دۆلىتىمىزدىكى ئاپتۇموبىل سانى 85 مىليۇنغا يەتكەن |

مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ماتۇرلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ سانى 199 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتۇموبىل سانى 85 مىليۇن، ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى سانى 20 مىليۇن، شوپۇرلار سانى 205 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتۇموبىل شوپۇرلىرى 144 مىليۇن، ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن شوپۇر سانى 22 مىليۇنغا يەتكەن. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ساغلام، ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ج خ مىنىستىرلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى توققۇز تۈرلۈك باشقۇرۇشتكى يېڭىچە خىزمەت تەدبىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-10-11 12:29:35 ئۇقۇلۇشى: 257 قېتىم] |
|