Alt كونۇپكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى |
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com ئاۋاتلىغى: 12 قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010-11-11 21:39:10 |
Alt كونۇپكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى 1) Alt كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىك ستونىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، Alt+F ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ ھۆججەت تىزىملىكىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ،شۇنىڭدەك ( ماس ھالدىكى ھەرپ + Alt) نى بېسىش ئارقىلىق شۇنىڭغا ماس ھالدىكى تىزىملىكنى قوزغاتقىلى بولىدۇ . 2) Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچى پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ،ئۇ ئارقىلىق خالىغان ۋەزىپىنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولىدۇ . بۇ بىرلەشمە كونۇپكىنى قايتا بېسىش ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقىلى بولىدۇ . 3)مەلۇم ئوبيېكتىپنى تاللاپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ ئوبيېكتىپنىڭ خاسلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ . DOS (4 كۆزنىكىدە تۇرۇپ Alt+Enter بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق پۈتۈن كۆزنەك ھالىتى ۋە ئادەتتىكى كۆزنەك ھالىتى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ . Alt+PrintScreen (5 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئېكراننى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ .ئاندىن ئۇنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمتالى ئارقىلىق رەسىم شەكلىىدە ساقلىۋالغىلى بولىدۇ . ساقلاش ئۇسۇلى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمتالىنى قوزغىتىپ قۇرۇق بەتتىن بىرنى ئېچىپ ئېچىپ چاپلىساقلا بولىدۇ . Alt+F4 (6 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ . Alt (7 كونۇپكىسىنى قويۇۋەتمەي يەنە Tab نى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق ۋەزىپە ستونىدىكى كۆزنەكلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ . 8) نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان پروگراممىدا تۇرۇپ Alt+Space بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق بىۋاستە سىستېما كونترول تىزىملىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ . Shift+Print Sscreen+Alt (9 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق يوقىرى سېلىشتۇرما دەرىجىسىگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ . Shift + Num Lock +Alt (10 بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ماۋۇس كونۇپكىسى ۋېكليۇچاتىلىنى ئاچقىلى بولىدۇ . Word (11 تا تۇرۇپ تېكست تاللىماقچى بولغاندا ئاۋۋال Alt كونۇپكىسىنى بېسىپ ئاندىن تاللىساق تىك قاتار بويىچە تاللاشقا بولىدۇ . Word (12 تا تۇرۇپ Alt +Shift + D بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق شۇ كۈنلۈك چېسلانى كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، بىرلەشمە كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ۋاقىتنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ. |
|
|
|