مارادونا ئادەم سوقۇپ يارىلاندۇردى |
مەنبە؛ئىز تورى 2010-يىلى 22-ماي

5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنڭ باش تېرىنېرى مارادونا بۇئېنىس-ئايرېستا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 23 كىشىلىك دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . لېكىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشنىڭ ئالدىدا كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ مارادونانىڭ ماشىنىسى بىر فوتو-سۈرەت مۇخبىرىنى سوقۇۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ پۇتىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن . كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى مارادونا سوقۇلۇپ كەتكەن مۇخبىردىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا تېخى ماشىنىسىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا قارشى تەرەپنى <ئەبلەخ> دەپ تىللاپ قويۇپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋەرگەن . نۆۋەتتە بۇ مۇخبىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-22 13:40:00 ئۇقۇلۇشى: 28 قېتىم] |
|