10 ياشلىق بالىنى يۇقىرى بىسىملىق توك سوقۇۋەتتى |
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى4-ئاۋغۇست

30-ئىيۇل، تورداشلار ئارىسىدا 10 ياشلىق بۇ بالىنى يۇقىرى بىسىملىق توك سوقۇۋىتىپ، ئېغىر يارلانغانلىقى توغرىسىدىكى سۆرىتى غۇلغۇلا قوزغىغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ بالا كىچىك دوستلار بىلەن ئويناۋىتىپ، يۇقىرى بىسىملىق توك بار تۆۋرۈك يېنىدىكى كامارغا قولىنى كىرگۈزىشىگە پاجىئە يۈز بېرىپ، ئۇنى توك سوقۇۋەتكەن. بالىنىڭ بېشى بىر كامارغا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، توك سوقۇۋەتكەن مەزگىلدە ئۇنىڭ سول تەرەپ يۈز قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يارلىنىپ سۆڭىكى كۆرۈنۈپ قالغان. شۇنداقلا شۇ زامان ھوشىدىن كېتىپ، بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالغان. تۆۋەندىكى كىشىلەرمۇ يۇقىرى بىسىملىق توك سوقۇۋەتكەن بۇ بالىغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. كېيىن ئۇلار توك ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، توكنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بالىنى قۇتقۇزۇپ چۈشكەن. بىراق ئارلىقتا يېرىم سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن. بالا دوختۇرخانىغا جىددى ئىلىپ بېرىلىپ، قۇتقۇزۇلغان. نۆۋەتتە گەرچە بالا خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاددى دېھقان بولغاچقا بالىنى داۋالىتىشقا كەتكەن پۇل ئۇلارنى قىيناپ قويماقتا. ھازىر تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئوبدان تەربىيە بېرىپ، ئىمكانقەدەر بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-4 12:55:41 ئۇقۇلۇشى: 1 قېتىم] |
|