رۇسىيەدە تۇنجى نېگىر پارلامېنت ئەزاسى سايلاپ چىقىلدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى4-ئاۋغۇست
‹‹رۇسىيەچە ئوباما›› دېگەن نامنىڭ ئىگىسى بارلىققا كەلدى. يېقىندا، رۇسىيەلىك نېگىر ژان ساگوب بازارلىق پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، رۇسىيە ۋە غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۇ ھەقىقىي ‹‹رۇسىيەچە ئوباما›› دەپ ئاتالدى. ئۇ رۇسىيە تارىخىدىكى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن تۇنجى نېگىر سىياسىيون.
ئۆتكەن ئايدا، رۇسىيە تېۋېر ئوبلاستى كوناكوۋېسكى رايونىنىڭ يېڭى زاۋېيدوۋېسكى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ‹‹بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى››نىڭ ۋەكىلى ساگوب %66.86 ئاۋازغا ئېرىشىپ، بازارلىق پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 25 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 48 ياشلىق ساگوب شۇ جايدىكى بىر ئۆي – زېمىن شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ شۇ جايدا ياشاۋاتقىنىغا 21 يىل بولغان ئىكەن. ئۇ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا، مەزكۇر بازاردىكى 10 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىدىغانلىقى، بۇلغانغان كۆللەرنى تازىلايدىغانلىقى ھەم ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ پار يوللىرىنى رېمونت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە شۇ جايدىكى بىر سايلىغۇچىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: بۇ جايدا سايلىغۇچىلارنى سېتىۋېلىش ھادىسىسى ئېغىر، ساگوب قانۇنلۇق ۋاسىتە ئارقىلىق سايلامدا غەلىبە قىلغان تۇنجى نامزات، دېيىلدى.
ساگوب 1982 – يىلى ئافرىقىنىڭ بېنىندىن رۇسىيەگە كېلىپ، موسكۋادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ھەم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە رۇسىيەلىك بىر چىرايلىق ئىستۇدېنت بىلەن توي قىلغان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتۇنى بىلەن يۇرتى بېنىنغا بېرىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە رۇسىيەگە قايتىپ كېلىپ، بۇ بازاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ساگوب سايلام مەزگىلىدە :كەلگۈسىدە ‹‹پەقەت ئۆز يېنىنى چىڭداشنىلا بىلىدىغان كىشىلەر›› بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئىش بولسا، سايلام رىقابىتىدىن ۋاز كېچىمەن، دېدى.
ساگوب ‹‹رۇسىيەچە ئوباما›› دېگەن نامنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئوباما نېگىر، مەنمۇ نېگىر، بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ھېچقانداق ئورتاقلىقىمىز يوق››. ھازىرقى بازار باشلىقى مۇنداق دېدى: ‹‹ساگوب نېگىر بولسىمۇ، ئۆزىنى رۇسىيەلىك دەپ چاغلايدۇ، پەقەت رۇسىيەلىكلەرلا بۇ جايغا كۆڭۈل بۆلىدۇ››. ساگوبنىڭ سايلىنىشى شۇ جايدىكى بەزى رادىكال مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار ھەتتا: ‹‹رۇسىيە ئامېرىكا ئەمەس، شۇڭا نېگىرلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك››، دېدى.
رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: رۇسىيە جەمئىيىتىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقتىن ئىبارەت كونا قائىدە ۋە نامۇۋاپىق ئادەتلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، رۇسىيە تاقىرباشلار پارتىيەسى ھەمىشە چەت ئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ نېگىرلار ۋە سېرىق تەنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇلتۇر پايتەخت موسكۋادىلا 49 قېتىم نېگىرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ساگوبنىڭ بازارلىق پارلامېنتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ سىياسىي ساھەگە كىرگەنلىكى دەرۋەقە ئوڭاي ئىش ئەمەس، بۇ چەت ئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش كەيپىياتى كۈچلۈك بولغان رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەللىك كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-4 12:53:34 ئۇقۇلۇشى: 3 قېتىم] |
|