ۋېن چياڭ 2-سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى |
مەنبە:شىنخۇا تورى 2010-يىلى22-ماي

چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋېن چياڭ قاتارلىقلارنىڭ <قارا گورۇھ> دېلوسىغا قارىتا ئېچىلغان 2-قېتىملىق ئوچۇق سوت بۈگۈن (21-ماي) چۇڭچىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە ئاياغلاشتى .
سوتتا ۋېن چياڭ قاتارلىق بەش جاۋابكارنىڭ نارازىلىق ئەرزى قايتۇرۇلۇپ 1-سوتنىڭ ئەسلى ھۆكۈمى ساقلاپ قېلىندى . يەنى جاۋابكار ۋېن چياڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش ۋە شەخسىي مال-مالكىنى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىش جازاسى مەملىكەتلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ .


[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-5-22 13:30:35 ئۇقۇلۇشى: 10 قېتىم] |
|