United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىلىرى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 113    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:27:43

كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال كاشىلىلىرى
كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى، فىزىكىلىق بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېردا يۈز بەرگەن قاتتىق دېتال كاشىلىلرىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقى، يۈز بېرىش سەۋەبى، يۈز بەرگەن ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىغا ئاساسەن ھەقىقىۇ لاشىلا ۋە ساختا كاشىلا دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ھەقىقىي كاشىلا _ كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدىكى ئېلېكترون توك يوللىرى، مېخانىكىلىق، ئوپتىكىلىق قىسىملىرىدىكى فىزىكىلىق بۇزۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كاشىلىلار كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى يوقىتىش، ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ساختا كاشىلا _ كومپيۇتېر قاتتىق دېتال سىستېمىسى نورمال، بىراق قاتتىق دېتالنىڭ قاچىلىنىشى، تەڭشىلىشى، قوزغىتىغ پروگراممىسىنىڭ نورمال بولماسلىقى، سىسرتقى ئامىل (مەسىلەن: توك بېسىمى، تېمپېراتۇرا) قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلىلارنى كۆرسىتىدۇ.
2. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
(1) ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا. كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدا نۇرغۇنلىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۆزەكلىرى، كوندېنساتور، كرىستال لامپا ... قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى، ئىچكى قىسمىنىڭ بۇزۇلۇشى، زەرەت قويۇپ بېرىشى، چاستوتا خاسلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كاشىلىلار.
(2) ياساش تېخنىكىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئېلېكترون دېتاللىرىنى كەپشەرلىگەندە، ساختا كەپشەرلەش، ئارىلىقنىڭ بەك يېقىن بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن چاڭ _ توزان ۋە نەملىك تەسىرىدە قىسقا تۇتىشىپ قېلىش. باسما توك يولىدىكى مىس پەردىنىڭ يېرىلىشى، ئۇلانغان جايلارنىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
(3) كونىراش خاراكتېرىدىكى كاشىلىلار. مېخانىكىلىق قىسىملارنىڭ بۇزۇلۇشى. مەسىلەن: پىرىنتېر يىڭنىسىنىڭ سۇنىشى، ماگنىتلىق دىسكا، ماگنىتلىق باشنىڭ بۇزۇلۇشى، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كۇنۇپكىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىشى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇشى. مەسىلەن: ئېكران نۇرىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، كوندىنساتور، توپلاشتۇرۇلغان توك يوللىرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىشى قاتارلىق كاشىلىلار.

(4) ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. ئۆزگىرىشچان توك مەنبەسىگە يېقىن جايدىكى كوندىنساتور، ئىندۇكسىيىگە سەزگۈر دېتاللارنىڭ ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلىلار.
(5) مېخانىكىلىق كاشىلىلار. كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىدىكى مېخانىكىلىق قىسىملارنىڭ سۈركىلىشى، سۇنىشى، ئۇپرىشى، يۆتكىلىپ كېتىشى، ئېلاستىكىلىقىنىڭ يوقىلىشى ... قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
(6) ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار. بۇ ئاساسلىقى يۇمشاق دىسكا ۋە قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن دىسكىدا ساقلانغان ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
3. يۈز بەرگەن كاشىلىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بەش تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
(1) توك مەنبە كاشىلىسى: توك مەنبەنىڭ نورمال توك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا.
(2)ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كاشىلىسى: ھەرخىل ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كۈيۈپ كېتىشى، بوشاپ قېلىشى، ياخشى تۇتاشماسلىقى، تېمپىراتۇرىنىڭ بەك ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
(3) ئۇلاش سىملىرىدىكى كاشىلا: ئاساسىي ماشىنىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى قىسىملارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كابىل، سىملارنىڭ بوشاپ قېلىشى، ئاجراپ كېتىشى، خاتا ئۇلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
(4) تەڭشەش سىمىدىكى كاشىلا: باسما توك يولى تاختىسىدىكى تەڭشەش سىملىرىنىڭ ئاجراپ كېتىشى، خاتا ئۇلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.
(5) قاتتىق دېتاللارنىڭ ماسلاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلا: بۇ ئاساسلىقى قاتتىق دېتاللار بىلەن ئۆزەك پلاستىنكا ماسسلاشماسلىقى، تېزلىكى ۋە چاستوتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كاشىلىلار.
(6) توك مەنبەسى، ئېلېكتر بېسىمىنىڭ نورمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كاشىلىلار.

 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:كومپيۇتېردا 40GB قاتتىق دىسكىدىن بىرسى بار ئىدى . يەنە 80GB دىسكىدىن بىرنى سەپلىسەم بولامدۇ؟
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

13