ماشىنا ھادىسىسىدە تەلىيى كەلگەن سېمىز ئايال |
مەنبە: شىنخۇا تورى 2010-يىلى4-ئاۋغۇست

ئەنگىلىيىلىك بىر ئايال بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان بولۇپ، ھادىسىدىن كىيىن ئۇ قەتئىي ئورۇقلاش نىيتىگە كەلگەن، ھەمدە قىسقىغىنە يەتتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە 51 كىلوگرام ئورۇقلاپ، 127 كىلوگرامدىن 76 كىلوگرامغا چۈشكەن. ئۇ ئادەتتە پېۋا ئىچىش، بەرەڭگە ياپراقچىسى ، شاكىلات يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇرۇن ھەتتا ئايىقىنىڭ يىپىنى چىگىشتىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايانمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالغان،ئۇ بۇ قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ماشىنىنىڭ چاقى ئېتىلىپ كېتىپ ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بەخىتكە يارىشا ئۇ ھايات قالغان، ھەمدە ماشىنىنىڭ ئاستىدىن قېچىپ چىقىشتا ، سېمىز بەدىنى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن، تەلىيىگە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنى ئامان قالغان. شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم قەتئىي ئورۇقلاش نىيتىگە كەلگەن ، ھەمدە مۇۋاپىقيەت قازانغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-4 12:51:18 ئۇقۇلۇشى: 18 قېتىم] |
|