دۇنيا يەرمەنكىسى ئەسلىمىلىرى: شادلىق كۈلكىسى . تەسىرلىك كۆز ياشلار |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى27-ئۆكتەبىر
246 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ، 70 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ئېكىسكۇرسىيەچى ئورتاق تەنتەنە قىلغان كاتتا يىغىلىش ـــــ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. كىشىلەر خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى قىرغىقىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى قانچىلىغان كۈلۈمسىرىگەن يۈزلەر، تەسىرلىنىشتىن ئاققان تارام - تارام كۆز ياشلارنى ئەسلىمەكتە. تۆۋەندىكى ئون پارچە سۈرەت 2010–يىللىق ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسى ئەسلىمىلىرى›› نىڭ بىر قىسمى. بۇلار دۇنيا يەرمەنكىسى تارىخىدا، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالغۇسى:
010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوينالدى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىدىن كەلگەن ئىككى بالا سەھنىگە چىقتى
خەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىراق سارىيى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، ئىراقلىق بالىلار ساراينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو بالىلار ناخشىسى ‹‹ئىككى يولۋاس›› نى ئېيتتى
خەي دۇنيا يەرمەنكىسى جەنۇبىي ئافرىقا سارىيىدا 2010–يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، كىچىك توپ مەستانىلىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
خەي دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو سارىيى ئالدىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ۆكتەبىر ، خەلقئارا ئەمالار كۈنىدە ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ھاياتلىق قۇياش نۇرى سارىيىدا، ئەما پىدائىيلاردىن جۇ گوشياڭ (ئوڭدا) بىلەن شيې دەنلىڭ ئالاھىدە ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسى توي مۇراسىمى›› ئۆتكۈزدى
نيا يەرمەنكىسى خور بايرىمى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 2010 كىشىلىك خور قوشۇنى دۇنياۋى داڭلىق كۈيلەر ۋە دۇنيا يەرمەنكىسى مۇنەۋۋەر ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى
ست، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچا رايونىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسى مەركىزىدە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇچۈ ناھىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە زور تاغ كەلكۈنى، لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈلدى

ەبىر، چىلې سان خوسې مىس كېنىغا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ‹‹سۇمۇرغ 1–نومۇر›› شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىدىكى چىلې سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىندى
ىر، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسى ئىجرا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 70 مىليون ئادەم (قېتىم) لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى كۆرسىتىلدى
ھەتچىلەر دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردى. شۇ كۈنى سائەت 21:00 گىچە، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ پۈتۈن كۈن باغچىغا كىرگەن ئادەم سانى 1 مىليون 32 مىڭ 700 ئادەم (قېتىم) گە، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئېكىسكۇرسىيەچى سانى 64 مىليون 620 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، ھەر ئىككىلا كۆرسەتكۈچ 1970–يىلىدىكى ئوساكا دۇنيا يەرمەنكىسىدە يارىتىلغان تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يېڭىلىدى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-10-28 13:56:22 ئۇقۇلۇشى: 153 قېتىم] |
|