يۇمشاق دىتالنى ھەقسىز ئىشلىتىش ئۇسۇلى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 618 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 22:06:43 |
نۆۋەتتە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار قاتتىق دىسكىنىڭ لوگىكىلىق ياكى فىزىكىلىق نۇمىرىدىن پايدىلنىپ شىفىرىلىنىۋاتىدۇ . ھەمدە شىفىرلاش ئۇسۇلى بارغانسىرى مۇرەككەپ بولۇپ ، ھەتتا پروگراممىنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىگە قىستۇرىۋىتىلگەن . شۇڭا بۇنىڭ شىفىرنى يېشىپ بولۇشقا نۇرغۇن ۋاقت كېتىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق يۇمشاق دېتاللارنى بىمالال ئىشلىتىشنىڭ ئاسانراق ئۇسۇلى بارمۇ ؟ تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ : لىكىن ئىشلەتمەكچى بولغان يۇمشاق دىتالنى تىزىملاتقان بىر كومپيۇتىردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ . بولمىسا بىرنى سېتىۋىلىپ تىزىملىتىمىز : ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغانچە كۆپ كومپىيۇتېردا ئىشلىتەلەيسىز: (1) قاتتىق دىسكا لوگىلىق نومۇرىدا قۇلۇپلانغان دىتاللارنى ئىشلىتىش . قاتتىق دىسكىنىڭ لوگىلىق نومۇرى دىسكا فورماتلانغاندا سىېستىما تەرىپىدىن يېزىلىدۇ. لىكىن بۇ نومۇرنى دىسكىنى فورماتلىماي تۇرۇپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار بار . مەسىلەن : ChangeDiskId دىگەندك: شۇڭا مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز. يەنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەكچى بولغان يۇمشاق دېتال تىزىملانغان كومپيۇتېردىكى قاتتىق دىسكىنىڭ ( c دىسكا بىلەن قاچىلانغان دىسكا ) نىڭ لوگىلىق نومۇرىنى يۇقىرىدىكىChangeDiskId قۇرال دىتال بىلەن خاتىرلىۋىلىۋالىمىز . ئاندىن ئىشلەتمەكچى بولغان كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكا نومۇرىنى ChangeDiskId ئارقىلىق خاتىرلىۋالغان نومۇرغا ئۆزگەرتىمىز . ئاندىن قاچىلاش پروگراممىسنى ئىجرا قىلىپ ، ئالدىدا ئىشلەتكەن تىزىملاش نومۇرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ . ئەگەر يۇمشاق دېتال تىزىملاش نومۇرىنى قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تەلەپ قىلسا ، قاتتىق دىسكا نومۇرىنى قاچىلاپ بولۇپ ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلدا قاتتىق دىسكا نومۇرى ، تىزىملاش نومۇرى ، ۋە ھىلىقى قۇرال ChangeDiskId قاتارلىقلارنى بىر يۇرۈش ئېلىپ يۈرۈپ ، كۆپلىگەن كومپيۇتېردا پايدىلىنشقا بولىدۇ . |
|
|
|