ئېكران يۈزىنىڭ تىترىشىدىكى سەۋەبلەر: |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 78 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:36:59 |
ئېكران يۈزىنىڭ تىترىشىدىكى سەۋەبلەر: (1) ئېكران چاستوتىسى بەك تۆۋەن تەڭشىلىپ قالغان. ئادەتتە 75Hz دىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا تىترەش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئېكران چاستوتىسى 75Hz دىن يۇقىرى بولۇش كېرەك. (2) بېسىم ئۆتكۈزگۈچ، بېسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئېكرانغا بەك يېقىن بولۇپ قالغان. (3) كومپيۇتېر توك مەنبەسى ياكى ئېكران توك مەنبەسىنىڭ توك يولى كونىرىغان ياكى كاشىلا كۆرۈلگەن. (4) ياڭراتقۇ ئېكرانغا بەك يېقىن ئورۇنغا قويۇلغان. (5) كومپيۇتېرغا ۋىرۇس يۇققان. (6) كۆرسىتىش كارتىسى مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. (7) مەشغۇلات سىستېمىسىدىن سىستېمىنىڭ بوففېر ساقلىغۇچى ئۆزگىرىپ كەتكەن. |
|
|
|