسىپ ھۆججەت ئىسكىلاتىغا ساقلاپ قويۇپ، ،كېيىن
تور بەت ياساشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت ھازىرلاپ قويۇشى كېرەك . بىلىك كولۇبىدىن ئەرتەش ئەپەندىم تەييارلىغان. |