16-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن قىزنىڭ ئوڭ پۇتى سۇندى |
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى31-ئىيۇل

تىڭ تىڭ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، چېڭدۇۋ ياڭشىشىيەننىڭ يېنىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا، 16-قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن كىچىك قىز تىڭ تىڭ 16-قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈپ كېتىپ، بەخىتكە يارىشا ئامان قالغان. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى بۇ قىز ئەينى ۋاقىتتا ئوت-چۆپ ئۈستىگە چۈشكەن بولۇپ، قىزچاقنىڭ پەقەت ئوڭ پۇتى سۇنغان. قالغان ئەزالىرىدا يارلىنىش كۆرۈلمىگەن. مۇتەخەسىسلەر ئانالىز قىلىپ، قىزنىڭ ھايات قىلىشىغا كۆپ خىل ئامىللار تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مومكىن، دېدى.

قىز چۈشۈپ كەتكەن بىنا
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-7-31 19:56:00 ئۇقۇلۇشى: 61 قېتىم] |
|