10يېرى سۇنغان16ياشلىق بالا داڭلىق پىروگراممىر بولدى |
مەنبە: شىنخۇا تورى 2010-يىلى2-ئاۋغۇست

گاۋيوۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان يايانىڭ سۆڭىكى 10 قېتىم سۇنغان، 6قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بالىلار ھەممىسى مەكتەپكە قاراپ يول ئالغاندا ، يايا ئازاپلىق ھېسلارغا چۆمگىنىچە ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارايتتى، ئۇنىڭ ئاپىسى يايادىنمۇ بەكرەك ئازاپلىناتتى، ھەمدە بالامنى چوقۇم ياخشى تەربىيلەپ چىقىمەن دەيتتى ئىچىدە.كىيىن يايانىڭ ئاپىسى ئۆزى ياياغا ھەر خىل دەرىسلەرنى ئۆگەتتى، تاپشۇرۇق بەردى، يايانىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرىنى بىرمۇ بىر تەكشۈردى.شۇنداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق يايا ئاخىرى نەتىجە ياراتتى.

يايانىڭ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان گېزىتلەر
ئۇ كومپىيوتىرنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللارنى ياساپ چىققان، مەسلەن: «تانكا ئۇرۇشى»،يەنە ئۇنىڭ «كومپىيوتىرنى ئۆچۈرگەندە تورنى ئۈزىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ»،«OpenGLئارقىلىق 3Dبېليارت ئويىنى ياساش» قاتارلىق نۇرغۇن ماقالىلىرى كەسپى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان. گەرچە ئۇ بىر كۈنمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان بولسىمۇ،لىكىن ئۆز تىرىشانلىقىغا تايىنىپ نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ھەر بىر پارچە گېزىت ، ھەر بىر گۇۋاھنامە كىشىلەرگە «ئەينەك ئۆسمۈر» يايانىڭ مۆجىزىلىك ئىش-ئىزلىرىنى كۆرسىتىپ ، كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-8-2 19:59:26 ئۇقۇلۇشى: 22 قېتىم] |
|