26–ماي ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 8–نۆۋەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بايرىمى . 18–ماي ، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 200 نەپەر مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى باغچىلارنى تاماشا قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى . ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى 26–ماي مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى ئۆسۈملۈك باغچىسىنى تاماشا قىلىشقا تەشكىللەيدىكەن ، بۇلاقتاغ رايونىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىمۇ 25–ماي ، بۇلاقتاغ باغچىسى ۋە قىزىلتاغ باغچىسىنى سەيلى قىلىشقا چىقىدىكەن ، سايباغ رايونىمۇ مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى بالىلار باغچىسىنى تاماشا قىلىشقا تەشكىللەيدىكەن . |