كومپيۇتېر كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 129 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/12/2 20:27:14 |
(1) كاشىلا بار جاينى مۇقىملاشتۇرۇش. كومپيۇتېردا كاشىلا كۆرۈلگەندە ئاۋۋال كاشىلا كۆرۈلگەن جاينى بىلىش. ئاندىن قەدەممۇ قەدەم كۆزىتىپ كاشىلا كۆرۈلگەن جاينى مۇقىملاشتۇرۇپ، توغرا بىر تەرەپ قىلىش. (2) ماتېرىيال توپلاش. كاشىلا كۆرۈلگەن جاي ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئاساسىي تاختىنىڭ تىپى، BIOS نىڭ نەشرى، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى ... قاتارلىق ماتېرىياللارنى توپلاش. ئاندىن ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مەسىلىنى بايقاش. (3) ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. كومپيۇتېردا كۆرۈلگەن كاشىلىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق بولغان بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. |
|
|
|