جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى19-ئۆكتەبىر
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى
ئومۇمىي يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى
ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىيتەرەققىياتنىڭ 12–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى
ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى
ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە ‹‹12 – بەش يىل››دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى چاقىرىق قىلىندى
يىغىندا ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى
خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2010–يىل 10–ئاينىڭ 18–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5–ئومۇمىي يىغىنى 2010–يىل 10–ئاينىڭ 15– كۈنىدىن 18–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىدىن 202 كىشى ، كاندىدات ئەزاسىدىن 163 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقان قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا خۇ جىنتاۋنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12– بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋېن جياباۋ ‹‹تەكلىپ(مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.
ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4–ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ مۇنداق قارالدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر تەسىرى ۋە ئىچكى – تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە قارىتا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ، 2 – ، 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەريەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىدى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرىدىغان بىر قاتار پىلانلارنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەككەملىدى ۋە كېڭەيتتى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىدى، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى، يۈشۇدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش، جۇچۈدىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاغ كەلكۈنى ۋە لاتقا – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملىدى، شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك، يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: ‹‹12–بەش يىل›› ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىش،يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ‹‹12 – بەش يىل››نى ئىلمىي تۈزۈش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئومۇمىي يىغىندا ‹‹11–بەش يىل›› دا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ مۇنداق قارالدى : پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى بولغان تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا ۋە كۈچلۈك بولغان ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ئۇللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە يېڭى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بەش يىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا مەرتىۋىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. خەلقئارا تەسىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ھەم ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى. بۇ بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن، توپلانغان تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، يارىتىلغان مەنىۋى بايلىقنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر.
ئومۇمىي يىغىندا ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىچكى–تاشقى مۇھىت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەتكە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ھېلىھەم چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەم تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلگەنلىكى، ھەم مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى. بىز پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ – خەتەر ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشىمىز، زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹12–بەش يىل›› نى تۈزۈشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە سىلىق، تېزرەك تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساس سېلىشىمىز شەرت.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى جۇڭگودا تەرەققىيات چىڭ قائىدە دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم تايانچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈكلۈكى، ماسلىقى، ئىمكانيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلۈنىشى ۋە شارائىتنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى روشەن كۈچەيتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا رىقابەت كۈچى، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى روشەن ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇشىنى روشەن ياخشىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە، ئىقتىسادنى سىلىق، تېزرەك راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورت ماسلىشىپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلار بەختلىك ياشايدىغان گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇش كېرەك . زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، ياسىمىچىلىقنى ئۆزگەرتىش ، ئۆستۈرۈش ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپى ۋە ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، دېڭىز – ئوكيان ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ ئورۇنلىشىشى ۋە تۈزۈلۈشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، رايون ئىگىلىكىدە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئاساسىي فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنى ئېنىق بولغان، دۆلەت زېمىنى بۇشلۇقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان رايون تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، بايلىقنى تېجەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېزدىن يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ياخشىلاش، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى يولغا قويۇشقا پۇختا پەن – تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئاساسى سېلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى : خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىدىغان ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ، شەھەر ، يېزىلارنى قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك ، سىجىل بولغان جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، كىرىم تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى، ئىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، نوپۇس خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى ھەم جېنى، دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ. مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە ئورتاق بولغان مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھات ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھاتنى تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈستقۇرۇلمىنى ئىقتىسادىي بازىستىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشكە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزۈش، مالىيە – باج ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھا ۋە ئامىل بازىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹چىقىرىش›› ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ۋە رايون ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا، ئىسلاھاتقا، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكنى ئاكتىپ يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە رەھبەرلىكى ‹‹12–بەش يىل›› دىكى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى . شۇڭا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزاسى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جان – دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ،پارتىيەنىىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى قىسمەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارى مەركەز قىلىنغان كۆپ خىل ھەربىي ۋەزىپە ئورۇنداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ‹‹بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم››، ‹‹شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمىنلىقلار ئاۋمىننى ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش بېجىرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمىننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تىنچ راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ ، پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنى ماكرولۇق تەڭشەشتە مۆلچەرلەنگەن يۆنىلىشكە قاراپ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەردە يېڭى نەتىجە قازىنىش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش تەكىتلەندى . پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيە ئېڭى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ، بىر نىيەت–بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپلىقى، سىستېمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەجبۇرىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ، ئاممىغا زىچ تايىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قۇدرەتلىك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇنى يېڭىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۆلچەرلەنگەن نىشانغا تىرىشىپ يېتىشىمىز كېرەك .
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر ئارقا–ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. جايلار ، تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەشتە ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى تېز تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ماكاننى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . پايدىلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن زىيانلىق ئىشلارنى ئازايتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى تەڭ تۇتۇش، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ئاجىز ھالقىلاردا قۇرۇلۇش تۈرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، جۇغراپىيەلىك ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى، تەكشۈرۈپ سىگنال بېرىش سىستېمىسى، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىندا ، شى جىنپىڭنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى.
ئومۇمىي يىغىندا، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى يەن رۇڭجۇنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاش قارار قىلىندى .
ئومۇمىي يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كاڭ رىشىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى›› قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، كاڭ رىشىڭنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىنىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2009–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى چىقارغان كاڭ رىشىڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى قەيت قىلىندى.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەممە بىر نىيەت–بىر مەقسەتتە ‹‹12–بەش يىل››دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-10-20 20:29:03 ئۇقۇلۇشى: 129 قېتىم] |
|