ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكىلىشچان ھاجەتخانا ئىشلىتىلدى |
مەنبە:ئىز تورى 2010-يىلى 22-ماي

5-ئاينىڭ 20-كۈنى 8-قېتىملىق <تازىلىق ئىشچىلىرى بايرىمى> (26-ماي) مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېڭىچە پۈتۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكىلىشچان تازىلىق ئۆيىدىن بىرنى ھەدىيە قىلدى . بۇ خىل يېڭىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاجەتخانا نۆۋەتتىكى <تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش> تەشەببۇسىغا يېقىنلاشقان ھالدا تۆۋەن سەرپىيات يۇقىرى ئۈنۈم مېخانىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ ، قۇياش ئېنىرگىيلىك باتارېيە ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ، پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىن سېستىمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ . مەزكۇر يۆتكىلىشچان ھاجەتخانىنىڭ ياسىلىش تەننەرخى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تازىلىق ئۆيى ھېسابلىنىدۇ .


[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-22 13:38:34 ئۇقۇلۇشى: 26 قېتىم] |
|