United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
photoshop نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 375    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 22:06:28
1- كەڭ كۆلەملىك رەسىم شەكلىنى قوللاش ، شۇنداقلا ھەرخىل رەسىملەر ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى . مەسىلەن : دېگەندەك سۈرەت شەكىللىرى. `
2-رەسىمگە بولغان تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە ، سۈرەتنىڭ چوڭ كېچىكلىكى ھەم ئېنىقلىق نىسبىتىنى تەڭشەش . ھەم رەسىملەرگە بولغان چوڭ كېچىك ھالدا كېسىپ چاپلاش ئالاھىدىلىكى .
3-ھەرخىل رەڭ شەكلىنى قوللاش ھەم ئۇلارنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى . ئۆزئېچىگە ئالىدىغان شەكىللىرىدىن ئاق قارا ، رەڭسىز ، ، ، دېگەنگە ئوخشاش .
4-رەسىم سېزىش ئىقتىدارى. photoshop cs نىڭ شەكىل قۇرالى ، سىزىش قۇرالى ، قەلەم قۇرالى قاتارلىق مەخسۇس سېزىش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل رەسىملەرنى سىزغىلى بولىدۇ. ,
5-رەسىم قەۋەت ئالاھىدىلىكى . photoshop cs دە ، ئوخشىمىغان رەسىم قەۋىتى ئارقىلىق ئوخشىمىغان رەسىم شەكلى ، ھالىتىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. ھەمدە ئوخشىمىغان رەسىم قەۋەتلىرىنى خالىغانچە كۆپەيىتكىلى ، تەھرىرلىگىلى ، چوڭ كېچىك قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
6- تاللاش ئىقتىدارى . photoshop cs نىڭ ھەرخىل تىپتىكى تاللاش قۇراللىرى : شەكىل ھالەتتە تاللاش قۇرالى ، شەكىلسىز ھالەتتە تاللاش قۇرالى ، سېھىرگەرلىك تايىقى ، قاتارلىقلار ئارقىلىق ناھايىتى ئوڭايلا ، ئۆزىمىزگە لازىملىق بولغان يەرلەرنى تاللاپ ئالالايمىز .
1.2.1 رەڭ شەكىللىرى %4
سۈرەتلەرنىڭ رەڭ شەكىللىرىدىن بىز بۇ يەردە RGB شەكلى ۋە CMYK شەكلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .
RGB شەكلى .
RGB شەكلى بولسا photoshop cs نىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان بىر رەڭلىك بولغان رەڭ ھالىتى بولۇپ ، بۇ خىل رەڭ شەكلىنىڭ ئاساسلىق ئىپادە قىلىدىغان رەڭلىرى ، قىزىل red ، يېشىل green ۋە كۆك blue رەڭدىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ رەڭنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ، 
بۇ ئۈچ رەڭنىڭ باش ھەرىپىنى ئېلىش ئارقىلىق RGB رەڭ شەكلى دەپ ئاتالغان.

CMYK شەكلى
CMYK شەكلى بىر خىل باسمىغا ئىشلىتىلىدىغان شەكىل بولۇپ ، ئۇ يىشىل كۆك CYAN رەڭ ، ئاچ قىزىل magenta رەڭ ، سېرىق yellow رەڭ قاتارلىق ئۈچ رەڭ بىلەن قارا رەڭنىڭ بىرلەشمىسى بىلەن شەكىللىنىدۇ .
 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:Vista نىڭ قاتتىق دىتالغا بولغان تەلىپى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:يۇمشاق دىتالنى ھەقسىز ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

16