ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› ئارقىلىق نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى ئېتىشنى باشلىدى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى4-ئىيۇل
ۇقى دېڭىز ئاستىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقتىكى نېفىت تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ 3–ئاۋغۇستتىكى سۈرىتى
، خيۇستون ، 3–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى نېفىت شىركىتى 3–ئاۋغۇست ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ ، مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى ئېتىشنى باشلىدى .
ە نېفىت شىركىتى شۇ كۈنى ئېچىلغان بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› قۇرۇلۇشىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 3–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 دە باشلانغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ قۇرۇلۇشنى باشلاش ئامېرىكا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانى سادې ئاللېننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، تېخنىك خادىملار نېفىت قۇدۇقىغا قارىتا ‹‹كىرگۈزۈش سىنىقى›› ئېلى
قتۇرۇش ئۇسۇلى›› دېگەنلىك زور مىقداردىكى دېڭىز ئاستى راستورى ۋە سېمونتنى نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقى ئارقىلىق نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇققا كىرگۈزۈپ، قۇدۇق ئېغىزىنى ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ۇلۇشنىڭ 33 سائەتتىن 61 سائەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لىيە نېفىت شىركىتى ئۆتكەن ئاينىڭ 15 - كۈنى ‹‹شىلەپە 10 - نومۇر›› ناملىق نېفىت تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى سۇ ئاستىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىيگۈزگەن ئىدى، كەينىدىن بۇ شىركەت ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رچە، ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى ئېتەلىسىمۇ، لېكىن ئاللېن ۋە ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى بىردەك ‹‹بېسىم تۆۋەنلىتىش قۇدۇقى›› نى نېفىت ئېقىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل، دەپ كۆرسەتتى، بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇققا يېقىن جايغا بىر ‹‹بېسىم تۆۋەنلىتىش قۇدۇقى›› بۇرغىلاپ، بېسىم تۆۋەنلىتىش قۇدۇقىنىڭ تۇتاشچانلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن، راستور ۋە سېمونتنى كىرگۈزۈپ، نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى مەڭگۈلۈك پېچەتلەشتىن ئىبارەت.
شىركىتىنىڭ ‹‹بېسىم تۆۋەنلىتىش قۇدۇقى›› قۇرۇلۇشى پۈتەي دەپ قالدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ‹‹تىنچ ئوجۇقتۇرۇش ئۇسۇلى›› نى قوللىنىشنىڭ كېيىنچە ‹‹بېسىم تۆۋەنلىتىش قۇدۇقى›› نىڭ ‹‹پېچەتلەش›› ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا، يەنە نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى ئېتىدىغان راستورنىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا ياردىمى بولۇشىدىن ئۈمىد بار، دەپ قارالدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-4 12:52:08 ئۇقۇلۇشى: 6 قېتىم] |
|