United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> سۈرەتلىك ئۆگۈتۈش >> تۈرلەر تاللاش >> دەسلەپكى ساۋات
   كومپىيوتېر ئۆگىنىش    
Windows XP نىڭ كىرىش پارۇلىنى
ئۇچۇر مەنبەسى:xirinim.com     ئاۋاتلىغى: 16    قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010-11-11 21:38:42
Windows XP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنۇتسىڭىز
نىڭ Administrator مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ.
 لىكىن مەن بۇ يەردە سىزگە بىرنەچچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
Windows XP نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
1. خىل ئۇسۇل: ئەگەر سىز Windows XP نىڭ ئۆزىڭىز قۇرۇۋالغان ئابونت مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، بۇنى ھەل قىلىش ئاسان. كۆپىنچە كىشىلەر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنجى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۆزى يېڭىدىن ئابونت قۇرۇپ، Administrator بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر يوچۇق ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز قۇرغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان. يەنى سىز Windows نىڭ Dos ھالىتىدە Net بۇيرۇقىنى ئىشلىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ سەل ئاۋارىچىلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى نورمال قوزغۇتۇپ، ئابونىت نامى چىقىپ مەخپى نۇمۇر سېلىش ھالىتىگە كەلگەن چاغدا، Ctrl+Alt+Del ئۈچ كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەركىن ئابونىت نامى سېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، سىز ئابونىت نامىغا Administrator نى سېلىپ، Enter نى بېسىپ سېستىمىغا كىرەلەيسىز، ئەشۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئابونت نامىڭىزنى ئۆچۈرۈپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام.
 2. خىل ئۇسۇل: كومپىيوتىردا پەقەت Administrator دىگەن ئابونتلا بولۇپ ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئاۋارە بولماڭ.
يەنى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى Dos قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغۇتۇڭ (ئەلۋەتتە دېسكىڭىز Fat بويىچە فورماتلانغان بولسا قانداق Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر NTFS بويىچە فورماتلانغان بولسا چوقۇم NTFS نى قوللايدىغان Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى بولسۇن ، ھازىرقى سېستىما قاچىلاش دېسكىلىرىدا ئاساسەن دوس قوزغىتىش ھالىتىگە كىرەلەيدۇ .)، ئاندىن سىز مەشغۇلات سېستىمىسى غول مۇندەرجىسى ئاستىدىكى \system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam دىگەن ھۆججەتنى (بۇ ھۆججەتنىڭ ھېچقانداق كېڭەيتىلگەن ھۆججەت نامى يوق) قورقماي ئۆچۈرىۋىتىڭ، ياكى بولمىسا مەخپى شىفىر سېلىنمىغان بىرەر كومپىيوتېردىن يۇقارقى ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭ  ئاندىن كومپىيىوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز، Administrator نىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھىس قىلىسز. system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam ھۆججىتى دەل Windows XP نىڭ ئابونت سانلىق ئامبار ھۆججىتى، بۇنىڭدا سېستىما ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ بارلىق مەخپى ئۇچۇرى ساقلانغان، سىز ئۇنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ۋىندوۋس شىپ قايتا قوزغۇلۇش جەريانىدا، ھېچقانداق مەخپى نۇمۇرى بولمىغان sam ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرنەچچە خىل ئۇسۇل بار، ئەڭ ئاددى، قولايلىق ئۇسۇل يۇقارقىلار
 
 
  &  ئالدىنقى ئۇچۇر:Windows XPنىڭ قوزغىلىش رەسىمنى
&  كېيىنكى ئۇچۇر:Alt كونۇپكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى
  بېكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرى توردىن توپلانغان بولۇپ بارلىق ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورىغا تەۋە ، ئەگەر ھوقۇقىمىزغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ بىز دەرھال چىقىرىۋېتىمىز، رەخمەت!
تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى تۈپەيلى بىر قىسىم ئۆگۈتۈش ماتىرياللىرنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى مۇمكىن ، سەۋر قىلىپ ساقلاڭ!  (قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت)
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

4