خەۋپسىزلىك كېڭىشى تالىبان ۋە‹‹بازا››تەشكىلاتىغا ئالاقىدار 45شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى جازالاشنى بىكار قىلدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى4-ئىيۇل
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 2 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ۋە تالىباننى جازالاش كومىتېتى 2 – ئاۋغۇست، كومىتېتنىڭ تالىبان ۋە ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا ئالاقىدار 45 شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى جازالاشنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
جازالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ب د ت نىڭ ئاۋىستىرىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى توماس خارتىن شۇ كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ – يوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 18 ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كومىتېت 45 شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى ب د ت نازارەت قىلىۋاتقان 488 شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازالاش تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتتى.
توماس خارتىن مۇنداق دېدى: جازالاش بىكار قىلىنغان بۇ شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىچىدە تالىباننىڭ ئون ئەزاسى، ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ 14 ئەزاسى ۋە ‹‹بازا›› تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 21 ئاساسىي گەۋدە بار. 24 شەخس ئىچىدىكى سەككىز كىشى ئۆلگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-4 12:54:19 ئۇقۇلۇشى: 17 قېتىم] |
|