United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
(INTERNET (2دىگەن نىمە ؟
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 261    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 22:08:06

INTERNETدىگەن ئوقۇم 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ   يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق
تەتقىقات ئورنى DARPAدىكى ARPANET تورىدىن  ۋۇجۇتقا كەلگەن . ARPANET تورى __  كومپيۇتېر تورىنىڭ مەلۇم قىسمىدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ ، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا ، تور بەلۋىغىنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ  يەنىلا نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ  . ھەمدە بۇ ئارقىلىق يادرو ئۇرۇشى پارتىلىغاندا نورمال بولغان ئۇچۇرلىشىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ARPANET تورىغا قوشۇلغان كىشىلەر ۋە ئاپىراتلار  پەيدىنپەي كۆپىيىپ  ، ARPANETنىڭ كۆلىمىمۇ زورىيىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ . ARPANETتورى پەقەت ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە تور بەلۋاغلىرى بىلەن ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ قالماستىن ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ يىراق مۇساپىلىك ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ،يەرلىك ئورۇندىكى كومپيۇتېر ۋە تور بەلۋىغىنى  ARPANETتورى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ .ھەمدە ئوخشاشلا TCP/IP ئالاقە كېلىشىمنامىسىنى قوللىنىدۇ . 20 ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل TCP/IP ئالاقە كېلىشىمنامىسى ئارقىلىق ئۆز – ئارا تۇتاشتۇرۇلغان تور لېنيەسىنىڭ كۆلىمى مىسىلسىز كېڭىيىپ يەر شارى خاراكتېرلىق خەلقئارالىق تور INTERNETنى شەكىللەندۈرىدۇ .
1985 – يىلى ئامېرىكا پەن – تېخنىكا فوندى جەمىيىتى NSF،زور مەبلەغ بىلەن تېلىگراف شىركىتىنىڭ ئالاقە سىم يولىنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئامېرىكا مىقياسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى بەش چوڭ كومپيۇتېر مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ،ئۆتمۈشتە پەقەت ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ساناقلىقلا پەن- تېخنىكا ئالىملىرى ئىشلىتەلەيدىغان بۇ زور كۆلەملىك كومپيۇتېر ئەسلىھەلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەتتىكى  كىشىلەرنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن، NSF TCP/IPكېلىشىمى ئاساسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر ئالاقە تورى NSFNETنى قۇرۇپ چىقىدۇ . ھەمدە NSFNETنى مەملىكەت مىقياسىدا ، رايون ئايرىپ كەڭ دائىرىلىك تورلاشتۇرۇپ ، توردىكى ھەر قانداق بىر ئابونتنى ئالاقە ئۇچۇر خىزمىتى ئۈچۈن قولايلىق بولغان شارائىتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .بۇ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن   NSFNET   1986-  يىلى ARPANETنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، INTERNETنىڭ يېڭى بىر غولىغا ئايلىنىدۇ .شۇنىڭدىن باشلاپ   تور بەلۋىغىنىڭ  پەقەت پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئورۇنلىرى، مائارىپ، ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىلا ئىشلىتەلەيدىغان ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلىدۇ . شۇڭلاشقا بەزىلەر NSFNETنى INTERNETنىڭ ئىككىنچى باسقۇچ تەرەققىياتىدىكى يۈرۈشتۈرگۈچ تور (PRODUCTION NETWORK)دەپمۇ ئاتايدۇ . ( بىرىنچى باسقۇچ تور تەرەققىياتى _تەتقىقات تورى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئېنگىلىزچە RESEARCH NETWORKدەپ ئاتىلاتتى )
NSFNETنىڭ تەرەققىياتى يەر شارى خاراكتېرلىق INTERNETساھەسىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن ، بۈگۈنكى كۈندىمۇINTERNETتورىNSFNETئارقىلىق ئوخشاشمىغان دۆلەتلەردىكى  نۇرغۇنلىغان  كومپيۇتېرلارنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرماقتا . INTERNET تور ئىقتىدارىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى ۋە كېڭىيىشى   بىلەن سودا خاراكتېرلىق ئۇچۇرلىشىش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا چىقتى . شۇنىڭ بىلەن INTERNETتورى ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق سودا خاراكتېرلىق تور تەرەققىياتىغا قاراپ يۈزلەندى . 
شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى INTERNET دۆلەت تەۋەلىگى بولمىغان پۈتۈن دۇنيادىكى سانسىزلىغان كومپيۇتېرلار ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى تور بەلۋىغىدىن ئىبارەت . INTERNET تورىغا  تۇتاشتۇرۇلغان ھەر قانداق بىر كومپيۇتېر مۇشۇ تور لىنيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
دۆلىتىمىز 1994 – يىلى INTERNETتورىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى  .

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:كۆپ ھۆججەتنىڭ نامىنى بىرلا ۋاقىتتا تەرتىپ بويىچە
&  كېيىنكى ئۇچۇر:تور بېكەتنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەش
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

23