ئېكراندا بىر توغرا سىزىق ئۈستىدىن ئاستىغا چۈشۈپ تۇرۇش ھادىسىسى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 82 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:37:18 |
ئېكراندا بىر توغرا سىزىق ئۈستىدىن ئاستىغا چۈشۈپ تۇرۇش ھادىسىسى. بۇ كاشىلا بىر نەچچە ئېكراننى يېقىن ئارىلىققا قويۇپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ياكى ئېكران ئەتراپىدا كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بولۇش سەۋەبىدىن بولغان. يېقىن ئارىلىقتىكى بىر نەچچە ئېكران ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇڭ. يېقىن ئەتراپتىكى كۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى پەيدا قىلغان ئۈسكۈنىنى يىراق جايغا يۆتكىۋېلىڭ. ئېكران ئوڭ تەرىپى مايماق. تەڭشەش كۇنۇپكىسى بىلەن تەڭشىگەندىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. بۇ تەڭشەش كۇنۇپكىسىنىڭ كاشىلىسى ئەمەس. ئېكراننىڭ گورىزونتال تەۋرەتكۈچىنىڭ بۇزۇلغانلىق سەۋەبىدىن بولغان، بۇنى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. (ئېكران ئۈستى ياكى تەرىپىنىڭ مايماق بولۇشى ھەم تەڭشەش كۇنۇپكىسى بىلەن تەڭشىگىلى بولماسلىق ھادىسىسىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش). ئېكران ئەسلىدىكى #15 بولۇپ، ھازىر ئېكران يۈزى #1 ئەتراپىدا، تەڭشەش كۇنۇپكىلىرى ئارقىلىقمۇ تەڭشىگىلى بولمىدى. بۇ خىل ھادىسە ئېكران ئىچىدىكى يۇقىرى بېسىملىق توك يولىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. |
|
|
|